شەمشىنۇر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
داقىيانۇسنڭ زامانىسىدا يەتتە ئىقلىم پادىشاھى ھۆكۈم سۈرگەن ئىكەن، شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرىدىن بىرى بولغان خەلەپ پادىشاھىدىن پادىشاھ خوجا ۋاپاغا ھەم گېردەنشا نامچىغا بىر مەكتۇپ كەپتۇ. ئۇلار خەتنى ئېچىپ ئوقۇسا، مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىكەن: >جانابى ئۇلۇغ پادىشاھ خوجا ۋاپا ۋە دانىشمەن گېردەنشا نامچى، سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارغا ۋەزىرىم بىلەن ئوغلۇم سەپەر قىلدى، ئۇلارنىڭ تەشرىبىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەمدە بولۇشۇڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. پادىشاھلار ئارىسىدىكى مۇنداق مۇناسىۋەتلەر ئەللىرىمىزنى گۈللىنىشكە ئېلىپ كېلىدۇ، مۇشۇنداق مۇتەپپەككۇر ۋە ياخشىلىقلار بىر پادىشاھلارنىڭلار قولىدىن كېلىدۇ، دەپ ئۈمىت باغلاپ، ئېھتىرام بىلەن پادىشاھى خەلەپ<.
بۇ خەتنى ئوقۇپ، پادىشاھ خوجا ۋاپا ئانچە ئويلانمايلا مۇنداق دەپتۇ:
- ئاتا، مېنىڭمۇ بۇ توغرىلىق ئويلىغىنىم بار ئىدى، پادىشاھلارنىڭ ئۆز ئارا مېھمان بولۇپ، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىشى تەڭدىشى يوق ئىشلاردىن بولىدۇ، بولۇپمۇ ئەلنى باشقۇرۇپ، پۇقرالارغا ئاتىدارچىلىق قىلىۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن بۇ پەرز ھەم قەرز. شۇڭا مەن ئويلايمەنكى، خەلەپنىڭ ۋەكىللىرى كەلگىچە يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرىغا مەكتۇپ ئەۋەتسەك، بارلىقىنى ۋەزىر، ئۆلىمالىرى بىلەن مېھمانغا چاقىرساق، چوڭ بىر ئەشرىكەت قىلساق، مۇتەپەككۇرلارنىڭ شۇ ئولتۇرۇشىدا ئۆز ئارا سۆھبەتلىشىپ، سىر ئېلىشىپ، كۆرگەن - بىلگەنلىرىمىزنى بايان ئەيلىسەك، خۇدا ئالدىدا ۋە بەندىلەر ئالدىدا تەڭدىشى يوق ساۋاب ئىش قىلغان بولاتتۇق، سىز قانداق قارايسىز؟
- بولىدۇ، ئوغلۇم، سىز پەيغەمبەردەك سۆز قىلدىڭىز، مۇبادا نېسىپ بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرەرمىز، - دەپتۇ گېردەنشا.
پادىشاھ خوجا ۋاپا شۇ كۈندىن باشلاپ ۋەزىر، ئۆلىما، لەشكەر ۋە خىزمەتچىلىرى بىلەن ئىككى ئاي تەييارلىق قىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ چوڭ چار بېغىدا مىڭلاپ قوي سۇيۇلۇپ، يۈزلەپ داشقازانلار ئورنىتىلىپ، تۈرلۈك - تۈرلۈك تائاملار ھازىرلىنىپتۇ. تەييارلانغان مەخسۇس ئورۇنلارغا داستىخانلار سېلىنىپ، يەتمىش ئىككى تۈرلۈك نازۇ - نېمەت تۆكۈلۈپتۇ. ھەر خىل شارابلار ھازىرلىنىپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتە نەغمە - ناۋا، داپ - دۇمباق قىزىپتۇ؛ بىر تەرەپتە دارۋازلار، ئۇسسۇللار ئوينىلىپتۇ.
يەتتە ئىقلىم بويىچە، بۇ كەمگىچە ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ئاجايىپ ئولتۇرۇش تارىخقا يېزىلىپتۇ. ئويۇن - تاماشا ئون ئىككى كۈن داۋام قىلىپ ئاياقلىشىپتۇ.
قىرىق يىلدىن بېرى گېردەنشانىڭ زۇلىمىدىن باشقىنى كۆرمىگەن پۇقرا خوجا - ۋاپا پادىشاھ بولۇپ، تەختكە ئولتۇرغاندىن بېرى زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، راھەت كۆرۈۋاتقانلىقىغا خوشال بولۇشۇپ، خوجا ۋاپاغا تۈگمەس تەشەككۈرلەر ئېيتىشىپتۇ، كېچە - كۈندۈز ئوردىدىن كەتمەي، خوجا ۋاپانىڭ ئۆمرىگە ئېيتىشىپتۇ، كېچە - كۈندۈز ئورىدىن كەتمەي، خوجا ۋاپانىڭ ئۆمرىگە دۇئا قىلىشىپتۇ. بۇنى كۆرگەن يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرى، ۋەزىرلىرى، ئۆلىمالىرى ھەيران بولۇپتۇ. خوجا ۋاپاغا كۆپ ئاپىرىن ئوقۇپتۇ.
ئولتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى كېچىسى ھېكايە ئاڭلاش غەرىزى بىلەن پادىشاھ، ۋەزىر، ئۆلىما، خەلىپلەر مەخسۇس تەييارلانغان ئايرىم بىناغا تەكلىپ قىلىنىپتۇ. خوجا ۋاپا بۇ سۆھبەتتە ئەگەر ۋاقىت بولسا، خەلەپ پادىشاھنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئەۋەتكەن مەكتۇبىنىڭ نېمە ۋەجىدىن ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە ئوغلى بىلەن ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ بۇ يۇرتقا سەپەر قىلىشىدىكى سەۋەبلىرىنى كۆپچىلىك ئالدىدا ئاڭلاپ كۆرمەكچى بولۇپتۇ.
- ھەي ئوغلۇم خوجا ۋاپا، مېھمانلار جەم بولۇپ قالدى، قىزىق پاراڭ قىلىدىغان، يا بولمىسا ھېكايە - پىكايە ئېيتىدىغان كىشىلەر بولسا چاقىرتسىڭىزچۇ؟ - دەپتۇ گىردەنشا. خوجا ۋاپانىڭ بۇيرۇقى بىلەن مىڭ بېشى بەش - ئالتە كىشىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ، قىزىقارلىق ھېكايە ئېيتىدىغان بىرەر ھېكايىچىنى ئىزلەپتۇ. ئەمما تۈزۈكرەك بىر ئادەم تېپىلماپتۇ. ئاخىرى ئوردىغا قايتىپ كېلىپ ئەھۋالنى ئىزھار قىلىپتۇ.
خوجا ۋاپا:
- يەتتە يىلدىن بېرى مال بېقىپ، يېڭىدىن ئورىغا كەلگەن بىر يېتىم بالا بار، ئۇنى ھېكايىگە ئۇستا، دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ئەڭ بولمىغاندا شۇنى بولسىمۇ ئېلىپ كېلىڭ، - دەپتۇ.
مىڭ بېشى ئۇدۇل بالىنىڭ يېنىغا بېرىپ:
- ھەي يېتىم! پادىشاھنىڭ ئەمىرى: سېنى ھازىر يېتىپ كەلسۇن دەيدۇ، - دەپتۇ - دە، پادىچى بالىنى ئولتۇرغان مۆتىۋەرلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپتۇ.
بالا سالام قىلىپ، بوسۇغىدىلا ئولتۇرۇپتۇ.
يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرى بۇنى كۆرۈپ، بىر - بىرىگە قارىشىپ، پىچىرلىشىپ، بالىنىڭ ھۆسنىنىڭ چىرايلىقلىقىدىن گەپ ئېچىپتۇ. خەلەپنىڭ شاھزادىسى بالىنىڭ جامالىدىن ھېچ كۆپ ئۈزەلمەپتۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭغا:
- ھەي، كىتاب ئوقۇغانمۇ سەن؟ - دەپتۇ نەپرەت كۆزى بىلەن قاراپ گېردەنشانىڭ بىر ئۆلىماسى.
- يوقسۇ تەقسىر، كىتاب كۆرمىگەنمەن، - دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ مۇلايىملىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، قول قوشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ. بالا.
- بولمىسا، نېمە يوغان باشلىق قىلىپ كەلدىڭ بۇ يەرگە! - دەپتۇ ھېلىقى ئۆلىما.
گېردەنشا ئاستا ئاغزىنى خوجا ۋاپانىڭ قۇلىقىغا يېقىن ئەكىلىپ: >بۇ، ئۇلۇغلار ئالدىدا ھېچنېمە سۆزلەپ بېرەلمەي، بىزنى رەسۋا قىلمىغىدى< دەپ پىچىرلاپتۇ.
- ئېيتىپ كۆرسۇن ئاتا، - دەپتۇ خوجا ۋاپا، - كۆپ يىللار مال بېقىپ، ئېغىرچىلىقىنى كۆرگەن كىشى، كۆپ نەرسە بىلىشى مۇمكىن.
- ھەي يېتىم قۇل، قىزىق ھېكايە بىلەمسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. گېردەنشا.
- ھەممىنى بىلىمەن، - دەپتۇ بالا.
- نېمىنى ئېيتىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ گېردەنشا.
- ئاڭلىمىغاننى ئېيتايمۇ، بىلگەننى ياكى بولغاننى ئېيتايمۇ؟ - دەپتۇ.
- ئاڭلىغاندىن، بىلگەندىن، بولغان ئارتۇق. شۇنى ئېيىت، - دەپتۇ خەلەپ پادىشاھىنىڭ ئوغلى.
شۇنىڭ بىلەن بالا ھېكايىسىنى مۇنداق باشلاپتۇ:
>بۇرۇندىن بۇرۇن، قەدىمىي زاماندىن كېيىن، ئاتام زامانىسىدا بىر پادىشاھ ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭ نۇر جاماللىق بىر قىزى بار ئىكەن. بۇ قىزنىڭ چىرايلىقلىقىغا دۇنيادا ھېچ نەرسە تەڭ كېلەلمەيدىكەن. ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، بىر ھۆسنىلىك قىز ئىكەن. كېچىسى تالاغا چىقسا، يۈزىدىن تۆكۈلگەن نۇر ئۈچ كۈنلۈك يەرگە چۈشىدىكەن. ئادىمىزات ئىچىدىن ئەمەس، پەرىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ مۇنداق چىرايلىق قىز تېپىلمايدىكەن.
پادىشاھ بۇ قىزى ئۈچۈن شەھەردىن يەتتە چاقىرىم نېرى بىر مەنزىرىلىك يەرگە مەخسۇس چارىباغ ياسىتىپتۇ. باغنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىرىق قەۋەتلىك راۋاق ياسىتىپ، تاملىرىنى مەرمەردىن قىلدۇرۇپتۇ. باغقا يەتمىش ئىككى تۈرلۈك گۈل، يەتمىش ئىككى تۈرلۈك مېۋە تىككۈزۈپ، ئېرىق - كۆللىرىدە مەرۋايىتتەك سۇلارنى ئاققۇزۇپتۇ.
چارىباغ تەييار بولغاندا، بەش يۈز كېنىزەك، قىرىق ئاشپەز ۋە بىر ئېمىل ئانىسى بىلەن مەلىكىنى ھېلىقى باغقا كۆچۈرۈپ چىقىپتۇ. مەلىكە ئۈچۈن كۈندە بۇ باغدا نەچچە مىڭ تۈرلۈك نەغمە - ناۋالار چېلىنىپ، كۈندە نەچچە تۈرلۈك تائاملار تەييارلىنىپ تۇرۇپتۇ.
پادىشاھنىڭ 12 ياشقا كىرگەن مەلىكىسىنىڭ داڭقى يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرىغا يېتىپتۇ، تەرەپ - تەرەپلەردىن ئەلچىلەر كېلىشكە باشلاپتۇ.
پادىشاھ كەلگەن ئەلچىلەرگە:
- قىزىمنىڭ ئەركى ئۆز قولىدا، قىزىم كىمنى ياقتۇرسا، شۇنىڭغا بېرىمەن، - دەيدىكەن.
قىزى بولسا، كەلگەن ئەلچىلەرنى:
- بولىدۇ، بىراق يېشىم كىچىك، چوڭ بولغاندا ئۆزۈم خەۋەر قىلاي...، - دەپ قايتۇرۇپ تۇرۇپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى بۇ شەھەرگە قەشقەرىيە مەملىكىتىدىن بىر كەمبەغەلنىڭ بالىسى ئىش ئىزلەپ كېلىپ قاپتۇ. بالا بىرنەچچە كۈن شەھەرنى ئايلىنىپتۇ. بىر يىمىش بازىرىنىڭ ئالدىدا يىراقتىن:
- >پوش - پوش! ھاي - ھاي، ئەركەك بولساڭ ئۆزۈڭنى تارت!< دېگەن ئاۋاز چىقىشقا باشلاپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان خەلق دۇكانلىرىنى تاراقلىتىپ ئېتىىشپ، ھەر تەرەپكە قېچىشىپتۇ. بىردەمدىلا بازاردا ئەركەك جان قالماپتۇ. بۇ بالا ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرسا، يىراقتىكى داپ - دۇمباق، نەغمە - ناۋانىڭ ئاۋازى يېقىنلىشىپتۇ. شۇ چاغدا ھېلىقى بالا ئۆزىنى ئاستا بىر قاپاق تېرەكنىڭ ئارقىسىغا ئالغىنىچە تۇرۇپلا قاپتۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاجايىپ زىننەتلەنگەن مەپىگە پادىشاھنڭ قىزى مەلىكە ئولتۇرۇپ، ئاتىسىنىڭ ئوردىسىدىن ئۆزىنىڭ راۋىقىغا كېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپتۇ. بالا: >پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ دۇنياغا داڭقى تارىلىپ كەتتى، ئۇنىڭ قانچىلىك چىرايلىقلىقىنى بىر كۆرەي< دەپ مەلىكە چۈشكەن مەپە تاق ئۇدۇلىغا كەلگەندە، شۇنداق قارىشى بىلەن تەڭلا، پادىشاھنىڭ قىزىمۇ بالىنى كۆرۈپ قاپتۇ. بالا >ئاھ!...< دەپلا شۇ يەرگىلا يىقىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزىمۇ بالىدىن كۆىنى زادىلا ئۈزەلمەپتۇ.
پادىشاھنىڭ قىزى ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن، چىرايى سارغىيىپ ھالى ناچارلىشىپتۇ. بۇنى سەزگەن ئېمىل ئانىسى مەلىكىنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، زادى يېنىدىن كەتمەپتۇ. قىز بولسا ھېلىدىن - ھېلىغا ئوساللىشىشقا باشلاپتۇ.
- قىزىم، نېمە بولدىڭىز؟ بىردەمدىلا بىر قىسما بولۇپ قالدىڭىزغۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ئېمىل ئانا.
- ئانا، مېھرىبان ئانا، يالغۇز ياغاچتا يىقىلغان بالىغا ئاشىق بولدۇم، ئانا، تېزرەك بېرىپ، شۇ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسىڭىز؟ - دەپتۇ.
ئېمىل ئانىسى ھېكىمگە تۇيغۇزماي، مەلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىزلىرىدىن ئىككىنى ئېلىپ، مەپىگە چۈشۈپ، ھېلىقى بالىنىڭ يېنىغا كەپتۇ. قارىسا، بالا ئەمدىلەتىن ھۇشىغا كېلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشى ئىكەن. بالىنى مەپىگە سېلىپ، قىزچە كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، قاراۋۇللارغا تۇيغۇزماي، يەتتە دەرۋازىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. كېيىن ئۇنى مەلىكىنىڭ مېۋىلىرىگە قارايدىغان قۇل سۈپەتلىك ياساپ، چارىباغقا ئەكىرىپ قويۇپتۇ.
بالا شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى دېگىدەك ئاشىقى مەلىكە بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆزلىشىپ تۇرۇپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، ئارىدىن بىر يىلمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى مەلىكە ئاشىقىنى چاقىرىپ، ئون تىللا ئالتۇننى تۇتقۇزۇپ:
- سىز مۇشۇ ئون تىللا ئالتۇننى ئېلىپ، ئۆز شەھىرىڭىزگە بېرىڭ، شۇ يەردە ياخشى ئىمارەت سېلىپ، ئۆي - بىسات، مال - ۋاران قىلىڭ، ئۆزىڭىز ياخشى كىيىنىڭ، شۇنىڭ بىلەن ئاتامغا ئەلچى ئەۋەتىڭ، سىز پادىشاھنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە رازىلىق بىلدۈرمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇنۇ، مۇنۇ كىىشلەرنى چاقىرىپ، ئۆيىڭىزدە مېھمان قىلىڭ؛ ئۇلار بولسا ئاتامنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرى، ئاتام ئۇلارنىڭ سۆزىدىن چىقمايدۇ... ئارىدىن بىر ئاينى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئاتامغا ئەلچى ئەۋەتىڭ، - دەپ ئاشىقىنى يولغا سالماقچى بولۇپتۇ. ئاشىقى يىغلايدىكەن، قاقشايدىكەن. مەلىكىمۇ يىغلايدىكەن، قاقشايدىكەن، بىر - بىرى بىلەن خۇشلىشىدىكەن. خۇشلىشىش ئالدىدا ئۇلار بىر - بىرىگە >ۋەدىمىز بىر، ئۆلسەكمۇ - تىرىلسەكمۇ قوشۇلىمىز< دېگەن سۆزلەرنى قىلىشىدىكەن.
ئاشىقى ئۈچ ئاي يول يۈرۈپ، ئۆز يۇرتىغا كېلىپ، ئاتا - ئانىلىرى، قوۋمى - قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ، يىغلىشىپتۇ، قاقشىتىپتۇ. قارىسا، ئاتا - ئانىسى پادىشاھلارنىڭ دەردىنى ۋە زۇلىمىنى تولا تارتىپ، ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ھېچ نەرسىسى قالماي، شەھەر سىرتىدا گەمە كولاپ، يولدىن ئۆتكەن كارۋانلاردىن تىلەمچىلىك قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئىكەن. بۇنى كۆرگەن بالا ئاتا - ئانىسىنى پايتەختكە كۆچۈرۈپ كەپتۇ. شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر ياخشى جاي سېتىۋېلىپ، ئاجايىپ بىر بىنا تۇرغۇزۇپتۇ...
ئاندىن كېيىن بالا مەلىكىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە شۇ قەرەلدە يۇرتقا چاي بېرىپتۇ. بۇنىڭغا يەتتە ئىقلىمدىن سازچى، ئۇسسۇلچى، ئويۇنچىلارنى يېقىن كۆرگەن - بىلگەنلىرى بىلەن چاقىرتىپتۇ. مەلىكە كۆرسەتكەن ئۈچ كىشىنى دېگەندەك ياخشى مېھمان قىلىپتۇ.
چاي تۈگەپتۇ. يۇرت ئەھلى تارقىلار ئالدىدا بالا مەلىكىنىڭ يۇرتىدىن كەلگەن كىشىلەرگە نۇرغۇنلىغان ئالتۇن قويۇپتۇ ۋە باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن مېھمان، سازەندە، ئۇسسۇلچى ۋە ئويۇنچىلارنىمۇ تولۇق رازى قىلىپتۇ. ھەممىسى بالىدىن رازى بولۇشۇپ، ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىشىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ يەتتە ئىقلىمغا داڭقى كېتىپتۇ.
بالا ئارىدىن بىر ئاينى ئۆتكۈزۈپ، مەلىكىنىڭ دادىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. پادىشاھ ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلاردىن بالىنىڭ ئەھۋالىنى بىر قۇر سوراشتۇرۇپ قويۇپ: >قىزىم خالىسا، مېنىڭ قارشىلىقىم يوق< دېگەندىن باشقىنى ئېيتماپتۇ. ئىچىدە بولسا: >ھەي، ... يەتتە ئىقلىمنىڭ مەن - مەن دېگەن شاھزادىلىرىنى ياراتمىغان قىزىم سېنى نېمە قىلار...< دەپ ئويلاپتۇ. ئەلچىلەر پادىشاھنىڭ قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىدىنلا، ئۆزلىرىنىڭ كەلگەنلىكىگە پۇشايمان يەپتۇ. سىرتقا چىققاندىن كېيىن ئەلچىلەردىن بىرى:
- ئاۋارە بولمايلى، مۇشۇ يەردىنلا قايتىپ كېتەيلى، - دەپتۇ.
- ياق، شۇنچە يەردىن كەلگەن ئادەم ئېغىر ئالماي، مەلىكىگە بىر يولۇقۇپ، سۆزىنى ئاڭلاپ كېتەيلى، - دەپتۇ يەنە بىرى.
- >ئەلچىگە ئۆلۈم يوق< دېگەن گەپ بار، بىز ئەلچى، بىزنى ھېچكىم قوغلىۋەتمەيدۇ. ياخشىسى، مەلىكىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن جاۋابىنى ئېلىپ كېتەيلى، - دەپتۇ ئايال ئەلچى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماقۇل كۆرۈشۈپ، ئەتىسى ئايال ئەلچىنى مەلىكىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگۈزۈپتۇ. ئەلچى ئايال دەككە - دۈككىدە، مەلىكىنىڭ ئېمىل ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا نېمە ۋەجىدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئېمىل ئانا مەلىكىنىڭ ئاشىقىدىن ئەلچى كەلگەنلىكىنى دەررۇ مەلىكىگە يەتكۈزۈپتۇ.
- كىرسۇن، - دەپتۇ مەلىكە ئەلچى ئايالنى. ئەلچى كىرىپ، مەلىكىنىڭ ھۆسنى - جامالىنى كۆرۈپ: >ئادەممۇ - پەرىمۇ! ... بۇ قىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا تەگمەيدۇ؟! خاتا قىلغان ئىكەنمەن...< دېگەن تەشۋىشلەر ئىچىدە تۇرغاندا، مەلىكە:
- ئانا، سىز ئۇنداق قورقماڭ، مەن سىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمەن. سىزنىڭ كەلگىنىڭىز مېنىڭ خىزمىتىم ئۈچۈن ماڭغانلىقىڭىز بولىدۇ، - دەپ خۇش مۇئامىلە بىلەن قارشى ئاپتۇ. ئېمىل ئانا مەلىكىنىڭ يىگىتكە بولغان رازىلىق بەلگىسىنى پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا يوللاپتۇ. پادىشاھ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇپ، بىر پەس دېمى ئىچىگە چۈشۈپتۇ.
شۇ زامات پادىشاھ ۋەىر، ئۆلىما ۋە يېقىنلىرىنى چاقىرىپ، قىزىنىڭ ھېلىقى يىگىتكە تېگىشكە رازى بولۇپ، بەلگىسىنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇ ئىشقا ھەممەيلەن ھەيران بولۇپ، ھەر خىل مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپتۇ.
ئاخىرى پادىشاھ رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ. يەتتە ئىقلىمغا چاي قۇيۇپ، قىرىق كېچە - كۈندۈز توي - تاماشا قىلىپتۇ. مەلىكە بالىنىڭ نىكاھىدا بولۇپتۇ.
ئارىدىن ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر قىز پەرزەنت دۇنياغا كەپتۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى شەمشىنۇر قويۇپتۇ. قىز يەتتە ياشقا كىرىپتۇ. قىزىنىڭ ئەقىللىقلىقىغا ئاتا - ئانىلىرى، ھەتتا بوۋىلىرىمۇ ھەيران قاپتۇ. شەمشىنۇر ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ يۇرتنى سوراشتىكى ناھەقىقەت ئىشلىرى ئۈچۈن كىچىكىدىنلا قايغۇرىدىغان، ھەقىقەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ تۇردىغان بولۇپ ئۆسۈۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئانىسى مەلىكە دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ. شەمشىنۇرنىڭ بەختسىزلىككە يۈزلىنىشى شۇنىڭدىن باشلىنىپتۇ. ئاتا - بالا ئىككىسى يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ، ئانىسىنى دەپىنە قىلىپتۇ. ئانىسىنىڭ يىلىنىمۇ بېرىپتۇ...
كۈنلەردىن بىر كۈنى شەمشىنۇرنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ:
- ئاتا، مەن سىلىگە ئون نەچچە يىل كۈيئوغۇل بولدۇم، ياخشى - يامان بولسىمۇ، ئالدىلىرىدا تۇردۇم، خۇدانىڭ تەقدىرى بىلەن مەلىكە دۇنيادىن ئۆتتى؛ مانا يىلمۇ ئۆتتى؛ ئەمدى مەن ئۆز يۇرتۇمغا بېرىپ ئاتا - ئانىلىرىمنى، يۇرتۇمنى، قوۋمى - قېرىنداشلىرىمنى كۆرۈپ كېلەي. شەمشىنۇر سىلىنىڭ يانلىرىدا تۇرسۇن، - دەپتۇ.
پادىشاھ بىر پەس قايغۇغا چۆمۈپ، بىر ھازادىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ: >خەير، ئامالىم يوق< دەپتۇ - دە، رازىلىق بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۈيئوغلى تەييارلىق قىلىپ، ئۆز يۇرتىغا راۋان بولۇپتۇ. ئۇ ماڭار ئالدىدا پادىشاھ:
- ئوغلۇم، سىز ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ كەتكەن ئىدىڭىز؛ مەن بولسام قېرىدىم؛ سىز بولمىسىڭىز مېنىڭ يۇرتنى باشقۇرۇشۇممۇ تەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئانىلىرىڭىزنى ئېلىپ كەلسىڭىز، مۇشۇ يەردە بىللە مۇڭدىشىپ، بىللە ئۆتسەك. سىز كەلگەندە پادىشاھلىقنى سىزگە بەرسەم، يۇرتنىڭ پىكرىمۇ شۇنداق، - دەپتۇ.
ئاتىسى ئۆز يۇرتىغا كېتىپ، ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شەمشىنۇر 12 ياشقا كىرىپتۇ. بۇ قىز شۇنداق چىرايلىق قىز بوپتىكى، ئۇنى كۆرگەن ئادەملەر ھۇشىدىن كېتىدىكەن. بۇ قىزنىڭ گۈزەللىكىگە ئاي بىلەن كۈنمۇ خىجىل بولىدىكەن. >ئادىمىزاتتىن بۇنداق ھۆسۈندار رەنا قىز تۇغۇلىدىكەن!< دەپ يۇرتنىڭ ھەممىسى ھەيران بولۇپتۇ.
شەمشىنۇر 13 ياشقا كىرگىنىگە قارىماي، پادىشاھلارنىڭ ئەلچىلىرى كېلىشكە باشلاپتۇ. پادىشاھ نەۋرىسىنىڭ ئۆز دادىسى كەلمىگىچە، بىر نېمە دېيەلمەيدىغىنىنى ئېيتىپ، بارلىق ئەلچىلەرنى قايتۇرۇپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ جامائەتنىڭ نەزىرى چۈشكەن نەۋرىسىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنىڭ پىر ئۇستازى خەلپىگە تاپشۇرماقچى بولۇپتۇ.
بۇ خەلپە بولسا ناھايىتى موللا، تەقۋادار ھەم ئۆلىما ئادەم بولۇپ، ئۆزىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن، يەتتە ئىقلىم بويىچە مۇرىدى يەتتە مىڭغا يەتكەن ئىكەن. پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى بۇ كىشىنىڭ مۇرىدى ئىكەن. يەتتە ئىقلىمنىڭ ئاتاقلىق پادىشاھى ھېلىقى مەلىكىنىڭ ئاتىسىمۇ ئۇ خەلپىگە مۇرىت بولۇپ قول بەرگەن ئىكەن.
ئۇ ھەر جۈمە كۈنى خەلپىنى مەپە بىلەن ئۆز يېنىغا ئەكىلىپ، ئۇنىڭدىن دەرس ئاڭلايدىكەن ۋە ئەقىل ئۆگىنىدىكەن.
روزى ئېيىنىڭ بىر كۈنى پادىشاھ خەلپىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئەقىل سوراپ ئۆگەنگەندىن كېيىن:
- پىر ئۇستازىم، ئۆلۈپ كەتكەن قىزىمدىن بىر قىز نەۋرە قالغان ئىدى، بالىنىڭ ئاتىسى قىزىم ئۆلگەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىغا سەپەر قىلىپ، كۆپ يىل بولدى كەلمىدى، كۈيئوغلۇم كېتەر ئالدىدا قىزىنى ماڭا ئامانەت قويغان ئىدى، يەتتە ئېقلىمدىن ئەلچى كېلىپ، قۇلىقىمنى خوپ ئاغرىتتى. بالىنى ساقلاشتىنمۇ قورقۇپ قالدىم. نەۋرەمنى سىلىگە تاپشۇرمىسام، دادىسى كەلگىچە سىلىنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرسا، تاھارەتلىرىگە سۇ بەرسە، دېگەن ئويدا بولۇۋاتىمەن...
- خوپ، - دەپتۇ ئۆلىما، - بىر بالىنىڭ ھېچ ئارتۇقچىلىقى يوق. سىلىنىڭ نەۋرىلىرى مېنىڭ نەۋرەم. كىشىنىڭ ئامانىتىنى ياخشى ساقلاپ، ئاسراپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇش - ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە ساۋاب ئىشتۇر...
شەمشىنۇر خەلپىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، خەلپە ئۇنى >نامەھرەم< دەپ چەكلەپ، تالا - تۈزگىمۇ چىقارماپتۇ. بارا - بارا قىزنى قورۇپ، قورادىن چىقماس قىلىپ قويۇپتۇ. ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ قىزنى قوراغا كىرگەن خوتۇنلاردىنمۇ قاچۇرۇپتۇ. ئاخىرى بېرىپ ئۇنى قورانىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر ئۆيگە بەنت قىلىپتۇ. ئۈچ كۈندە بىر يوقلايدىغان خەلپە ئەمدى كۈندە بىر قېتىم قىزنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سورايدىغان بولۇپتۇ، قىزنى كۆرمىسە يۈرىكى چىدىمايدىغان ئەھۋالدا قاپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى كەچقۇرۇن خەلپە باغدىن قايتىپ چىقىپ كېلىۋېتىپ، شەمشىنۇرنى غۇۋا كۆرۈپ قاپتۇ، بىراق تونۇماپتۇ. شۇنداق بىر قاراپلا:
- >ئاھ، پەرىمىدۇ، ئادەممىدۇ؟! نېمە بولساڭمۇ مەن ساڭا ئاشىق بولدۇم، - دەپلا ھۇشىدىن كېتىپ، يەرگە يېقىلىپتۇ...<
پادىچى بالا ھېكايىگە كىرىشىپ، راسا قىزىپ، مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سول تەرەپتە ئولتۇرغان خەلپە ئۆڭۈپ - تاتىرىپ، ئۆز - ئۆزىدىن ئورنىدا تېنچ ئولتۇرالماي:
- ھەي ئەخمەق، شۇم كاززاپ، قوي، يوق نېمىنى بىلجىرلىما! - دەپ ۋارقىرىۋېتىپتۇ. بالا جىم بولۇپ قاپتۇ، مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ھەيران بولۇشۇپ، بىر - بىرلىرىگە قارىشىپتۇ.
- ئېيتسۇن، ئېيىت ئوغلۇم، - دەپ ئەمىر قىلىپتۇ پادىشاھ خوجا ۋاپا.
- ئېيتسۇن، ئېيتسۇن، - دەپ تەرەپ - تەرەپتىن ۋارقىرىشىپتۇ ھەممەيلەن.
بالا يەنە پادىشاھ خوجا ۋاپانىڭ بۇيرۇقىدىن روھلىنىپ، ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
بىر ھازادىن كېيىن، خەلپە ھۇشىغا كېلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆيگە كىرىپتۇ. ھېچنېمە كۆرمىگەن ئادەم بولۇپ، خوتۇنلىرىدىن:<
- بايا، باغدىن سۈپۈرگە ئېلىپ ماڭغان قايسىڭ> - دەپ سوراپتۇ.
- شەمشىنۇر سۈپۈرگە كۆتۈرۈپ يۈرەتتى، بەلكىم شۇدۇر، - دەپتۇ چوڭ خوتۇنى.
- ھە... دەپ قويۇپتۇ خەلپە.
خەلپە شۇ كۈندىن باشلاپ، شەمشىنۇرغا ئاشىق بولۇپتۇ. قىزنىڭ ئەھۋالىنى كۈندە ئىككى - ئۈچ قېتىم سوراپ، جامالىنى كۆرۈپ چىقىدىغان بوپتۇ. شەمشىنۇر خەلپىنىڭ مۇنداق يېقىنچىلىق قىلىشىدىن، پىشانىسىدىن تۆۋەنلەپ سۆيۈشكە باشلىغانلىقىدىن گۇمان قىلىشقا باشلاپتۇ. خەلپە كۈندىن - كۈنگە قىزنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ مىچىتكىمۇ ۋە چاقىرغان يەرلەرگىمۇ بارمايدىغان بولۇپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن خەلپە پۇرسەت ئىزلەشكە كىرىشىپتۇ. بىر كۈنى خەلپە بىر ئويغا كەپتۇ - دە، خوتۇنلىرىنى چاقىرىپ:
- بۈگۈن مېنىڭ چۈشۈمگە تېرەك مازاردىكى ئىنىم رەخمىدىنلەر كىرىپ قاپتۇ. سىلەرگە بۈگۈن رۇخسەت، شۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ھال - ئەھۋاللىرىنى سوراپ، مېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىمنى ئېيتىپ، مېھمان بولۇپ كېلىڭلار. يولدا ئۆتكەن - كەچكەنلەرگە ئارتۇقچە قارىماڭلار. يۈزۈڭلار يەردە بولسۇن. ئانچە كەچ قالماي، دېگەنلەرنى ئۆتكۈزۈپلا قايتىپ كېلىڭلار، - دەپ، ئۇلارنى يولغا ساپتۇ.
خوتۇنلىرى خەلپىنىڭ بۇ كەڭچىلىكىگە ھەيران بولۇشۇپ، خۇشاللىقىدا ھېچنېمىنى ئويلىماي، ئوپۇل - توپۇل ياسىنىپتۇ. ئادىمەتچىلىكىنى تەييارلاپ، مەپە بىلەن يولغا راۋان بولۇپتۇ. خەلپە بولسا، ئاستا خوتۇنلىرىنىڭ كەينىدىن چىقىپ، دەرۋازىنى مەھكەم تاقاپتۇ - دە، توغرا شەمشىنۇرنىڭ يېنىغا كىرىپ:
- قىزىم، - دەپ ئەنسىز ئاۋازدا چاقىرىپتۇ.
- لەببەي، - دەپ ھېچنېمە بىلمىگەن قىز ئورنىدىن تۇرۇپتۇ.
ناماز ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ. ئاپتاۋىنى ئېلىڭ، - دەپتۇ خەلپە.
شەمشىنۇر ئاپتاۋىنى ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئېلىپ، شۇنداق سۇنۇشىغا خەلپە قىزنىڭ بىلىكىنى كاپلا تۇتۇپ قۇچاقلاپ، سۆيۈشكە تەمشىلىپتۇ. قىز بىرلا سىلكىنىپ ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپتۇ - دە، بىر قەدەم نېرى قېچىپ، خەلپىنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:
- ھەي، قايسى يۈزۈڭ بىلەن ماڭا خىيانەت قىلىۋاتىسەن، قېرى دەللە! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئىشنىڭ مۇنداق تۈس ئالغىنىنى كۆرگەن خەلپە:
- سۇپ، سۇپ، سۇپ! توۋا قىل، ھازىر توۋا قىل! كاپىر بولدۇڭ، دىنىڭدىن چىقتىڭ، ماڭا ھاقارەت قىلغىنىڭ ئۈچۈن توۋا قىل!... دەپتۇ.
- توۋا قىلمايمەن، سېنىڭدەك قارا يۈزلەر ئۈچۈن گۇناھكار بولسام بولاي، - دەپ ئۈن سېلىپ ۋارقىراپتۇ شەمشىنۇر.
- ئەخمەق، ئۈنىڭنى چىقارما! - دېگىنىچە خەلپە قىزنى بىر كاچات ئۇرۇۋېتىتپۇ. قىز:
- مۇناپىق پوق ساقال، يوقال كۆزۈمدىن، - دەپلا قولىدىكى ئاپتاۋىنى خەلىپىگە ئېتىپتۇ. ئاپتاۋا خەلپىنىڭ پىشانىسىگە تېگىپ ئويۇۋېتىپتۇ. خەلپە شۇ يەردىلا ھۇشسىزلىنىپ يېتىپ قاپتۇ. شەمشىنۇر بولسا، بېشىغا پۇركەنچىسىنى ئارتىپ دەرۋازىدىن چىققان پېتى كېچىلەپ بوۋىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ - دە، ھېچنېمە كۆرمىگەندەك بولۇپ يۈرۈۋېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ:
- قىزىم، نېمىشقا كېچىلەپ يېنىڭ كەلدىڭ؟ - دەپ سورىغاندا، قىز ئۇنىڭغا:
- سىلەر چۈشۈمگە كىرىپ قاپسىلەر، زادى كۆرگۈم كېلىپ تۇرالماي يېنىپ كەلدىم، - دەپ قويۇپتۇ.
- ھە، دەپتۇ پادىشاھ، - قىزىم مۇنداق كېچىلىرى ھېچ ۋاقىتتا ماڭما، بالا - قازالارغا ئۇچراپ قالما، پەخەس بول! - دەپتۇ.
خەلپە ھۇشىغا كېلىپ قارىسا، يېنىدا ھېچ كىشى يوق. ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، باش - كۆزلىرىنى يۇيۇپ، يوغان ئاق لاتا بىلەن بېشىنى تېڭىپ، كېچىنى >ۋاي - ۋاي< بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ. تاڭ ئاتماي ئورنىدىن تۇرۇپ، ھاسسىغا تايىنىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ مېڭىپتۇ.
پادىشاھ ئەمدىلا تەختكە چىققاندا، خەلپە تەمتىلەپ كىرىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ:
- ۋاي نېمە بولدىلا، كەلسىلە، ئولتۇرسىلا، ئولتۇرسىلا، - دەپ يېنىغا ئولتۇرغۇزغاندا، ۋەزىر، ئۆلىمالار ئولىشىپ كېتىپتۇ. خەلپە گەپنى نېمىدىن باشلىشىنى بىلمەي، بىر پەس تۇرۇپ قاپتۇ.
ئېيتسىلا خەلپەم، - دەپ پادىشاھ غەزەپلىنىپ سۆزلەپتۇ، - ئېيتسىلا، مېنىڭ زامانىمدا سىلىنى چاك ئېتىدىغان قانداق مەخلۇقكەن ئۇ؟!
خەلپە بېشىنى تۇتقان ھالدا:
- ئېيتسام سەت بولىدۇ، ئېيتمىسام دەرت بولىدۇ، بۇ ئىشقا...، - دەپتۇ.
- قانداق ئىش؟ - دەپ سوراپتۇ يەنە پادىشاھ.
- ئەل ياتار ئالدىدا تەرەتكە چىقسام، باغنىڭ ئارقىسىدا ئىككى نەرسىنىڭ قارىسى كۆرۈندى، ۋاي، ئامانەتنى ئوغرىلاشقا كەلگەن بىر نېمىلەر بولمىسۇن يەنە، دەپ، ئاستا ماراپ بارسام، نەۋرىڭىز بىر يىگىت بىلەن ئوينىشىپ تۇرغان ئىكەن. مېنى كۆرۈپ ئۇ مەخلۇق تاش بىلەن بېشىمغا بىرنى ئۇرۇۋىدى ھۇشۇمنى يوقىتىپ، شۇ يەردىلا يىقىلىپتىمەن. بىر ھازادىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرسام، ئىنسىجىن يوق، مانا بولغان ئىش، - دەپتۇ خەلپە.
- جاللات! - دەپتىكەن پادىشاھ، دەررۇ ئىككى جاللات پەيدا بولۇپتۇ. پادىشاھ:
- ئاۋۇ شۇمنى ئېلىپ چىقىپ، كاللسىنى ئېلىڭلار! - دەپ ئەمىر قىلىپتۇ.
ھېكايە مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاڭلاۋاتقانلاردىن گېردەنشا:
- قوي، ئەخمەق! ھەممىسى يالغان، يالغاننى ئېيتىپ بىزنى مەسخىرە قىلما! - دەپ ۋارقىراپتۇ. مەسىلىنىڭ يېشىلىپ كېلىۋاتقىنىنى بايقاپ، يۈرىكى ئويناپ كېتىپ بارغان پادىشاھ خوجا ۋاپا:
- ئېيتسۇن، ئاتا، بۇ چۆچەك، - دەپ ئاتىسىنى بېسىپتۇ.
پادىچى بالا ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
>ئىككى جاللات قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، قەدەملىرىنى راسلاپ مېڭىشقا تەمشەلگەندە، پادىشاھنىڭ ئەقىلدارى مۇنداق دەپتۇ:
- پادىشاھى ئالەم، ئۇنى ئۆلتۈرۈش سىز ئۈچۈن ئابروي ئەمەس. ئۇنداق قىلىش ئامانەتكە خىيانەت قىلىش بولىدۇ. ياخشىسى قىزنى بىر جاڭگالغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتەيلى، شۇ يەردە ئۇنى يىرتقۇچلار تالاپ - يەپ تۈگەتسۇن. ھايۋانلىق قىلغان بەندىنىڭ ئازابىنى ھايۋانلار بەرسۇن.
پادىشاھ باشقىدىن ئەمىر قىلىپتۇ. لەشكەرلەر شەمشىنۇرنى يەتتە كۈنلۈك يول يۈرۈپ، بارسا - كەلمەس بىر جاڭگالغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپتۇ. قىز بىر غارنىڭ ئىچىگە كىرىپ، كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈپ، تاڭ ئاتقاندا بېشى قايغان، پۇتى تايغان ياققا مېڭىپتۇ. قاڭغىر قاقشاپ، گىيالارنىڭ يىلتىزلىرىنى يەپ، ئۈچ ئاي چۆل - جەزىرىدە ئاچ - توق يۈرۈپتۇ.
بىر كۈنى كۆيۈپ تۇرغان كۈن ئىسسىقىدا بەش چۆلنى كېزىپ، بىر بېسىپ - ئىككى بېسىپ كېتىپ بارسا، يىراقتىن بىر تۈپ چىنار كۆرۈنۈپتۇ. چىنار ئۈستىدىن قاغىلار يەرگە چۈشۈپ، يەنە ئۇچۇپ چىنارغا قونغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، قىز مۇشۇ يەردە سۇ بولسا كېرەك دېگەن ئويغا كەپتۇ. ئاندىن خۇدا دەپ شۇ تەرەپكە مېڭىپتۇ. يىراقتىن بۇلاقنىڭ سۈيى پارقىراپ كۆرۈنۈپتۇ. ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ، سۇغا قىرىق چامدام قالغاندا، شەمشىنۇر يىقىلىپتۇ. قانچە غەيرەت قىلسىمۇ ھېچ بولالماي يېتىپ قاپتۇ.
ئەمدى گەپنى شەمشىنۇرنىڭ ئاتىسىدىن باشلايلى، - دەپ ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ پادىچى بالا:
- >ئاتىسى ئۈچ ئاي يول يۈرۈپ ئۆز يۇرتىغا بېرىپتۇ. نەق چۈش مەزگىلىدە شەھەرگە كىرىپ، شۇنداق قارىسا، شەھەر پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەن؛ كوچا - كوچىلاردا يۈزلىگەن - مىڭلىغان ئادەملەر ماكانسىز، كىيىمسىز، ئاچ زېرىن ياتقان.
>ئاھ، بۇ نېمە دېگەن زامان! زامانەڭگە نالەت!< دەپتۇ شەمشىنۇرنىڭ ئاتسى. ئاندىن ئۇ ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ مەھەللىسىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۆزى سالدۇرغان دەرۋازىغا كېلىپ، كىرەي دېسە، قاراۋۇل:
- جان كېرەك بولسا، قايت ئارقاڭغا! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئۇ ئارقىغا قايتىپ:
- بۇ كىمنىڭ جايى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- پادىشاھنىڭ، - دەپتۇ قاراۋۇل.
- بۇرۇن كىمنىڭ جايى ئىدى؟
- بىلمەيمەن، يوقال!...
- شەمشىنۇرنىڭ ئاتىسى بىر نەچچە يىل ئاتا - ئانىسىنى ئىزلەپ، ئۇلارنىڭ تەمتىرەپ يۈرۈپ، ئاچتىن ئۆلۈپ كەتكەن يەرلىرىنى تېپىپتۇ، يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ، ئاتا - ئانىسىغا گۈمبەز تۇرغۇزۇپ، نەزىر - چىراق بېرىپ، تۇغۇلغان يېرى بىلەن خوشلىشىپ، قىزىنىڭ يېنىغا قايتىپتۇ. بىر نەچچە ئاي يول يۈرۈپ، قېيناتىسىنىڭ يۇرتىغا كەپتۇ. ئۇلار بىلەن سالامەت كۆرۈشۈپتۇ. ئۇ قېينئاتىسىدىن:
- ئاتا، قىزىم قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئوغلۇم، سىز ئۇ مۇناپىنى قىزىم دېمەڭ، ھايۋانغا ئوخشاش قىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن خۇدا ئۇنىڭ جاجىسىنى بەردى، - دەپتۇ پادىشاھ.
ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى ئۇقىمىغان كۈيئوغلى يالغۇز ئۆيىگە كىرىپ يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ، ھېچ ئورنىغا كەلمەپتۇ. لېكىن مۇنداق ئەقىللىق قىزىنىڭ قانداقلارچە ھايۋانغا ئوخشاش قىلىق قىلغانلىقىغا ئەجەبلىنىپتۇ. ئۆز ئىچىدە مۇتلەق ئىشەنمەپتۇ. >خەپ!< دېمەكتىن باشقىنى ئېيتالماپتۇ. ئاتىنىڭ ئىچىگە دەرت - ئەلەم توشۇپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى پادىشاھ قاتتىق كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپتۇ. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە داۋا بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شاھ ۋەزىر، ئۆلىما ۋە لەشكەر باشلىقلىرىنى چاقىرىپ، شۇلارنىڭ ئالدىدا پادىشاھلىقىنى كۈيئوغلىغا تاپشۇرۇپتۇ. كۈيئوغلى شۇندىن باشلاپ پادىشاھ بولۇپ، تەختتە ئولتۇرۇپتۇ...
شۇ كۈنلەردە خەلەپ پادىشاھىنىڭ ئوغلى ئون سەككىز ياشقا كىرىپ، ئۆز تەۋەسىدە پالۋان بولۇپتۇ. بىر كۈنى شاھزادە ئاتىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ، ئىككى يۈز يىگىتى بىلەن شىكارغا چىقىپتۇ. ئۇلار چۆل - جەزىرىلەرنى كېزىپتۇ، ھېچ ئولجا ئالالماپتۇ. تۈزۈكرەك بىر ئولجىنى قولغا چۈشۈرەلمىگىنىگە بەك خاپا بولغان شاھزادە يىگىتلىرىگە مۇنداق دەپتۇ:
- ھەي يىگىتلىرىم، چۆل - باياۋاننى ئاختۇرغىنىمىزغا بىر ئايدىن ئارتۇق بولدى. كۆزگە چۈشكىدەك بىرەر نەرسە ئالالمىدۇق. ئاتلىرىمىز ھاردى، تايغانلىرىمىز چارچىدى. ئۆزىمىزمۇ بىر يەرگە باردۇق. بۇ ياخشىلىق بولمىسا كېرەك، خۇدا ئالدىدا كۇپۇرلۇق سۆزلەپ قويۇۋىدۇقمىكىن، شۇنچە يورۇپ قۇرۇقتىن - قۇرۇق شەھەرگە كىرىپ بېرىش ئوۋچىنىڭ ئىشى ئەمەس، خەلقى - ئالەم ئالدىدا ئۇياتقا قالغانلىق.
- ئېيتقانلىرى بىردىنبىر توغرا، شەھەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ئوزۇق ئالدۇرۇپ، يەنە بىر نەچچە كۈن ئوۋ ئوۋلاپ كۆرەيلى، - دېگەن مەسلىھەتنى بېرىپتۇ يىگىتلىرى.
شۇ ھازادا شاھزادىنىڭ قولىدىكى بۈركۈتى يىراققا قاراپ تەلپۈنۈپتۇ. شاھزادە دەررۇ قۇشنى قويۇۋېتىپتۇ. قۇش ئۈزۈلۈپ چىقىپ، ناھايىتى چاپسان ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، ئاندىن توغرا بىر جىراغا قاراپ ئوقتەك ئېتىلىپ چۈشۈپ كېتىپتۇ. يىگىتلەر ئارقىسىدىن ئات چېپىپتۇ. ھېچيەردىن ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرەلمەپتۇ. بىر ۋاقتىدا يىگىتلەردىن بىرسى يىراقتا بىر تۈپ چىنار ئۈستىدە قۇشنىڭ قانىتىنى كېرىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار ئىلدام بېرىپ قارىسا، قۇش قانىتىنى ساڭگىلىتىپ، ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تۇرغان. لېكىن يىگىتلەر قانچە ئامال قىلسىمۇ، قۇشنى ھېچ چۈشۈرەلمەپتۇ. بولمىغاندىن كېيىن، ھەممىسى شاھزادىنىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپتۇ. شاھزادە يالغۇز چىنارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئاتتىن چۈشۈپتۇ. قولىغا گۆشنى ئېلىپ:
- گاھ، گاھ! - دەپ بىر پەس ئاۋارە بولۇپتۇ. لېكىن قۇش زادىلا چۈشمەپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن، قۇش چىناردىن كۆتۈرۈلۈپ، قىرىق قەدەم نېرىغا چۈشۈپتۇ. شۇ چاغدا شاھزادە ئۇياققا قاراپ، ئادىمىزاتنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپتۇ. بارسا، بىر پەرى ياتقان. شاھزادە ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، قىزنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە:
- ھەي، سىز ئادەممۇ، پەرىمۇ؟! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- ئاھ! سۇ... سۇ... سۇ... - دەپتۇ شەمشىنۇر ئارتۇق سۆز قىلىشقا مادارى يەتمەي.
شاھزادە قىزنىڭ بېشىنى يۆلەپ، ئاغزىغا سۇ تېمىتىپتۇ. قىز سۇنى ئىچكەندىن كېيىن، كۆزىنى ئېچىپ ھۇشىغا كەپتۇ. ئاستا ئۆزىنى يىگىتتىن نېرى تارتىپ، تازىم قىلىپ، يەرگە قارىغان پېتى تۇرۇپ قاپتۇ.
- ھەي قىز! سىز قايسى باغنىڭ گۈلىسىز، قايسى بوستاننىڭ بۇلبۇلىسىز؟ نېمە ۋەجىدىن چۆل - باياۋانلارغا تاشلاندىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئۆتكەننى سىز سورىماڭ، بولغاننى مەن ئېيتماي، ئەگەر خالىسىڭىز ئېلىپ كېتىڭ. بولمىسا سىزنى مەن كۆرمىدىم، سىز مېنى كۆرمىدىڭىز؟ - دەپتۇ شەمشىنۇر.
شاھزادە شەمشىنۇرنى ئېلىپ، يىگىتلىرىنىڭ يېنىغا كەپتۇ. يىگىتلەر ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ شاھزادىگە قايتىپ كېتىشنى تەكلىپ قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەھەرگە قايتىپتۇ. شاھزادە ئوردىغا كېلىپ، ئىككى يېقىن ئاغىينىسىگە قىزنى ئانىسىغا ئەكىرىپ بېرىشنى ۋە ياخشى كىيىندۈرۈپ، ياخشى كۈتۈشنى تاپشۇرۇپتۇ. ئانىسى شەمشىنۇرنى ئىشەنچىلىك ئىككى كىنىزەككە تاپشۇرۇپتۇ. كىنىزەكلەر ياخشى كىيىندۈرۈپ، ياخشى كۈتۈپ، قىزنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپتۇ.
بۇ ۋەقەدىن خەلەپنىڭ پادىشاھى خەۋەر تېپىپ، خوتۇندىن سوراپتۇ:
- ھەي خوتۇن، بىر ۋەقە ئاڭلايمەن، راستمۇ؟
- ئېيتىشقا تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ، ئۇ شۇنداق چىرايلىق قىزكەنكى، ھۆرلەرنىڭ قىزلىرى بىر ياقتا قالسۇن. بىر كۆرۈپلا مېنىڭمۇ ئۇنىڭغا مېھرىم چۈشۈپ قالدى.
پادىشاھى خەلەپ ئەتىسى ئوغلىنى چاقىرىپ:
- ئوغلۇم، ئاناڭدىن ئاڭلىسام، ئوۋدىن قىز ئېلىپ كەپسەن. راستمۇ شۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- راست ئانا، شۇنداق بولدى، - دەپتۇ ئوغلى.
- ھىم! ...، دەپتۇ پادىشاھ، - ئۇ كىمنىڭ بالا - ۋاقىسىكەن، قانداق سەۋەبلەر بىلەن ئۇنى ئېلىپ كەلدىڭ؟
شاھزادە ئۇ قىزنى چۆل - جەزىرىدىن تېپىۋالغىنىنىلا ئېيتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ نىكاھىغا ئېلىش خاھىشىنى ئىزھار قىلىپتۇ.
- ھەي، سەن دېگەن يەتتە ئىقلىمنىڭ ئەڭ ئابرويلۇق پادىشاھىنڭ ئوغلى تۇرۇپ، باياۋاندىن تېپىۋالغان قىزنى ئالماقچىمۇ؟ ياق، ئوغلۇم، سەن بالىلىق قىلما! - دەپتۇ پادىشاھ.
- ئاتا، راستىنى ئېيتسام، مەن چۈشۈمدە مۇشۇ قىزغا ئاشىق بولغان ئىدىم، مەن توغرا ئۈچ ئاي ئۆتكەندە، شۇ چۈشۈمدىكى قىزغا داخىل بولدۇم. شۇڭا بۇ ئاشىقىمدىن ئايرىلىپ چىدالمايمەن...
پادىشاھى خەلەپ بۇ سۆزدىن كېيىن لام - جىم دېمەپتۇ. ئەتىسى خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شەمشىنۇرنى چاقىرتىپتۇ. قىز يۈزىگە چۈمپەردە تارتىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، تازىم بەجا كەلتۈرۈپتۇ. بۇنداق چىرايلىق قىزنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە پادىشاھنىڭ ئۆزىمۇ ھەيران بولۇپ، ئاخىرى قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ، قىزنى ئوغلىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.
ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە، شەمشىنۇر توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز دەقىقە قورساق كۆتۈرۈپ بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپتۇ. يىل ئۆتۈپ، بالىنىڭ >دادا، ئانا< دەپ تىلى چىقىپتۇ. بالا بەش ياشقا كىرگەندە، چوڭ ئالىملارنىڭ سۆزىنى قىلىدىغان ئەقىللىق، چىرايلىق بىر بالا بولۇپتۇ.
شاھزادە ئوۋغا چىقىپ كەتكەندە، ئوغلى ئانىسىغا ھەمرا بولۇپ قالىدىكەن. شۇنداق كۈنلەردە ئانىسى ئولتۇرۇپ، ئۆز - ئۆزىدىن يىغلايدىكەن، قاقشايدىكەن. كۆزى ياشتىن قۇرۇمايدىكەن. بىر كۈنى ئوغلى مەكتەپتىن كېلىپ ئانىسىنىڭ: >خۇدايىم، مۇشۇنداق كۈنلەردە ئاتا - ئانام يېنىمدا بولسا نېمە دەر ئىدى، ئانامغۇ ئۆلۈپ كەتكەن. كاشكى دادام يېنىمدا بولسىچۇ...< دەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. مانا شۇنداق يىغلايدىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھزادە ئوۋدىن كېلىپ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە:
- ھەي خوتۇن، بېشىڭغا نېمە دەرت كەلدى؟ ئېيىت، ساڭا زۇلۇم قىلغان كىم؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ياق، ھېچكىم ماڭا زۇلۇم قىلغىنى يوق! لېكىن مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەنلەرگە يىغلايمەن! - دەپتۇ شەمشىنۇر.
- ئېيىت، ئەنتىڭ بولسا ئالارمەن، ئارمىنىڭ بولسا يەتكۈزەرمەن، - دەپتۇ شاھزادە.
- ئېيتسام تىلىم ئاغرىيدۇ، ئېيتمىسام دىلىم...، - دەپتۇ خوتۇنى.
- ئېيىت، تاتىنما، سېنىڭ دىلىڭنىڭ ئاغرىماسلىقى ئۈچۈن نەپسىمنىڭ ئاخىرىغىچە كۆرىشەرمەن! بولمىسا ئامالىنى تاپارمەن، - دەپتۇ شاھزادە.
- دادام بار ئىدى مېنىڭ، بوۋام بار ئىدى مېنىڭ، ئانامدىن ئايرىلغان چاغدا، يەتتىدە ئىدى يېشىم؛ ئەمدى بار كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا دادامنى ۋە قوۋمى - قېرىنداشلىرىمنى بىر كۆرسەم، دېگەن ئارمىنىم، - دەپتۇ خوتۇنى.
- نېمىشقا ئېيتمىدىڭ بۇ چاققا. ئەگەر بولسا داداڭ، بىر ئايغا قالماي يەتكۈزەرمەن ئۇياققا، - دەپ خوتۇنىنى بەزلەپتۇ ئېرى. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا شاھزادە ئاتىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ:
- ھەي ئاتا، كېلىنىڭىزدىن ئېچىلمىغان سىر بۈگۈن ئېچىلدى. ئۇ يەتتە ئىقلىمنىڭ داڭلىق پادىشاھىنىڭ نەۋرىسى ئىكەن. ئانىسى يەتتە يېشىدا دۇنيادىن ئۆتكەن ئىكەن. ئاتا - بوۋىسى ھايات ئىكەن. شۇلارنى كۆرسەم دەپ يىغلايدىكەن، - دەپتۇ.
پادىشاھى خەلەپ بىر پەس ئويلاپ:
- رىۋايەتلەر بويىچە بۇ ئېيتقانلىرىڭنىڭ ھەممىسى توغرا. بۇ چاغقىچە تۇغقانلىرىغا خەۋىرىنى بەرمىگەنلىكىمىز ئۇيات ئىش بولۇپتۇ. ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىشىمىز ھەقلىق، - دەپتۇ خەلەپ پادىشاھى.
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، خەلەپ پادىشاھى ناھايىتى كاتتا تەييارلىقلار قىلىپ، نۇرغۇن سوۋغا - سالاملار ئېلىپ، خوتۇنى ۋە ئول قول ۋەزىرىنى باش قىلىپ، بەش يۈز لەشكەر، ئۈچ قىز بىلەن كېلىنىنى ئاتىسىنىڭ ۋە بوۋىسىنىڭ يۇرتىغا ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار ئىككى ئاي يول يۈرۈپتۇ، دەشت - باياۋانلارنى كېزىپتۇ. بىر كۈنى چىڭقى چۈش مەزگىلى بولغاندا، ئۇلار ھېلىقى بىر تۈپ چىنار تۈۋىگە كېلىپ، ئاتمىشىنچى كېچىنى ئۆتكۈزۈپتۇ.
شەمشىنۇر ئادەتتىكىچە ئالاھىدە تىكىلگەن چېدىرغا كىرگۈزۈلۈپتۇ. ئەتراپىغا قىزلار، قاراۋۇللار قويۇلۇپتۇ. شەمشىنۇر چېدىردا يالغۇز يېتىپتۇ. يېرىم كېچە بولغاندا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇندىن نەچچە يىللار بۇرۇن چىنار تۈۋىدە تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى ئەسلەپ يىغلاپتۇ. شۇ چاغدا ئۇلار بىلەن بىللە كېلىۋاتقان خەلەپ پادىشاھىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى يامان نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەركەتلىنىپ، شەمشىنۇرنىڭ ئەتراپىغا قويۇلغان ئون قاراۋۇلنى يۆتكەپ، پادىشاھنىڭ خوتۇنى ياتقان چېدىرنىڭ ئەتراپىغا قويۇپتۇ. قاراۋۇللارنىڭ بارلىق دىققىتىنى شۇ يەرگە بۇراپ قويۇپتۇ، ئۆزى ئۇخلىماي، ئەتراپقا كۆز سالغان بولۇپ يۇرۇپتۇ. ئىككى ئايدىن بېرى يول ئازابىنى تارتقان كىشىلەر، كېنىزەك ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ خوتۇنىمۇ ئۆزىنى بىلمەي ئۇخلاپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا ۋەزىر ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەتراپىنى بىر قۇر كۆزىتىپ چىقىپتۇ - دە، دەرھال ئۆز چېدىرىغا كىرىپ، يېشىنىپ، ئاق ئىشتان، ئاق كۆينەك كىيىپ، پېرىجىنى يېپىنىپتۇ. ئۇ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ خەلەپ پادىشاھىنىڭ كېلىنىنىڭ چېدىرىغا كېلىپ، ئۇياق - بۇياققا بىرقارىۋېلىپ، چېدىرنىڭ بىر چېتىنى ئاستا قايرىپ، يەر بېغىرلاپ ئېڭىشىپ شەمشىنۇرنىڭ يېنىغا كىرىپتۇ...
پادىچى بالىنىڭ ھېكايىسى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، تۆردە ئولتۇرغانلارنىڭ بىرى:
- ھەي، يالغان جۆيلۈمە! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- ئېيتسۇن، سىزنىڭ بالىنى چەكلەشكە ھېچ ھەققىڭىز يوق، جانابى ۋەزىر. ئېيتقىنى يالغان ئەمەس، - دەپ دەرغەزەپ بولۇپتۇ خەلەپ پادىشاھىنىڭ ئوغلى.
ئېيت ئوغلۇم، ئېيتىۋەر! - دەپتۇ مېھمان چاقىرغان پادىشاھ خوجاۋاپا.
بالا يەنە ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
>چېدىر ئىچىدە، خەلەپ پادىشاھىنىڭ كېلىنى شەمشىنۇرنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ ئالتە ياشلىق ئوغلى تولۇن ئايدەك ياتقان ئىكەن. شەمشىنۇر بولسا ئۆتمۈشتىكى كۈنلىرىنى ۋە ئاتا - بوۋىسىنىڭ يېنىغا بارغاندا بولىدىغان ئىشلارنى ئويلاپ، ئاللىقانداق خىياللارنى قىلىپ، تېخى ئۇخلىمىغان ئىكەن. ئۇ ئوڭ يېنىغا ئورۇلۇپ ياتاي دېگەندە، بېشىدىن ئايقىغىچە ئاق ئادەمنى كۆرۈپتۇ - دە، >ۋاي ئانام< دەپ ۋارقىرىۋېتىپتۇ. شەمشىنۇر يەنە بىر تۇرۇپ: >خuدانىڭ ئەمرى بىلەن ماڭا كەلگەن خىزىر بولسا كېرەك< دېگەن ئويغا كەپتۇ. دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، تازىم بەجا كەلتۈرۈپتۇ. ئاندىن كېيىن:
- كىم سىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەن، جېنىم!... مەن ۋەزىرمەن... مەن سىزنىڭ ئوت - پىراقىڭدا كۆپۈپ يۈرگىنىمگە ئۈچ يىلدىن ئاشتى. بۈگۈن ئاران پۇرسەت تاپتىم، جېنىم، مېنى قوبۇل قىلىڭ، - دەپ شەمشىنۇرنى قۇچاقلاپ، خىيانەت قىلىشقا ئۇرۇنۇپتۇ. شۇ زامان ئىشنىڭ باشقىچە بولۇپ چىققىنىنى كۆرگەن شەمشىنۇر:
- بەس! سىز مېنىڭ ئاتامدەك ئادەم، بۇ نېمە دېگەن ئىپلاسلىق! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- ئۈنۈڭنى چىقارما! ھازىر كاللاڭنى ئالىمەن. ياخشىلىقچە قوبۇل قىل! - دەپ ھەيۋە قىلىپتۇ ۋەزىر قىلىچىنى يالىڭاچلاپ.
- ئۇنداق بولسا، ئالدى بىلەن بالامنى ئۆلتۈر، ئاندىن كېيىن مېنى...
شەمشىنۇر ئۆزىچە >بالىغا قول تەككۈزەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ نىيىتىدىن يانار< دەپ ئويلىغان ئىكەن. ئەمما، ۋەزىر ھېچ ئويلانمايلا بالىنىڭ كاللىسىنى چېپىپ تاشلاپتۇ. چېدىرنىڭ ئىچى قانغا بويىلىپتۇ.
پادىچى بالا مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۆزىچىلا ھېكايىسىنى توختىتىپ، يەرگە قارىغان پېتى جىم تۇرۇپ قاپتۇ. ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپچىلىكى ھاڭقېتىپ بالىنىڭ ئاغزىغا قاراپلا قاپتۇ. سارايدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. بالا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ساھىپخاندىن بىر پىيالە سۇ سوراپتۇ. شۇ چاغدا خەلەپ پادىشاھىنڭ ئوغلى شاھزادە دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىدىكى پىيالىنى ئېلىپ، دەم ئالماي ئىچىۋېتىپتۇ ۋە >ئۇھ...< دەپ چوڭقۇر بىر تنىپتۇ - دە، پىيالىنى شاھزادىگە قايتۇرۇپ تۇتۇپتۇ. شاھزادىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، كۆزىدىن مونچاقتەك تۆكۈلۈۋاتقان يېشىنى پېشى بىلەن سۈرتۈۋېتىپ، يەنە ھېكايىسىنى داۋام قىلىپتۇ.:
>ۋەزىر چېدىردا بىگۇناھ ئۆلگەن بالىنىڭ ئانىسىنىڭ پەريادىدىن چۆچۈپ، قۇيۇندەك يۈگۈرۈپ ئۆز چېدىرىغا كىىرپ، ھېچنېمە كۆرمىگەن ئادەم بولۇپ يېتىۋاپتۇ. شەمشىنۇر بىر پەس ھۇشسىز يېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، دەررۇ كىيىنىپ، سىرتقا چىقىپتۇ - دە، ئوغلىنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن ئىگەرلەنگەن تۇلپارنى مىنىپ، ھەممىنى تاشلاپ، يولغا راۋان بولۇپتۇ. ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، ئاتىسىنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. شەھەرنىڭ سىرتىدا كۈننى ئۆتكۈزۈپ، شام ئارىلاپ، قوي بېقىپ تۇرغان بىر قۇل بالىنىڭ قېشىغا كېلىپ:
- ھەي بالا! مەن سېنى بۈگۈن ئازاد قىلغىلى كەلدىم، - دەپتۇ.
- ۋاھ! سىز قانداق قىلىپ مېنى ئازاد قىلىسىز؟ - دەپتۇ بايىقى پادىچى بالا.
- قولۇڭغا پۇل، ئۈستۈڭگە كىيىم، ئاستىڭغا ئات بېرىمەن - دە، سېنى يولغا سالىمەن. ئۆزۈم سېنىڭ ئورنۇڭدا قۇل بولۇپ ئىشلەيمەن، - دەپتۇ شەمشىنۇر. قويچى بالا >غايىپتىن كەلگەن بۇ نېمە ئىش؟ خۇدايى تائالانىڭ ماڭا ئەۋەتكەن رەھمىتى بولسا كېرەك< دەپ ئويلاپ:
- ماقۇل، ئەگەر لايىق كۆرسىڭىز، - دەپتۇ.
شەمشىنۇر ئۈستىدىكى كىيىم - كىچىكىنى، ئاستىدىكى ئېتىنى، يېنىدىكى بار پۇلىنى بېرىپ، ھېلىقى قۇلنى ئازاد قىلىپ، ئۆزى قۇلنىڭ سىياقىدا ياسىنىپ، شۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ يۈرۈپتۇ. ئۇ كەچكىچە قوي بېقىپ، كېچىسى پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى تازىلاپ، سۇ چېچىپ، كېچە - كۈندۈز تىنماي ئشلەپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى بۇ ئىشلەمچان، چىۋەر قۇلنى پادىشاھ ئۆز ئوردىسىغا ئەمىر قىلىپ ئېلىپ كىرىپتۇ. ئۇ ئوردىغا كەلگەندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ تامىقىنى ئېتىپ، سۈيىنى توشۇپ، كىيىمىنى يۇيۇپ، ھويلىسىنى سۈپۈرۈپ پادىشاھىغا ياراپ قاپتۇ. پادىشاھ بۇ قۇلنىڭ ئەقىللىقلىقىدىن، ئەر تۇرۇپ ئاياللارنىڭ ئىشىنى ئاياللاردىن ياخشى قىلىپ يۈرگىنىدىن ئەجەبلىنىپ يۈرۈپتۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ بالىسىدەك ياخشى كۆرۈپ، ياخشى كىيىندۈرۈپ، ياخشى كۈتۈپتۇ. ئۇنىڭ گۈزەللىكى پادىشاھنىمۇ ھەيران قالدۇرۇپتۇ.
ئەمدى گەپنى خەلەپ پادىشاھدىن ئاڭلايلى:
خەلەپ پادىشاھى كېلىنىنىڭ نېمە ۋەجىدىن بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ، چىنار تۈۋىدىن قاچقانلىقىنى ھېچ بىلمەي يۈرۈپتۇ. ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭ نالىسىگە چىدالماي، نەچچە مىڭلاپ لەشكەر چىقىرىپ، ھېلىقى كېلىنىنى ئىزلەپ بارمىغان جاڭگاللىرى، ئاختۇرمىغان سەھرالىرى ۋە كىرمىگەن غار - تاغلىرى قالماپتۇ. ھېچيەردىن كېلىنىنىڭ دېرىكىنى ئالالماپتۇ؛ يۈز مىڭ ئاماللارنى قىلىپتۇ؛ ئوغلى شاھزادىنىڭ كۆڭلىنى ياسىيالماپتۇ؛ ئۇ يەر باغىرلاپ يىغلاپ، كۈندىن - كۈنگە ساماندەك سارغىيىپ، پەيدەك توزۇشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلەپ پادىشاھى يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپتۇ. ئوغلىغا ئوڭ قول ۋەزىرىنى قوشۇپ، كېلىنىنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھىرىگە ئۇزىتىپتۇ. بۇ ئىككىسى ئاتا - ئانا، قوۋمى - قېرىنداشلىرى بىلەن قىيامەتلىك خوشلىشىپ يولغا چىقىپتۇ. نەچچە ئاي يول يۈرۈپ، كېلىنىنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ.
ئاڭغىچە شەمشىنۇرنىڭ پادىشاھ بولغان ئۆز ئاتىسى كاتتا زىياپەت قىلىپ، يەتتە ئىقلىمنىڭ پادىشاھ، ۋەزىر ئۆلىمالىرىنى قارشى ئاپتۇ...
ھېكايىچى بالا مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، تۆردە ئولتۇرغان خەلپە خەلەپ پادىشاھىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى جوجاۋاپاغا تەرەپ - تەرەپتىن شىكايەت قىلىپ، بالىنى بۇ ئولتۇرۇشتىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپتۇ. لېكىن شۇ چاغدا خوجاۋاپا دەر غەزەپ بىلەن:
- پادىشاھىدىن ئەمىر، ئوغلۇم، ئەگەر ئېيتقانلىرىڭ راست، ھەقىقەت بولسا سۆزلە! ئوچۇقراق ئېيت! - دەپتۇ تاقەتسىزلىك بىلەن.
خەلەپ پادىشاھىنىڭ ئوغلىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ، ئۆزىنى تۇتالماي ۋارقىراپتۇ:
- ئېيت، ئايىماي ئېيت! كىملەر ئۇلار؟ ئوچۇق ئېيت! - دېگەندە، ئولتۇرغانلار ۋە لەشكەرلەرمۇ ۋارقىرىشىپ قۇۋۋەتلەپتۇ.
بالا ھالسىرىغان، ھەسرەتلەنگەن ھالدا تېلىقىپ يىغلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ:
- >ئوچۇقىنى ئېيتسام، بۇ ھەقىقىي بولغان ئىش. مانا بۇ كىشى بولسا، خوجاۋاپانىڭ ئاتا - ئانىسىنى تەقىب قىلىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆي - جايىنى زورلاپ تارتىۋېلىپ، ئوردا قىلىۋالغان قەشقەرىيە مەملىكىتىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ؛ مۇنۇ كىشى بولسا، نەۋرىسى شەمشىنۇرنى جاڭگالغا پالىغان بۇرۇنقى پادىشاھ گېردەنشا بولىدۇ؛ بۇ بولسا، خەلەپنىڭ كېلىنىنى ئاتىسىغا ئېلىپ كېلىۋېتىپ، چىنار تۈۋىدە بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ، كېلىنىگە زورلۇق قىلىشقا ئورۇنغان خەلەپ پادىشاھىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى بولىدۇ؛ ئەمدى بۇ كىشى بولسا، چۆلگە پالانغان شەمشىنۇرنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ، چۆل - باياۋاندىن ئېلىپ كېلىپ، ياخشى كۈتۈپ، ئۆز نىكاھىغا ئالغان ئۆمۈرلۈك يولدىشى بولىدۇ؛ ھە، بۇ كىشى بولسا، قىزى شەمشىنۇرنى يەتتە يېشىدا ئاۋۇ گېردەنشاغا ئامانەت قويۇپ، ئۆز ئاتا - ئانىلىرىنىڭ يېنىغا سەپەر قىلغان قىزنىڭ ئاتىسى خوجاۋاپا بولىدۇ.
مەن بولسام خوجاۋاپانىڭ شەمشىنۇر دېگەن بىر تال ئارزۇلۇق قىزى بولىمەن!... < دەپتۇ - دە، ئۈستىدىكى ئوغۇلچە كىيىمنى يېشىپ تاشلاپ، ئۆزىنى قىز كىيىمىدە كۆرسىتىتپۇ ۋە ئېتىلغان بويى ئاتىسى خوجاۋاپانىڭ بوينىغا ئېسىلىپ، ھۇشىدىن كېتىپتۇ. ئېرىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان بارلىق خەلق يىغىلىپتۇ. غەزەپلىك سادالار ياڭراپتۇ...
پادىشاھ خوجاۋاپا شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا ئەمىر بېرىپ، ئەلنى يىغىپ، يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرىنىڭ ئالدىدا خەلپە، گېردەنشا، قەشقەرىيە مەملىكىتى پادىشاھىنىڭ ۋە خەلپ پادىشاھىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا بۇيرۇق بېرىپتۇ. شۇ يەردىلا ھۆكۈم ئىجرا بولۇپتۇ... يەتتە ئىقلىم پادىشاھلىرىمۇ بۇنى ھېكايە قىلىپ سۆزلىشىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا مېڭىشىپتۇ.
شۇندىن كېيىن ئاتا - بالا، ئەر - خوتۇن يېڭىۋاشتىن كۆرۈشۈپ، يۇرت سائادىتىدە، مېھىر - شەپقەت ئۆمۈر كەچۈرۈپتۇ.