UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقساپ كۆڭۈل يىگىت ۋە زېھنىلىك قىز

ساپ كۆڭۈل يىگىت ۋە زېھنىلىك قىز

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا، تېرىق تۇلۇمدا، يېتىم بۇلۇڭدا، ئوچاق كۇلۇڭدا بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەھەرگە يىراق يېزىنىڭ چېتىدە بىر يېتىم بالا بولغان ئىكەن. ئۇ ئۆزى يۇرتىدا قانچە ئىشلىسىمۇ، قوسىغى تويغىدەك غىزا، ئۇچىسى ئىسىغىدەك كىيىمگە ئېرىشەلمەپتۇ. ئاخىرى «كونىلار: يەردىن يەرگە كوچسە سائەت، دەپتىكەن، مەنمۇ بۇ يۇرتتىن باشقا يۇرتلارغا يوتكىلىپ باقاي» دېگەن يەرگە كەپتۇ - دە، باشقا يۇرتلارغا قاراپ مېڭىپتۇ. يېتىم بالا ئۇندا ئىشلەپ، بۇندا كەچلەپ دېگەندەك، يۇرت ئارىلاپ يۈرۈپ، ئارىدىن بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈپتۇ. لېكىن ھممە يەردە «قازاننىڭ قولىقى تۆت»، بارغان يېرىنىڭ ھېچبىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەپتۇ. شۇڭا ئۇ سەپىرىنى توختاتماي داۋام قىلىۋېرىپتۇ. ئۇ يول يۈرۈپ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ، ئارىدىن بىر نەچچە كۈنلەر ئۆتكەندە، بىر ئېرىقنىڭ بويىغا كېلىپ، ئارام ئېلىپ، سۇ ئىچىپتۇ، كۈمۈشتەك سۈزۈك، ھەسەلدەك شىرىن بۇ سۇ يىگىتنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ قاپتۇ. يۈز - كۆزىنى يۇيۇپ، ئۆزىنى سەگىتكەندىن كېيىن، بېلىدىكى پۇچۇق ناننى ئېلىپ، سۇغا چىلاپ يىيىشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا سۇدىن يىگىتنىڭ ئالدىغا بىر ئالما ئېقىپ كەپتۇ. يىگىت ئۇنى ئاپتۇ. قارىسا، چىرايلىق قىزىرىپ پىشقان ئالما. يىگىت كۆپ ئويلاپ ئولتۇرمايلا ئالمىنى يەپ قويۇپتۇ. كېيىن قولىنى چايقاپ ئولتۇرۇ: «بۇ ئالمىمۇ ماڭا ئوخشاش بىر بىچارە غېرىپنىڭ ئاران تاپقان ئوزۇقى بولغىيدى، ئۇ، بۇنى يۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى نەلەردە قاقشاپ يۈرگەندۇ؟ مەن ئالمىنى ئەجەپ ئويلىماي يەپ قويۇپتىمەن، ھېلىھەم ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات قىلىپ، ئالمىنىڭ ئىگىسىنى تاپاي - دە، ئالمىنى يەپ قويغانلىقىمنى ئېيتىپ، رازىلىقىنى ئالاي» دەپ ئويلاپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېرىق ياقىلاپ ئالما ئېقىپ كەلگەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ ماڭا - ماڭا قىرلاردىن ئېشىپتۇ. بەل - پۇتى تېلىپتۇ. لېكىن ئارام ئالماي ئاخىر ئېرىقنىڭ بېشىغا بېرىپتۇ. قارىسا بۇ ئېرىق چوڭ بىر باغنىڭ شورىسىغا بېرىپ تاقىلىپتۇ. يىگىت باغنى ئالىنىپ قارىسا، يېقىن ئەتراپتا بۇ باغدىن باشقا ھېچنىمە يوق. يىگىت «مەن يىگەن ئالما مۇشۇ باغنىڭ ئالمىسى بولسا كېرەك، باغقا كىرىپ، باغۋەننىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ كېتەي» دېگەن نىيەتكە كېلىپ، باغنىڭ ئىشىكىگە قەدەم بېسىپتۇ. ئىچكىرى كىرىپ قارىسا، ساقىلى سۇتتەك ئاقارغان، مەڭزى ئالمىدەك قىزىل ئوتتۇرا بوي بىر دېھقان قولىدىكى كەتمىنىنى ئېرىقتا چايقاپ تۇرغىدەك. يىگىت ئاقساقال كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بېرىتۇ. سالام ئالغان دېھقان: - ئوغلۇم، ئۆزەڭ كىم بولسەن؟ بۇ يەرلەردە نېمە ئىش قىلىپ يۈرىسەن؟ - دەپتۇ ۋە بالىغا بىر قۇر سىنچىلاپ قاراپ چىقىپتۇ. يىگىت ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بىر قۇر بايان قىلىپ كېلىپ، ئالمىنى ئېرىقتىن سۈزۈپ ئېلىپ يەپ قويغاندىن كېيىنكى پۇشايمىنىنى ۋە ئالمىنىڭ ئىگىسىنى تېپىپ رازىلىق ئېلىش ئۈچۈن كۈن بويى يول مېڭىپ، بۇ تەرەپكە كەلگىنىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بالىنىڭ گېپىنى قىزىقىپ ئاڭلىغان دېھقان يىگىتنىڭ ساپ كۆڭلىگە قايىل بولۇپ، بۇ يىگىتنى ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلماقچى بوپتۇ ۋە بۇ مەقسەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئويلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: ئوغلۇم، بۇ گېپىڭنى ئاڭلىغان باغۋەن سېنىڭدىن رازى بولماي تۇرالامدۇ؟ بىراق، ئالمىنى پەرۋىش قىلدۇرغان ئادەم ئۈچۈن بۇ سۆز كۇپايە قىلمايدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى مېنىڭ ئۆزەمنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭ بەدىلىگە مەندىن قانداق ئىش تەلەپ قىلسا، شۇنى قىلىپ بېرىپ، رازىلىقىنى ئېلىشقا تەييارمەن، - دەپتۇ يىگىت. - بەللى ئوغلۇم، مۇرادىڭغا يەت، - دەپتۇ دېھقان، - سەن سۇدىن سۈزۈپ ئېلىپ يىگىن ئالما ئەسلىدە مېنىڭ يالغۇز قىزىمغا ئاتاپ خىللاپ ئۈزۈلگەن ئىدى. مەن ئۇنى ئېلىپ ئېرىقتىن ئاتلىغاندا، قولۇمدىن سۇغا چۈشۈپ كەتتى. شۇڭا ئارقىسىدىن ئانچە قوغلاشمىغان ئىدىم. گېپىڭگە قارىغاندا، ئۇ ئالما ساڭا نېسىپ بوپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەنغۇ بايىلا رازى بولغان ئىدىم، بىراق نىسۋىنىڭ ئىگىسى بولغان قىزىم تېخى بۇ گەپنى ئاڭلىمىدى. مەن قىزىمغا سېنىڭ ئىلتىماسىڭنى ئېيتاي، سېنىڭ شۇنچىلىك يولنى رازىلىق ئېلىش ئۈچۈن بېسىپ كەلگىنىڭنى ئاڭلىسا، ئۇمۇ رازىلىق بېرەر... دېھقان سۆزىنى شۇ يەردە تاماملاپ، ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ. خېلىدىن كېيىن چىقىپ يىگىتكە: - قىزىم: «شۇ يىگىت ئېغىر كۆرمىسە، مېنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىپ، باغنى بىر ئايلاندۇرسا رازى بولاي» دېدى، - دەپتۇ. يىگىت قىزنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىپ، باغنى ئايلاندۇشقا رازى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دېھقان بالىنى ئۆيىگە باشلاپ كېرىپ، يىراق - يېقىندىكى تۇغقانلىرىنى يىغىپ، توي قىلىپ، قىزىنى بېرىپتۇ. نىكاھ تۈگىگەندىن كېيىن يىگىت قىز بار ئۆيگە كىرسە، ئۆينىڭ تورىدە ئايدىن چىرايلىق، كۈندىن نۇرلۇق، پەرىزاتتەك بىر قىز ئولتۇرغىدەك ئۇنىڭ شەكلى - جامالىنى كۆرگەن يىگىت: «مەن ئېزىپ قېلىپ، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قالغان ئوخشايمەن» دەپ ئويلاپ ئارقىسىغا يېنىپتىكەن، قىز ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تازىم قىلىپ تۇرۇپ: - كېچىدە مېنى يالغۇز تاشلاپ نەگە بارىسىز؟ - دەپتۇ. خىجالەتچىلىكتە قالغان يىگىت يەردىن ئۈستۈن قارىماي تۇرۇپ: - ئۆز ئۆيۈمگە، - دەپتۇ. - ئۆز ئۆيىڭىز مۇشۇ، - دەپتۇ قىز، - مەن سىزنىڭ نىكالاپ ئالغان جۈپتىڭىز. - سىز راست دېھقاننىڭ قىزىمۇ، - دەپتۇ يىگىت كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەن ھالدا قىزغا قاراپ. ھە... ئە، - دەپتۇ قىز. - ئانداق بولسا دادىڭىز يالغانچىكەن، مېنى ئالداپتۇ، - دەپتۇ يىگىت. - دادام سىزنى نېمە دەپ ئالداپتۇ؟ - دەپتۇ قىز. - قىزىمنىڭ قولى تۇتماس، پۇتى باسماس، كۆزى كۆرمەس، بېشى تاز دېگىنى ئالدىغىنى ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ يىگىت قىزغا ئەجەپلىنىپ قاراپ. - دادامنىڭ ئۇ گېپى سىزنى ئالدىغانلىقى ئەمەس، ئۇ سۆزدە سىر بار. - مەن بۇ گەپتىن ھېچنېمە چۈشىنەلمىدىم، بۇ قانداق گەپ؟ - دەپتۇ يىگىت. - ئۇ سىر مېنىڭ ئىشىمغا تالىق، - دەپتۇ قىز، - دادامنىڭ مېنى تاز دېگىنى بېشى بوش دېگىنى، كۆزى كور دېگىنى نامەھرەمدىنى كۆرمىدى دېگىنى، پۇتى باسماس دېگىنى يامان يولغا ماڭمىغان دېگىنى، قولى تۇتماس دېگىنى باشقىلارنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتمىغان دېگىنى. يىگىت قىزنىڭ كوڭلىنىڭ ساپلىقىغا، زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىگە، دېھقان بوۋاينىڭ ئەقلىگە ھەيران بولۇپ، قالغان ئومرىنى شۇلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق