UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئانا بىلەن بالا

ئانا بىلەن بالا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا مال - مۈلكى كۆپ، بىراق بالىسى يوق بىر باي ئۆتكەن ئىكەن. باي پەرزەنت كۆرۈش پىراقىدا ئۆرتىنىدىكەن؛ ئاي - يىللار ئۆتۈپ ئۇنىڭ خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. دادىسى، ئانىسى بۇ ئوغۇلغا بەك ئامراق ئىكەن. بىر كۈنى باي تۇيۇقسىز ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. باي خوتۇرنى ۋە بالىسىنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ: - خوتۇن مەن ساقىيالمايدىغاندەك تۇرىمەن، ئۆلۈپ كەسەم، مال - مۈلكۈم تۈگەپ كەتكىچە سېتىپ خەجلەپ، ئوغلۇمنى ئوبدان باققىن. - بالام سەنمۇ ئاناڭنىڭ سۆزىدىن ھەرگىز چىقمىغىن، - دەپتۇ. باي ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بوپتۇ. باي ئۆلگەندىن كېيىن، خوتۇنى مال - مۈلۈكنى سېتىپ خەجلەپ ئولتۇرۇۋېرىپتۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارلىق مال - مۈلۈك تۈگەپ، ئۆيىگە چاشقان كىرسە يامانلاپ چىققۇدەك بولۇپ قاپتۇ. قاتتىق قار يېغىۋايقان بىر كۈنى ئانىسى داڭقاننى ئېسىپ، قوراي بىلەن ئوت تۇتاشتۇرۋاتسا، ئوغلى تالادىن بىر باش چامغۇر كوتىرىپ كىرىپتۇ. - نەدىن تاپتىڭ بالام؟ - دەپتۇ ئانىسى. - بازاردىن بىر دېقان چامغۇرسېتىۋاتقان ئىكەن، خېرىدارلار ناھايىتى كۆپ بۇ چامغۇر شۇلارنىڭ ئايىغىدا دومىلاپ يۈرۈپتىكەن، قولۇمنى ئۇزارتسام ھېچكىم كورمىدى، ئالغاچ كەلدىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بالا. - ۋاي ئوبدان بالام، ئەقىللىق بالام! ساڭا مۇشۇ چامغۇرنى توغراپ ئاش بېرىمەن، ئەجەپ ياخشى ئىش قىپسەن، - دەپتۇ. ئانا خوش بولۇپ، بالا ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر تۇخۇمنى كىرىپتۇ. نەدىن ئالدىڭ بالام، - دەپ سوراپتۇ ئانا. - خوشنىمىزنىڭ توخو كاتىكىدىن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بالا. - ۋاي بالام، يۈگۈر، ئادەم بارمۇ - يوق، يۇق بولسا، يەنە كاتەككە كىرىپ خورازنى تۇتۇپ كىر، ئۇنى سېتىپ ساڭا بىر قۇلاقچان ئېلىپ بېرەي، - دەپتۇ ئانا. بالا ئانىسىنىڭ دېگىنىنى ئورۇنلاپتۇ... شۇنداق قىلىپ، بالا يانچۇققا قول سالىدىغان، ئالغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئانىسىغا ئاپىرىپ بېرىدىغان بوپتۇ. بارغانسېرى يۈرىكى قاپتەك يوغىناپ، بازار ۋە ئېغىللاردىن قوي، كالا ئوغرىلايدىغان بوپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىپتۇ - دە، غەزنىگە ئاچقۇچ ساپتۇ ۋە بىر خۇرجۇنغا تولدۇرۇپ ئالتۇن - كۈمۈش ئاپتۇ. بۇنىڭغا كۆزى تويماي، تۇخۇمدەك گۆھەرلەرنى، ياقۇت - مەرۋايىتلارنى يانچۇقلىرىغا تولدۇرۇپتۇ. قوينى توشقىچە ساپتۇ - دە، «رەببىم» دەپ سىرتقا مېڭىپتۇ. بالا ئوردا سېپىلىدىن چۈشۈشكە ھەپىلىشىۋاتقاندا، ئوردا قاراۋۇللىرى تۇيۇپ قېلىپ تۇتۇۋاپتۇ ۋە بالىنىڭ پۇتىنى يەرگە تەككۈزمەي، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىپتۇ. پادىشاھ دەرغەزەپكە كېلىپ بالىنى دارغا ئېسىشقا بويرۇپتۇ. ئالتە جاللات قىلىچىنى يالىڭاچلاپ، بالىنى ئوتتۇرغا ئېلىپ، ياساۋۇل، مىرشاپلىرىنى ئارقىسىغا سېلىپ، جازا مەيدانىغا قاراپ مېڭىپتۇ. جازا مەيدانىنى نۇرغۇن خەلق ئوراپ تۇرۇپتۇ. ئالتە جاللات دار ئالدىدا بالىنىڭ بوينىغا سىرتماقنى سېلىپ پادىشاھنىڭ ئاخىرقى يارلىقىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. - ئۆلۈش ئالدىدا پادىشاغا بىر ئېغىز گېپىم بار ئىدى، - دەپتۇ بالا. - بوپتۇ، ئون ئىككى ياشلىق بالا ئىكەن، گېپىنى دەۋالسۇن، - دەپ ئىجازەت بېرىپتۇ پادىشاھ. - مېنىڭ بىر ئانام بار ئىدى، - دەپتۇ بالا كۆزىگە لىق ياش ئېلىپ، - مەن ئانامغا بەك ئامراق ئىدىم، ئاناممۇ ماڭا بەك ئامراق ئىدى، شۇڭا ئۆلۈم ئالدىدا ئانام بىلەن بىر كۆرۈشۈۋالسام. پادىشاھ رازىلىق بېرىپتۇ. جاللاتلار تەرەپ - تەرەپكە قاتىراپ بالىنىڭ ئانىسىنى ئىزلەپتۇ. ئانا بىر چەتتە كۆز يېشىنى توكۈپ تۇرغان ئىكەن، جاللاتلار ئانىنى بالىنىڭ قېشىغا ئاپىرىپتۇ. - جېنىم ئانا! - دەپتۇ بالا، - سەندىن بۈگۈن ئايرىلدىغان بولدۇم، سېنى ئاخىرقى قېتىم بىر ئېمىۋالسام. ئانا ئۆلۈم ئالدىدىكى بالىنى رازى قىلىش ئۈچۈن بالىنى باغرىغا بېسىپتۇ. زار - زار يىغلاپتۇ. بالا ئانىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى قاتتىق چىشلەپ تارتىپتۇ. ئانا ئاغرىقىغا چىدىماي «ۋايجان!» دەپ ۋارقىراپتۇ. كېتىپتۇ. لېكىن، بالا قويۇپ بەرمەي ئۇزۈۋاپتۇ. پادىشاھ بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ بالىنى يېنىغا چاقىرىپ: نېمىشقا ئۇنداق قىلىسەن، سەۋەب - سىرىنى ئېيت، - دەپ سوراپتۇ. بالا بۇرۇنقى قېتىم چامغۇر ئوغرىلاپ كەلگەن ۋەقەدىن باشلاپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى قالدۇرماي سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە ئاخىرىدا مۇنداق دەپتۇ: - مەن ھېلىقى دېھقاننىڭ چامغۇرىنى ئۆيگە ئېلىپ كىرگەندە، ئانام مېنى يامان ئىشتىن ياندۇرغان بولسا، مەن مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قالمىغان بولاتتىم. ئانامغا ساۋاق بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ توپچىسىنى چىشلەپ ئۈزۈۋالدىم. پادىشاھ بالىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ، گۇناھنىڭ كىمدە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپتۇ ۋە بالىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئانىنى جازالاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بالا ئومرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھالال ئەمگەك بىلەن ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق