UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئىككى گىجىڭ

ئىككى گىجىڭ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا باقى، ساقى دېگەن ئاكا - ئۇكا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار بىر - بىرىدىن قېلىشمايدىغان گىجىڭلاردىن ئىكەن. ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلىتىپ گىجىڭلىق قىلىپ تۇرىدىكەن - دە، ئۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماستىن زىيان تارتىپ ئولتۇرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىككىيلەن يىراق بىر شەھەرگە سەپەرگە چىقىپتۇ. قونىدىغان يەردە سېلىپ يېتىش ئۈچۈن ساقى بىر تەڭلىمات كىگىزنى، باقى بىر بورىنى ئېلىۋاپتۇ. ئۇلار يۇل بويى پېتىشماي، بىر - بىرىنىڭ گېپىنى رەت قىلىشىپ، ئون قەدەمدە بىر ھۆرپىيىشىپ، ناھايىتى كۆڭۈلسىزلىك بىلەن كۈننى كەچ قىلىپ بىر يەردە قونماقچى بوپتۇ. ساقى ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن تۇتۇنۇپ، كىگىزنىڭ ئورنىغا بورىنى ساپتۇ - دە، باقىغا: -كەل ئۇخلاپ قالايلى، - دەپتۇ. -بۇنداق سالساڭ بورىنىڭ قاتتىقلىقىدا قانداقمۇ ئۇخلىغىلى بولسۇن؟! بورىنىڭ ئۈستىگە كىگىزنى سال! - دەپتۇ باقى ساقى سالغان ئورۇنغا قاراپ. - بورىنىڭ ئۈستىگە كىگىزنى سالغاندا، - دەپتۇ ساقى گىجىڭلىق قىلىپ، - كىگىزنىڭ تىكەندەك يۇڭى سانجىلىپ جاننى قىينىمامدۇ؟ شۇنداق سالغىنىم توغرا. -توغرا بولسا ئۆزۈڭ يات، مەن ياتمايمەن، - دەپتۇ باقى قېيىداپ. ئۇ ئورۇننىڭ يېنىدىكى داق يەرگە بېرىپ خۇيلىنىپ يېتىۋاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ساقى ئۇكىسىنى گەپكە ئۇنىتالماي جىلى بولۇپ: - ئەمىسە سەن ياتمىساڭ، مەنمۇ ياتمايمەنغۇ! ... - دەپ ئۆزىنىڭمۇ يەردە تاتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى گىجىڭ بۇ ئوبدان ئورۇننى تاشلاپ، بىر كېچىنى داق يەردە يېتىپ تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: خوتەن توساللا يېزىسىدىن مەتنۇرى مەتكېرەم.
← بارلىق تېمىلار چوچاق