UyghurWiki
UyghurWikiچوچاققوڭغۇز ئاغىچا

قوڭغۇز ئاغىچا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى زامان زامان بولغاندا، ئاغىچىلار پەيدا بولغاندا، قوڭغۇز ئاغىچا بولۇۋاپتۇ. نامى يۇرتقا يېيىلىپتۇ. ئۇ شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قېرىپ كېتىشتىن قورقۇپ، ئەرگە تەگمەك بوپتۇ. ئۆزىگە لايىق ئىزلەپ مېڭىپتۇ، ھارماپتۇ - تالماپتۇ، مېڭىۋېرىپتۇ، ئالچاڭلاپ، ئېغاڭلاپ كېتىپ بارسا، ئۇنىڭغا بىر ئاتلىق كىشى يولۇقۇپتۇ: - قۇڭغۇز ئاغىچا، نەگە ماڭدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ ھېلىقى ئاتلىق كىشى. - ئەرگە تەگكىلى. - ئەرگە تەگسىڭىز ماڭا تېگىڭ. - ئاچچىقىڭىز كەلسە نېمە بىلەن ئۇرىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ قوڭغۇز ئاغىچا. - قامچام بىلەن، - دەپتۇ. ئاتلىق كىشى. - ياپىر، ئۇنداق بولسا، مەن ئۆلۈپلا قالىمەن! - دەپ ئۇنىماي، يولىنى داۋام قىپتۇ. قوڭغۇز ئاغىچا، كېتىۋاتسا ئىت يولۇقۇپتۇ: - قوڭغۇز ئاغىچا نەگە ماڭدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ ئىت. - ئەرگە تەگكىلى. - ئەرگە تەگسىڭىز ماڭا تېگىڭ. - ئاچچىقىڭىز كەلسە نېمە بىلەن ئۇرۇسىز؟ - بوش چىشلەپ قويمەن، - دەپتۇ ئىت. قوڭغۇز ئاغىچا: - ئۇنداق بولسا، مەن ئۆلۈپ قالىمەن! - دەپ يەنە مېڭىپتۇ. ئاخىرى چاشقانباي يولۇقۇپتۇ. - قوڭغۇز ئاغىچا نەگە ماڭدىڭىز؟ - دەپتۇ. چاشقانباي. - ئەرگە تەگكىلى. - ئەرگە تەگسىڭىز ماڭا تېگىڭ. - ئاچچىقىڭىز كەلسە نېمە بىلەن ئۇرىسىز؟ - ئاچچىغىم كەلسە، قويرۇغۇم بىلەن سىلاپ قويىمەن، - دەپتۇ چاشقانباي. - ئۇنداق بولسا ناھايىتى ياخشى ئىكەن، - دەپتۇ قوڭغۇز ئاغىچا. شۇنىڭ بىلەن چاشقانباينىڭ يۇمشاق شەرنىگە ماقۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا تېگىپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى قۇڭغۇز ئاغىچا قۇدۇقتىن سۇ تارتىمەن دەپ، قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپتۇ. چىقىشقا ھېچ ئىلاجى قىلالماي تىڭشاپ ياتسا، ئاتلارنىڭ دۇپۇرلىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئۇلار يېقىن كەلگەندە: - دۈپۈر - دۈپۈر ئاتلىقلار، ئات بېشىنى بۇراڭلار، قوڭغۇز ئاغىچا ئۆلمەك دەپ، چاشقانبايغا ئېيتىڭلار، - دەپتۇ. ئاتلىقلار چاشقانباينىڭ ئۆيگە بېرىپ، ئاتتىن چۈشمەيلا: دۈپۈر - دۈپۈر بىز كەلدۇق، شۇم خەۋەرنى ئېپ كەلدۇق، قۇڭغۇز ئاغىچاڭ قۇرۇقتا، ئۆلۈشىنى بىلىپ كەلدۇق، - دەپتۇ. چاشقانباي پىسەنت قىلماپتۇ. - ھەي، خوتۇنۇڭنى قۇتۇلدۇرۇۋالساڭچۇ، - دەپتۇ ئاتلىقلار. - قۇرۇقلۇققا چامام كەلگەن بىلەن سۇغا چامام كەلمەيدۇ، شۇغا چۈشكەن چاشقاننىڭ نېمە بولىدىغىنىنى ياخشى بىلىمەن. قانداق قىلسا، شۇنداق قىلسۇن، - دەپ يېتىۋېرىپتۇ. چاشقانباي. ئاتلىقلار دۈپۈرلىتىپ ئات چېپىپ كېتىپتۇ - دە، ئالدىراپ - سالدىراپ، ياغاچ شوتا تېپىپ، قۇدۇققا ساپتۇ، لېكىن قۇڭغۇز ئاغىچا چىقىماپتۇ، كۈمۈش شوتا ساپتۇ، چىقماپتۇ. ئاتلىقلار ھېچ ئىلاجى قىلالماي تۇرسا ئىت كەپتۇ. ئۇ كېلىپ ئەھۋالنى بىلىپتۇ - دە، شوتا بىلەن ئۆزى چۈشۈپ، قوڭغۇز ئاغىچىنى بوش چىشلەپ، ئېلىپ چىقىپتۇ. ئاندىن ئۇ قوڭغۇز ئاغىچىغا: - ئەمدى كىمگە خوتۇن بولىسەن؟ - دەپتۇ. قوڭغۇز ئاغىچا جاۋاب بەرگىچە چاشقانباي كېلىپ: - يۈر ئۆيگە، بۇنىڭ بىلەن نېمىشقا سۆزلىشىپ تۇرىسەن، - دەپ چىشلەپتۇ. - ھەي سەن ئاچچىغىم كەلگەندە، قۇيرۇغۇم بىلەن سىپاپ قويىمەن، دىمىگەنمىدىڭ، - دەپتىكەن، ئۇ يەنە چىشلىمەك بوپتۇ. شۇ چاغدا ئىت چاشقانبايغا: - ئەنە، مۈشۈكباي كېلىۋاتىدۇ، بۇ دەۋانى شۇ سورىسۇن، - دەپتىكەن، چاشقانباي قۇيرۇقىنى يوپۇرۇپ تىكىۋېتىپتۇ. قوڭغۇز ئاغىچا ئىتباي بىلەن يېتىلىشىپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق