UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپالتا سېپىغا موزاي تىزەكلىدى

پالتا سېپىغا موزاي تىزەكلىدى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا نامەتمەن شەھىرىنىڭ بىر قازىسى بولغان ئىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى سادىراخۇن دېگەن بىر كەمبەغەل ئۇنىڭ ئالدىغا دەۋاغا كەپتۇ. قازىنىڭ كۆزى ئۇنىڭ كىيىمىگە چۈشۈپتۇ - دە، كەمبەغەلىكىنى كۆرۈپ: - بىرەر كۈندىن كېيىن كەل، بۇگۈن ۋاقتىم يوق، - دەپ يولغا ساپتۇ. سادىراخۇن ئۆيگە بارغاندىن كېيىن بولغان ئىشنى يان خوشنىسىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ «ئەتە يەنە بارىمەن» دېگىنىنى ئاڭلىغان يان خوشنىسى: - بىرەر نەرسە تەييارلاپ قويدىلىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - بىرەر نەرسە بېرىش كېرەكمىدى؟ - دەپتۇ سادىراخۇن. - قازىنىڭ «بىرەر كۈندىن كېيىن كەل» دېگىنى بىرەر نەرسە ئېلىپ كەل دېگىنى. دەۋالىرىنى ئاقتۇرىمەن دىسىلە قازىغا بىرەر نەرسە بەرمىسىلە، ئۇنى رازى قىلىپ، كۆڭلىنى ئالمىسىلا بولمايدۇ، - دەپتۇ خوشنىسى. سادىراخۇن ئۆيىگە كىرىپ قازىغا بەرگىدەك ھېچ نەرسە تاپالماپتۇ. ئويلا - ئويلا بېشى قېتىپتۇ. كېيىن خوتۇنىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن قازىغا پالتا ۋە قۇرئاننى بەرمەكچى بوپتۇ. سادىراخۇن كەچ خۇپتەن ئارىلاپ قۇرئان بىلەن پالتىنى ئاق داستىخانغا يۆگەپ، قازىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. - ھەي، كېچىلەپ بۇ ياققا كەپسەنغۇ؟ - دەپ سادىراخۇنغا تىكىلىپ قاراپتۇ. قازى. - ھە، سىلى چۈشۈمگە كىرىپ قاپتىكەنلا، كەچ بولسىمۇ يوقلاپ كېلەي دەپ كېلىۋىدىم... - دەپ سادىراخۇن دىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، قۇرئاننى قازىنىڭ قولىغا، پالتىنى مەشنىڭ ئارقىسىغا قويۇپ قويۇپتۇ. كەلدى - باردى سۆزلەر بىلەن ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندنى كېيىن، سادىراخۇن: - قازىكا، ھەر بىرلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمنىڭ ئۇچۇرى بىرئاز دەۋا ئىشىم بار ئىدى، - دەپتۇ. - كىم ئۈستىدىن ؟ - ھوشۇر باي ئۈستىدىن. - نېمە ھەقتە؟ - ئوغلۇمغا قىزىنى بېرىمەن دەپ ئون يىل ئىشلىتىپ، قىزىنى باشقا كىشىگە بېرىۋەتتى، مېنى ۋە ئوغلۇمنى «بار، دەۋا قىلىدىغان يېرىڭگە دەۋا قىل!» دەپ بىر تىيىنسىز قوغلاپ چىقىرىۋەتتى. ھە، ھوشۇر بايمۇ؟ - دەپتۇ. قازى بىرئاز ئويلىغاندەك قىلىپ، - ئەتە قازىخانىغا بېڭلار، ئىككىڭلارنى دەرقەمتە سوراپ، ئايرىپ قوياي. ئەتىسى ھۇشۇر باي بىلەن سادىراخۇن قازىنخانىغا بېرىپتۇ. قازى ئۆيىنىڭ تورىدە ئولتۇرۇۋېلىپ، ھوشۇر باي بىلەن سادىراخۇندىن بارلىق ۋەقەنى سوراپ ئۇقۇپتۇ، ئەمما بىر سادىراخۇنغا، بىر ھوشۇر بايغا قاراپ، ھېچ نەرسە دىمەي تۇرۇپتۇ. - قازىكا، - دەپتۇ سادىراخۇن، - ھەممە ئىش ئۆزلىرىگە ئايان بولدى. ئەمدى قۇرئاندا كۆرسەتكەندەك، ئىتتىك پالتىدا كەسكەندەك دەۋانى كېسىپ، ھەقنى ھەق، ناھەقنى ناھەق قىلىۋەتمەمدىلا! - دېگىنىڭ راست، بىراق پالتا سېپىغا موزاي تىزەكلىدى ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ قازى قاپاقنى ئۇچۇرۇپ. سادىراخۇن بۇ گەپتىن ھوشۇر باينىڭ قازىغا موزاي پارا بەرگىنىنى پەملەپتۇ - دە، «باي بايغا تارتىدۇ، سۇ سايغا» دېگەن ماقالىنىڭ بىكاردىن چىقمىغانلىقىنى كۆڭلۈدىن ئۆتكۈزۈپ قازىخانىدىن چىقىپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق