بەرمەس قىزنىڭ سېلىقى ئېغىر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنمۇ ئەمەس، ھازىرمۇ ئەمەس، كۈن قاينىغان تومۇز ئايلىرىدا، كۆرۈنگەن تاغنىڭ بېرىسىدە بىر مەھەللە بولغانىكەن. بۇ مەھەللىدە ياشاۋاتقان «قوڭغۇز باي» نىڭ ئوغلى «بوڭ - بوڭ جان» بۇرۇتلىرىنى تولغاپ، جانان ئىزدەپ «جاھان» سەيلىسىگە چىقىپتۇ. ئۇ قانىتىنى كېرىپ، غۇڭۇلداپ ئۇچۇپ، نەچچە ئېرىق ئۆستەڭدىن ئۆتۈپ، دالانى كېزىپ، ئوت - چۆپى بولۇق، ساداسى قويۇق «غىڭ - غىڭ» شەھىرىگە چۈشۈپتۇ.
بۇ شەھەردە بەللىرى قىلدەك، ئاۋازى زىلدەك، كۆزلىرى خۇما، بوينىدا تۇما «مىڭ - مىڭ خان» ئىسىملىك بىر قىز بارىكەن. «مىڭ - مىڭ خان» نەغمە - ناۋاسى بىلەن «بوڭ - بوڭ جان» نى قارشى ئېلىپ زىلۋا ھۆسنى بىلەن ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپتۇ. يىگىتنىڭمۇ قىزنىڭ ئىشقى پىراقىدا يۈرەك - باغرى كاۋاپ بوپتۇ..
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇلار كېلىشىپ قاپتۇ. «بوڭ - بوڭ جان» مەھەللىسىگە كەيپى شىرسىمان بولۇپ راۋان بوپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ «قوڭغۇز باي» ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر تېپىپ، ئوغلىنى ئۆيلەش قارارىغا كېلىپ، ئەلچىلىرىنى باشلاپ «غىڭ - غىڭ» شەھىرىگە كېلىپ پاشىخانغا يەتتە ئېگىلىپ، سەككىز پۈكۈلۈپ. مىڭ بىر تەسلىكتە قۇدا بولۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بايان قىپتۇ. ئۇلار ئۇيان تارتىشىپ، بۇيان تارتىشىپ، نەچچە تىك تۇرۇپ، نەچچە ئولتۇرۇپ، قۇدا بولۇشقا پۈتۈشۈپتۇ. بۇ ئىشتىن خۇشاللانغان «بوڭ - بوڭ خان» نىڭ شەيدالىقى چاك بوپتۇ.
بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن كېلىشىم بويىچە «قوڭغۇز باي» ئۇرۇق - تۇغقان، قۇلۇم - خوشنىلىرىنى جەم قىلىپ، شايى - ئەتلەس، قەنت - كېزەكلەر بىلەن بەتتە پولۇلارنى تەييارلاپ، توينىڭ تاتلىق چېيىنى ئىچكۈزگەچ، ئېلىق - سېلىق ئۈچۈن پاشىخاننىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. پاشىخانمۇ بارلىق جەمەتلىرىنى جەم قىلىپ قۇدىلارنى كۈتۈۋاپتۇ. تائاملار يېيىلگەندىن كېيىن، شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە ئېلىق - سېلىق سېلىنىپتۇ. چوڭ - كىچىك پاشىخانلار بىرىنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا يەنە بىرى سۆزلەپ سېلىق ساپتۇ. قىزىنىڭ تويلۇقى، ئېلىپ كېلىدىغان ئانىلىق، يۇرتقا تارتىلىدىغان تاماقلارغىچە تۈر - تۈرى بىلەن مول سېلىنىپتۇ. خەتتاتنىڭ قەغەزلىرى تولۇپ، سىياھلىرى تۈگەپتۇ. يەنىلا سېلىق تۈگىمەپتۇ. تۆردە ئولتۇرغان چوڭ - چوڭ پاشىلار بۇرۇتلىرىنى بىر - بىرىگە تەگكۈزۈپ:
- غىڭ - غىڭ - غىڭ، ئەكىلىسىز ئون مىڭ، - دەپ خۇلاسىلىشىپتۇ.
توي سېلىقىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن قوڭغۇز بايلار:
- بىز ئۇرۇق - تۇققان بولىمىز. يۇرت ئېقىمى بويىچە بولسا، بىر قانچە «مىڭ» نى ئەكەلسەك، «ئون مىڭ» دىن چۈشۈپ بەرساڭلار، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ.
بىراق پاشىلار شۇ ھامان غۇلغۇلا كۆتۈرۈپ:
غىڭ - غىڭ - غىڭ،
ئەكىلىسىز ئون مىڭ.
كەڭچىلىكىمىز شۇ،
سالمىدۇق يۈز مىڭ، - دېيىشىپتۇ.
نېرى تات، بېرى تات بولۇنغان بۇ سورۇندا خاپا بولغان قوڭغۇز بايلار ئاچچىقىدا:
- بۇنداق رەھىمسىز يەردىن قىز ئالمىساق بولمىدىمۇ! «بەرمەس قىزنىڭ سېلىقى ئېغىر» دېگەن مۇشۇ - دە، بۇنداق توينى قويۇڭ! - دېيىشىپ، كەينى - كەينىدىن ئۇچۇپ كېتىپتۇ.