UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقدانا بىلەن ۋاپا

دانا بىلەن ۋاپا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى زاماننىڭ زاماندا دانا بىلەن بىر قىز، ۋاپا دېگەن بىر يىگىت بولغان ئىكەن. ئۇلار بىر - بىرىگە ئاشىق ئىكەن. ۋاپا دانانى كۆرمىسە زادى چىدىمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، قانچە جاپالارنى تارتسىمۇ، ھېچ كۆزىگە كۆرۈنمەيدىكەن. ئەمما دانانى دادىسى تالاغا چىقارمايدىكەن. ۋاپانىڭ كۈنى دانانىڭ ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىغ قارىشىپ ئۆتكەنلىكتىن، كۈندە دانانى كۆرۈپ تۇرىدىكەن. ئارىدىن يىللار ئۆتۈپتۇ. دانا بىلە ۋاپانىڭ بىر - بىرىگە بولغان ئىشقى تېخىمۇ كۈچىيىپتۇ. «ئېتىز - ئېرىقلارغا بارغاندا مېنى كۆرگەندەك كۆرۈپ تۇرارسەن» دەپ، دانا ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى ۋاپاغا بېرىپتۇ. ۋاپا بولسا، ئېتىز بېشىغا بېرىپ ئىشلىگەندە قىزنىڭ سۆرىتىنى بىر باراقسان دەرەخقە ئېلىپ قويىدىكەن كۈنلەرنىڭ بىركۈنى ۋاپا مەھبۇبىسىنىڭ سۆرىتىنى بىر ياغاچقا ئېلىپ قويۇپ ئىشلەۋاتسا، قاياقتىندۇر بىر قۇيۇن تۇيۇقسىز كېلىپ، سۈرەتنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ۋاپا كەينىدىن بىر يەرلەرگىچە يۈگۈرۈپ بېقىپتۇ - بولماپتۇ؛ قۇيۇن پىقىرىغان پېتى بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. شەنبە كۈنى چىڭقى چۈش مەزگىلىدە قاھىرە شەھىرىنىڭ پادىشاھى راۋاقتا ئولتۇرسا، ھېلىقى سۆرەت قاياقتىندۇ پادىشاھنىڭ يېنىغا چۈشۈپتۇ. پادىشاھ دەررۇ قولىغا ئېلىپ قارىسا، بىر پەرى، پادىشاھ «ئاھ» دەپتۇ - دە، قىزغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. پادىشاھ ئەمىر بېرىپ، بەش يۈز ئاتلىق ئادەمنىڭ ھەر بىرىنىڭ قولىغا بىردىن قىزنىڭ سۆرىتىنى تۇتقۇزۇپ: - ئەي، مېنىڭ سادىق ئوغۇللىرىم! مەن مۇشۇ قولۇڭلاردىكى سۆرەتتىكى قىزغا ئاشىق بولدۇم. كىمدە - كىم مۇشۇ قىزنى تېپىپ كەلسە، دېگەن تلىۋىنى ئورۇنلاپ بېرىمەن، - دەپ ئۇلارنى يولغا ساپتۇ. بەش يۈز ئەسكەر شەھەرمۇ - شەھەر ئىزلەپ بىر يىل يۈرۈپتۇ. قىزنى ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ. بۇلار بارمىغان شەھەر، چىقمىغان سەھرا، كىرمىگەن قورا، ئاختۇرمىغان ئۆي قالماپتۇ. بولماقتەك ئاتلار تايغاندەك تارتىلىپتۇ. ئادەملەرمۇ ئاچ زېرىن يۈرۈپ بەك ئالدىراپتۇ؛ بەزىلىرى سۇسىز يەرلەردە ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى قەشقەر دېگەن شەھەرنىڭ ئەڭ چەت بىر يېزىسىدا پادىشاھنىڭ چىقارغان ئادەملىرىدىن تۆت كىشى ئۇچرىشىپ قاپتۇ. ئۇلار قۇچاقلىشىپ، يىغلىشىپ، قاقشىشىپ، بىر تېرەكنىڭ تۈۋىدە قونۇشۇپتۇ. ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىدىن ئۆتكەننى ئېيتىپ، شۇ يەردە كېچىنى ئۆتكۈزۈپتۇ، ئەتىسىگە تۆت ئاتلىق بىرلىكتە ھېلىقى قىزنى چۈشكىچە ئىزلىشىپتۇ. ئۇلار ئايرىلىش ئالدىدا، بىر قوراغا شۇنداق كىرسە، بىر قىز ئىتتىك ئۆيىگە كىرىپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئاتلىقلاردىن بىرى: - ھەي سىڭلىم، - دەپ ۋارقىراپتۇ. - خوش، - دەپلا يەرگە قاراپ تۇرۇپتۇ. ھېلىقى قىز. - خاپا بولمىسىڭىز، بىز بەك ئۇسساپ كېتىپ كىرىپ كەلدۇق، بىر چىنە سۇ بەرسىڭىز، - دەپتۇ ھېلىقى ئاتلىق. قىز ئىتتىك ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئاپقۇرغا سۇ ئېلىپ، يەردىن ئۈستۈن قارىماي سۇنى بېرىپتۇ. ئاڭغىچە بۇلار يېنىدىكى سۈرەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ بىرلىككە كەپتۇ. دە، قىزنى زورلۇق بىلەن ئاتقا ئارتىپ، ئېلىپ قېچىپتۇ. قىز ۋارقىراپتۇ. چىرقىراپتۇ. ھېچنەرسە قىلالماپتۇ. تۆت ئاتلىق دانانى پادىشاھغا ئاپىرىپ تاپشۇرۇپتۇ. قىز پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھېچ قارشىلىق قىلماپتۇ، ئەكسىچە: ۋاي، مەن سىزنى چۈشۈمدە كۆرۈپ، ئاشىق بولغان ئىدىم: مانا خۇدايىم مۇرادىمغا يەتكۈزدى! مەن سىزدەك ئۇلۇغ پادىشاھقا ئۆزەمنى قوبۇل قىلماي كىمگە قوبۇل قىلىمەن. مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە، بىراق مېنىڭ بىرلا شەرتىم بار: دادام يېقىندا ۋاپات بولغان؛ شۇنىڭغا قىرىق كۈن قارىلىق تۇتۇشۇم كېرەك، - دەپتۇ. پادىشاھ ماقۇل بولۇپ، قىز ئۈچۈن بىر راۋاق ياسىتىپ، قىزنى شۇ يەردە تۇرۇشقا، تالا - تۈزىگە چىقماسقا بەنت قىلىپ، قىرىق كىنىزەكنى قوشۇپ قويۇپتۇ.. ئەمدى گەپنى ۋاپدىن ئاڭلايلى: ۋاپا ئېتىزدىن كېلىپ قارىسا دانا يوق؛ ئاتا - ئانىسى يەر - جاھاننى قاساپ يىغلاۋاتقان ئىكەن. ئەھۋالنى ئاڭلاپ، ۋاپامۇ ھۆكىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. شۇ ۋاقىتتا ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ داناغائاشىق ئىكەنلكىنى بىلىپتۇ. ۋاپا دانانىڭ ئالدىنئالا ئېيتىپ يۈرگەنلىرىنى مانا ئەمدى كەلگەنلىكىنى ئېسىگە ئاپتۇ - دە، تەركى جاھان بولۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. كۈلەر، ئايلار مېڭىپ، سەھرالار، شەھەرلەرنى كېزىپ، بىر كۈنلەردە قاھىرە شەھىرىگە يېتىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىپ بېرىپتۇ. شۇ كۈنى دانا ئاشىقىنىڭ ۋەدە بويىچە، كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ، راۋاقتا ئولتۇرۇپتۇ. ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز پادىشاھ قىزنىڭ يېنىغا چىقىپ ئولتۇرغانلىقىغا ئۆز - ئۆزىدىن ھوزورلىنىپ تۇرۇپتۇ . شۇ چاغدا دانانىڭ ئاشىقى ۋاپا: - ھەي سامسا، سامسا! - دەپ ۋارقىراپ ئوردىغا كىرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن دانا ئۆز - ئۆزىدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. پادىشا: - سىز ئوتتۇز توققۇز كۈندىن بېرى چىرايىڭىزنى ئاچمىغان ئىدىڭىز، ئەجەپ كۈلۈپ كەتتىڭىزغۇ؟ - دەپ سوراپتۇ - دە، قىزنى بىلىكىدىن تۇتۇپتۇ: - بەس، پادىشاھ- ھىم! بىر كۈن تەخىر قىلىڭ! ئەگەر بىر كۈن تەخىر قىلشقا چىدىمىسىڭىز، بىر شەرتىم بار، شۇنى ئوتۇنلاڭ ئاندىن ئۆزەمنى سىزگە تەقدىم قىلىمەن، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ھىچ تاقەت قىلىپ تۇرالماپتۇ - دە: - قېنى ئېيتىڭ جېنىم چوقۇم ئورۇنلايمەن! - دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا، سىز ئاۋۇ سامسىچىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كېيىپ، سامسىنى كوتىرىپ ئوردىنى ئۈچ چوگىلەڭ، شۇنىڭ بىلەن بولدى، - دەپتۇ. - بولىدۇ، - دەپتۇ پادىشاھ، - بىراق مېنىڭ سامسىنى كۆتىرىپ ماڭغىنىمنى ھېچكىم تۇيمىسۇن، ئەگەر بۇنى باشقىلار ئاڭلاپ قالسا، پادىشاھلىق ئىناۋىتىم توكۈلىدۇ؛ ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئۆلگىنىم ياخشى، - دەپتۇ. - تۇيغۇزمايمىز، - دەپتۇ - دە، دانا شەرەت قىلىپ ئاشىغى ۋاپانى قېشىغا چاقىرىۋاپتۇ. پادىشاھ دەررۇ كىيىملىرىنى يۆتكەكپ توۋەنگە چۈشۈپ؛ «ۋاي سامسا» دەپ ۋارقىراپتۇ. شۇ چاغدا دانا ۋاپاغا: - سامسىىنى ئولتۇرۇش ئۈچۈن جاللاتلارغا ئەمىر بېرىڭ! - دەپتۇ. - جاللات! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ۋاپا. - لەببەي، پادىشاھى ئالەم، - دەپ ئالتە جاللات ھازىر بوپتۇ. - مېنىڭ ئوردامغا سامسا سېتىپ كىرىدىغان قانداق مەخلۇق ئۇ؟ ! ھازىر كاللىسىنى ئال! - دەپ ئەمىر بېرىپتۇ پادىشاھ كىيىمىنى كىيىپ ئولتۇرغان ۋاپا. - خوش، - دەپتۇ - دە، جاللاتلار «ۋاي، مەن پادىشاھ» دېگىنىگە قارىماي، ناپسەت پادىشاھنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دانا بىلەن ۋاپا پادىشاھ بولۇپ، يۇرتنى ئادالەتلىك سوراپ، مۇرات - مەقسەتلىرىگە يېتىپتىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
دانا بىلەن ۋاپا | UyghurWiki | UyghurWiki