پوچى موزاي
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
موزاي ئانىسىدىن ئايرىلماي چوڭ بولۇپتۇ. ئۇنىڭ ئانىسى ئۈسسۈگەك ئىكەن. ھەممە ئىنەكلەر ئۇنىڭدىن قورقىدىكەن. ھەتتا ئۇنىڭ موزىيىغىمۇ چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن. بۇنىڭدىن پەخىرلەنگەن موزاي ھەممىلا يەردە ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىپ پوچىلىق قىلىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پوچى موزاينىڭ ئۈسسۈگەك ئانىسى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئىنەكلەر موزايدىن قورقمايدىغان بولۇپتۇ. بىراق، پوچى موزاي يەنىلا ھەممىلا يەردە ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ زەي سالماي پاختىنى ئاتىۋېرىپتۇ. بىر كۈنى قوتاندىكى كالىلاردىن بىرى ئۇنىڭغا:
- سەن ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەنسەن. ئاناڭ ئۈسسۈگەك قورقماس ئىدى. سەن ھۈنىرىڭنى بىزگە بىر كۆرسىتىپ، ئاۋۇ ياتقان كۆك بۇقا بىلەن ئۈسسۈشۈپ باقساڭ! - دەپتۇ.
پوچى موزاي كۆك بۇقىنى مەڭسىتمىگەن ھالدا ھۆكىرەپ ئوتتۇرىغا ئېتىلىپ چىقىپ، پۇتى بىلەن يەرنى تاتىلاپ بۇقا بىلەن ئېلىشىشقا تەييارلىنىپ تۇرۇپتۇ. قوتاننىڭ بىر بۇلۇڭىدا ياتقان كۆك بۇقا ئورنىدىن ئاستا قوپۇپتۇ. پوچى موزاي بىلەن كۆك بۇقا ئۈسۈشۈشكە باشلاپتۇ. ئاچچىقى كەلگەن كۆك بۇقا پوچى موزاينى كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۈسۈپتىكەن. پوچى موزاينىڭ بېشى ئىككى پارچە بولۇپ، مىڭىسىنىڭ قېتىقى چىقىپ كېتىپتۇ.
قوتاندىكى كالىلار بۇنى كۆرۈپ پوچى موزايغا >تازا خوپ بولدى!< دەپ، يايلاققا ئوتلىغىلى چىقىپ كېتىپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ئۈچ ئۆستەڭ ئارا مەھەللىدىن: قاسىم ئابلا