باتۇر ئۆچكە
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر بوۋاي بىلەن موماي ناھايىتى نامراتچىلىقتا كۈن ئۆتكۈزگەنىكەن. ئۇلارنىڭ دۇنيادا يالغۇزلار بىر ئۆچكىسى بار ئىكەن. ئۆچكىگە ھەر كۈنى بىر تۇتام قۇرۇق ئوت بېرىپ، يېلىنلىرىغا مۇشتلاپ يۈرۈپ، كۈنىگە بىر ئاپقۇر سۈت سېغىپ ئالىدىكەن. بىچارە ئۆچكە ھەر ھەپتىدە بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىكەن. ئۆچكە شۇ كۈنىلا ئەركىن ئوتلاپ يۈرەلەيدىكەن. باشقا كۈنلىرى بولسا بوينىدىن باغلانغان پېتى، قۇرۇق ئوتنى يەپ، قوزۇق تۈۋىدە كۆشەپ ياتقىنى ياتقانىكەن.
ئۆچكە كۆكلەمدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، كەڭ توقايلىقتا چۆپنىڭ ئۇچىنى يەپ يايلاپ يۈرگىنىدە، ئۇنىڭ يېنىغا بىر ساغلىق قوي كېلىپ سالام بېرىپتۇ. ئۆچكە ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىسا، بىچارە ساغلىقنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى خاراب، يېلىنلىرى خالتىلىشىپ، تېرىسى ئۇستىخانلىرىغا يېپىشىپ كەتكەن. ھەر بىر قوۋۇرغىسى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرغۇدەك. ئۆچكە ساغلىق قوينىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ:
- ئەي بىچارە قوي، كۆپ يول يۈرۈپسەن،
مۈشكۈل ئازابنى تازا كۆرۈپسەن،
تېرەڭدە سېنىڭ ئاندا - ساندا تۈك،
ئەمدى ئۇ ساڭا بوپتۇ ئېغىر يۈك.
دەپتۇ. ئۆچكىدىن بۇ پاراڭنى ئاڭلاپ ساغلىق:
ئەي دوستۇم ئۆچكە، قارا ئۆزۈڭگە،
كىملەر كۈلمەيدۇ قىلغان سۆزۈڭگە.
ئۆزۈڭنى بىلگىن، ئۆزگىنى قويغىن،
سېنىڭ ئەھۋالىڭ بەتتەرغۇ مەندىن.
دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككىسى بىر - بىرى بىلەن تونۇشۇپ، ھال - مۇڭدىشىپ، پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.
ئۆچكە:
- مېنڭ ئىگەم بار، ئۇنىڭ مېنىڭدىن باشقا ھېچنەرسىسى يوق، يەيدىغان ئوزۇقىمۇ يوق. پەقەت ئەر - خوتۇن ماڭا زورغا بىر تۇتام قۇرۇق ئوتنى تېپىپ بېرىپ، بىر ئاپقۇر سۈتۈمنى سېغىۋالىدۇ. بالامغا سۈت قالدۇرمايدۇ. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن جان بېقىشىدۇ. مەن بولسام پەقەت جۈمە كۈنىلا ئەركىن دەم ئېلىپ، يۈرىكىمنىڭ چىگىچىنى يېشىپ ئالىمە، - دەپتۇ.
ئۆچكىدىن كېيىن ساغلىقمۇ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى سۆزلەپتۇ. ئۇنىڭ تۇرۇشىمۇ ئۆچكىنىڭكىگە ئوخشاشلا ئىكەن، ئۇمۇ جۈمە كۈنىلا بىر كۈن دەم ئالىدىكەن.
ئۆچكە بىلەن ساغلىق قوي خوجايىنلىرىنىڭ جەبرى - زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزلەپتۇ. ئاخىر باشقا بىر جايغا قېچىپ كېتىشنى نىيەت قىلىشىپتۇ.
- ئانداق بولسا نەگە قاچىمىز؟ - دەپتۇ ساغلىق قوي.
ئۆچكە تۆت ئەتراپقا قاراپ، يىراقتىكى تاغنى كۆرسىتىپ:
- ئانام ماڭا >بالام ئاشۇ كۆرۈنگەن تاغ ناھايىتى ئوتلۇق، سۇلىرى ياخشى، ھاۋاسى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى، بىر ئىلاج قىلىپ، شۇ يەرگە يېتىۋالساق، ئۆمۈر بويى راھەتتە ئۆتەتتۇق، بۇ يەردە كۆرگەن ۋە چەككەن ئازابلىرىمىزمۇ يادىمىزدىن چىقىپ كېتەتتى< دەپ ئېيتقانىدى، لېكىن ئانام رەھمەتلىك شۇ يەرگە يېتەلمەي، بىزنىمۇ يەتكۈزەلمەي ئالەمدىن ئۆتتى. ېكىن ماڭا يەنە >ئەگەر بىر ئىلاجى قىلىپ شۇ يەرلەرگە بارالىساڭ، كەڭ يايلاقلاردا ئەركىن - ئازاد يۈرگىنىڭدە مېنىمۇ يادلاپ قويارسەن< دەپ ۋەسىيەت قىلغان. شۇ يەرگە بارساق ياخشى بولاتتى، - دەپتۇ.
بۇ گەپ ساغلىققا تازا يېقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى تەۋەككۇل دەپ، شۇ كۆرۈنگەن تاغقا قاراپ مېڭىپتۇ. بۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، يىراقتىكى بىر نېمىنىڭ قارىسىغا كۆزى چۈشۈپتۇ. دەسلەپ >بۇ قانداق نەرسىدۇ< دەپ قورقۇشۇپتۇ، يېقىنلاشقاندىن كېيىن، ئۇ بىر ئۆكۈز بولۇپ چىقىپتۇ. ئۆكۈز پۇتلىرىنى ئارانلا يۆتكەپ، سەنتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقانىكەن، ئۆچكە بىلەن ساغلىق يېقىن كېلىپ قارىسا، ئۆزى كۆتۈرەم بولغان، مۈڭگۈزلىرى غۇلاچتىن ئاشقان، دۈمبسىنى يېغىر باسقان، كۆزلىرى ئورىدەك، بۇرۇنلىرى مورىدەك، بوينى ئۇزۇن تالدەك، گەدىنى دۇمباق ئىششىق، سۆزلەشكىمۇ ھالى يوق ئۆكۈز ئىكەن. ئۆچكە ئۆكۈزگە سالام بېرىپتىكەن، ئۆكۈز بېشىنى لىڭشىتىپ، سالامغا ئارانلا جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. ئۆچكە يەنە:
- ھە، ئۆكۈزۋاي، يول بولسۇن؟ - دەپ سوراپتۇ.
ئۆكۈز بىر تىنىپ، ئاغرىق كىشىدەك مۈدۈرۈلۈپ كېتىپ:
- ھە، باللا، ھەپتە ئىشلىدۇق، بۈگۈن بىر ھاردۇق ئېلىپ، پۇت قولۇمنى ئۇزۇن سۇنۇپ راھەتلىنەي دەپ كېلىۋاتىمەن - دەپتۇ.
