UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقشاھزادە ئىسكەندەر

شاھزادە ئىسكەندەر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ئوردا قانۇنى ناھايىتى چىڭ بولۇپ، ئوردا ئىچىدە كىمكى كېسەل بولۇپ يەتتە كۈنگىچە ساقايمىسا بېشىنى ئېلىش بەلگىلەنگەنىكەن. پادىشاھنىڭ ئۈچ خوتۇنى بولۇپ، چوڭ خوتۇنى ئوردا ھۆكۈماسىنىڭ سىڭلىسىم، ئوتتۇرانچى خوتۇنى ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ قىزى، كىچىك خوتۇنى شەھەردىكى بىر داڭلىق سودىگەرنىڭ قىزى ئىكەن. پادىشاھ كۆپ جايلاردا ئوڭ قول ۋەزىر بىلەن ھۆكۈمانىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلىدىكەن. پادىشاھ كىچىك خوتۇنىغا شۇنداق ئامراق ئىكەنكى، ئۇنىڭدىن بىرەر سائەت ئايرىلسا، چىۋىن يەۋالغاندەك قاپىقى ئېچىلمايدىكەن. پادىشاھنىڭ بۇ ئىشىغا چوڭ خوتۇنلىرىنىڭ كۈندەشلىكى كەلسىمۇ، لېكىن ئېغىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالمايدىكەن. بۇ ئىشقا ئوڭ قول ۋەزىر بىلەن ئوردا ھۆكۈماسىنىڭمۇ پەيت كۈتمەكتىن باشقا ئىلاجى يوق ئىكەن. پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنىدىن بولغان بىر قىزى بار ئىكەن. بۇ قىز بەش ياشقا كىرگەن يىلى پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، تاماقتىن قاپتۇ. كۆڭلى قوي سۈتىدىن باشقىنى خالىمىغانلىقتىن، كۈندىن - كۈنگە ئورۇقلاپ ئاخىرى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنىغا قىلمىغانلىرى قالماپتۇ. قاتتىق سېزىك ئازابى مەلىكىنى قىيناپتۇ. پادىشاھ بۇ ئىشنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەسلىككە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈندەشلىكىدىن يۈرىكى زەرداب بولغان چوڭ خوتۇنلىرى بۇ ئىشنى ئوردا ئىچىگە بىر قىلىۋېتىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر بىلەن ھۆكۈما غۇلغۇلا قىلىشىپ، ئوردا قانۇنىنى كۆز - كۆز قىلىشىپتۇ. پادىشاھ بۇ خاپىلىقتىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە ئوردا ئەمەلدارلىرىنى مەسلىھەتكە چاقىرتىپتۇ. كۆپ تالاش - تارتىشتىن كېيى ئوڭ قول ۋەزىر بىلەن ئوردا ھۆكۈماسى «كىچىك مەلىكىنى ئۆلتۈرمىسەك بۇنىڭدىن كېيىن ئەلنى قانداق باشقۇرغىلى بولسۇن؟» دەپ تۇرۇۋالغانلىقتىن، ئوردا قانۇنىنى ئىجرا قىلىش، پادىشاھنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كىچىك مەلىكە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. پادىشاھ ئىلاجسىز جاللاتنى چاقىرىپتۇ ھەمدە ئۇلارغا ئالتۇن - كۈمۈش بېرىپ: - مەن كىچىك مەلىكىدىن ئايرىلىپ قانداق ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمنى بىلمەيمەن. لېكىن ئوردا قانۇنىنى ئىجرا قىلماق ۋاجىپ، شۇڭا سىلەر مەلىكىنى كۆزۈمدىن يىراق چۆلگە ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈڭلار. شۇ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئىككى ئۆرۈم چېچىنى ئالغاچ كېلىڭلار ھەمدە مۇنۇ خەتنى بىلىكىگە چىگىپ قويۇڭلار، - دەپ بىر پارچە خەتنى بېرىپتۇ. جاللاتلار كىچىك مەلىكىنى ئوردىدىن نەچچە يۈز چاقىرىم يىراقلىقتىكى سايغا ئېلىپ بېرىپتۇ. مەلىكىنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ ئۆلتۈرۈشنى نىيىتىدىن ۋاز كېچىپتۇ. ئىككى ئۆرۈم چېچىنى كېسىۋېلىپ، پادىشاھنىڭ خېتىنى بېرىپتۇ - دە، مەلىكىنىڭ باشقا يەرلەرگە بېرىپ پانالىنىشىنى ئېيتىپ يولغا ساپتۇ. مەلىكىمۇ قۇلىقىدىكى ھالقا سىرغىلىرىنى جاللاتلارغابۆلۈپ بېرىپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئارىدىن نەچچە كۈنلەر ئۆتكەندە پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى يەرلىرى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك، ئادەملىرى مېھماندوست بىر يېزىغا چۈشۈپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماستىن، شۇ يەردە تۇرۇپ قاپتۇ. ئايلار ئۆتۈپ مەلىكە بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بالىسىغا ئىسكەندەر دەپ ئات قويۇپتۇ. بالا ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەن. ھۈنەر - سەنئەت، ئىلىم - بىلىمگە قىزىقىدىكەن. ئارىدىن يىللار ئۆتۈپ بالا يىگىتلىك قورامىغا يېتىپتۇ. بۇ يىگىت بىلىم - سەۋىيىدە كامالەتكە يېتىپلا قالماستىن، قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق ۋە باشقا ھۈنەرلەردىمۇ تونۇلۇشقا باشلاپتۇ. يىگىت يىگىرمە ياشقا كىرگەن يىلى ھەرتەرەپتىن ھۈنەر ئۆگىنىشكە كەلگەن شاگىرتلار تۆت يۈزدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى ئىسكەندەرنىڭ ئانىسى بالىسىنى ئالدىغا چاقىرتىپتۇ - دە، بىر پارچە خەتنى يېزىپ تۇرۇپ دەپتۇ: - بالام بۇ خەت سېنىڭ داداڭنىڭ خېتى، ئەمدى سەن ئاق - قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولدۇڭ. بۇنى ئوقۇپ ئۆزۈڭ بىلىپ بىر ئىش قىلارسەن. ئىسكەندەر خەتنى ئېچىپ ئوقۇپتۇ. خەتتە «مەن سەندىن ئايرىلىپ ئوردىدا تۇرۇشنى راۋا كۆرمەيمەن. ئوڭ قول ۋەزىرىمنىڭ يامان نىيىتىدىن خۇدايىم قىساس ئالار...» دېيىلگەنىكەن. ئىسكەندەر ئانىسىدىن سورىغانىكەن، ئانا بولغان ئەھۋالنىڭ ھەممىسىنى دەپ بېرىپتۇ. ئىسكەندەرنىڭ قەلبىدە قىساس ئوتى يېنىپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئۇ بىر تەرەپتىن شاگىرتلىرىنى قىلىچ، نەيزىۋازلىققا تەربىيلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن مۇۋاپىق ئورۇننى تاللاپ ئوردا - قەسىر بىنا قىلىشقا باشلاپتۇ. ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە ئوردا پۈتۈپ، چوڭ بىر شەھەر بارلىققا كەپتۇ. ئۇنىڭ شاگىرت، لەشكەرلىرى تۆت مىڭدىن ئېشىپتۇ. ئىسكەندەر يوقسۇل - كەمبەغەللەرگە قولىدىن كېلىشىچە ياردىمىنى ئايىماپتۇ. شۇ كۈنلەردە بۇ ئىش يۇرت چوڭلىرى ئارقىلىق ئوردىغا مەلۇم بوپتۇ. پادىشاھ دەرغەزەپكە كېلىپ: «مېنىڭ مەملىكىتىمدە ئىككىنچى بىر ئوردا بىنا قىلىپ مەندىن پادىشاھلىق تالاشقان تاھىپە دەرھال ئوردىغا كەلتۈرۈلسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرۈپ، نەۋكەرلىرىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىسكەندەر ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. پادىشاھ شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، بۇنداق كېلىشكەن چىرايلىق يىگىتتىن دۇنيادا يەنە بىرى تېپىلمىغۇدەك. ئىسكەندەرگە ھەۋىسى كەلگەن پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر بولسا پادىشاھقا: - بۇ يىگىتنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغاندەك قىلىدۇ. ئەگەر ئالتۇننىڭ ئۇرۇقىنى تېپىپ كەلسە، ئوردىمىز قانچىلىك باي بولار ئىدى - ھە! دەپ مەسلىھەت كۆرسىتىپتۇ. پادىشاھ ماقۇل بولۇپ، ئىسكەندەرنى ئالتۇننىڭ ئۇرۇقىنى تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئەگەر تېپىپ كېلەلمىسە بېشى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئىسكەندەر ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئەھۋالنى دەپتۇ ھەمدە بىر خالتا تېرىق قاچىلاپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا راۋان بوپتۇ. چۈنكى ئوردىدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى تېرىقنى كۆرۈپ باقمىغانىكەن. ئىسكەندەر پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئالتۇننىڭ ئۇرۇقىنى تېپىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، خالتىنى كۆرسىتىپتۇ. پادىشاھ سوراپتۇ: - بۇنى قانداق ۋاقىتتا تېرىش مۇۋاپىق؟ - ھازىر تېرىساقمۇ بولۇۋېرىدۇ. لېكىن بۇنى تېرىيدىغان يەرنى ئۆزۈم تاللايمەن، - دەپتۇ ئىسكەندەر. پادىشاھ ماقۇل بوپتۇ. ئىسكەندەر پۈتۈن ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ قوراسى ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ - دە، - ئالتۇننى مۇشۇ يەرگە تېرىش كېرەك، - دەپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالسىمۇ، لېكىن كېيىنكى بايلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ قورۇ - جايلىرىنى چېقىپ تەپتەكشى قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. چاكارلار ئۈچ كۈن دېگەندە چېقىپ بوپتۇ. شاھ: - يەر تەييار بولدى، ئۇرۇقنى كىم چاچىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئالتۇننىڭ ئۇرۇقى ناھايىتى نازۇك نېمە، بۇنى ئۆمرىگە كېلىپ كېسەل بولمىغان كىشى چېچىشى كېرەك، - دەپتۇ ئىسكەندەر، پادىشاھ ئۇيان - بۇيان سۈرۈشتە قىلىپ ئۆمرىدە كېسەل بولمىغان كىشىنى تاپالماي مات بوپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئوڭ قول ۋەزىر: - ئۆيلىرىمنى تۆلەپ بەر بولمىسا بېشىڭنى ئالىمەن، - دەپ ئىسكەندەرگە غەلۋە قىلىشقا باشلاپتۇ. ئىسكەندەر: - ئۆيىڭىزنى بۇرۇنقىدىنمۇ ھەشەمەتلىك قىلىپ سېلىپ بېرىشكە مەن كېپىل، لېكىن ھويلا - قەسىرىڭىزنى نەگە سېلىشىڭىزنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ، -دەپتۇ. ۋەزىر ئۆچ ئېلىشنىڭ پەيتى كەلدى دەپ بىلىپ، ساقىلىنى سىيلاپ بىر ھىيلە ئويلاپتۇ - دە، ئاسماننى كۆرسىتىپ ئىسكەندەرگە: - مەن قەسىرىمنى بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرگەن ئاسمانغا سېلىشنى خالايمەن. ئاسمانغا سالىدىغان ئۇستا تېپىپ كەلمىسەڭ، بېشىڭنى ئالىمەن - دەپتۇ. ئىسكەندەر بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ ئۆز شەھىرىگە قاراپ يول ئاپتۇ. ئىسكەندەر كىچىكىدىن تارتىپلا دۇنيادا بار بولغان قۇشلارنىڭ ھەممىسىدىن بىر جۈپتىن بېقىپ كەلگەنىكەن. ئۇ ئۆز ھويلىسىغا كىرىپ بىر جۈپ تورغاي سولانغان قەپەزنى ئاپتۇ - دە، ئۆزىنىڭ لەشكەر بېشىنى چاقىرىپ، ئانىسى ۋە شاگىرت لەشكەرلەرنى ئارقىسىدىن ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇپ، ئۆزى ئىككى خىزمەتچىسىنى ھەمراھ قىلىپ ئوردىغا قاراپ ئالدىن مېڭىپ كېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاسمانغا تام سالىدىغان ئۇستامنى تېپىپ كەلگەنلىكىنى، لېكىن خىش ۋە لايغا ۋەزىرنىڭ مەسئۇل بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىپتۇ. ۋەزىر بۇنى ئاڭلاپ: - قېنى، ئۇستامنى كەلتۈر! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئىسكەندەر بىر جۈپ تورغاينى قويۇپ بەرگەنىكەن. تورغاي ئېگىز كۆككە ئۆرلەپ ئوردىنىڭ ئۈستىنى بىر چۆگىلەپتۇ - دە، كېيىن بىر نۇقتىغا كېلىپ توختاپ قانات قېقىپ «چۇ، چۇ، چۇ» قىلىشقا باشلاپتۇ. ئوردىدىن چىقماي، تورغاي دېگەن جانۋارنى كۆرۈپ باقمىغان ئوردا ئۆلىمالىرى ھەيران بوپتۇ. شۇ چاغدا ئىسكەندەر ۋەزىرنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - قېنى ئۇستام خىش بىلەن لاينى ئۆزى ئېتىپ بەرسۇن دەپ ئالدىرىتىۋاتىدۇ، چاققان بولۇپ ئۇستامغا خىش يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز، - دەپ سۈيلەپتۇ. كۆك ئاسمانغا خىش يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىكنى بىلگەن ۋەزىر قاتتىق شەرمەندە بوپتۇ - دە، ئاچچىقىغا پايلىماي «جاللات» دەپ ۋارقىراپتۇ. جاللاتلار تەييار بوپتۇ. ئىسكەندەر قاھ - قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. دەل شۇ چاغدا بىر خەۋەرچى ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كىرىپ نەچچە مىڭ كىشلىك زور قوشۇننىڭ ئوردا تەرەپكە باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھنىڭ كۆزلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ، قورققىنىدىن پۇت - قوللىرى سىرقىراشقا باشلاپتۇ. ئوردا ئالدىغا چىقىپ جاھاننى قاپلىغان توپا چاڭنىڭ دەستىدىن ھېچنىمىنى كۆرەلمەپتۇ. پادىشاھ لەشكەرلىرىگە جەڭگە تەييارلىنىش ھەققىدە بۇيرۇق بېرىپتۇ. شۇ چاغدا توپ ئىچىدىن ئۈچ كىشى ئات چاپتۇرۇپ يېتىپ كەپتۇ - دە، پادىشاھقا قاراپ ۋارقىراپتۇ: - شاھزادە ئىسكەندەرنى دەرھال قايتۇرمىساڭلار ئوردىنى كۇكۇن - تالقان قىلىۋېتىمىز. بۇنى ئاڭلىغان ئىسكەندەر پادىشاھقا: - بىز بىلەن ئېلىشىشقا تۇرامسىز ياكى ئوڭ قول ۋەزىرىڭىز بىلەن ئوردا ھۆكۈماسىنى بىزگە تاپشۇرامسىز؟ - دەپتۇ. پادىشاھ تەڭ كېلەلمەسلىكىنى سېزىپ، ۋەزىر بىلەن ھۆكۈمانى ئىسكەندەرگە تاپشۇرۇپتۇ. ئىسكەندەر ئۇ ئىككىسىنى چەمبەرچەس قىلىپ باغلاپتۇ ۋە ئانىسىنى چاقىرىپ ئوردا ۋە شەھەردىكى بارلىق خالايىققا بولغان ۋەقەنى سۆزلىتىپتۇ. پادىشاھ ئۆزىنىڭ كىچىك خوتۇنى ۋە بالىسىنى تونۇپ چەكسىز خۇشالىققا چۆمۈپتۇ. شۇ مەيداندىلا ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى ئوغلى ئىسكەندەرگە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلاپتۇ. ئىككى چوڭ خوتۇنىنى سۈرگۈن قىلىپ، ئوڭ قول ۋەزىر بىلەن ھۆكۈمانىڭ بېشىنى ئېلىپ، يامان نىيەتلىك ۋەزىرلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ شاھزادە ئىسكەندەر ئاتىسى ئورنىدا يۇرت سوراپ مۇراد - مەقسەتلىرىگە يەتكەنىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق