UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئەقىللىق قىز

ئەقىللىق قىز

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى پادىشاھنىڭ ئوغلى ئەقىلسىز ئىكەن، پادىشاھ ئۇنى ئەقلىغا كىرگۈزىمەن دەپ جىق ئۇرۇنۇپتۇ. بېقىپتۇ. زادى نەتىجە چىقىرالماپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ئوغلى بىلەن ئوۋدىن قايتىپ كېلىۋاتسا، بوران بىر قامقاقنى ئۇچۇرۇپ كېتىۋېتىپتۇ. - ھەي بالام، - دەپتۇ پادىشاھ ئوغلىغا، - ئاۋۇ قامقاقتىن «نەگە بارىسەن؟» دەپ سوراپ كەلگىنە! ئوغۇل ئۆزىنىڭ ئەقىلسىزلىقىدىن قاماقنى قوغلاپ بېرىپ: - ھەي قامقاق، نەگە بارىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. قامقاقتىن سادا چىقماپتۇ. قامقاق دومىلاپ بېرىپ بىر يارغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئوغلى قامقاقتىن جاۋاب ئالالمىغانلىقىغا بېشى چۈشۈپ ئۆيىگە كېتىۋاتقان ئىكەن، بىر دەرۋازىدىن بىر قىز چىقىپ: - ھوي بالا، نېمانچە بېشىڭىز چۈشۈپ كەتتى؟ - دەپ سوراپتۇ. بالا خاپىلىقنىڭ سەۋىۋىنى ئېيتىپتۇ. - ئۇنداق بولسا،- دەپتۇ قىز بالىغا، - سىز دادىڭىزغا «قامقاق: بېرىشىمنى بوران بىلىدۇ، قونۇشۇمنى يار، دىدى» دەك. بالا ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن دادىسى: - ھە، قامقاق نېمە دىدى؟ - دەپ سوراپتۇ. - «بېرىشىمنى بوران بىلىدۇ، قونۇشۇمنى يار» دېدى، - دەپتۇ ئوغلى. پادىشاھ بۇ گەپنىڭ ئوغلىنىڭ ئىچىدىن چىقىمىغانلىقىنى پەملەپ: - راستىڭنى ئېيت، بۇ كىمنىڭ سوزى؟ يالغان ئېيتساڭ كاللاڭنى ئالىمەن! - دەپ ۋارقىراپتۇ. - بالا راستنى دەپتۇ. پادىشاھ قىزنىڭ دادىسغا بىر بۇقىسىنى ئەۋەتىپ «تۇغدۇرۇپ بەرسۇن» دەپ بۇيرۇپتۇ. - بۇقا قانداق تۇغسۇن؟ - دەپتۇ قىزنىڭ دادىسى ئاچچىق قىلىپ، - ئاپار نېرى! شۇ ئارىدا قىز ئۆيىدىن چىقىپ، ئارىدا بولغان گەپنى ئاڭلاپ قاپتۇ. - ھەي دادا، - دەپتۇ قىز، - ئۇنداق دىمىگىن! بۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۆزى كەلگەن رىسقا. بۇقىنى سويۇپ يەيلى. بۇلار بۇقىنى سويۇپ، بىر نەچچە ۋاقىتلارغىچە گۆشىنى يەپ راھەتلىنىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ياساۋۇللاردىن بىرىنى قىزنىڭ دادىسىدىن ئۆتكەنكى بۇيرۇقىنى سۇرۈشتۈرۈشكە ئەۋەتىپتۇ. قىز دادىسىنى چىقارغۇزماي، ياساۋۇلنىڭ ئالدىغا ئۆزى چىقىپ: - ۋاي، دادام تۇغۇپ قالدى، سىلەرنىڭ بۇقاڭلارغا قارىغىدەك بولمىدۇق، - دەپتۇ. قىز. ۋاھ! ئەركىشى قانداق تۇغىدۇ؟ - دەپتۇ ياساۋۇل. - پادىشاھنىڭ بۇقىسى تۇغالىغان يەردە دادام نېمىشقا تۇغالمايدىكەن! - دەپتۇ قىز. ياساۋۇل گەپ تاپالماي، پادىشاھقا قىزنىڭ جاۋابىنى يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ بۇ قىزنىڭ ئەقىللىقلىقىغا قول قويۇپ، «بۇ قىز ئوغلۇمغا ئەقىل ئۆگىتىدىكەن» دەپ ئوغلىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق