باي بىلەن مەسۇم تاز
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا، يا بېشى يوق، يا ئايىقى يوق بىر دەريانىڭ بويىدا چوڭ بىر يېزا بولغانىكەن، ئۇ يېزىدا ناھايىتى بېخىل ۋە ناھايىتى زالىم بىر باي ياشايدىكەن. ئۇنىڭ بىر خوتۇنى، بويىغا يەتكەن بىر قىزى ۋە ئىككى - ئۈچ ياشلاردا بىر ئوغلى بار ئىكەن.
ئۇ باي ھەر يىلى چاكار ئىشلىتىدىكەن، لېكىن ئۇنىڭغا ھەق تۆلەشتىن قېچىپ، يىل توشاي دېگەن ۋاقىتتا كېچىسى ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئاستاغىنا تۇرىدىكەن، - دە، ئۇخلاۋاتقان چاكارنى كۆتۈرۈپ دەرياغا تاشلاپ ئاققۇزۇۋېتىدىكەن.
باينىڭ بۇ ئىشىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. بەزى كىشلەر باينىڭ چاكىرىنىڭ تۇيۇقسىزلا يوقاپ كېتىشىگە ھەيران بولۇشسىمۇ، ئۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەيدىكەن. پەقەت بىر كەمبەغەل كىشىنىڭ مەسۇم دېگەن بىر تاز بالىسى باينىڭ ئىشىدىن خەۋەردار بولۇپ قاپتۇ ۋە ئۆز كۆڭلىدە: >شۇ دەرياغا تاشلىنىپ غەرق قىلىنغان گۇناھسىز كەمبەغەللەرنىڭ ئەنتىنى سەن بايدىن بىر ئالمىسام، توختا< دەپ ئويلاپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى باي يەنە چاكار ئىزلىگەن ۋاقىتتا، ھېلىقى مەسۇم تاز كېلىپ چاكار بولۇپتۇ. ئۇنىڭ چاكار بولۇپ يۈرگىنىگە ھەپتە، ئايلار ئۆتۈپ يىل توشۇشقا يېقىنلىشىپ قالغاندا، باينىڭ ھېلىقى ئۈچ ياشلىق بالىسى ئۆلۈپ قاپتۇ. باي چاكىرىنى چاقىرىپ:
- ھەي، مەسۇم، سەن بېرىپ ئەنە ئاۋۇ كۆرۈنگەن قىرنىڭ قاپتىلىدىن گۆر كولىغىن، گۆرنىڭ چوڭقۇرلۇقى قۇلىقىڭ بىلەن باراۋەر بولسۇن، - دەپ ئەۋەتىپتۇ.
مەسۇم كەتمەننى كۆتۈرۈپ باي كۆرسەتكەن قىرغا بېرىپتۇ ۋە ياخشىراق بىر جاينى تاللىۋاپتۇ -دە، كەتمەن بىلەن بىر چېپىپتۇ ۋە قۇلىقىنى قويۇپ ئۆلچەپ كۆرگەنىكەن، بىر قۇلاق بوياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئون قۇلاق باراۋەرلىكىدە چوڭقۇرمىش. ئۇ: >بولدىلا، باينىڭ دېگىنىدىنمۇ چوڭقۇر بولۇپ كېتىپتۇ. ئەمدى ئارتۇقچە ئاۋارە بولماستىن دەم ئېلىپ ياتساممۇ بولىدىكەن،< دەپ بىر دەرەخنىڭ كۆلەڭگىسىدە سوزۇلۇپ يېتىپتۇ.
مەسچىت قوۋمى باينىڭ بالىسىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بايىقى قىرنىڭ قاپتىلىدا كولاشقا بۇيرۇلغان گۆرگە ئېلىپ بېرىشىپتۇ، قارىسا گۆر تەييار ئەمەس، مەسۇم بولسا، دەرەخنىڭ كۆلەڭگىسىدە ياتقۇدەك. بۇنى كۆرگەن باينىڭ ناھايىتىمۇ ئاچچىقى كېلىپ:
- ھەي، پاخشەكتار، ئەتىگەندىن بېرى نېمە قىلدىڭ؟ قېنى كولىغان گۆرۈڭ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ ۋە ئۇنىڭ كاچىتىغا بىر - ئىككىنى ساپتۇ.