ئۆچكە بىلەن ساغلىق ئۆز باشلىرىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ، شۇ كۆرۈنگەن تاغقا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
ئۆكۈز بۇلارنىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بىر ئۇھ تارتىپ:
- دۇنيادىكى ئېغىرچىلىقتىن تويدۇم. سەھەر تۇرۇپ كەچكىچە ئىشلەيمەن، تىرەجەپ قوش تارتىمەن. كەچقۇرۇنلۇقى ھېچ ماجالىم قالمىغاندىلا قوشتىن چىقىمەن، >ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك< دېگەندەك ئۆيگە قايتىشتا قۇرۇق كەتمىسۇن دەپ يەنە بىر مۇنچە يۈكنى ئۈستۈمگە ئارتىدۇ. ھاسىراپ - ھۆمىدەپ ئۆيگە كەلسەم كاشكى تۈزۈكرەك تاماق بولسىچۇ، بىر تۇتام پاخالدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق. ئەمدى كۈچۈممۇ تۈگىدى، تاقىتىممۇ ئۈزۈلدى. بۇ جەبر - زۇلۇمدىن قانداق قۇتۇلارمەن دەپ كۆپ ۋاقىتلاردىن بېرى ئويلاپ يۈرگەنىدىم. ياخشى بولدى. سىلەر بۇ مەسلىھەتنى ئوبدان قىلىپسىلەر، مەنمۇ سىلەرگە يولداش بولۇپ، سىلەر بىلەن بىللە كېتىمەن، - دەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، بۇلار ئۈچى جەم بولۇشۇپ تاغقا قاراپ مېڭىپتۇ. كۆپ يول يۈرۈپتۇ. يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپتۇ. ئاخىر كۆرۈنگەن تاغقىمۇ يېتىپ بېرىپتۇ.
بۇ تاغ ئۆچكە ئېيتقاندىنمۇ ياخشى، ئازادە جاي ئىكەن، ھاۋاسى تازا، ئوت - چۆپى مول، سالقىن، شاماللىق، ئېرىق - ئۆستەڭگە باي چەكسىز يايلاق ئىكەن. بۇلار بېرىشى بىلەن ئاياغ تەگمىگەن ئوتلارنى يەپ، سۈزۈك سۇلارنى ئىچىپ، قورساقلىرىنى تويغۇزۇپ، چاقچاق قىلىشىپ، ئويناپ - كۈلۈشۈپ بىر چىنارنىڭ تۈۋىگە كېلىشىپتۇ ۋە شۇ چىنارنىڭ تۈۋىدىكى غارنى ماكان قىلىپ يېتىشىپتۇ. سەھەر ۋاقتى بولغاندا، ئۆچكە ئۇيقۇسىدا چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىگە خوجايىنلىرى كىرىپتۇ، خوجايىن >نەگە يوقالدىڭ؟ ئەمدى سېنىڭدىن نەچچە كۈنلۈك سۈتنى بىراقلا سېغىۋالىمەن< دەپ ئۇنى چۈشەپ ساغقىلى تۇرغانمىش، ئەمچەكلىرىنى تارتسىمۇ بىر ئاپقۇر سۈتتىن باشقا سۈت چىقمىغانمىش. خوجايىنى غەزەپلىنىپ: >قالغان سۈتلىرىڭنى نېمە قىلدىڭ؟< دەپ قولىغا يوغان سويلىنى ئېلىپ ھەدەپ ئۇرۇشقا باشلىغاندا، ئۆچكە ئاۋازىنىڭ بارىچە >بە - بە - بە< دەپ ۋارقىرىۋېتىپتۇ. ئۆچكىنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغانغان ساغلىق قوي بىلەن ئۆكۈز >ۋاي نېمە بولدى، نېمە بولدى؟< دەپ قورقۇپ كېتىشىپتۇ. ئۆچكە ئويغىنىپ، كۆزىنى ئېچىپ، يۈرىكى جايىغا چۈشۈپ:
- خۇداغا شۈكرى، چۈشۈم ئىكەن... - دەپ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ.
كۈندىكىدەك سەھەر ئويغىتىش، بوينىغا ئارغامچا سېلىش، قىيناش، ئازابلاش يوق. بۇلار ئەمدى چاپسانلا سەمرىشكە باشلاپتۇ، بولۇپمۇ ئۆكۈز ناھايىتى سەمرىپتۇ. ئۇنىڭ سۆلىتىنى كۆرگەن ھەر قانداق ياۋايى ھايۋانمۇ قاچىدىغان بوپتۇ.
بىر كۈنى ئۆكۈز ئۆچكە بىلەن ساغلىققا:
- مەن غارنىڭ ئىچىدە ئىسىققا چىدىيالمايۋاتىمەن. بۈگۈن چىنارنىڭ تۈۋىدە ياتا، - دەپتۇ. ئەمما بۇ كېچە سوغۇق بولۇپ كېتىپ، ئۆكۈزنىڭ پۇت - قولى قولۇشۇپ قاپتۇ. ئەتىگەنلىكى يولداشلىرى چىقىپ قىچقارسا، ئۈنچىقمىغۇدەك، >نېمە بولدىكىنە بۇ؟< دەپ بېرىپ قارىسا، سوغۇقتا كاسىلداپ تىترەپ ياتقۇدەك. ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ، ئوت تېپىپ ئۆكۈزنى ئىسسىتىش قارارىغا كەپتۇ. ئۆچكە چىنارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۇياق - بۇياققا قاراپتۇ، بىر چاغدا ئۇ پەس تەرەپتە ئىس چىقىۋاتقان ئۆڭكۈرنى كۆرۈپتۇ. ئۆچكە چىناردىن دەررۇ چۈشۈپتۇ، ساغلىق ئىككىسى ئۆكۈزنى ئاران يۆلەپ قوپۇرۇپ، ئىس چىققان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ، يولدا كېتىۋاتسا، بىر يەردە يولۋاس تېرىسى ئۇچراپتۇ، ئۆچكە تېرىنى ئېلىپ ئۆكۈزنىڭ ئۈستىگە يېپىپتۇ، يەنە بىر - ئاز ماڭغاندىن كېيىن بىر بۆرى تېرىسى ئۇچراپتۇ، ئۇنىمۇ ئۆكۈزنىڭ ئۈستىگە يېپىپتۇ، ئاخىر بۇلار ئىس چىققان يەرگە يېتىپ بېرىپتۇ. قارىسا، بۇ جايغا پۈتۈن يىرتقۇچ ھايۋانلار يىغىلغانىكەن. ئەسلىدە بۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ مەشرەپ قىلىدىغان جايى ئىكەن. ساغلىق بىلەن ئۆكۈز قورقۇشۇپ كەينىگە يانماقچى بولۇپتۇ. ئۆچكە ئۇلارنى توختىتىپتۇ ۋە ئالدى بىلەن ئۆزى سالام بېرىپ ئۆڭكۈرگە كىرىپتۇ، كەينىدىن ساغلىق بىلەن ئۆكۈز كىرىپتۇ، كىرىپ قارىسا، بۆرى، يولۋاس، تۈلكە، شىردىن تارتىپ ھەممە يىرتقۇچ ھايۋانلار ئولتۇرغانىكەن. يولۋاس پادىشاھ تەخت ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، تۈلكىنى >بۈگۈن سېنىڭ مەشرەپ قىلىپ بېرىش نۆۋىتىڭ تۇرۇپ، نېمىشقا تاماق تېپىپ كەلمىدىڭ؟< دەپ قىستاۋاتقانىكەن. تۈلكە:
- ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ كەلدىم، ھېچقانداق ئوزۇق ئۇچراتمىدىم. خۇدا ئۆزى يەتكۈزمىسە، بەندىنىڭ نېمە ئامالى؟ دەپ تۇرغاندا، ئۆچكە، ساغلىق، ئۆكۈزلەر بۇ سورۇنغا كىرىپ كەلگەنىكەن. ئۇلارنىڭ كىرىشى بىلەن تۈلكە ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ:
- بۇ ئولتۇرغان ھەممىمىزگە يولۋاس ئۆزى باش.
بۇنداق سېمىز بورداق ماللار بىزگە تەييار ئاش.
ئالدىمىزغا ئۆزى كەلدى، قوي بىلەن ئۆچكە،
ئاتمىش پۇتلۇق ئۆكۈز ئولجا، تويىمىز گۆشكە،
دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ قوي بىلەن ئۆكۈزگە تىترەك ئولىشىپ، سۈر بېسىشقا باشلاپتۇ، لېكىن ئۆچكە ئۆزىنى توختىتىپ، يولۋاسقا قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:
چارى باغلىق، ئېگىز تاغلىق جايدا قاسساپمەن.
سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ ئاڭلا ئەمدى سەن.
ئاتمىش يولۋاس، ئاتمىش بۆرى ھەم ئاتمىش تۈلكە،
توختام قىلغان دۇكانچىمەن داڭلىق ئۆلكىگە،
خۇدايىمغا شۈكرى قىلاي تاپتىم كانىدىن،
قېنى چىقسۇن باتۇرلىرى، كەچسۇن جاندىن.
دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار بىر - بىرىگە قارىشىپ، ئاستا مارىشىپ، بىر - بىرلەپ تالاغا چىقىپتۇ. ئۇلار ھېلىقى يولۋاس،بۆرى، تۈلكىلەرنىڭ تېرىلىرىنى كۆرۈپ ئەرۋاھى ئۈركۈپتۇ ۋە ھەر تەرەپكە پىتىراپ قېچىپتۇ. يولۋاس پادىشاھ بولسا ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە يالغۇز قاپتۇ. ئۇ قورققانلىقىدىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭغانىكەن، ئۆكۈز يۈگۈۈپ كەلگەن بويىچە ئۇنىڭ قورسىقىغا ئۆسۈپتۇ، ئۆچكە بىلەن ساغلىقمۇ ياردەمگە كېلىپ، يولۋاسنى ئۈسۈشكە باشلاپتۇ. يولۋاس ئۆلەر ھالەتكە يېتىپ، ئاخىر يالۋۇرۇپ:
- جان ئاكىلار، مۇندىن كېيىن سىلەرگە زادى تەگمەيمەن. سىلەر تەرەپكە بىرەر يىرتقۇچ ھايۋاننىمۇ قەدەم تاشلاتمايمەن. مېنى قويۇۋېتىڭلار! - دەپتۇ.
بايىقى يىرتقۇچ ھايۋانلار بۇلاردىن قېچىپ بېرىپ، بىر يەرگە توپلىشىپتۇ، قورقۇنچلىرى بېسىلغاندىن كېيىن شۇ ئۈچ لوق گۆشتىن قاچتۇقمۇ، دەپ قاچقانلىقىغا پۇشايمان قىلىشىپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ مېڭىپتۇ.
ئۆچكە بۇلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپلا، دەررۇ ساغلىق بىلەن ئۆكۈزنى چىنارنىڭ ئۈستىگە چىقىرىۋېتىپ، ئۆزى بىر پىنھان جايغا مۈكۈۋاپتۇ ۋە ساغلىق بىلەن ئۆكۈزگە:
- ئەگەر ھېلىقى يىرتقۇچ ھايۋانلار بىزنى ئىزلەپ كېلىپ تاپالماي شۇ جايدا ئولتۇرۇپ قېلىشسا، قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىراپ، ئۆزۈڭلارنى چىناردىن تاشلاڭلار، - دەپتۇ.
يىرتقۇچلار بۇلارنى ئىزلەپ كېلىپ تاپالماي، چىنارنىڭ تۈۋىگە يىغىلىپ، تۈلكىگە يالۋۇرۇپتۇ:
- سەن پالچى ئىدىڭ، بىر پال ئاچقىن، ئۇلار نەگە مۆكتىكىن؟ تۈلكە چوقچىيىپ ئولتۇرۇپ پال ئاچقىلى تۇرۇپتۇ. باشقىلىرى ئۇنىڭغا قارىشىپ ئولتۇرۇپتۇ، دەل شۇ چاغدا ئۆكۈز بىلەن ساغلىق ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ، چىنارنىڭ ئۈستىدىن ئۆزلىرىنى تاشلاپتۇ. شۇ ئارىدا نېرىقى تەرەپتىن:
- پالچىنى تۇت! - دېگەن دەھشەتلىك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بۇ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋالدىن قورقۇشۇپ كەتكەن ۋەھشىي ھايۋانلار ئالدى - كەينىگە قارىماي قېچىپتۇ ۋە ئىككىنچى بۇ ئەتراپقا يولىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆكۈز، ئۆچكە، ساغلىق قوي بۇ يەردە ئۆمۈرۋايەت خاتىرجەم ياشاپ ئۆتكەنىكەن.