ياخشىلىق يەردە قالماس
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئۆتكەن زاماندا بىر كىشى بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۆزى باي، مىنگىنى تاي، خوتۇنى ئاي ئىكەن. لېكىن ئۇ شۇنچە باي، مالدار بولسىمۇ، كۆڭلى كۆمۈر، يۈرىكى تۆمۈرگە ئوخشاش بولۇپ، بىر - ئىككى ئايلىق يەردىكى تېرىقتەك ئالتۇن باينىڭ يۈرىكىنى كەھرىۋادەك تارتىدىكەن. باينىڭ پۇلى توپلىماقتىن باشقا غېمى يوق ئىكەن. ئۇ يەنە ئۆزى بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرىدىغان بايلارنىڭ كەينى- كەينىدىن پانى دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىگىمۇ نوۋەت كېلىپ قالغانلىقى، ئەتە ياكى ئۆگۈن سالام بېرىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كېتىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن. «شۇنچە جاپا - مۇشەققەتلەر بىلەن يىققان پۇل - مېلىمنى قانداق تاشلاپ كېتەرمەن، ئۇنى ئېلىپ كەتكىلى بولمىسا؟ ئەگەر ئېلىپ كەتمىسەم بۇنچىۋالا دۇنيانى ئوغلۇم نېمىگە سەرپ قىلار؟» دېگەن ئوي ئۇنىڭ كاللىسىدىن چىقمايدىكەن. ئۇنىڭ بايۋەچچە ئوغلى 20 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، باينىڭ ئوغلى بولغىنىغا يارىشا بىر ماتا كوينەكنى يېڭىغىنا كىيگەن، بەش تەڭگە پۇلنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ خەجلىگەن ئەمەس ئىكەن.
باي ئويلا - ئويلا ئاخىرى: «مەن ئۆلسەم ھەممە تەئەللۇقىنى بىللە ئېلىپ كېتەلمەيمەن، بۇلار ھەرقاچان ئوغلۇمغا قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆزۈمنىڭ ئوچۇغىدا تىجارەتكە سالاي، سودا - سېتىق ئىشلىرىغا پىشىپ، پۇل تېپىش يولىغا چۈشەنسۇن» دېگەن پىكىرگە كەپتۇ.
كۈلەردىن بىر كۈنى باي بايۋەچچىگە مىڭ تەڭگە بېرىپ: مە، بۇ پۇلنى ئېلىپ بازارغا بېرىپ بېشىڭنى پىشۇرۇپ كەل، - دەپتۇ.
- باشنى قانداق پىشۇرمەن؟ دەپ سوراپتۇ ئوغلى ھاڭ - تاڭ بولۇپ.
- ھەي ئەخمەق، - دەپتۇ باي ئوغلى بايۋەچچىگە، - سەن بۇ پۇلنى ئېلىپ بازارغا چىققىن، باش پىشۇرۇش دېگەن، بىر نەرسىلەرنى ئەرزان سېتىۋېلىپ، قىممەت سېتىش دېگەن گەپ.
بايۋەچچە پۇلنى ئېلىپ بازارغا چىقىپ ئارىلاپتۇ، ئەمما كوڭلىگە يارىغىدەك نەرسە تاپالماپتۇ. بايۋەچچە بازاردىن چىقىپ ئۆستەڭ بويىغا كەلسە، بىر توپ بالىلار بىر ئىتنى بوينىدىن باغلىۋېلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرگىلى ئاز قاپتۇ. بايۋەچچە بالىلارغا مىڭ تەڭگىنى بېرىپ، ئىتنى ئۆيگە ئېلىپ كەپتۇ. دادىسى بۇنى كۆرۈپ قاتتىق خاپا بوپتۇ. ئاخىرى ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ، يەنە مىڭ تەڭگە بېرىپتۇ. بايۋەچچە بازارغا كېتىۋاتقان ئىكەن، بالىلار بىر مۈشۈكنى ئويناپ ئۇرۇپ، ئىتنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈرۈپ قويىپتۇ. بايۋەچچە مۈشۈكنى مىڭ تەڭگىگە سېتىۋېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. دادىسى يەنە خاپا بوپتۇ. ئاخىرى ئاچچىقىغا ھاي بېرىپ، ئوغلىغا يەنە مىڭ تەڭگە بېرىپتۇ.
- ھەي دادا، - دەپتۇ بايۋەچچە، - ھەر نوۋەت قىلىپ كەلگەن سودامنى ياقتۇرمايسىز، ئەمدى ئالىدىغان نەرسىنى ئوزىڭىز ئېتىپ بېرىڭ.
- ھەي ئەخمەق، - دەپتۇ باي، - بازاردا نېمە يوق بولسا شۇنى ئال، نېمە كۆپ بولسا ئۇنى ئالما.
بايۋەچچە يەنە بازار ئارىلاپ، بازاردا يوق نەرسىنى ئىزلەپتۇ. ماڭا - ماڭا بازاردىن چىقىپ، ھېلىقى بالىلارنىڭ قېشىغا بېرىپ قاپتۇ. بالىلار بىر يىلاننىڭ بالىسىنى قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ «سا - سا - سا» دەپ ئاسمانغا ئېتىپ ئويناۋاتقان ئىكەن. «دادام دېگەن بازاردا يوق نەرسە مۇشۇ ئەمەسمۇ» دەپ بالىلارغا مىڭ تەڭگىنى بېرىپ، يىلاننىڭ بالىسىنى سېتىۋاپتۇ.
- سەن ئۈچ مىڭ تەڭگىنى يوق قىلدىڭ، - دەپتۇ دادىسى غەزەپلىنىپ، - ئەمدى مال - دۇنيايىم كىمگە قالسا قالسۇن، ساڭا تۇتقۇزمايمەن! نەگە بارساڭ بار، ساڭا ئوخشاش بالام! يوق! ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنمە!
بايۋەچچە ئۈچ مىڭ تىللاغا ئالغان ئىت، مۈشۈك ۋە يىلاننىڭ بالىسىنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپتۇ - دە، بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە مېڭىپتۇ.
بايۋەچچە چۆل - جاڭگاللارنى ئارىلاپ مېڭىپتۇ. ئىت، مۈشۈك، يىلان ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا يىگۈدەك ئوزۇق تېپىپ بېرەلمەپتۇ. بايۋەچچىنى غەم بېسىپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي، بىر قۇمۇشلۇققا كېلىپ قاپتۇ. بۇ چاغدا قوينىدىكى يىلان بېشىنى چىقىرىپ:
- نېمشقا غەمكىن بولۇپ قالدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلارمەن، دەپ غەم يەۋاتىمەن، - دەپتۇ بايۋەچچە.
- سىز غەم قىلماڭ، - دەپتۇ يىلان بالىسى، - مەن يىلانلار پادىشاھىنىڭ ئوغلى شاھزادە بولىمەن، ئاتامنى «شاھى ماران» دېسە بىلمەيدىغىنى يوق. سىز مېنى سېتىۋالغانلىقىڭىز ئۈچۈن مۇشۇنداق غۇربەتچىلىككە قالدىڭىز. مانا بۇ كۆرۈنگەن قۇمۇشلۇقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى دوڭلۇكتە ئاتامغا ئەھۋالنى بايان قىلاي، ئاتام ناھايىتى ھىممەتلىك مەرت پادىشاھ، سىزنى ھىچ ۋاقىتتا قۇرۇق قايتۇرمايدۇ. مۇبادا تەلىيىڭىز ئوڭ كېلىپ، ئاتام سىزگە «نېمە سورايسەن؟» دىسە سىز ئاتامغا «مەن بىر نەرسىنى سورىماقچى ئىدىم، لېكىن ئۆز بېشىمدىن قورقىمەن» دەڭ. ئەگەر ئاتام ئەپۇ قىلىپ، «ھەرقانداق گۇنايىڭ بولسا ئۆتتۈم، سورايدىغىنىڭنى سورا» دەپ قالسا، ئىشىنىڭ ئوڭغا تارتقىنى شۇ. قورقماستىن «بېشىڭىزدىكى مۈڭگۈزىڭىزنى سورايمەن» دەڭ. ئۇ مۈڭگۈز قولىڭىزغا كىرسە، ھەممە ئىشىڭىز ھەل بولىدۇ، خالىغان نىمىڭىز ھازىر بولىدۇ.
بايۋەچچە ئەندىشە قىلغاندەك بوپتۇ. كېيىن تەۋەككۇل دەپ يىلان بالىسىنىڭ دېگىنى بويىچە قومۇشلۇقنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپتۇ. دوڭلۇڭنىڭ ئۈستى كەڭ مەيدان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىدە يېيىلىپ يېتىپ كەتكەن يىلانلارنىڭ ھەددى ھېسابى يوق ئىكەن. بايۋەچچىنى قورقۇنچ بېسىپتۇ. ئارقىسىغا ياناي دەپ تۇرۇشىغا قوينىدىكى يىلان بالىسى شىررىدە قىلىپ سېرىلىپ، يەرگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپتۇ.
- سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ، - دەپتۇ يىلان بالىسى، - بۇلار ئاتامنىڭ ئەسكەرلىرى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ تاشنىڭ يېنىدا ئوردا بار. ئاتام شۇ يەردە تۇرىدۇ، مەن ئاۋال كىرىپ، ئاتامغا خەۋەر قىلاي، ئاتامنىڭ ئىجازىتىدىن كېيىن سىزنى ئېلىپ كىرىمەن.
يىلان بالىسى ئوردا تەرەپكە ماڭغان ئىكەن، يىلانلار ئوتتۇرىسىدىن يول ئېچىلىپ بېرىتۇ. يىلان بالىسى ئاتىسى شاھى ماراننىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئەھۋاللارنىڭ، بايۋەچچىنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ ئۆيدىن قوغلىۋېتىلگەنلىكىنى، ھازىر بايۋەچچە ئۆزىنى مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ قويغانلىقىنى سۆلەپ بېرىپتۇ. بايۋەچچە يىلان بالىسىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە يىلانلار پادىشاھىغا تازىم بىجا كەلتۈرۈپتۇ.
- بالامغا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن سورىغىنىڭنى بېرىمەن، نېمە سورايسەن؟ - دەپتۇ شاھى ماران.
- ئۆز بېشىمدىن قورقىمەن، - دەپتۇ بايۋەچچە.
- ھەر گۇناھىڭ بولسا ئۆتتۈم، سورايدىغىنىڭنى سورا، - دەپتۇ شاھى ماران.
- ئەي پادىشاھى ئالەم، بېشىڭىزدىكى مۈڭگۈزىڭىزنى سورايمەن، - دەپتۇ بايۋەچچە.
- خەيرى، بالامغا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن بەرسە، بېرەي، - دەپتۇ شاھى ماران ۋە مۈڭگۈزىنى ئېلىپ بايۋەچچىگە بېرىپتۇ.
بايۋەچچە يىلانلار پادىشاھى بىلەن خوشلىشىپ مېڭىپتۇ. يىلان بالىسى بۇ مۈڭگۈزىنىڭ خاسىيىتىنى بايۋەچچىگە ئوبدان كېلىپ قاپتۇ. يىلان مۈڭگۈزى قولغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ بېشى پىشقان پەزىلەتلىك ئادەم بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئويىغا چوللۇكتە شەھەر بىنا قىلىش پىكرى كەپتۇ - دە، تۈز يەرنى تېپىپ، ئۇنىڭغا بىر چوڭ شەھەرنىڭ پىلانىنى سىزىپتۇ. ئاندىن كېيىن:
ئېشىم ئاش بولسۇن، قولۇمدا ئەنگۈشتىرىم بولسۇن، مۇشۇ چوللۇكتە بىر شەھەر بىنا بولسۇن، - دەپ بىرئاز ئۇخلاپتۇ. ئويغىنىپ قارىسا، ئۆزىنى ناھايىتى ئازادە بىر شەھەرنىڭ ئىچىدە كۆرۈپتۇ. شەھەرنىڭ ئىچىدە پادىشاھ ئۈچۈن كاتتا ئوردا سېلىنغان ئىكەن، شەھەر ئەھلى بايۋەچچىنى ئوردىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ سايلاپتۇ. ئۇ يىلان مۈڭگۈزىنى ئۈزۈكىنىڭ كۆزىگە ئورناتقۇزۇپ ئاپتۇ.
بىر كۈنى شەھەر ئەھلى پادىشاھنى ئۆيلەپ قويماقچى بولۇپ، يېقىندىن بىر شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ قىزىنى لايىق تېپىتۇ. بۇ قىزنىڭ ھۆسنى جامالىدىن 14 كۈنلۈك ئاي خىجىل ئىكەن. شەھەر ئەھلى «بۇ قىزغا ئەلچى ئەۋەتىسەك ئاتىسى بەرمەيدۇ، پادىشاھدىن مەسلىھەت سوراپ باقايلى» دىيىشىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. پادىشاھ:
- بۇنىڭ ئامالىنى ئۆزەم قىلىمەن، - دەپتۇ ۋە ھېلىقى ئادەملەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ:
- پالىم پال بولسۇن، ئېشىم ئاش بولسۇن، قولۇمدا ئەڭگۈشتىرىم بولسۇن، خوشنا پادىشاھنىڭ قىزى مەلىكە دەرھال كۈشبۇ ئۆيدە ھازىر بولسۇن، - دەپتۇ. ھېلىقى مەلىكە ئىچكىرى ئۆيدىن چىققاندەكلا ھازىر بوپتۇ. بايۋەچچە پادىشاھ يەتتە كېچە - كۈندۈز توي - تاماشا قىلىپ، مەلىكىنى نىكاسىغا ئاپتۇ.
مەلىكىنىڭ ئاتىسى قىزنىڭ تۇيۇقسىزلا يوقالغانلىقىدىن كۆڭلى ناھايىتى بىئارا بولۇپ، تەرەپ - تەرەپكە ئادەم ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈپتۇ. قىزىنىڭ يېڭى شەھەر پادىشاھىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، قىزىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن لەشكەر تارتىپ بايۋەچچە پادىشاھنىڭ شەھىرىگە كەپتۇ. شەھەر خەلقى ۋەھىمە ئىچىدە قاپتۇ. ئەسكەرلەرنىڭ شەھەرگە بىر چاقىرىم قالغانلىق خەۋىرى يېتىپتۇ. بايۋەچچە پادىشاھ:
- ئۆزەم چىقىپ كۆرەي، - دەپ تالاغا چىقىسا، شەھەر تۆت تەرىپىدىن مۇھاسىرە ئىچىدە قالغان، ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. پادىشاھنىڭ چىققانلىقىنى كۆرگەن ئەسكەرلەر ئومۇت، توقماق، نەيزە، قىلىچ، ئوقيالىرى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپتۇ. بايۋەچچە پادىشاھ:
- پالىم پال بولسۇن، قولۇمدا ئەنگۈشتەرىم بولسۇن، ئۇشبۇ لەشكەرلەر قوللىرىنى تەڭلىگەن بويىچە بىر قەدەممۇ مىدىرىماستىن ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ قالسۇن! - دەپتۇ. كۆتىرىلگەن قوللار، تەڭلىكەن نەيزە، قىلىچلار شۇ بويىچە تاياق بولۇپ قېتىپ قاپتۇ. ئۇلار شۇ تۇرغىنىچە ئۈچ كېچە - كۈندۈز قېتىپ تۇرۇپتۇ. ئارقىسىدىن كەلگەن پادىشاھنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا باش قويۇپ بۇشەھەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەي قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇرۇپتۇ. بايۋەچچە پادىشاھ:
- پالىم پال بولسۇن، قولۇمدا ئەڭگۈشتىرىم بولسۇن، ئۇشبۇ مۇھاسىرە قىلغۇچى لەشكەرلەر ئارقىسىغا يانسۇن، - دەپتۇ. شۇ ھامان لەشكەرلەرگە ۋە ئاتلارغا جان كىرىپ ئۆز شەھىرىگە قايتىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ بۇ ئەھۋالنىڭ جادۇ يولى بىلەن بولغانلىقىنى بىلىپ، جادۇگەر ئىزلەپتۇ.
بۇ شەھەردە مەككارلىقتا ئاتىقى چىققان بىر موماي بار ئىكەن. پادىشاھنىڭ ئادەملىرى شۇ موماينى تېپىپ كەپتۇ. موماي پادىشاھدىن بايۋەچچىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، بىر نەچچە كۈن يول مېڭىپ، چولدىكى يېڭى شەھەرگە كەپتۇ. موماي شەھەرگە كىرىشتىن ئاۋال ئۇچراشقان ئادەملەرگە ئۆزىنى بۇۋى قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شەھەردە «بوۋى» نىڭ گەپ - سۆزلىرى خېلىلا ئۇلغىيىپ قاپتۇ. بەزى ئادەملەر ئاز - تولا نەزىرلىرى بولسا، ساۋابلىق ئىزلەپ «بوۋى» گە تەقدىم قىپتۇ. ئارىدىن بىر - ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، موماي ھەر كۈنى تاڭ سەھەر ۋاقتىدا كېلىپ، بايۋەچچە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈپ قويىدىغان بوپتۇ. بۇ ئىش داۋام قىلىۋەرگەندىن كېيىن، موماي ئوردا ئەھلىنىڭ كۆزىگە سىڭىش بولۇپ قاپتۇ. ئۇ كېيىن ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئىچىنى سۈپۈرىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن موماي بايۋەچچە پادىشاھنىڭ كۆزىگىمۇ نەچچە قېتىم چېلىقىپ قاپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ بۇ خوتۇندىن گەپ سورىغان ئىكەن، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ:
- مەن داۇنيالىقنى تاشلاپ، پەقەت ئاخىرەتنى دەپلا ئۆي - ماكانىمدىن ئايرىلىپ، تەركى دۇنيا بولۇپ، شۇ باياۋاندا ئىبادەت قىلىپ يۈرگەن ئىدىم. يېقىندا خىزىر ئەلەيسالام چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ. خىزىر ئەلەيسالام ماڭا جانابىڭىزنى كۆرسىتىپ: «سەن شۇ پادىشاھنىڭ ئىشىگىدە خىزمەت قىل، قاچان سېنىڭ خىزمىتىڭ پادىشاھقا يەتسە ۋە ئەرزىسە، شۇ چاغدا ئاللاتائالا ھاجىتىڭىزنى راۋا قىلىدۇ» دېدى. مەن شۇندىن بېرى بۇ يەرگە كېلىپ شۇ خىزمەتنى قىلىۋاتىمەن. ئەگەر ئىلتىپات بولسا، مەن ھەرەمگە كىرىپ مەلىكەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى.
ئەمما، پادىشاھ ئۇنىڭ ھەرەمگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلماپتۇ. موماي ئېچىنىشلىق ھالدا يىغلاپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋەزىرنىڭ رەھىمى كېلىپ پادىشاھقا ئىلتىجا قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. پادىشاھ نائىلاج موماينىڭ ھەرەمگە كىرىشىگە رۇخسەت قىپتۇ.
موماي پادىشاھنىڭ ھەرىمىگە كىرىپ بىرەر ئايغىچە ھېچقانداق سىر بەرمەستىن، ناھايىتى ئۇستىلىق ۋە چاققانلىق بىلەن مەلىكىنىڭ خىزمىتىنى قىپتۇ. بوش ۋاقتىدا ئىبادىتىنى قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، مەلىكىنىڭ ئىخلاسىنى ئاشۇرۇپتۇ. موماي بىر كۈنى مەلىكىدىن:
- ئەي مەلىكەم، خۇدايىم سىزنىڭ تەلىيىڭىزنى ئوڭ، مەرتىۋىڭىزنى ئۇلۇغ قىلغاي ئىكەن، بۇ پادىشاھنىڭ ئەقىدىسىگە چۈشكىنىڭىزگە قانچە يىل بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئىككى يىل بولدى، - دەپتۇ مەلىكە.
- قانداق تېپىشىپ قالدىڭلار؟
- مەن ئۆز ئۆيىمدە ئىدىم، بىر كۈنى ئىچكىرىكى ئۆيدىن تاشقىرقى ئۆيگە چىقىپ كېلىۋاتاتتىم، ئىشىكتىن كىرىسەم بۇ ئۆيگە كىرىپ قاپتىمەن.
- بۇنىڭ سىرىنى پادىشاھدىن سوراپ كۆرمىدىڭىزمۇ؟
- ياق
- ئانداق بولسا، سىلەرنىڭ ئەر - خوتۇنچىلىقىڭلاردا ئانچە ئىشەنچ يوق ئىكەندە!
- قانداق؟
- ئەلۋەتتە ئىشەنچ بولسا بىر - بىرىگە سىرىنى ئېيتىدۇ. بىر كۈنى مەلىكە پەيتنى تېپىپ پادىشاھدىن ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى:
- يېڭى ئايغا ئوخشىغان قاشلىرى، چولپاندەك كۆزلىرى،بۇلبۇلنى خىجىل قىلىدىغان سۆزلىرى بار كېلىشكەن يىگىت، مېنى بۇ يەرگە قانداق ئېلىپ كەلدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- سورىما جېنىم!
- ياق، مەن بىلەي...
- چۈشىنەلمەيسەن.
- مەيلى سۆزلەڭ.
- مەندە... يوق جېنىم ئېيتىمايمەن.
- ماڭا ئىشەنمەيدىكەنسىزدە.
- ئەمدى ئېيتماي بولمىدى، مەندە يىلان مۈڭگۈزى بار. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىش ھەل بولىدۇ.
- ئەجەپ ياخشىكەن، شۇنى ئاڭلىساملا بولدى.
- بۇ، يوشۇرۇن سىر ، باشقا كىشىگە دېمە.
- ئۆلەي.
بىر كۈنى موماي مەلىكىدىن كوچىلاپ سوراپ تۇرۇپ، مەلىكىنىڭ پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىنىڭ سىرىنى تۇرلۇق بىلىۋاپتۇ. موماي ئەمدى ئەڭگۈشتەرنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ.
- ۋاي مەلىكەم، - دەپتۇ موماي، - ئەر كىشى دېگەنگە ئىشىنىپ بولمايدۇ. خوتۇنۇم دەپ يۈرگەن بىلەن سىزنى بۇ ئۆيدە قويۇپ، يەنە بىر ئۆيگە چىقىپلاپ بىر قانچە مەلىكىنى ھازىر قىلىپ، ئەيش - ئىشرەت تۇزۇپ، يەنە ئۆز جايىغا قايتۇرۇۋەتسە ئۇنى كىم بىلىدۇ. سىزنىڭ ئىشەنگىنىڭىز بىكار كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ئەڭگۈشتەرنى ئۆزىڭىز ساقلىغىنىڭىز تۈزۈك.
- شۇنداق قىلايمۇ؟
- ئەر كىشى ئۇنداق قىلمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ ماڭىغۇ بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، مەن سىزنىڭ كېيىنىكى كۈندە بارماق چىشلەپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈچۈن ئېيتىۋاتىمەن.
مەلىكە ئويغا چوكۈپتۇ. «سورىسام بولارمۇ» دەپ جىق ئويلانغاندىن كېيىن «ھەر نېمە بولسا بىر سوراپ كۆرەي» دېگەن يەرگە كېلىپ، سوراشقا ۋە ئەڭگۈشتەرنى ئېلىشقا قارار قىلىپتۇ.
پادىشاھ مەلىكىنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرماي، ئەڭگۈشتەرنى بېرىپتۇ، موماي مەلىكىدىن ئەڭگۈشتەرنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەتە - ئاخشىمى مەلىكىگە دىنىي مەسىلە ئۆگەتمەكچى بولۇپتۇ. بۇلۇپمۇ غۇسۇل ھەققىدىكى مەسىلىگە ناھايىتى ئېتىۋار بېرىپتۇ.
قىزىم، - دەپتۇ موماي، - غۇسۇل قىلغاندا ئادەمنىڭ تېنىدىن چىۋىننىڭ قانىتىنىڭ ئورنىچە يەر چالا قالسا پاك بولمايدۇ.
موماينىڭ بۇ سۆزلىرى مەلىكىنىڭ كۆڭلىگە ئوبدان ئورنىشىپتۇ. جۈمە كۈنى ئەتىگەنلىكى غۇسۇل قىلىۋېتىپ مەلىكە ئەڭگۈشتەر بار ئۈزۈكنى ئىشىكنىڭ يېنىدىكى ئۇيۇققا قويۇپ قويۇپتۇ. موماي بىر قاچىغا ئىسسىق سۇ، بىر قاچىغا سوغاق سۇ تەييارلاپ تۇرغان ئىكەن، دەسلەپ مەلىكىنىڭ بېشىغا ئىسسىق سۇ قۇيۇپتۇ، كېيىن بىردىنلا سوغاق سۇنى قۇيۇپتۇ.
- پاھ، سۇ ئەجەپ سوغاق ئىكەن، - دەپتۇ مەلىكە.
- كېرەك يوق مەلىكەم، سۇ سوغاق بولسا بەدەنگە پايدىلىق، - دەپلا موماي بىر چېلەك سوغاق سۇنى كۆتىرىپ قۇيۇۋېتىپتۇ. لاغ - لاغ تىترەپ كەتكەن مەلىكە ئىسسىققا چىقشقا ئالدىراپ، ئۈزۈكنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. موماي دەرھال ئۈزۈكنى قولىغا ئېلىپ، چاققانلىق بىلەن ئوردىدىن چىقىپ قېچىپتۇ. موماي ئەڭگۈشتەرنى ئېلىپ شەھەردىن چىقىشىغا ئاۋات شەھەر ئۆز - ئۆزىدىن يوقاپ، ئادەمدىن ئىزمۇ قالماپتۇ. ئورىدىمۇ يوق، مەلىكىمۇ يوق. بايۋەرتچە ئۆزىنىڭ ئىتى، مۈشۈگى بىلەن ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى چول - باياۋاندا قاپتۇ.
ئۈچ يىلدىن بېرى پادىشاھلىق قىلىپ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغان بايۋەچچە ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئۇچرىغان نەرسىلەرنى يەپ جان بېقىشقا كۆنەلمەپتۇ. كۈندىن - كۈنگە ئورۇقلاپ، يۈزلىرى قورۇلۇپ، كۆزلىرى پۇرۇلۇپ، چىرايلىرى تۇرۇلۇپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئىت بىلەن مۈشۈك مەسلىھەتلىشىپتۇ.
- بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنى مىڭ تەڭگىدىن پۇلغا سېتىۋالغان، يىلان ئۆز خىزمىتىنى ئادا قىلدى. ئەمدى بىز بېرىپ ئەڭگۈشتەرنى تېپىپ كېلەيلى، - دىيىشىپ بايۋەچچىدىن ئىجازەت ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ.
بۇلار بىر نەچچە كۈن يول مېڭىپ، مەلىكىنىڭ شەھىرىگە بېرىپتۇ. ئىت قۇشخانىغا بېرىپ جان بېقىپتۇ. مۈشۈك بولسا پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى تېپىپ، مەلىكىنىڭ تونۇۋاپتۇ. مەلىكىنىڭ دادىسى پادىشاھ يىلان مۈڭگۈزىنى ئۈزۈكتىن ئاجرىتىپ، ئاغزىغا سېلىپ ساقلاپ يۈرگەن ئىكەن. مۈشۈك پادىشاھقا سۈركىلىپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋاپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ئۇخلاۋاتقا ئىكەن. مۈشۈك قويرۇقىنى سۇغا چىلاپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ يۈزىگە ئۇرۇپتۇ. پادىشاھ چوچۈپ ئويغىنىپتۇ - دە، باش - كۆزىنى سىلكىپ يەنە ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەڭگۈشتەر بولسا پادىشاھنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ، تەخىتنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ يەردە بىر مۇنچە چاشقانلار ئويناپ يۈرگەن ئىكەن. بىر چاشقان مۈشۈكتىن بۇرۇنراق كېلىپ، ئەڭگۈشتەرنى چىشلەپ ئېلىپ ئوۋىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. بۇ، چاشقانلارنىڭ پادىشاھى ئىكەن. مۈشۈك چاشقانلاردىن ئەڭگۈشتەرنى ئېلىشنىڭ چارىسىنى قىلىشقا كىرىشىپتۇ - دە، دەرھال بىر تەسۋى تېپىپ، چاشقان ئۇۋىسىغا يېقىن بىر جايدا ئولتۇرۇپ،كۆزىنى يۇمغان ھالدا:
- مەن ئۆزەم موللا مۈشۈك چاشقان يىسەم توۋا، مەن ئۆزەم موللا مۈشۈك، چاشقان يىسەم توۋا، - دەپ ئوقۇشقا كىرىشىپتۇ. چاشقانلاردىن بىرى سىرتقا چىققان ئىكەن، بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ پادىشاھىغا خەۋەر قىپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭغا ئىشەنمەپتۇ. چاشقانلار مۈشۈكنىڭ مۈشىكنىڭ بۇرىتىنى چىشلەپ تارتىدۇ. دېگەن گەپ بار، ئۆلۈم گۇناھى بىلەن قاماقتا ياتقان چاشقانلاردىن بىرىنى چىقىرىپ كۆرەيلى، - دەپتۇ. چاشقانلار پادىشاھى.
زىنداندىن چىققان چاشقانلار مۈشۈكنىڭ يىنىغا كېلىپ، ئالدى - كەينىدىن ئاستا ئۆتۈپ بېقىپتۇ. كېيىنچە مۈشۈكنىڭ بويۇنلىرىغا مىنىپ چۈشۈپ، سەكرەپ خېلى ئويۇنلارنى قىلىپ كۆرۈپتۇ.