- جېنىم باي دادا، قۇلىقىڭ بىلەن باراۋەر كولىغىن، دەپ ئۆزلىرى ئېيتتىلىغۇ، ئەنە قارىسىلا، بىر قۇلاق بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئون قۇلاق باراۋەرلىكىدە كولاپ قويدۇم، - دەپ ھېلىقى كەتمەننىڭ ئىزىنى كۆرسىتىپتۇ مەسۇم.
باينىڭ ھەر قانچە ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، ھازا ئۈستىدە ئۆزىنى بېسىپ:
- بار جۇگۇر، ئۆيدىكى بارلىق كەتمەن - گۈرجەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ كەلگىن، كۆپچىلىك ئولاش - چولاش بولۇپ، چاپسانراق كولىۋېتڭلار! - دەپ بۇيرۇپتۇ.
مەسۇم ئۆيىگە بېرىپتۇ - دە، باينىڭ خوتۇنىغا:
- ئاغچا خېنىم، باي دادام مۆھۈرىنى بەرگەي دەيدۇ، - دەپتۇ.
باينىڭ خوتۇنى مەسۇمنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەستىن:
- ھەي پاخشەكتاز، باي داداڭغا گۆر ئۈستىدە مۆھۈر نېمىگە كېرەك بولۇپ قاپتۇ؟ سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن، - دەپ بەرمەپتۇ.
- نېمىگە كېرەك بولۇپ قالغىنىنى بىلمەيمەن، لېكىن سورىغىنى خۇدا ھەققى راست، ئەگەر ئىشەنمىسىلە، يۈرسىلە ئۆگزىگە چىقىپ سورايلى، ئەنە ئاۋۇ يەردىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، - دەپتۇ مەسۇم.
شۇنىڭدىن كېيىن باينىڭ خوتۇنى بىلەن مەسۇم ئىككىسى ئۆگزىگە چىقىپتۇ. مەسۇم قىردىكى بايغا قاراپ:
- ھاي باي دادا! ئاغچام بەرمەيۋاتىدۇ، - دەپ ۋارقىراپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان باي كەتمەن - گۈرجەكلەرنى بەرمەيۋاتسا كېرەك دەپ ئويلاپتۇ - دە، خوتۇنىغا ئاچچىقى كېلىپ:
- ھاي ئەخمەق خوتۇن، ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەستىن چاپسانراق بېرىۋەتسەڭچۇ، - دەپ ۋارقىراپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن باينىڭ خوتۇنى ساندۇقتىن مۆھۈرىنى ئېلىپ بېرىپتۇ. مەسۇم مۆھۈرىنى ئېلىپ، كەتمەن - گۈرجەكلەرنىمۇ يىغىشتۇرۇپ قىرغا كەپتۇ. ئۇ يەردە ئۇلاش - چولاش بولۇپ بىردەمنىڭ ئىچىدە گۆرنى كولاپ، بالىنى دەپنە قىلىشىپتۇ. مۆھۈردىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى بولماپتۇ.
ئاخشىمى باي بىلەن خوتۇنى مەسلىھەتلىشىپ:
- بۇ تازنىڭ ئىشلەپ يۈرگىنىگە بىر يىل توشۇپ قالدى. بۈگۈن ئەتە ھەق تەلەپ قىلىپ قالغۇچە بۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتەيلى. تۈن يېرىمىدىن ئۆتكەندە چىقىپ مېنى ئويغات، بولمىسا قاتتىق ئۇخلاپ قېلىشىم مۇمكىن، چۈنكى بۈگۈن بەك چارچاپ كەتتىم، - دەپتۇ باي. ئۇ باي يازلىقى باغدا گۈللەرنىڭ ئارىسىغا قويۇلغان بۈكلۈكتە ياتىدىكەن، چاكىرى بولسا، ئۇنى قورقمىسۇن دەپ نېرىراق بىر يەردە سۇپىدا ياتىدىكەن.
مەسۇم تاز بۇلارنىڭ مەسلىھىتىنى ئاڭلاپ قاپتۇ ۋە كېچىسى ئۇخلىماستىن يېتىپتۇ، بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن، تۈن يېرىمىغا يېقىنلاشقاندا باي خورەك تارتىپ راسا قاتتىق ئۇخلاپ قاپتۇ.
مەسۇم تاز ئاستاغىنا ئورنىدىن تۇرۇپ باينىڭ يېنىغا بېرىپ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ ئەكىلىپ ئۆزىنىڭ ئورنىغا ياتقۇزۇپتۇ - دە، ئۆزى ئۇنىڭ ئورنىغا يېتىۋاپتۇ.
بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن - تۈن يېرىمىدىن ئۆتكەن چاغدا باينىڭ خوتۇنى شىپىلداپ كېلىپ:
- ھەي ئاتىسى، تۇرسىلا، ئاۋۇ تاز توڭگۇزدەك خۇرۇلداپ راسا قاتتىق ئۇخلاۋېتىپتۇ، ئويغىنىپ قالغۇچە چاپسان ئۇجۇقتۇرۇۋېتەيلى، - دەپ نوقۇپتۇ قاراڭغۇدا ئۇنىڭ مەسۇم ئىكەنلىكىنى تونۇماستىن.
مەسۇم تاز ئۈن چىقارماستىن باينىڭ خوتۇنى بىلەن بىللە سۇپىغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئۇخلاۋاتقان باينى كۆتۈرۈپ بېرىپ دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ. باينىڭ خوتۇنى ئۆيىگە كىرىپ ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن، مەسۇم تاز ئاشخانىغا كىرىپ چىراغنى ياندۇرۇپتۇ - دە:
>مۇشۇ كۈنگە كەلگۈچە خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز چوڭ كىشىلەرنى دەرياغا تاشلاپ، خۇدانىڭ ئالدىدا چوڭ گۇناھلارنى قىلدۇق. بۈگۈن ئاخشام چاكىرىمىز مەسۇمنىمۇ تاشلىغانىدۇق، لېكىن ئۇ خۇدانىڭ ئەزىر بەندىسى بولغانلىقتىن، سۇغا غەرق بولماستىن قايتىپ چىقتى. ئەمدى مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە شۇ كۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا قىلغان گۇناھلىرىمنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۆزۈم دەرياغا تاشلىدىم. بارلىق مال - مۈلكۈم، ئۆي - جايىم ۋە قىزىمنى ئۆزۈمنىڭ بالىسى ئورنىدا مەسۇمنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردۇم< دەپ يېزىپتۇ - دە، باۇنىڭ مۆھۈرىنى ئېلىپ بېسىپتۇ.
ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ھويىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ: >ۋاي باي دادام! ۋاي باي دادام!< دەپ ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باينىڭ خوتۇنى ۋە قىزى قورققىنىدىن ئۆڭلىرى ئۆچۈپ يۈگۈرۈپ چىقسا، كېچىسى دەرياغا تاشلىۋېتىلگەن مەسۇم تاز >ۋاي باي دادام< دەپ يىغلاپ يۈرگۈدەك. ھېلىقى خوتۇن ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ دەپ ھاڭ - تاڭ بولۇپ تاشتەك قېتىپ قاپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۆزىگە كېلىپ:
- ھەي تاز، نېمە بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ۋاي ئاغىچە خېنىمەي، باي دادام ئۆلگۈچە مەن ئۆلسەم بولمايتتىمۇ، بۇ خۇدانىڭ قانداق تەقدىرىدۇر؟! - دەپ تېخىمۇ بەكرەك يىغلاپ ھېلىقى خەتنى بېرىپتۇ. باينىڭ خوتۇنى بىلەن قىزى خەتنى ئوقۇپ يىغلىشىپتۇ، قاقشىشىپتۇ، بىراق ئورنىغا كەلمەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، يىغا - زارىلار بېسىلغاندىن كېيىن، تەقدىرگە تەن بېرىپ، ھېلىقى >ۋەسىيەت خەت< كە بىنائەن قىزنى مەسۇم تازغا نىكاھ قىلىپ بېرىپتۇ. مەسۇم تاز پۈتۈن مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇپتۇ. ئۇ: >بۇ ماللارغا مۇشۇ يېزا كەمبەغەللىرىنىڭ قان - تەرى سىڭگەن< دەپ ماللارنىڭ ھەممىسىنى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىۋېتىپتۇ - دە، ئۆزى شۇ كۈندىن باشلاپ بەختلىك كۈن كەچۈرۈشكە باشلىغانىكەن.