UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقسەركە سازەندە

سەركە سازەندە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى سەركە، قوشقار، توپاق - ئۈچ دوست يىراق يەرلەردە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئوت - سۈيى مول يەرلەرنىمۇ كۆرۈپتۇ، چۆل - جەزىرلەرنىمۇ كۆرۈپتۇ. توق كۈنلەرنى خۇشال ئۆتكۈزپتۇ. دەشتى - چۆللەردە ئاچمۇ قاپتۇ. شۇنداق ئاچلىقتا كېتىپ بارغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغان خالتىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار بېرىپ ئېچىپ قارىسا، ئىككى چاڭگالچە ئارپا بار ئىكەن، ئۇلار بۇنى بۆلۈشۈپ يىمەكچى بوپتۇ. قانداق بۆلۈشىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ ئويلىشىپتۇ. شۇ چاغدا سەركە: - مەن ئامالىنى تاپتىم، - دەپتۇ. - ئۈچىمىزدىن كىچىكىرەكى سەن بولساڭمۇ، ئەقلىڭ كامىل، قېنى ئېتىپ باقە، - دەپتۇ قوشقار بىلەن توپاق، - مۇنداق بولسۇن، - دەپتۇ سەركە، - توپاق ئاكامنىڭ ئاغزى چوڭراق، ئالدى بىلەن ئۇ بىر كاپام يىسۇن ئاندىن ئاغزى كىچىكەرەك قۇشقار ئاكام ئىككى كاپام يىسۇن، ئاخىرىدا قالغىنىنى مەن ئۈچ كاپام يەي، شۇنىڭدا ئۈچىمىز تەڭ يىگەن بولىمىز. بۇنى ھەممىسى ماقۇل كۆرۈپتۇ. ئارپىنى شۇ بويىچە يەپ، يەنە يولغا راۋان بوپتۇ. يولدا يەنە ئۆلگەن تۈلكە ئۈچراپتۇ. - بۇنى قانداق قىلىمىز؟ - دەپتۇ قوشقار. - بۇ بىر ئولجا، لازىمى بولار، ئېلىۋالايلى، - دەپتۇ توپاق. مەسلىھەت بويىچە بۇنى ھەممىدىن چوڭ توپاققا ئارتىپتۇ. بۇلار يەنە ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن، بىر كۆزلەككە كەپتۇ. بۇ كۆزلەكتىكى يالغۇز ئۆيدە ئادەم بولمىغاچقا، بېرىپ دەم ئالماقچى بوپتۇ. ئۇلار ئۆلۈك تۈلكىنى ئىشىك ئالدىغاد قويۇپ ئۆيگە تەڭلا كىرىتۇ، قارىغۇدەك بولسا، ئۆي ئىچىدە بىر تۈلكە ساز چېلىۋاتقۇدەك، ئېيىق بىلەن بۆرە ساز ئاڭلاپ يانپاشلاپ ياتقىدەك. - ئەجەپ ۋاقتىدا يېتىپ كەلدىڭلار، ئىزلەپمۇ تاپالمايتۇق، بىرلىكتە ساز چېلىپ بەزمە قىلايلى، - دەپتۇ تۈلكە ھىلىگەرلىك بىلەن قولىدىكى سازنى سەركىگە سۇنۇپ. - كەچۈرگەيسەن، ئالدى بىلەن سەن ئۆز ھۈنىرىڭنى كۆرسەت. - دەپتۇ سەركە مەغرۇر قىياپەتتە. سەركىنىڭ بىر ئىشنى پەملەۋاتقانلىقىنى سېزىۋالغان قوشقار بىلەن توپاق ئۆز ھەيۋىسىنى كۆرسىتىشكە تەييار تۇرۇپتۇ. تۈلكە سازنى قولىغا ئېلىپ: تىرىڭ - تىرىڭ، سەركە بىزگە چۈشۈك ئوزۇق، تىرىڭ - تىرىڭ، توپاق بىزگە كۈنلۈك ئوزۇق. تىرىڭ - تىرىڭ، قوشقار بىزگە كەچلىك ئوزۇق، دەپ، ناخشا ئېيتىپتۇ - دە، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ، مەسخىرە قىلغان قىياپەتتە سازنى سەركىگە بېرىپتۇ. سەركە؛ تىرىڭ - تىرىڭ تۈلكە قىشتا ئوبدان تۇماق، راھەت بىزگە ئېيىق تېرىسى ئۈستىدە ياتماق. تىرىڭ - تىرىڭ، بۆرە تېرىسى ئىسىق جۇۋا، ياخشى پۇرسەت ئۆلتۈرەيلى سېلىپ سىرتىماق، - دەپتۇ - دە، ئۇلارنى ھودۇقتۇرۇپتۇ. بۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئادەم بار ئوخشايدۇ. دەپ پەرەز قىلغان تۈلكە قاراپ باقماقچى بولۇپ، ئىشىكتىن چىقىشىغا ئۆلۈك تۈلكىگە كۆزى چۈشۈپتۇ. كۆزى چۈشۈپتۇ - دە، «بۇلار بىزنى مۇشۇنداق ئۆلتۈردىكەن، قاچمىساق بولمايدىكەن» دەپ ئويلاپ، ئېيىق بىلەن بۆرىگە شەرەت قىلىپلا قېچىپتۇ. ئاقىسىدىن ئېيىق بىلەن بۆرىمۇ قېچىپتۇ. ئۇلار بىر ھازا قاچقاندىن كېيىن، ئاچ قالغان بۆرە ئارقىسىغا قاراپ - قاراپ، سەركىلەرنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بوپتۇ. بۆرە سەركە، توپاق، قوشارنىڭ: «ھېلىقىلارنى راسا باپلىدۇق،» دەپ كۈلۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ قاپتۇ - دە، «ئالدى بىلەن سەركىنى جايلىمىسام» دەپ، ئېيىق بىلەن تۈلكىنى باشلاپ كەلمەكچى بوپتۇ. سەركىلەر شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپتۇ. بۆرە ئۇلارنىڭ قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يالغۇز قوغلاپتۇ. سەركىلەر بۆرە يېتىپ كەلگىچە بىر يارلىقتىكى بۇ تەرەپتىن كىرسە ئۇ تەرەپتىن چىقىپ كېتىدىغان يوغان تۆشۈكنى كۆرۈپ، شۇ يەرگە كىرىۋاپتۇ. بۆرە يېتىپ كېلىپ، تۆشۈككە بېشىنى تىقىشىغا سەركە مۇڭگۈزى بىلەن ئۇنىڭ بوينىنى قىسىۋاپتۇ. قوشقار تۆشۈكنىڭ ئۇ تەرىپىدىن چىقىپ، بۆرىنىڭ قورسىقىغا كېلىشتۈرۈپ ئۈسۈپتۇ، بۆرە مىڭ تەسلىكتە قۇتۇلۇپ، تۇمشۇقىدىن قېنىنى ئېقىتىپ قېچىپتۇ. ئىگىز تاغقا چىققاندا بىر نەچچە بۆرىگە ئۇچراپتۇ. - ئۈچ نەرسىگە يولۇقۇپ قالدىم. بىرى ئۇزۇن قىسقۇچى بىلەن بوينىمنى قىستى، بىرى يوغان بازغىنى بىلەن راسا سالدى، ئاران دىگەندە قۇتۇلدۇم، - دەپتۇ يالغۇز بۆرە. - ئۇنداق بولسا باشلا، ئۇلارنىڭ جازاسىنى بىز بېرەيلى، - دەپتۇ بۆرىلەر شۇنىڭ بىلەن سەركىلەرنى ئىزلەشكە كىرىشىپتۇ. قوشقا ئۇلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىنلا كۆرۈپتۇ. - ئاپلا، بىر توپ بۆرە كېلىۋاتىدۇ. قاچايلى، - دەپتۇ. قوشقار. ئۈچى قېچىپتۇ. قېچىپ بىر چىنار تۈۋىگە كەپتۇ. سەركە قوشقار بىلەن توپاقنى چىنارغا چىقىرىۋېتىپ، ئارقىسىدىن ئۆزى چىقىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن، بۆرىلەر يېتىپ كېلىپ، چىنار ئۈستىدىكى سەركە، قوشقار توپاقنى كۆرۈپتۇ، ئۇلارنى قۇتۇرلدۇرالمايدۇ، دەپ، بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرى چىقىپ چىنارغا يامىشىپتۇ. سەركە: - بۇ بۆرىلەر يەنە كەپتىغۇ، قوشقار ئاكا، قېنى مەن قىساي، سەن بازغان بىلەن كېلىشتۈرۈپ سال، - دەپتۇ. شۇ چاغدا، ئەدۋىنى راسا يىگەن ھېلىقى بۆرە ھەممىسىنىڭ ئاستىدا ئىكەن. سەركىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ جان - پېنى چىقىپتۇ - دە، بىر سىلكىنىپلا قېچىپتۇ. ئۇنىڭ تۆپىسىدە تۇرۇپ چىنارغا ياماشقان بۆرىلەر بىراقلا دومىلاپتۇ. بىر نەچچىسى ئۆلۈپ بىر نەچچىسى يارىلىنىپتۇ. ساقلىرى ھېلىقى يالغۇز بۆرىگە قوشۇلۇپ قېچىشىپتۇ. شۇنىداق قىلىپ سەركىنىڭ ھېلىسى بىلەن قوشقار ۋە توپاق ھەممە بالادىن قۇتۇلۇپتۇ. ئۇلار شۇندىن بېرى غەمسىز ياشاپ كەپتۇ. («گۈلىستان» نىڭ 1980 - يىل 2 - 3 - قوشما سانىدىن ئېلىندى) رەتلىگۈچى مىجېت ئوسمان.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
سەركە سازەندە | UyghurWiki | UyghurWiki