مۈشۈك زادىلا پەرۋا قىلماي ئۆز ئىبادىتىنى قىلىۋېرىپتۇ، يىغلاپ توۋا قىلىپ، كۆزىدىن ئېرىق - ئېرىق ياشلار تۆكۈپتۇ. ئۇۋا ئاغزىدا ماراپ تۇرغان چاشقانلار پادىشاھى بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، مۈشۈكنىڭ توۋىسىغا ئىشىنىپتۇ - دە، كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ سىرتقا چىقىپتۇ. مۈشۈك ئۇنى ئوبدان تونۇۋالغان ئىكەن. ئالدىغا كېلىشىگە ئوقتەك ئېتىلىپ، چاشقانلار پادىشاھىنى كاپلا قىلىپ تۇتۇۋاپتۇ. مۈشۈك چاشقانلار پادىشاھىنى يەپ قورساقنى تويغۇزۇپتۇ، ئەڭگۈشتەرنى ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئىتنىڭ قېشىغا كەپتۇ.
- ئەڭگۈشتەرنى تاپالىدىڭمۇ؟ - دەپتۇ ئىت.
تاپالمىدىم، ئەمدى قايتىپ كېتەيلى، - دەپتۇ مۈشۈك.
- ئەڭگۈشتەرنى تاپماي تۇرۇپ كەتمەيمىز، - دەپ تۇرۋاپتۇ ئىت. مۈشۈك قانچە ھەركەت قىلسىمۇ، ئىت زادىلا ئۇنۇماپتۇ. مۈشۈك ئاخىرى ئەڭگۈشتەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئىت ئەڭگۈشتەرنى ئۆزىگە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئۇلار ماڭا - ماڭا بىر دەرياغا كېلىپ قاپتۇ.
ئەڭگۈشتەرنى بەرمىسەڭ، سۇدىن ئۆتكۈزۈپ قويمايمەن، - دەپتۇ. ئىت. مۈشۈك نائىلاج ئەڭگۈشتەرنى ئىتقا بېرىپتۇ. ئىت ئەڭگۈشتەرنى ئاغزىغا سېلىپ، مۈشۈكنى بېشىدا كوتىرىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. سۇدا بىر بېلىقنىڭ «پىلتىڭ» قىلىپ ئۈزۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، بېلىقنى تۇتىمەن دەپ ئاغزىنى دەرھال ئاچقان ئىكەن، ئەڭگۈشتەر سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، بۇنى بىر بېلىق چىشلەپ قېچىپتۇ. بۇ بېلىقنى مۈشۈك كۆرۈپ قويۇپتۇ. دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن مۈشۈك:
قورسىقىمىز ئاچتى، ئاۋۇ كۆرۈنگەن بېلىقچىدىن بىردىن بېلىق سوراپ يەيلى، - دەپتۇ.
بۇلار بېلىقچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بىردىن بېلىق سوراپتۇ. بېلىقچى ماقۇل بوپتۇ. ئىت ئۇدۇل كەلگەن بېلىقنى ئاپتۇ. مۈشۈك قارىسا، بايىقى بېلىق يېڭىلا تورغا چۈشكەن ئىكەن، ئۇ شۇ بېلىقنى ئاپتۇ. مۈشۈك ئەڭگۈشتەرنى ئىتقا ئۇقتۇرماي ئاغزىدا ساقلاپ، بايۋەچچىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
- ئەڭگۈشتەرنى تاپتىڭلارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ بايۋەچچە. ئىت:
- تاپالمىدۇق، - دېيىشىگە، مۈشۈك:
- مەن تەپتىم، - دەپ ئەڭگۈشتەرنى بايۋەچچىگە بىرىپلا قېچىپتۇ. ئىت ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. مۈشۇك دەررۇ سوگەتنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. شۇندىن بۇيان ئىت مۈشۈككە ئۆچ بولۇپ قاپتۇ. مۈشۈك قالغان مۈشۈكلەرگە «ئىت قوغلىسا دەرەخكە چىقىۋېلىڭلار» دەپ نەسىھەت قىپتۇ. شۇڭلاشقا ھازىرمۇ مۈشۈكلەر ئىتنى كۆرسە دەرەخكە چىقىۋالىدىكەن.
بايۋەچچە ئەڭگۈشتەرنى قولىغا ئېلىپ، چول باياۋاندىكى شەھىرىنى، ئوردىسىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جادىگەر موماينى ئاتقا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈپ، مەلىكىسى بىلەن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. مەلىكىنىڭ دادىسى كۈيئوغلىغا قول قويۇپتۇ. مەلىكىمۇ ئەڭگۈشتەرنى ئىككىنچى قولىغا ئالمايدىغان ۋە ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايدىغان بوپتۇ.