UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپىلنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر

پىلنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا پادىشاھنىڭ يېنىدا ئەقىل كۆرسىتىدىغان بىر دانىشمەن مەسلىھەتچى بار ئىكەن. كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ، تاكى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغىچە پادىشاھقا ئەقىل كۆرسىتىدىكەن. پادىشاھ بۇنىڭ مەسلىھىتىسىز ھېچ ئىشنى قىلالمايدىكەن. بۇ دانىشمەن ھەركۈنى ئەتىگەن ئىشقا كەلگەندە ئاۋۋال پادىشاھقا سالام بېرىپ، تېچلىق سوراپ، ئاندىن ئۆز ئورنىدا ئولتۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئەتىگەندە بۇ دانىشمەن ئىشقا كەپتۇ. ئىشخانىسىغا كىرسە، پادىشاھ ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ، چېچىلىپ، قۇيرۇقىنى تالاپ بىرەيلەنگە قاتتىق كايىپ تۇرغۇدەك. بۇنى كۆرگەن دانىشمەن پادىشاھقا سالاممۇ قىلماستىن، تېچلىقمۇ سورىماستىن، پادىشاھنى مەنسىتمىگەندەك، ئۆز ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرۇپتۇ. پادىشاھ دانىشمەننىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلدى دەپ بىلىپ، ئاچچىقى تېخىمۇ ئۆرلەپ، زەردىسى بىلەن دانىشمەنگە: _ ھەي بۈگۈن سەن نېمە بولدۇڭ؟ ھەركۈنى ئىشقا كەلگەندە ئالدى بىلەن مەن بىلەن سالاملىشىپ، مەندىن تىچلىق سوراپ، ئاندىن ئۆز ئورنۇڭغا بېرىپ ئىشڭنى قىلاتتىڭ. بۈگۈن نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەدەبسىزلىك قىلىسەن؟ - دەپ كايىپتۇ. _ مەن سىلىنى پىلنى يىڭىپ، داڭقى ئالەمگە كەتكەن قەيسەر باتۇر دەپ قاراپ، ھەر ئىشتا، ھەرجايدا ھۆرمەتلەپ كەلگەن ئىدىم. بۈگۈن مەن سىلىنىڭ راستىن باتۇر ئىكەنلىكلىرىگە ئىشەندىم، - دەپتۇ دانىشمەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ پادىشاھ تېخىمۇ خاپا بولۇپ: _ بۇ نېمە دىگىنىڭ؟ مېنىڭ باتۇرلۇقۇمغا پۈتۈن ئەل گۇۋاھ تۇرسا، سەن بۇنداق گەپنى قىلىشقا قانداق جۈرئەت قىلىدىڭ؟ - دەپ ئۆزىنى باسالماي دانىشمەنگە كايىپتۇ. _ تەقسىر، سىز پىلنى يەڭگەن بىلەن، ئاچچىقنى يېڭەلمىسىڭىز سىزنى قانداقمۇ باتۇر دېگىلى بولسۇن؟! ئاچچىق ئادەمنىڭ ئۆزىدىن چوڭ ئەمەس. ئاچچىقلاپ، كايىپ ئۆزىڭىزنىمۇ خاپا قىلىدىڭىز، باشقىلارنىڭ دىلىنى ئاغرىتتىڭىز، ئاچچىقلانغاننىڭ نېمە پايدىسى چىقتى؟ ئاقىل ئادەم ھەر ئىشنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن قىلىدۇ. ئەل ئارىسىدا «ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز دىلنى (يارار)» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. پادىشاھ بولغان كىشى بو سۆزنى ئەستىن چىقارماسلىقى لازىمدۇر، - دەپتۇ دانىشمەن. دانىشمەننىڭ سۆزلىرى پادىشاھقا قاتتىق تەسىر قىپتۇ. _ سېنىڭ بۇ سۆزلىرىڭ ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق سۆز بولدى، مېنى كۆپ تەسىرلەندۈردى، سېنىڭ مەسلىھىتڭ بىلەن قىلغان ئىشتىن چاتاق چىقمايدۇ، - دەپتۇ پادىشاھ. _ مەن بۇ ئەقىل - پاراسەتنى خەلقتىن ئۈگەندىم. خەلقنىڭ گەپ سۆزلىرى، قىلىغان قىلىقى دىتىمگە ياقماي، كۈزۈمگە سەت كۆرۈنسە، مەنمۇ شۇنداق قىلسام خەقنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنىدىغان ئوخشايمەن، دەپ ئۇنى قىلمىدىم. مېنىڭ دىتىمگە ياققاننى، كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەننى، مەنمۇ شۇنداق قىلسام، خەقلەر ياخشى كۆرىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ شۇنداق قىلدىم. مېنىڭ بۇ ئەقىل - پارسىتىم ئەمىلىيىتىمنىڭ خۇلاسىسى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ دانىشمەن. دانىشمەننىڭ بۇ سۆزلىرى پادىشاھقا ياراپ كېتىپتۇ. پادىشاھ كاتىپنى چاقىرتىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلار خاتىرىسىگە دانىشمەننىڭ سۆزلىرىنى جۈملىمۇ - جۈملە يازدۇرۇپتۇ. شۇندىن ئىتىبارەن بۇ دانىشمەن پادىشاھ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ ئىززەت - ھۆرمەتكە ئىگە بوپتۇ. ئەمدى پادىشاھنىڭ «باتۇر» ئاتىلىشىدىكى ھىكايىگە كېلەيلى: _ بۇ ئەلگە دۈشمەنلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، شەھەرنى قورشىۋاپتۇ. پادىشاھ لەشكەرلىرىمۇ دۈشمەنگە قارشى سەپكە ئاتلىنىپتۇ. ھەرئىككى تەرەپ جەڭ مەيدانىدا سەپ تارتىپتۇ. دۈشمەنلەر سەپنىڭ ئالدىغا بىر توختىتىپ قويۇپ: _ قېنى، پىلغا تەڭ كەلگەندەك پالۋانلىرىڭ بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، مەندانغا چۈشۈپ باتۇرلۇقىنى كۆرسەتسۇن، - دەپ جار ساپتۇ. بۇ پالۋانلىرىغا : _ ئەي پالۋانلىرىم! دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. دۈشمەنلەر ئالدى بىلەن بىز بىلەن كۈچ سىناشماقچى بولىۋاتىدۇ. مېنىڭ پالۋانلىرىمدىن قېنى كىم مەيدانغا چۈشۈپ، پىلنى يېڭىپ، ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقىنى كۆرسىتىدۇ، - دەپتۇ. جەڭ مەيدانىدا پىل ھەيۋە قىلىپ تۇرۇپتۇ. پالۋانلاردىن بىرەرسىمۇ مەيدانغا چۈشۈپ پىل بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ. پادىشاھ ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ قېتىم چاقىرىق قىپتۇ. ئەمما ھەممىسى بېشىنى تۈۋەن سېلىپ يەرگە قارىشىپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ شۇنداق غەزەبلىنىپتۇكى، بىر تال چېچى مىڭ بوپتۇ. «ئۆلۈم ھامان ئادەمگە ھامان بىر كۈنى بار. دۈشمەن ئالدىدا يەرگە قاراپ، بوينۇمنى قېلىچقا تۇتۇپ بەرگەندىن كۆرە، نېمە بولسام بولاي. نامەرد بولۇپ ياشىغىچە، مەرد بولۇپ ئۆلگەن ياخشى» دەپتۇ - دە، بىلىكىنى شىمايلاپ، جەڭ مەيدانىغا سەكرەپ چۈشۈپ پىلغا ئوقتەك ئېتىلىپتۇ. بۇنى كۆرگەن پىل خارتۇمىسىنى ئاسمان - پەلەك كۆتىرىپ، پادىشاھقا خىرىس قىلىپ كەپتۇ. پادىشاھ چەبدەسلىك بىلەن بارلىق كۈچىنى توپلاپ، پىلنى مۇشت بىلەن ئورغان ئىكەن، پىل تاغ يېقىلغاندەك گۈلدۈرلەپ يەرگە يېقىلىپتۇ. پۈتۈن جاھاننى قىقاس، ۋاڭ - چۇڭ قاپلاپتۇ. پادىشاھنىڭ باتۇرلۇقىغا ھەممە ئاپرىن ئوقۇپتۇ. دۈشمەنلەر: «پىلنى مۇشت بىلەن بىر ئۇرۇپ يېقىتىۋەتتى. بۇ قالتىس باتۇر ئىكەن، بۇنىڭ پالۋانلىرى قانچە كۈچتۈڭگۈر باتۇردۇر، ئەمدى بۇلارغا تەڭ كەلگىلى بولمايدىكەن» دەپ ئارقىسىغا چىكىنىپ قېچىپتۇ. شۇندىن بۇيان «پىلنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دېگەن بۇ نەقىل، ھېكمەتلىك سۆز بولۇپ، تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئاپتۇ. كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن ئۆزىنى بېسىۋالالماي، قۇيرۇقىنى تالاپ ئاچچىقلىنىپ، بىھۇدە ئاۋارە بولىدىغان سەپرا مىجەز ئادەملەرگە نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ «ئاچچىق ئۆزىدىن چوڭمۇ» دەپ، ئاچچىقىغا ھاي بېرىدىغان تەربىيۋىي سۆز سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەپتۇ
← بارلىق تېمىلار چوچاق