كىشى ياتتىن خاپا بولمايدۇ، ئۆز يېقىنىدىن خاپا بولىدۇ
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر ياۋۇز، زالىم پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. بۇ پادىشاھ ئەلدە ناھەقچىلىكنى كۆپ قىپتۇ. خەلق پېقىر - نامراتچىلىقتا ئۆتۈپتۇ. ئۈستى - ئۈستىلەپ قاتتىق زۇلۇم تارتىپتۇ. پادىشاھنىڭ زۇلمى، ياۋۇزلۇقى ھەققىدە ھېچكىممۇ بىرەر ئېغىز سۆزقىلالمايدىكەن. ئەگەر پادىشاھ بىرەر ئېغىز سۆز ئاڭلاپ قالسا، شۇ گەپنى قىلغان ئۆلۈمگە، مال - مۈلۈكىنى تالاڭغا بۇيرۇيدىكەن. پادىشاھنىڭ زۇلمى، ۋەششىيلىكىدىن خەلق قورقۇپ، كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ قارىغۇ، تىلى تۇرۇپ گاچا، ئەقلى - ھوشى تۇرۇپ دۆت بوپتۇ. بۇ ئەلدە ساخاۋەت دېگەن ئاق نىيەت، ساپدىل، ئادىل بىر كىشى بار ئىكەن. ھەر دائىم ئەل ئارىسىدا يۈرىدىكەن. قولىدىن كېلىشچە ئەلگە ياخشلىق قىلىپ ئۆتىدىكەن. ھاجەتمەنلەرنىڭ قانداق ھاجىتى بولسا، ئېغىر كۆرمەي راۋا قىلىپ بېرىدىكەن. خەلق ساخاۋەتنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنىسى بىر كىشى كېلىپ ساخاۋەتكە كۆڭلى - كۆكسىدىكى سۆزىنى ئېيتىپتۇ:
_ پادىشاھنىڭ زۇلمى ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. خەلىقنىڭ «ئۇھ» دېگۈچىلىك مادارى قالمىدى. بۇ زالىمدىن قۇتۇلىدىغان كۈنمۇ بولارمۇ؟
ساخاۋەت بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، بىر ئۇلۇغ - كېچىك تىنىپ:
_ ئارغامچىنى تولغاۋەرسە ئۈزۈلىدۇ. زۇلۇم كۈچەيگەنسىرى قارشىلىق شۇنچە ئۆرلەيدۇ. يۈك كۆتەرگەن ئادەم، يۈك ئېغىرلىشىپ كۆتۈرەلمىگەندە، ئۈستىدىكى يۈكنى ئىرغىتىپ تاشلايدۇ. زۇلۇم چېكىگە يەتتى، زالىمنىڭ بۇ زالىملىقىدىن قۇتۇلىدىغان كۈنمۇ يېتىپ كېلىدۇ، - دەپ دېھقانغا تەسەللى بېرىپتۇ.
ساخاۋەتنىڭ بۇ سۆزلىرى بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا ئاڭلىنىپ، ئاخىر پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا چۈشۈپ قاپتۇ.
پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، ساخاۋەتنى تۇتۇپ كېلىشكە، كىمكى ساخاۋەتنى تۇتۇپ ئەپكىلىپ بەرسە ئۇنىڭغا زور ئىنئام قىلىدىغانلىقى، كىمكى ئۆز ئۆيىدە يۇشۇرۇپ ساقلاپ خەۋەر قىلمىسا، ئۇنى جازالاپ، مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا يارلىق چىقىرىپتۇ ۋە تەرەپ - تەرەپلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ئۆي - ئۆيلەرنى ئاختۇرۇشقا باشلاپتۇ. پادىشاھنىڭ زۇلمىدىن قورقۇپ ساخاۋەتنى ھېچكىم ئۆيىگە كىرگۈزمەپتۇ. ساخاۋەت ئۇرۇق - تۇققانلىرى، دوست ئاغىينىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. ئۇلارمۇ ساخاۋەتنى ئۆيىگە كىرگۈزسە ئۆزىگە خاپىلىق يىتىپ قېلىشىتىن قورقۇپ ئۆيىگە كىرگۈزمەپتۇ. ئاش - نان بېرىپ، ئۆزرە قويۇپ يولغا ساپتۇ. پادىشاھ ئادەملىرى ئاخىر ساخاۋەتنى تۇتۇۋاپتۇ. ئۇنى دارغا ئېسىپ ئۆلۈم جازاسى بەرمەكچى بوپتۇ ۋە: «ساخاۋەت دارغا ئېسىلىدۇ، ئاۋۋال ھەممە ئادەم جازا مەيدانىغا توپلىنىپ، بۇ گۇناھكارنى بىردىن ئۇرۇشى كېرەك. كىمكى پادىشاھنىڭ ئەمرىگەخىلاپلىق قىلىپ، بۇ گۇناھكارغا ئىچ ئاغرىتىدىكەن، جازاغا تارتىلىدۇ» دەپ شاھ يارلىقنى چۈشۈرۈپتۇ.
زالىم پادىشاھنىڭ ھۆكىمى بويىچە بەلگىلەنگەن كۈنى پۈتۈن خەلق جازا مەيدانىغا توپلىشىپتۇ. جاللاتلار ساخاۋەتنى باغلاپ جازا مەيدانىغا كەلتۈرۈپتۇ. دارنىڭ سېرتمىغىنى ئۇنى بوينىغا سېلىپ ھەممىگە ساخاۋەتنى بىردىن ئۇرۇپ ئۆتۈشنى بۇيرۇپتۇ.
پادىشاھ تەخت ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ھەممە كىشنىڭ ئۇرۇپ ئۆتۈشىگە سەپسېلىپ تۇرۇپتۇ. ھەممە كىشى بىردىن ئۇرۇپ ئۆتۈشىگە سەپسېلىپ تۇرۇپتۇ. ھەممە كىشى بىردىن ئۇرۇپ ئۆتۈپتۇ. بەزىلىرى كالتەك بىلەن ئۇرۇپتۇ. ئىشقىلىپ نېمىلا بولسۇن ھەممىسى بىردىن ئۇرۇپ ئۆتۈپتۇ. ساخاۋەت دات - پەرياد كۆتەرمەي مەردانە قىياپەتتە تىك تۇرۇپتۇ.
ساخاۋەتنىڭ سالى دېگەن بىر يېقىن دوستى بار ئىكەن. ساخاۋەتنى ئۇرۇشقا قولى بارماي، نائىلاجلىقتا قولىدىكى ئەتىرگۈلنى ساخاۋەتنىڭ بۇرنىغا تەككۈزۈپ ئۆتۈپتۇ. گۈل ساخاۋەتنىڭ بۇرنىغا تېگىشى بىلەن تەڭ ساخاۋەت «ۋايجان!» دەپ ۋارقىراپتۇ.
بۇنى كۆرگەن پادىشاھ جاللاتلارغا:
_ ساخاۋەتنىڭ بوينىدىكى سىرتماقنى يەش. ئۇنى ھازىر ئالدىمغا كەلتۈر. ئۇنى گۈل بىلەن ئۇرغۇچىنىمۇ ئېلىپ كەل، - دەپ ئەمىر قىپتۇ.
جاللاتلار ئۇنى بوينىدىكى سىرتماقنى يېشىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ:
شۇنچىلىغان ئادەم ئۇرۇپ ئۆتسە، ھەتتا كالتەك بىلەن ئۇرسىمۇ «ۋاي» دېمەيسەن، بۇرنۇڭغا گۈلنى پۇرىتىپ ئۆتسە«ۋايجان» دەپ توۋلايسەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ ساخاۋەتتىن.
_ مەن گۇناھسىز بىر ئادەم. ناھەقتىن - ناھەق دارغا ئېسىلدىم. خالايىقلار بىرىنچىدىن، مېنىڭ نېمە سەۋەبتىن دارغا ئېسىلىدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بىلگەنلىكى، ئىككىنچىدىن، ماڭا يات بولغانلىقى ئۈچۈن مېنى ئۇردى. شۇڭا ئۇلاردىن خاپا بولمۇدۇم. ئەمما مېنى گۈل بىلەن ئۇرۇپ ئۆتكىنى مېنىڭ ئەي يېقىن قىيامەتلىك ئاغىينەم ئىدى. ئۇنىڭ مېنى ئۇرغىنى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. تاقەت قىلالماي «ۋايجان» دەپ توۋلاپ سالدىم. كىشى ياتتىن خاپا بولمايدۇ. يېقىن كىشىسىدىن خاپا بولىدۇ، - دەپتۇ ساخاۋەت.
بۇ سۆز پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە يېقىپتۇ ۋە ساخاۋەتنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. «ئادەم ياتتىن خاپا بولمايدۇ، يېقىندىن خاپا بولىدۇ». بۇ سۆز شۇندىن كېيىن ھېكمەتلىك سۆز بولۇپ قېلىپ ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرۈپتۇ.