UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى

پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا ئۆتكەن خوتەن پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى بار ئىكەن. پادىشاھ بۇ ئۈچ قىزىغا نۇرغۇن دۇنيا خەجلەپ ئۈچ باغ ياسىتىپتۇ. بۇ ئۈچ قىزنىڭ 40 تىن 120 كىنىزىكى بارئىكەن. بۇ باغقا ئۇلاردىن باشقا ھېچقانداق كىشىنىڭ كىرىشىگە بولمايدىكەن. بىركۈنى پادىشاھ يۈسۈپ ئاتلىق ۋەزىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ: - سىز قىزلارنىڭ بېغىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرى بارمۇ، سۇلىرى توختاپ قالدىمۇ، مېۋىلىرى قۇرۇپ كەتتىمۇ، تاملىرى ئۆرۈلۈپ كەتتىمۇ؟ كۆرۈپ كېلىڭ، بۇزۇلغان يەرلىرى بولسا، تېزلىك بىلەن ياسىتايلى، قىزلار بۇزۇلغان يەرلەرنى كۆرسىمۇ بىزگە ئېيتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىز ئالدىن تەكشۈرۈپ باقايلى، - دەپتۇ. ۋەزىر باغنى تۈگەل تەكشۈرۈپتۇ. ھەتتا قىزلارنىڭ راۋاقلىرىنىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈپتۇ. قارىسا، باغنىڭ بەش - ئالتە تۈپ مېۋىسى قۇرۇپ كەتكەن، ئېرىقلار سۇ سىز تۇرغان، بىر تام ئۆرۈلەي دەپ قالغان. راۋاقنىڭ خىشلىرى ئاجراشقا باشلىغان، ۋەزىر باغنى ئارىلاپ يەنە بىر يەرگە كەلسە، قىزلار ئۆز ئارا پاراڭلىشىۋاتقان. ۋەزىر «بۇلار نېمە دىيىشىۋاتىدىكىن» دەپ بىر يەرگە مۆكۈپ تىڭشاپتۇ. قىزلار بىر - بىرىگە: - بىزمۇ چوڭ بولۇپ قالدۇق. ئاتىمىز بىزنى ساقلاپ نېمە قىلىدىغاندۇ؟ ئەرگە بەرسە بولمامدىغاندۇ؟ - دەپ سۆزلىشىۋېتىپتۇ. ۋەزىر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، باغدىن يېنىپ پادىشاھقا باغنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى دەپتۇ ۋە ھەر بىر بۇزۇلغان يەرگە ئايرىم - ئايرىم ئادەم قويۇپتۇ. يەن بىر كۈنى ۋەزىر «مەدىكارلار قانداق ئىشلەۋاتىدىكىن، كۆرۈپ كېلەي» دەپ باغقا كەلسە، مەدىكارلارنىڭ بەزىلىرى ئىشلەۋاتقان، بەزىلىرى ئىش خوشياقماي ئولتۇرغان. ۋەزىر باغنى ئايلىنىپ قىزلارنىڭ يېنىغا كەلسە، قىزلار يەنە ئۆتكەنكى پاراڭنى قىلىشىۋاتقان ئىكەن. پادىشاھنىڭ قىزلىرىنىڭ بويىغا يەتكىنىنى كۆرگەن ۋە سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ۋەزىر پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، پادىشاھقا قىزلىرىنى ياتلىق قىلىش ھەققىدە گەپ ئېچىپتۇ. - پادىشاھىم، - دەپتۇ ۋەزىر، - بىز قىزلاردىن تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلساق، ياتلىق بولغاندا تاماق ئېتىشنى بىلمىسە سەت بولىدۇ. پادىشاھ ۋەزىرنىڭ بۇ مەسلىھىتىنى قوبۇل كۆرۈپتۇ ۋە قىزلىرىنى تاماق ئەتكۈزۈپ سىنىماق بوپتۇ. ۋەزىر قىزلارنىڭ يېنىغا كىرىپ: - داداڭلار سىلەرنى تاماق ئېتىپ بەرسۇن دەيدۇ. - دەپتۇ. قىزلار تاماق ئېتىشكە كىرىشىپتۇ. چوڭ قىزى كاۋاپ پىشۇرۇپتۇ، كاۋاپنىڭ يېرىمى كۆيۈپ كەتكەن، يېرىمى خام، ئوتتۇرانچى قىزى چوچۈرە ئېتىپتۇ. چۆچۈرىنىڭمۇ يېرىمى پىشقان، يېرىمى خام. كىچىك قىزى كۆرۈنۈشى توڭ بىر چىلگە كىرگۈزۈپتۇ. پادىشاھ بۇ تاماقلارنى يەپ باقسا، يېرىمى كۈيۈك يېرىمى خام، ئۇنىڭ كەينىدىن قىزلار يەنە باشقا تاماقلارنى كىرگۈزۈپتۇ، پادىشاھ بۇنى يەپ كۆرسە ناھايىتى تاتلىق ھەم مەززىلىك پىشقان. پادىشاھ بۇ ئىشقا ھەيران قاپتۇ. كېيىن چىلگىنى تىلسا، تېشى سويمىدەك تۇرغان بىلەن ئىچى پىشىپ كەتكەن. پادىشاھ بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ، ۋەزىردىن: - بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ. ۋەزىر پادىشاھقا: - بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىڭىز، مەن بۇ سىرنىڭ مەنىسىنى دەپ بېرىمەن، - دەپتۇ. - كەچتىم، - دەپتۇ پادىشاھ. - بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق، - دەپ سۆز باشلاپتۇ ۋەزىر،- بۇلارنىڭ تاماقنىڭ يېرىمىنى خام، يېرىمىنى كۆيدۈرۈپ كىرگۈزۈشىدىكى سەۋەب «بىز بالاغەتكە يەتتۇق، ياتلىق بولىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى» دېگىنى. كىچىك قىزىڭىزنىڭ سويما كىرگۈزگىنى «مېنى كىچىك دېگەن بىلەن مېنىڭمۇ ۋاقتى قارارىم يەتتى» دېگىنى. - ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ. - بىز بولارنىڭ ئۆزىدىن مەسلىھەت ئېلىپ، ئاندىن ياتلىق قىلايلى، - دەپتۇ ۋەزىر، پادىشاھ بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپ، قىزلىرىدىن ساراي خىزمەتچىلىرى ئارقىلىق مەسلىھەت سوراپتۇ. - ئۈچ كۈندىن كېيىن جاۋاب بېرەيلى، - دەپتۇ. قىزلار. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپتۇ. - ئاتام بىزگە ئىگىز راۋاق سالدۇرسۇن، - دەپتۇ. قىزلار ساراي خىزمەتچىلىرى ئارقىلىق ۋەزىرگە، - 14 كۈنگىچە پۈتۈن خەلق شۇ راۋاق ئالدىدىن ئۆتسۇن، بىز راۋاق ئۈستىدە تۇرۇپ ئۆزىمىزگە يارىغان يىگىتكە گۈل، ئالما ئاتىمىز، مانا شۇ يىگىتكە بىزنى بەرسە بولىدۇ. ۋەزىر قىلارنىڭ سۆزىنى پادىشاھقا يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ دەرھال راۋاق ياسىتىپ، «پۈتۈن خەلق راۋاق ئالدىدىن ئۆتسۇن!» دەپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ. بۇ خەۋەر شەھەر - شەھەرگە تاراپتۇ. ھەربىر شەھەردىن پادىشاھقا كۈيئوغۇل بولۇشنى ئارزۇ قىلغان شاھزادە، بەگزادىلەر، پۇقرالار كېلىشىپتۇ ۋە راۋاقنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. 10 - كۈنى بولغاندا بىر پادىشاھنىڭ ئوغلى راۋاق ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. پادىشاھنىڭ چوڭ قىزى شۇ شاھزادىگە گۈل، ئالما تاشلاپتۇ. پادىشاھنىڭ خىزمەتچىلىرى شاھزادىنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىرىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى ئوتتۇرانچى قىزى بىر ۋەزىرنىڭ ئوغلىغا گۈل ۋە ئالما تاشلاپتۇ. ئۇنىمۇ ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىرىپتۇ. كەنجى قىزى بولسا بىر گاداي بالىغا گۈل، ئالما تاشلاپتۇ. بۇ بالا بۇرۇن باشقا بىر شەھەردە بىر باينىڭ پادىچىسى ئىكەن، ئۇ ماللارنى بىر تاغقا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا، قاتتىق بوران چىقىپ كېتىپ، ماللاردىن ئايرىلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باينىڭ ئالدىغا مالسىز بېرىشتىن قورقۇپ، باشقا ياققا قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇ بىر تاغقا كەلگەندە، بىر بوۋايغا يولۇقۇپتۇ. بوۋاي مۇشۇ تاغدا شەيىخ بولۇپ ياشايدىكەن، ئۇ پادىچىدىن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. پادىچى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. - سەن بىر يېتىم ئىكەنسەن، - دەپتۇ بوۋاي پادىچىغا، - ئەمدى مەن سېنى ئوقۇتىمەن، مۇشۇ تاغدا بىر بۇلاق سۈيى بار، شۇ سۇدىن ئىچسەڭ پالۋان بولىسەن. پادىچى ماقۇل بوپتۇ. بوۋاي بالىنى ئوقۇتۇپتۇ، ئاندىن تاغدىكى بۇلاق سۈيى بىلەن يۇيۇپتۇ. يەنە بىر بۇلاق سۈيىدىن ئىچكۈزۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بوۋاي پادىچى بالىنى ئېلىپ يەتتە كۈنلۈك ساياھەتكە چىقىپتۇ. بۇلار بىر يەرگە كەلگەندە قاراقچىلارغا يولۇقۇپ قاپتۇ. قاراقچىلار بۇلارنى تۇتۇۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىگە ساپتۇ. بىر كۈنى قاراقچىلار قىمار ئويناپ تازا قىزىپ كەتكەن چاغدا، بوۋاي بىلەن بالا ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىپ كەپتۇ. - نېمىشقا كىرىشتىڭ، ئىشىڭنى قىلىشاڭ بولمامدۇ؟ - دەپتۇ قاراقچىلار. - ھەر بىرلىرىدىن شۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىۋالايلى دەپ كىردۇق، ھەممە ئىشنى پۈتتۈرۈپ قويدۇق، - دەپتۇ بوۋاي. - بوپتۇ، ئولتۇرۇپ ئۆگىنىۋالسۇن، - دەپتۇ قاراقچىلارنىڭ باشلىقى. قاراقچىلار يەنە قىمارنى باشلاپتۇ. بىر دەمدىن كېيىن بوۋاي: - مەنمۇ ئوينايمەن، - دەپتۇ. قاراقچىلار: - سەن نېمەڭگە ئوينايسەن؟ قۇرۇق جېنىڭغا ئوينامسەن؟ -دەپتۇ. - ئاشۇ تاغدىكى ماللار مېنىڭكى، - دەپتۇ بوۋاي يىراق بىر تاغنى كۆرسىتىپ، - مەن ئۇتتۇرۇپ قويسام، سىلەرگە شۇ تاغدىكى ماللارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن، ئەگەر سىلەر ئۇتتۇرۇپ قويساڭلارچۇ؟ - بىز ئۇتتۇرۇپ قويساق، - دەپتۇ قاراقچىلار، - ساڭا مۇشۇ دۇنيالىرىمىزنىڭ بارىنى بېرىمىز، يەتمىسە ئۆيىمىزدە چىرايلىق يىگىرمە قىزىمىز بار، شۇلارنىمۇ بېرىمىز. قىرىق قاراقچى ھەممە نەرسىلىرىنى بوۋايغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇ. بىراق ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىدىن تېنىپ يەنە ئويناپتۇ. بوۋاي ئۇلارنى قايتا - قايتا يەتتە قېتىم ئۇتۇۋاپتۇ. ئاخىرىدا قاراقچىلار چىدىماستىن بوۋاي بىلەن جەڭ قىلىشىپتۇ. بوۋاي قىرىق قاراقچىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆيدىكى قىزلارنى ئازاد قىپتۇ. قىزلارنىڭ ئۆيى يېقىنلىرىنى ئەرچە كىيىندۈرۈپ، ئاتلارغا مىندۈرۈپ ئۆيلىرىگە يولغا ساپتۇ. تۆت قىزنىڭ ئۆيى يىراق بولغانلىقتىن، بوۋاي بىر قىزنى پادىچىغا تاپشۇرۇپ، قالغان ئۈچ قىزنى ئۆزى يەتكۈزۈپ قويماقچى بولۇپ ئېلىپ كېتىپتۇ. پادىچى بالا بۇ قىزنى شەھىرىگە ساق - سالامەت يەتكۈزۈپ، ئاتا - ئانىسىغا تاپشۇرۇپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى پادىچى بالىدىن ناھايىتى رازى بولۇپ، قىزىنى ئۇنىڭغا بەرمەكچى بوپتۇ. لېكىن پادىچى بالا ئالغىلى ئۇنىماپتۇ. پادىچى بالا قايتماقچى بوپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى پادىچى بالىغا يەتتە قۇر كىيىم - كېچەك تەييارلاپ بېرىپتۇ. قىز بولسا بوۋىسىدىن قالغان بىر قىلىچ بىلەن بىر قۇر ئېسل شاھزادە كىيمىنى سوۋغا قىپتۇ. قىزنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر ۋاپادار ئېتى بار ئىكەن. ئۇنىمۇ بالىغا يوللۇق تۇتۇپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى يەنە بوۋايغا سوۋغا - سالاملار يوللاپتۇ. پادىچى بوۋاينىڭ قېشىغا كەپتۇ. پادىچى بالا قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ سوۋغا - سالاملىرىنى بوۋايغا تاپشۇرۇپتۇ، بوۋاي بۇنى ئېلىپ خۇشال بوپتۇ. - بالام، - دەپتۇ بوۋاي پادىچىغا، - سېنىڭ ئۆلىنىدىغان ۋاقتىڭ بولدى. سەن ئەمدى بۇ ئېسىل كىيىملەرنى، ئات ۋە قىلىچلارنى بىر يەرگە قويۇپ، شەھەرگە بار. بۇ ئات بىلەن كىيىم - كېچەكلەر قاچان ساڭا كېرەك بولسا ئەكىتەرسەن. - بوۋاي، - دەپتۇ پادىچى بالا، - سىز بو ئات بىلەن كىيىم - كېچەكلەرنى ساقلاپ تۇرسىڭىز. بۇ يەر شەھەرگە يېقىن ئىكەن، مەن پات - پات يېنىڭىزغا كېلىپ تۇرسام. بوۋاي ماقۇل بوپتۇ. پادىچى شەھەرگە قاراپ راۋان بوپتۇ. ئۇ يولدا بىر قوتازنى تۇتۇۋاپتۇ - دە، قوتازغا مىنىپ شەھەرگە كىرىپتۇ. دەل شۇ كۈنى پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى راۋاقتا ئولتۇرغان ئىكەن. ئادەملەر قوتازنى كۆرۈپ قېچىپتۇ، قوتازمۇ ئادەملەردىن ئۈركۈپتۇ. پادىچى بالا بىر شاھزادىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، راۋاقنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى پادىچىغا ئالما ۋە گۈل تاشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىچى بالىنىمۇ ئودىغا ئەكىرىپتۇ. پادىشاھ كۈيئوغۇلىرىنى قىزلارنىڭ بېغىغا ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئىككى كۈيئوغلىنى ياخشى كىيىندۈرۈپتۇ. پادىچى بالىنى شۇ تۇرقى بىلەنلا ئەۋەتىپتۇ. ئەمما پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى پادىچى بالىغا ئالاھىدە زوقى بىلەن قاراپتۇ. پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى يىگىتلەردىن سوئال سوراشقا باشلاپتۇ. چوڭ قىز: - دۇنيادا ئادەم ئۈچۈن نېمە ئەڭ قىممەتلىك؟ - دەپ سوراپتۇ تېگىدىغان يىگىتىدىن. - ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە خوتۇن - دەپتۇ ئۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىچى بالا ئۇنىڭغا تۈزىتىش بېرىپ: - دۇنيادا ئادەم ئۈچۈن ھاۋا بىلەن سۇ ئەڭ قىممەتلىك. خوتۇن دېگەنمۇ بىر ئادەم، - دەپتۇ. - بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمىگەن بىلەن ئۆزى چىرايلىق شاھزادە بولغاندىكىن مەيلى، - دەپتۇ چوڭ قىزى. - ئۆزى ئوۋلاپ ئاتقان كېيىكنىڭ گۆشى تاتلىقمۇ ياكى بازاردىكى تەييار گۆش تاتلىقمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ئوتتۇرانچى قىزى ئۆز يىگىتىدىن. بازاردىن پۇلغا سېتىۋالغان گۆش تاتلىق، - دەپتۇ يىگىت، - ئۆزى چارچاپ ئوۋلاپ يۈرگەندىن كېيىن كىشى جاپا تارتىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە پۇل بولغاندىكىن، سېتىۋېلىپلا يىسە تاتلىق بولمايدۇ؟ - ئۆزى ئوۋلاپ ئاتقان كىيىكنىڭ گۆشى تاتلىق، - دەپ يەنە تۈزىتىش بېرىپتۇ. پادىچى بالا، - چۈنكى ئادەملەر قانچىلىك جاپا تارتسا، شۇنچە راھەت كۆرىدۇ. ئاخىرىدا پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى پادىچى يىگىتتىن: - ئادەملەردە نەچچە خىل مىجەز بار، - دەپ سوراپتۇ. - ئادەملەردە يەتمىش نەچچە خىل مىجەز بار، - دەپتۇ پادىچى يىگىت، - بەزى ئادەملەر ئۇرۇشقاق، بەزىلىرى ئالدىراڭغۇ كېلىدۇ، بەزىلىرى ئاق كۆڭۈل، بەزىلىرى قارا نىيەت بولىدۇ. زادى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ سوئالغا پادىچى يىگىتنىڭ توغرا جاۋاب بەرگەنلىكىگە پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى ناھايىتى خۇشال بوپتۇ. پادىشاھ قىزلىرىنىڭ تويىنى قىپتۇ. ئىككى قىزىغا باغدىن كاتتا ئۆيلەرنى بېرىپتۇ. كىچىك قىزىغا بولسا «پادىچىغا تەگدى، مېنى نومۇسقا ئۆلتۇردى» دەپ ئېغىلدىن ئۆي تۇتۇپ بېرىپتۇ. ۋە بۇ قىزىنى مەدىكارلارنىڭ تامقىنى ئېتىشكە، پادىچىنى بولسا قوي بېقىشقا ساپتۇ. بىر كۈنى كىچىك قىزى ئانىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ يىغلاپتۇ. - بىزنىڭ ئۆيگە ئايدا بىر قېتىممۇ كىرگۈڭلار كەلمەيدۇ، ھەدەملەرنىڭ ئۆيىگە كۈندە بارىسلەر، مەن سىلەرنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىپ كەلدىم، - دەپتۇ قىز. - ھەممە ئىشنى ئۆزەڭ قىلدىڭ، ئادەم تېپىلمىغاندەك بىر پادىچىغا تەگدىڭ، - دەپتۇ ئانىسى، - بوپتۇ. بىز بىر ھەپتىدىن كېيىن داداڭ، ھەدىلىرىڭ، كۈيئوغۇللار بىلەن سىلەرگە مېھمان بولۇپ بارايلى. قىز ئۇ يەردىن يېنىپ كېلىپ، بۇ گەپنى پادىچى يىگىتكە ئېيتىپتۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىكەن. يىگىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ: - بوپتۇ، كەلسە كەلسۇن، - دەپتۇ ۋە ھېلىقى بوۋاينىڭ يېنىغا بېرىپ، قېيناتا ۋە قۇدا - باجلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. - سەن ئاۋۇ تاغقا بارساڭ، - دەپتۇ. بوۋاي بالىغا بىر تاغنى كۆرسىتىپ، - تۈرلۈك ياۋا مېۋىلەر بار. ئۇلار ناھايىتى تاتلىق. شۇلاردىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى مېھمان قىل. پادىچى يىگىت بوۋاي كۆرسەتكەن تاغقا بېرىپ، تۈرلۈك مېۋىلەردىن ئېلىپ كىيىك، بۇغا - ماراللارنى تۇتۇپ، بوۋايدىن تۈرلۈك دورا - دەرمانلارنى ئېلىپ كېلىپ، خوتۇنىغا بېرىپتۇ. خوتۇنى بۇلارنى پەتنۇسلارغا تىزىپ، كىيىكنىڭ گۆشىدە تۈرلۈك تاماقلارنى ئېتىپ تەييارلاپ قويۇپتۇ. ئەتىسى چۈشتە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە قۇدا - باجىلىرى مېھمانغا كەپتۇ. قىز تەييالىغان مېۋىلەرنى ئاتا - ئانا، ئىگىچىلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. پادىشاھ مېۋىلەرنى يىگەن ئىكەن، بەكمۇ تېتىپ كېتىپتۇ. - بالام، - دەپتۇ پادىشاھ كۈيئوغلىغا، - مېۋىدىن بولسا يەنە يىسەك، نەدىن ئەكەلدىڭ؟ - تاغدىن ئەكەلدىم ئاتا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. پادىچى يىگىت. - يەنە بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ. يىگىت: - بار، مەن ئەكىلىپ بېرەي، - دەپ تالاغا چىقىپ، قوتازنى مىنىپتۇ - دە، يەنە ھېلىقى مېۋىلەردىن ئېلىپ كەپتۇ. پادىشاھ يەنە يەپتۇ. ئاڭغىچە تاماق تەييار بوپتۇ، پادىشاھ تاماقنى يېسە، ئۇمۇ شۇنداق تاتلىق پادىشاھ باشقا قىزلىرىنىڭ ئۆيىدە مۇنداق مەززىلىك تاماق يېمىگەن ئىكەن. شۇڭا ئۇ كىچىك قىزىنى ماختاپ كېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى ئەتىسى ئەتىگەنلىك چايغا ئاتا _ ئانىسىنى ۋە ئىگىچىلىرىنى يەنە چاقىرىپتۇ، ئۇلار يەنە كېلىپ تاماق يەپ كېتىپتۇ، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن پادىشاھ يەنە كەپتۇ. قىز ئۇ كۈنىمۇ شۇنداق ئېسىل تاماق تەييارلاپتۇ. ئەمما شورپىنىڭ ئىچىگە قوينىڭ توپىقىنى سېلىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ ۋە مېھمانلار شورپىنى ئېچىشكە باشلاپتۇ، ئاخىرىدا قارىسا، پادىشاھ شورپا ئىچكەن چىنىنىڭ ئىچىدە توپا كۆرۈنۈپتۇ. قارىسا قوينىڭ توپىقى. _ بالام تاماق شۇنچە مەززىلىك ئىكەن، بىراق ئىچىدە قوينىڭ توپىقى تۇرىدىغۇ ، _ دەپ سوراپتۇ قىزىدىن. _ تۇرغان جايىمىز ئېغىل بولغاندىن كېيىن، توپاق چۈشۈپ قالغاندۇ، _ دەپتۇ قىزى. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەكمۇ خېجىل بوپتۇ. پادىشاھ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، قىزىغا ئېغىلنىڭ باشقا تەرىپدىن بىر قورا جاي بېرىپتۇ. ئۇلار بۇ يەرگە كۆچۈپ چىقىپ، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇ قىزى قولى بوش كۈنلىرى ياغلىق تىكىپ سېتىپ، ئويىنى كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن قامدايدىكەن. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ئۈچ كۈيئوغلىنى چاقىرىپ چوڭىغا: _ سەن تۆت يولۋاسنىڭ بېشىنى كېسىپ ئەپكەل، _ دەپ بۇيرۇپتۇ. _ سەن تۆت بۆرىنىڭ بېشىنى كېسىپ ئەپكەل، _ دەپتۇ پادىشاھ ئوتتۇرانچى كۈيئوغلىغا. پادىچى يىگىتكە بولسا: _ سەن تاغدىكى مىۋىلەردىن ئېلىپ كەل، _ دەپ بۇيرۇپتۇ. كۇيۇغۇللار «ماقۇل» دېيىشىپ بىللە يولغا چىقىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن پادىچى يىگىت غايىب بولۇپ كېتىپتۇ. ئىككى كۈيئوغۇل ئۇنى ئىزلەپ تاپالماي، باشقا ياققا كېتىپ قاپتۇ. پادىچى يىگىت ئۇدۇل بوۋاينىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە بوۋايغا پادىشاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئېيتىپتۇ. بوۋاي: _ مەن ساڭا مۇنۇ تاغنىڭ نېرىسىدىكى تاغدا يۈرگەن يولۋاس، بۆرىلەرنى كۆسىتىپ قوياي، شۇلادىن ئۆلتۈرۈپ ئەپكەلگىن، _ دەپتۇ. يىگىت ھېلىقى ۋاپادار ئارغىماقنى مىنىپ، قىلىچنى ئېسىپ، شاھزادە كىيىملىرىنى كىيىپ، يولۋاسلار بار تاغقا بېرىپتۇ ۋە يولۋاس، بۆرىلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، تۆت يولۋاس بىلەن تۆت بۆرىنىڭ بېشىنى كېسىۋېلىپ، خۇرجۇنىنىڭ ئىككى بېشىغا ساپتۇ _ دە، ھېلىقى بوۋاينىڭ قېشىغا كەپتۇ، ئانىدىن بوۋاي بېقىپ ئۆگەتكەن يولۋاس، بۆرىلەرنى ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ، ئىككى بەگزادە كەتكەن تەرەپكە مېڭىپتۇ. پادىچى يىگىت يىراقتىن قارىسا، ئۇلار ھېچنەرسە تۇتالماي، يولۋاس بۆرىلەرنى كۆرسىمۇ، يېقىن بارالماي، يىراقتىن ئوق ئېتىپ كەتكۈزەلمەي يۈرگەن ئىكەن. بەگزادىلەر قۇرۇق قايتماقچى بولۇۋاتقاندا، پادىچى شاھزادىلىك كىيىملىرىنى كىيىپ، كەينىگە ئەگەشتۈرگەن يولۋاس، بۆرىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. - كىم سىلەر؟ بۇ يەرگە نېمە ئىزلەپ كېلىپ قالدىڭلار؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىچى يىگىت ئۇلاردىن. ئىككى شاھزادە ئۇنى تونىماستىن، پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىگە تاپشۇرغان پەرمانىنى دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ پادىچى يىگىت، - مەن سىلەر ئىزلىگەن نەرسىلەرنى بېرىمەن، سىلەردىن مېنڭمۇ سورايدىغىنىم بار. - ماقۇل، - دەپتۇ بەگزادىلەر دەرھال. يىگىت ئۇلارغا يولۋاسنىڭ، بۆرىنىڭ باشلىرىنى ساناپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرنى يەشتۇرۇپ، ئىككىسىنىڭ يامشىغا «پادىچى» دېگەن تامغىسىنى بېسىپ، قويۇپ بېرىپتۇ. بەگزادىلەر يولۋاس، بۆرىلەرنىڭ بېشىنى تاپقىنىغا خوش بولۇپ قايتىپ كېتىپتۇ. پادىچى يىگىت ئۇلارنى كەتكۈزۈپ، بوۋاينىڭ يىنىغا كېلىپ، ئات، قىلىچ، كىيىملىرىنى يېشىپ قويۇپ، مېۋىنى ئېلىپ، قوتازغا مىنىپتۇ - دە، ئوردىغا كىرىپتۇ. پادىشاھ كۈيئوغوللىرىنىڭ ئۆزى تاپشۇرغان نەرسىلەرنى تېپىپ كەلگىنىگە ناھايىتى خۇشال بوپتۇ. پادىشاھ يەنە بىر كۈنى ئىككى كۈيئوغولنى پادىچى تېپىپ كەلگەن مېۋىدىن ئەكىلشكە بۇيرۇپتۇ. لېكىن ئۇلار تاپالماپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇلار پادىچىنى يوق قىلىشىنىڭ قەستىگە چۈشۈپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ پادىچىنى چاقىرىپ: - سەن تاغقا بېرىپ يولۋاس، بۆرىلەرنىڭ ئۆزىنى تىرىك تۇتۇپ كەل، بولمىسا ئاكىلىرىڭغا ئوخشاش ئولتۇرۇپ ئەكىلەلىسەڭمۇ بولىدۇ، - دەپتۇ. پادىچى پادىشاھنىڭ ئالدىدىن چىقىپ ئۆيىگە كېلىپ بۇ گەپنى خوتۇنىغا ئېيتىپتۇ. - سەن ئالدىمىزدا كېتىۋەرگىن، - دەپتۇ. خوتۇنى، - مەن سېنىڭ كۈچۈڭنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن، كەينىڭدىن ئەرچە ياسىنىپ چىقىمەن. سەنمۇ مېنى تونۇماسقا سال. پادىچى قوتازنى مىنىپ، بوۋاينىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. «شاھزادە كىيىملىرىمنى كىيسەم، خوتۇنۇم كۆرۈپ قالمىسۇن» دەپ ئات بىلەن قىلىچنى ئېلىپ تاغقا مېڭىپتۇ. خوتۇنى كېلىپ يىراقتىن ماراپ تۇرۇپتۇ. ئەمدى پادىشاھنىڭ چوڭ كۈيئوغۇللىرى پادىچىغا قەست قىلىش ئۈچۈن، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ: - رۇخسەت قىلىسلا، بىز ئىنىمىزغا ياردەم قىلساق؟ - دەپ سوراپتۇ ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ. ئۇلار پادىچىغا يېتىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىچنى تەڭلىگەندە، پادىچىنىڭ خوتۇنى يىراقتىن ئوقيا ئېتىپ ئىككىسىنىڭ قولىنى قاتتىق يارىدار قىپتۇ، بەگزادىلەر شۇ زامان يېقىلىپتۇ. پادىچى بۇلارنىڭ ئاھداتلىرىنى ئاڭلاپ، بۇلارنى يۆلەپتۇ. ئاڭلىغىچە پادىچىنىڭ خوتۇنى كېلىپ، بۇلاردىن: - نېمە بولدىڭلار؟ - دەپ سوراپتۇ. - بىز پادىچىنى قوغداپ كېتىپ باراتتۇق، غايىپتىن ئوق كېلىپ تەگدى، - دەپتۇ ئۇلار. قىز بۇلارغا گەپ - سۆز قىلماپتۇ، ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كەپتۇ. - بىز پادىچىنى قوغداپ قىلىچ ئوينىتىپ كېتىپ باراتتۇق، - دەپتۇ. ئىككى شاھزادە پادىشاھقا، - غايىپتىن ئوق تېگىپ يارىدار بولدۇق. پادىچى يالغۇز قېلىپ بۇنىڭىغىمۇ بىر كېلىشىمەسلىك كېلىپ قالمىسۇن دەپ قاپتۇرۇپ ئەكەلدۇق. پادىشاھ گەپ قىلماپتۇ. ئىككى شاھزادە داۋالىنىپ ساقىيىپتۇ. بىر كۈنى پادىچى يىگىت پادىشاھنىڭ پەرمانىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن خوتۇنى بىلەن يولغا چىقىپتۇ. بۇ كۈنىمۇ ئىككى شاھزادە يېتىشىپ كېلىپ پادىچى يىگىتكە: -ئاتتىن چۈش! - دەپ ۋارقىراپتۇ. پادىچى يىگىت ئاتتىن چۈشۈپتۇ. - سەن نېمىشقا ھاكاۋۇر بولۇپ كەتتىڭ؟ - دەپتۇ شاھزادىلەر، - ئۆزەڭچە بىزنى كۆزگە ئىلمايسەنغۇ! بۇ قىلىچ بىلەن ئاتنى نەدىن ئالدىڭ! - سەنلەر نېمىشقا مېنى كۆزگە ئىلىشمايسەن؟! دەپتۇ پادىچى يىگىتمۇ، - مەن كىم؟ سەنلەر پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇشساڭ، مەنمۇ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۇتىشىپ قىلىچلىشىپ قاپتۇ. پادىچى يىگىت بۇ ئىككىسىنىڭ راس ئەدىبىنى بېرىپ قوللىرىنى باغلاپتۇ. پادىچى يىگىت: مېنى تۇنۇدۇڭلارمۇ؟ ئەمدى ماڭ قەست قىلامسىلەر؟ - دەپ يەنە سوراپتۇ. شاھزادىلەر مۇنداق ئىشنى ئىككىنچى قىلماسلىققا ۋەدە بېرىپ، قەسەم ئىچىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىچى يىگىت بۇلارنى قويۇپ بېرىپتۇ - دە، ئۆزى ئاتقا مېنىپ، يولۋاس، بۆرىلەر بار يەرگە بېرىپ، بۆرە، يولۋاس، ئېيىقلار بىلەن ئېلىشىپ، ئۇلارنى تىرىك باغلاپتۇ. شۇ چاغدا يەنە ھېلىقى ئىككىسى ماراپ تۇرغان يەردىن پادىچىنى ئېتىشقا قەستلىگەندە، پادىچى يىگىتنىڭ خوتۇنى بۇلارنى ئوڭ قوللىرىنى نىشانلاپ ئوقيادىن ئوق ئېتىپتۇ. بۇ قېتىم شاھزادىلەرنىڭ ئوڭ قوللىرى يارىدا بوپتۇ. پادىچى يىگىت ھايۋانلارنى ئالدىغا سېلىپ كېلىپ، بۇلارنى ئاتلىرىغا مىندۈرۈپ، ئۆزى قوتازنى مىنىپ ئوردىغا كىرى كەپتۇ. - ھەي، پادىچى، بۇلارنى ئۆزەڭ تۇتتۇڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ. - بىر ئۆزى قانداق تۇتالىسۇن؟ - دەپتۇ يارىدار كۇيئوغۇللىرى، - بىز ياردەملىشىپ تۇتۇپ بەردۇق. پادىچى يىگىت گەپ قىلماپتۇ. نېمىلا بولسا، - دەپتۇ پادىشاھ، - مۇشۇ قوتاز بىلەن تۇتۇپ كەپتۇ. بۇنىڭغا بىر ئاز ياخشىراق كىيىم بېرىڭلار. پادىچىغا ئوردىدىن ئوبدان بىر قۇر كىيىم بېرىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ شەھىرىگە دۈشمەن كېلىپ قاپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرلىرىنى، ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ: - دۈشمەننى قانداق يېڭىمىز؟ - دەپ مەسلىھەت سوراپتۇ. - بىزگە 500 دىن 1000 ئەسكەر بېرىڭ، بىز سوقۇىمىز، - دەپتۇ چوڭ كۈيئوغلى بىلەن ئوتتۇرانچى كۈيئوغلى. - ماڭا ھېچقانداق ئەسكەر لازىم ئەمەس، - دەپتۇ پادىچى يىگىت، - بىر ئوزەم چىقىمەن، پەقەت بىز يېڭىلىپ. ھەممە ئەسكەرلىرىمىز كەينىگە يانغاندا ئۇرۇشقا چىقىمەن. پادىشاھ ئۇنىڭ بۇ مەسلىھىتىگە ماقۇل بوپتۇ. پادىشاھنىڭ باشقا كۈيئوغللىرى ئۇرۇشقا چىقىپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، دۈشمەن كۈچلۈك كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئەسكەرلىرى كەينىگە قېچىپتۇ. پادىچى يىگىت بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ شاھزادە كىيىملىرىنى كىيىپ، يۈزىگە نىقاپ تارتىپ، ۋاپادار ئېتىنى مىنىپ، قىلىچىنى قولىغا ئېلىپ مەيدانغا چۈشۈپ، دۈشمەن ئەسكەرلىرى بىلەن جەڭ قىپتۇ. پادىچى يىگىت دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى يېڭىپ، قاچقانلىرىنى قوغلاپتۇ. بۇنى كۆرۈپ پادىشاھنىڭ ئىككى كۈيئوغلى قاچقان يېرىدىن ياردەملەشكىلى كەپتۇ. ئۇرۇش تامام بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ پادىچى يىگىتنى تونۇماي، بۇنىڭغا چوڭ زىياپەت قىلىپ بېرىپتۇ. بۇ يەرگە ۋەزىرلەر، خەلقلەر يىغىلىپتۇ. - مېنى تونۇدۇڭلارمۇ؟ - دەپتۇ پادىچى يىگىت يۈزىدىكى نىقاپنى ئېلىۋېتىپ، - مەن پادىچى بولىمەن، بولار بولسا ياخشىلىققا يامانلىق ئىزلىگۈچىلەر، باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆرەلمەيدىغانلار، يارامسىز كىشىلەر. پادىچى يىگىت بۇلارغا بۆرە يولۋاسلارنىڭ بېشىنى بەرگەندە يوتىسىغا ئۆزىنىڭ تامغىسىنى باسقانلىقىنى سۆلەپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ئۇيالغىنىدىن باشقىدىن 41 كۈن توي - تاماشا قىلىپ بېرىپ، پادىچى يىگىتتىن ئەپۇ سوراپتۇ. - بالام، - دەپتۇ. پادىشاھ، - سىزنىڭ مۈنچىلىك ئىسىل ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەپتىمەن، ئەمدى مەن سىزگە پادىشالىقىمنى ئۆتۈنسەم. پادىچى يىگىت: - مەن ئويلاپ باقاي، - دەپ بۇ يەردىن چىقىپ، بوۋاينىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. بوۋايدىن مەسلىھەت سورىغان ئىكەن، بوۋاي: - سەن ئالدى بىلەن خوتۇنۇڭنىڭ مەسلىھىتىنى ئال، ئاندىن مەن يول كورسىتەي، - دەپتۇ. پادىچى يىگىت خوتۇنىنىڭ يېنىغا كېلىپ مەسلىھەت سوراپتۇ. - ھەرگىز پادىشاھ بولىمەن دېمەڭ، ئۆزىمىز ئىشلەپ تېپىپ ئۆمۈر كەچۈرىمىز، - دەپتۇ خوتۇنى. پادىچى يىگىت بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ، خوتۇنى دېگەن مەسلىھەتنى ئېيتىپتۇ. - خوتۇنۇڭ ئۇنداق دېگەن بولسا، - دەپتۇ بوۋاي، - مەن ساڭا ھۈنەر ئۆگىتىمەن، سىلەر شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۇڭلار. - پادىچى يىگىت بۇ مەسلىھەتلەرنى ئاڭلاپ پادىشاھ بولماپتۇ. ئۇ خوتۇنى بىلەن بوۋاينىڭ يېنىغا كۆچۈپ بېرىپ، ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپتۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن قالغان ئۆمرىنى ياغاچچىلىق قىلىپ باياشات ئۆتكۈزۈپتۇ
← بارلىق تېمىلار چوچاق