مايمۇن قىز
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۈچ ئوغلى بار بىر پادىشاھنىڭ شەھىرىدە، بىر باينىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ چوڭ ئوغلى باينىڭ شۇ قىزىنى كۆرۈپ قېلىپ، دادىسىغا >شۇ باينىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرسىكەن< - دەپ ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرانچى ئوغلى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىچىك ئوغلىمۇ >شۇ قىزنى ئېلىپ بەرسىكەن< - دەپ ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ. بۇ بىر تال قىزنى قايسى بىرسىگە ئېلىپ بېرىشىنى بىلمەي، پادىشاھنىڭ بېشى قېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ بالىلىرىنى چاقىرىپ:
- سىلەر مۇنۇ ئۈچ ئوقيادىن بىردىن ئوق ئۈزۈڭلار، ئوقۇڭلار كىمنىڭ ئۆيىگە چۈشسە، شۇنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىمەن - دەپتۇ. بۇ خەۋەرنى باشقىلار ئاڭلاپ، ھەر خىل خىيالدا بولۇپتۇ. بالىلار قاتار تۇرۇپ ئوقيا ئېتىپتۇ. ئۈچىلىسى ھېلىقى قىزنىڭ قوراسىنى كۆزلەپ ئېتىپتىكەن، چوڭ ئوغلىنىڭ ئوقى نەق شۇ قىزنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ، ئىشىكنىڭ بېشىغا سانجىلىپتۇ. ئوتتۇرانچىسىنىڭ ئوقى ۋەزىرنىڭ دەرۋازىسىغا سانجىلىپتۇ. كەنجى ئوغلىنىڭ ئوقى ئاسماندا لەيلەپ، چۆلگە قاراپ ئۇچۇپ، باياۋاندا يوقاپ كېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن پادىشاھ ئىككى ئوغلىنىڭ ئوقى چۈشكەن قورا ئىگىلىرى بىلەن چوڭ توي قىلىپ قۇدىلىشىپتۇ. كەنجى ئوغلىغا:
- سەن ئاتقان ئوقۇڭنى تېپىپ كەل، - دەپ يولغا ساپتۇ. كىچىك ئوغلى ئاتقان ئوقىنى ھارماي ئىزلەپتۇ. ئاخىرى ئوقىنى خارابىلىققا ئايلانغان چۆلدىكى كونا شەھەر ئىچىدىن تېپىپتۇ. >بۇ يەردە نېمە باردۇ؟< دەپ قارىسا، ئوق سانجىلىپ قالغان تامنىڭ ئارقىسىدا بىر مايمۇن ئولتۇرغۇدەك.
- بوپتۇ، بۇمۇ مېنىڭ تەلىيىم، - دەپ مايمۇننى ئاپتۇ. ئەمما دادىسىدى، ئەل - يۇرتتىن، ئاكىلىرىدىن ئىزا تارتىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ قېشىغا قايتماپتۇ. مايمۇن بىلەن شۇ يەردە ياشاپتۇ، ئوۋچىلىق قىلىپتۇ. ئۇ ئېتىپ كەلگەن جان - جانىۋارلارنىڭ گۆشىدىن مايمۇن خوتۇنى تازىمۇ تەملىك تاماق ئېتىپ قويىدىكەن. يىگىت دادىسىنىڭ ئوردىسىدا شاھزادە بولۇپ ياشىغان چاغلىرىدىمۇ مۇنداق تەملىك تاماقنى يەپ كۆرمىگەن ئىكەن. شۇنىڭغا قاراپ ئۇ: >بۇنىڭدا بىر گەپ بار، بۇنى بىلىشىم كېرەك< دېگەن ئويغا كەپتۇ. بۇ بىر كۈنى ئوۋغا ماڭغان بولۇپ خوتۇنى بىلەن خوشلىشىپتۇ، بىر ماڭغاندىن كېيىن، ئەسكى تامغا قايتىپ كېلىپ، پەنجىرىدىن ماراپتۇ. قارىسا، ھېلىقى ئەسكى ئۆينىڭ ئىچىدە پەرىزاتتەك ئىككى قىز يۈرگىدەك. يىگىت تىڭشاپ تۇرسا، بىرىنچى قىز ئىككىنچىسىدىن سوراپتۇ:
- ئېرىڭ قانداق، كۆڭلۈك خۇشمۇ؟
- خۇش، - دەپ مىيىغىدا كۈلۈپتۇ ئىككىنچى قىز.
- نېمىسىدىن خوشسەن؟ - دەپ سوراپتۇ بىرىنچىسى.
- ئەقىللىق ئىكەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئىككىنچىسى.
- ئەقىللىقلىقىنى نەدىن بىلدىڭ؟
- نېمىشقا بىلمەي؟ مەن بىر سەت مايمۇن بولۇپ كۆرۈنسەممۇ، ئۇ ماڭا ئۆيلەندى ۋە ئوبدان تۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر ئەقلى بولمىسا، ئۇ تۇرماس ئىدى، - دەپتۇ ئىككىنچى قىز.
بۇ، ئەسلىدە يىگىتنىڭ ئايالى مايمۇن قىز ئىكەن. يىگىت خۇشاللىقىدىن ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇشتۇمتۇت چۈشمەك بولۇپ تەمشىلىپتۇ. شۇ چاغدا ھېلىقى قىز يەنە مايمۇن قىزدىن:
- ئېرىڭنىڭ كۆڭلى خۇشمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- نېمىشقىدۇر تۇتۇلۇپ، خىيال سۈرۈپ يۈرىدۇ، - دەپتۇ مايمۇن قىز.
- سوراپ باقساڭ بولمامدۇ؟ - دەپتۇ بىرىنچى قىز.
شۇ چاغدا يىگىت تاقەت قىلالماي ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپتىكەن، بىر قىز غايىپ بولۇپ، بىر قىز يەنە ئاۋالقىدەك مايمۇنغا ئايلىنىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ يىگىتمۇ گەپ قىلماي، كۆڭلى توق ئولتۇرۇپتۇ. ئايالى:
- بۈگۈن نېمىشقىدۇر ئاتا - ئانام، ئاكىلىرىمنى كۆرگۈم كېلىپ، ئوۋدىن قايتىپ كەلدىم، - دەپتۇ.
- ئۇنداق بولسا، ئاتا - ئانىڭىزنى كۆرۈپ كېلىڭ، دەپ يولغا ساپتۇ قىز. يىگىت مېڭىش ئالدىدا، مايمۇن قىز ئۇنىڭغا:
- ئاتا - ئانىڭىزغا مېنىڭدىن مۇنۇ بىر خالتا توقاچنى ئېلىپ بېرىڭ! ئۆيلەندىم دېسىڭىز، كېلىنىمنىڭ ئادەمگەرچلىكى يوق ئوخشايدۇ، دەپ قالمىسۇن، - دەپتۇ.
يىگىت كىچىككىنە بىر خالتا توقاچنى ئېلىپ كېتىپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ: >نېمە دەپمۇ مۇشتۇمدەك خالتىنى بېرىمەن. خوتۇنۇڭنى كۆرسەت دېسە، نېمە دەيمەن؟< دەپ خىجالەت تارتىپ قاپتۇ.
پادىشاھ دادىسى بىلەن شاھزادە ئاكىلىرى ئۇنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپتۇ ۋە يوقىتىپ قويدۇق دەپ قايغۇ - ھەسرەت تارتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
- خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن ساق - سالامەت، ئاتقان ئوقۇمنى تېپىپ ئۆيلەندىم، - دەپتۇ كىچىك ئوغلى.
- كېلىننى نېمىشقا ئەكەلمىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ دادىسى. يىگىت يەرگە قاراپتۇ.
- يالغان، - دەپتۇ ئاكىلىرى. پادىشاھ ئويلاپ تۇرۇپ:
- يالغان بولسا كېرەك، راست بولسا كېلىن بالا سوغا - سالام يوللىغان بولاتتى، - دەپتۇ.
- يوللىدى، - دەپتۇ كىچىك ئوغلى ئۆزىنى ئاقلىماق بولۇپ.
- قېنى، كۆرسەت، - دەپتىكەن، خىجالەتچىلىك ئىچىدە، ھېلىقى كىچىككىنە خالتىنى سۇنۇپتۇ. پادىشاھ خالتىنى قولىغا ئالغاندا، ئاكىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. پادىشاھ خالتىنىڭ ئاغزىنى سۆكۈپ، ئۇششاق توقاچتىن بىرىنى ئاغزىغا ساپتىكەن، ئۆمرىدە مۇنداق مەزىلىك توقاچ يېمىگىنىنى ئەسلەپتۇ. شۇندىن كېيىن دادىسى:
- قېنى، يەپ كۆرۈڭلار، - دەپ قالغانلارغا بردىن تارقىتىپ بېرىپتۇ. ئۇلارمۇ توقاچنىڭ مەزىلىكلىكىدىن كالپۇكلىرىنى تامشىپ كېتىپتۇ. خالتىغا قارىسا، توقاچ زادى يېرىملىمىغۇدەك. پادىشاھ بۇ ۋەقەگە ھەيران قاپتۇ. ئىچىدە >بۇنىڭدا بىر سار بار< دەپ ئويلاپتۇ.
- رەھمەت ئوغلۇم، - دەپتۇ ئۇ كىچىك ئوغلىغا، - قېنى چوڭ ئوغۇللىرىم ۋە كېلىنلىرىم، سىلەرمۇ شۇنداق توقاچ يېقىپ كېلىڭلار، ئاندىن زاڭلىق قىلغىنىڭلارنى كۆرەي، - دەپتۇ.
ھەش - پەش دېگىچە ئۇلارمۇ توقاي يېقىپ كەپتۇ. پادىشاھ چوڭىنىڭ توقىچىنى چاكا - چۇكالارا بېرىپ، ئوتتۇرانچىسىنىڭ توقىچىنى ساراي ئىتلىرىغا تاشلاپ بېرىپتۇ، كىچىك ئوغلى ئەكەلگەن توقاچنى بولسا ئۆزى ئاياپ يەيدىغانغا ساقلاپ قويۇپتۇ. ئىككى چوڭ ئوغلىنىڭ روھى چۈشۈپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا پادىشاھ ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ:
- قېنى، كېلىنلىرىمنى بىر سىناپ كۆرەي، قايسىسىنىڭ ھۈنىرى ئارتۇقكىن، سىلەرنىڭ خوتۇنلىرىڭلار ماڭا بىردىن كۆينەك تىكسۇن، - دەپتۇ. ئىككى ئوغلى خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ، چۈنكى، بىرى باينىڭ، بىرى ۋەزىرنىڭ قىزى تۇرسا، ئاجايىپ كۆڭلەك تىكىپ بېرىدۇ، دەپ ئويلىشىپتۇ. كىچىك ئوغلى بولسا، مايمۇن خوتۇنىدىن خىجالەت بولۇپ >ئەمدى رەسۋا بولىدىغان بولدۇم!< دەپ خاپا قايتىپتۇ. ئېرىنىڭ خاپا قايتقىنىنى كۆرگەن مايمۇن قىز:
- نېمە بولدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- توقىچىڭدىن دادام بەكمۇ رازى بولدى، ھەتتا ساڭا رەھمەت ئېيتتى، ئەمما كېلىنلىرىم ماڭا بىردىن كۆڭلەك تىكىپ ئەۋەتسۇن دېدى، مانا شۇنىڭغا خاپىمەن، قانداق قىلارمىز؟ - دەپتۇ.
- شۇنىڭغىمۇ خاپا بولامدىكەن، يېتىپ ھاردۇق ئېلىڭ، مەن كۆڭلەك تىكىپ بېرىمەن، - دەپتۇ خوتۇنى.
ئۇ ئۇخلاپ قالغاندا، مايمۇن قىزنىڭ قېشىغا يەنە ھېلىقى قىز پەيدا بولۇپتۇ؛ بۇ قىزنى مايمۇن قىز ھەدە، دەپ ئاتاپتۇ. شۇندىن كېيىن بۇ ئىگىچە - سىڭىل خوتەن ئىپىكىدىن تۇقۇلغان شايى كۆڭلەڭ، بەرقۇتتىن كىمخاپ تون تەييارلاپتۇ، ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئالقانچىلىك قۇتىغا ساپتۇ. مايمۇن قىز ئېرىنى ئويغىتىپ، يولغا ساپتۇ.
چوڭ - كىچىك ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ دېگەن قەرەلىدە يېتىپ كەپتۇ، لېكىن چوڭ ئوغلى ئەكەلگەن كۆڭلەكنىڭ يېڭى چالا قاپتۇ ھەم سەت تىكىلىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرىگە:
- يېڭىنى تىكتۈرۈپ سىز كىيىڭ، - دەپتىكەن، ۋەزىر:
- ھەشقاللا، - دەپ ئاپتۇ.
ئوتتۇرانچى ئوغلىنىڭ ئەكەلگەن كۆڭلىكىنى كەڭ تىكىلىپ قالغان بولۇشىغا قارىماي، ياقىسىغا تۈگمە قاداماي قاپتۇ، پادىشاھ بۇنى پادىچىغا تاشلاپ بېرىپتۇ. پادىچى مىڭ تازىم قىلىپ، ئىڭىشىپ چىقىپ كېتىپتۇ.
- سېنىڭ قولۇڭدا ھېچنېمەڭ يوققۇ، ئۈلگۈرتەلمىدىڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ كىچىك ئوغلىدىن.
- مانا، دادا، - دەپ قۇتىنى سۇنۇپتۇ كىچىك ئوغلى.
بىر قولياغلىق پاتىقىدەك كىچىك قۇتىدىن بىر ئىپەك كۆڭلەڭ، بىر كىمخاپ تون چىقىپتۇ، ئاكىلىرىنىڭ كۆزلىرى ئالاقزادە بولۇپ كېتىپتۇ. پادىشاھ كىيىپ باقسا، لايىق كەپتۇ. ئەينەككە قاراپ باقسا، ھەقىقىي پادىشاھقا ئوخشاپتۇ.
- بۇنى ئۆزۈم كىيىمەن، كېلىنىمگە رەھمەت، سالام ئېيتقىن! - دەپ پادىشاھ كۆڭلەكنى ئۆزىگە ئېلىپ قاپتۇ.
- ئەمدى، دەپتۇ پادىشاھ، - كېلىنلىرىمنىڭ تاماققا ئۇستىلىقىنى كۆرۈپ باقىمەن ھەم تۇتقان ئۆيۈڭلارنى كۆرىمەن.
ئىككى چوڭ ئوغلى خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. كىچىك ئوغلى يەنە مايمۇن خوتۇنىنىڭ قېشىغا خاپا ھالدا كەپتۇ.
- يەنە نېمىگە خاپىسىز؟ - دەپتۇ مايمۇن قىز.
- دادام سەندىن رازى بولدى ۋە ساڭا سالام ئېيتتى، - دەپتۇ يىگىت.
مايمۇن قىز >سالىمى نېمىسىدۇر< دەپ ئويلاپ:
- باشقا گەپ قىلمىدىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئۆيۈڭلەرگە بېرىپ، كېلىنلىرىمنىڭ تۇتقان ئۆيلىرىنى، ئۇلارنىڭ تاماققا ئۇستىلىقىنى كۆرىمەن دېدى، - دەپتۇ ئېرى.
- بۇ، خاپا بولىدىغان ئىش ئىكەن، - دەپتۇ مايمۇن قىز.
- نېمىشقا؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت.
- تىلىم بارمايدۇ ئېيتىشقا، - دەپتۇ مايمۇن قىز.
ئېيىت، ئېيتمىساڭ رازى ئەمەسمەن، - دەپتۇ يىگىت.
خەير ئېيتاي، بىز ئۇلارنى بۇ ئەسكى تامدا مېھمان قىلمايمىز، ياخشى جايدا مېھمان قىلىشىمىز مۇمكىن، ئۇلار مېنى بۇ قىياپەتتە ئەمەس، باشقا قىياپەتتە كۆرۈشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا مېھمانلارنىڭ نىيىتى بۇزۇلمايدۇ، دەپ ئېيتالمايمەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن خاپا بولغىدەك ئىش ئىكەن دەۋاتىمەن، - دەپتۇ مايمۇن قىز.
- بۇ نېمە دېگىنڭ؟ كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ بىرى دادام، ئىككىسى ئاكام، قالغانلىرى ۋەزىر - ۋۇزرالار، ئۇلاردا قارا نىيەت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭ خاپا بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى باشقا.
- ئېيتىڭ، باشقا يەنە نېمىگە خاپا بولىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ مايمۇن قىز.
- بۇ ئەسكى تامدا، يە قاچا - قۇمۇچ، يە ئۆي - جابدۇق يوق، يە ئوزۇق - تۈلۈك يوق، قانداق قىلغۇلۇق، دەپ خىجالەت بولىمەن.
- سىز كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ، بىراق مەن ئاچ دېمىگۈچە ئاچسىڭىز يامان بولىدۇ، - دەپتۇ مايمۇن قىز. شۇندىن كېيىن يىگىت قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمرىنى كۈتۈپتۇ. بىر ۋاقىتتا:
- كۆزىڭىزنى ئېچىڭ، - دەپتۇ مايمۇن قىز.
كۆزىنى شۇنداق ئېچىپ قارىسا، جەننەتتەك چىرايلىق بىر باغلىق قورونىڭ ئىچىدە ئولتۇرغىدەك. پادىشاھنىڭ سارىيىدىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق ۋە چوڭ ئىمارەت؛ ئەتراپى باغۇ - بوستان؛ تۈمەن - تۈرلۈك گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان، بارلىق ئېسىل قۇشلار سايرىشىۋاتقان؛ ئۆستەڭ ۋە ئېرىقلاردا كۈمۈش رەڭ سۇلار ئېقىۋاتقان، باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا، چۆرىسىدە قۇمۇش گۈللەر ئۆسۈپ كەتكەن كۆل؛ كۆلنىڭ ئىچىدە رەڭمۇ رەڭ بېلىقلار ئوينىشىۋاتقان. ئۇرلانى سەيلە قىلىپ، توپ - توپ كېنىزەكلەر كۈلۈشۈپ، گۈلەڭگۈچ ئۇچۇشۇپ يۈرگەن. بىر توپ قىز نەغمە - ناۋا قىلىۋاتقان؛ يەنە بىر توپ قىز بوستانلىققا زىلچە - گىلەم سېلىپ، زىياپەت تەييارلاۋاتقان؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىپەك - دۇردۇنلاردىن كىيىم كىيگەن؛ ئۇلارنىڭ ئىچىىدە ھېلىقى ئەسكى تامدا ئۆزى كۆرگەن ئىككى قىزنىڭ ئالاھىدە سۆلەت بىلەن يۈرگىنىنى كۆرۈپتۇ. يىگىت >نېمە ئالامەت بۇ؟< دەپ ئويلىشىغا، ئۇنىڭ ئالدىغا ھېلىقى ئىككى گۈزەل پەرىزات كەپتۇ. ئۇلاردىن بىرى:
- مەن سىزنىڭ خوتۇنىڭىز، بۇ بىزنىڭ ھەدىمىز، - دەپ تونۇشلۇق بېرىپتۇ.
- مۇرادىم ھاسىل! - دەپتۇ يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدى بىلەن ھەدىسىگە سالام بېرىپتۇ، ئاندىن ئايالىنىڭ قولىدىن سىلاپ تۇرۇپ، ئامراقلىق بىلەن كۆزىگە قاراپتۇ.
شۇ چاغدا پادىشاھ ھەممە مېھمانلارنى باشلاپ يېتىپ كەپتۇ. ئولتۇرۇش باشلىنىپتۇ، تاماق تارتىلىپتۇ، كېيىن بەزمە قىزىپتۇ، كىنىزەكلەر ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ. پادىشاھنى ھەممە مېھمانلار بىلەن ياخشى قارشى ئېلىپ، ئېھتىرام بىلدۈرۈشۈپتۇ. مېھمانلار باغلارنى سەيلە قىلىپ يۈرگەندە، چوڭ ئاكىسىنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ، ئۇ ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئالماق بولۇپتۇ. قېيناغىسىنىڭ بۇ ئويىنى مايمۇن قىز سېزىپ قاپتۇ. ئۇ دەررە ئېرىگە:
- چوڭ ئاكىڭىزنىڭ نىيىتى بۇزۇلدى، ئۆزىڭىزگىمۇ، ماڭىمۇ قىلدىڭىز، ئەمدى بىز ئايرىلىپ كېتىمىز، ئەگەر مېنىڭ بىلەن ياشاشنى خالىسىڭىز تۆمۈردىن كەشە كىيىپ، تۆمۈر ھاسا تۇتىسىز، كەشىڭىز تېشىلىپ، ھاسىڭىز ئېگىلگىچە ئىزلىسىڭىز مېنى تاپالايسىز، - دەپتۇ - دە، قىزلار بىلەن بىللە بىر توپ كەپتەر بولۇپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ھاڭ - تاڭ بولۇپ كېتىشىپ قاپتۇ. يىگىت چوڭ ئاكىسىغا ئالىيىپ قاراپ قويۇپ، تۆمۈر كەشە كىيىپ، تۆمۈر ھاسىغا تايىنىپ، مەشۇقىنى ئىزلەپ جاھاننى كېزىشكە راۋان بولۇپتۇ. مېڭىپتۇ - مېڭىپتۇ، چۆللەرنى كېزىپتۇ، كۈن ئۆتۈپتۇ، ئاي ئۆتۈپتۇ، يىل تۇشۇپتۇ.شۇنداق ئىزلەشتىن زېرىكمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېرىپ - ئېچىپ، بىر كۆلگە دۇچ كەپتۇ. سۇ ئىچىپ، ھاردۇق ئاپتۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ، خىيال سۈرۈپتۇ. قاراپ باقسا، ھاسىسى ئۇپراپ تۈگەپتۇ، كەشىسى تېشىلىپ قاپتۇ، ھېسابلىسا مىڭ كۈن پىيادە توختىماي يول مېڭىپتۇ، شۇ چاغدا يىگىت:
- يا رەببىم، ئەمدى مەھبۇبەمنى تاپىدىغان ئوخشايمەن! - دېگەن ئۈمىت بىلەن يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
شىرىن چۈشلەرنى كۆرۈپتۇ، بىرسى:
- تۇر، - دېگەندەك قىلىپ، پىشانىسىنى سىلاپتۇ، شۇنداق ئويغىنىپ قارىسا، يېنىدا خوتۇنى تۇرغىدەك. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.