>مازاقخور مازاقتا ئۆلەر<
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر سودىگەر ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆسنى زىبالىقتا بىر - بىرىدىن قېلىشمايدىغان تۆت قىزى بار ئىكەن. قىزلار بويىغا يېتىپ رېسىدە بولغان بولسىمۇ، لېكىن سودىگەر ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ياتلىق قىلماپتۇ. >قىزلىق ئۆي خان كۆۋرۈكى< دېگەندەك، يېقىن - يىراقلاردىن ئەلچىلەر كەپتۇ، لېكىن ئۇلار ھەسرەت بىلەن قايتىشقا مەجبۇر بوپتۇ. چۈنكى قىزلارنىڭ كەنجىسى تولىمۇ مازاقخور بولۇپ، كەلگەن يىگىتلەرنى ياراتمايدىكەن.
قىزلارنىڭ يۇرتىغا يىراق بولغان يايلاقتا بىر چارۋىچى بولۇپ، ئۇنىڭ راسا قۇرامىغا يەتكەن ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن. ئۇغۇللارنىڭ چوڭى پەم - پاراسەتلىك يىگىت بولۇپ، ئىسمى مۇرادىل ئىكەن. ئۇ مال بېقىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قىزلارنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ قاپتۇ - دە، ئىككى ئىنىسىنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار ئۈچ كۈنلۈك يولنى توپتۇغرا بىر يېرىم كۈندە بېسىپ كەپتۇ ۋە ئۆزلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ سودىگەرنىڭ قورۇسىغا قەدەم بېسىپتۇ.
ئۆيدە سودىگەر يوق ئىكەن. قىزلار ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئېلىپ ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان ساپتۇ، داستىخانغا بىر پەتنۇس بۇغداي قۇمىچى قويۇپ، يىگىتلەرنى قوماچ يېيىشكە تەكلىپ قىپتۇ. ئۆزلىرىمۇ داستىخانغا كېلىپ ناز بىلەن ئولتۇرۇشۇپتۇ. قىزىق يېرى شۇكى، قىزلا ياقىسىدىن بىردىن يىڭنە چىقىرىپ، بوغداي قومىچىنى يىڭنە بىلەن سىپايىلارچە سانجىپ ئېلىپ يېيىشكە باشلاپتۇ. يىگىتلەر دەسلەپتە بۇ ئىشتىن ھەيران قاپتۇ. كېيىن قىزلارنىڭ چىرايلىق تەكلىپلىرى بىلەن قوماچنى تۇتاملاپ - تۇتاملاپ ئېلىپ يەپ، ھايت - ھۇيت دېگۈچە پەتنۇسنى بىكارلاپ قويۇپتۇ. بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن، مۇرادىل ئورنىدىن قول باغلاپ تۇرغىنىچە ئۆزلىرىنىڭ كېلىشتىكى مەقسىتىنى بايان قىپتۇ.
قىزلارنىڭ چوڭى ئەدەب بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئەمدىلا >ئوبدان - ئوبدان< دەپ گەپ باشلاپ بولغۇچە ھېلىقى مازاقخور كەنجى قىز مېيىقىدا كۈلۈپ:
- ۋاي بولدىيەي، >ھەپتىكى - شەپىتى، مەرەزدانغا توڭرۇلۇق< دېگەن گەپ بار، سىلەر بەكمۇ ئاچكۆز، تويمىغۇر ئىكەنسىلەر، بىز سىلەرنىڭ خىلىڭلاردىن ئەمەس، ئۆز خىلىڭلارنى سەھرادىكى دوتەينىڭ پوتىيىدىن تېپۋېلىڭلار، - دەپ گەپنى ئۈزۈپتۇ. ئاچىلىرى بولسا بىر - بىرىگە قارىشىپ لېۋىنى چىشلەپ يەرگە قاراشقا مەجبۇر بوپتۇ. چوڭ ئۈمىدتە كەلگەن يىگىتلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، كەلگىنىگە مىڭ بىر پۇشايمان قىپتۇ. بولۇپمۇ مۇرادىل ئىنىلىرىنىڭ ئالدىدا بەك خىجىل بوپتۇ. ئۇ، ئۈن - تىنسىز چىقىپ كېتىۋېتىپ ئاشىخانا ئۆيدە قازاندا بىر توپاقنىڭ چوققا - پاقالچىكى پۇرۇقلاپ قايناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، دەرھال كاللىسىغا بىر ئەقىل كەپتۇ. ئۇ ئىنىلىرىنى ئۆينىڭ ئارقىسىغا باشلاپ كېلىپ:
- ئىنىلىرىم، بىزنى مازاق قىلغان شۇ مازاقخور قىزنى بىزمۇ راسا كېلىشتۈرۈپ بىر مازاق قىلىپ قويايلى، - دەپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى دەپ پىچىرلاپتۇ. مۇرادىل گېپىنى تۈگىتىپ، ئىنىلىرىنى ئاستاغىنە ئاشخانا ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە باشلاپ چىقىپتۇ. ئۇلار تۈڭلۈكتىن ئۆيگە قاراپ ئولتۇرۇشۇپتۇ.
بىر پەستىن كېيىن، قىزلار ئاشخانا ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىشىپ تولىمۇ ئالدىراشلىق بىلەن قازاندىن گۆشلەرنى ئېلىپ يېيىشكە باشلاپتۇ. قىزلارنىڭ كەنجىسى توپاقنىڭ بىر قۇلىقمىنى يۇلۇپلا ئاپتۇ - دە، پۈۋلەشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قىزى پېتى ئاغزىغا ساپتۇ. دەل شۇ پەيتتە تۈڭلۈكتىن ئۆي ئىچىگە قاراپ تۇرغان مۇرادىل:
- بەللى، ئاش - تاماققا كۆز - قارنى توق پاشا قىز، قوماچ پاتمىغان ئېغىزلىرىغا توپاق قۇلىقى بوش كەلدىغۇ دەيمەن، - دېگىنىچە ئىنىلىرى بىلەن قاقاھلاپ كۈلۈشۈپتۇ. بۇ تاسادىپىي مەسخىرىدىن بەك ئوسال بولغان مازاقخور قىز ئاغزىدىكى قىزىق توپاق قۇلىقىنى يا چىقىرىۋېتەلمەي، يا يۇتۇۋېتەلمەي نەپەسسىز قاپتۇ - دە، شۇ يەردە يىقىلىپ جان ئۈزۈپتۇ.
كېيىنكى كۈنلەردە مۇرادىل ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرى سودىگەرنىڭ قالغان ئۈچ قىزىغا ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بوپتۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەختلىك تۇرمۇش كۈچۈرۈپتۇ.
>مازاقخور مازاقتا ئۆلەر< دېگەن ماقال مۇشۇ چۆچەكتىن قالغانىكەن.
ئېيتىپ بەرگۈچى: خوتەن ناھىيە سەيشەنبە بازاردىن سالاخمەت