UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقغايىب نىكاھ

غايىب نىكاھ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بار ئىكەنۇ - يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەنۇ - توق ئىكەن، قەدىمقى زاماندا چىن ماچىن شەھىرىدە بىر پادىشاھ ئۆتۈپتىكەن. بۇ پادىشاھنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۆسۈپ يىگىت بولۇپ ۋايىغا يېتىپتۇ. ئۆيلەپ قوياي دېسە ئوغۇللىرىنىڭ كۆڭلىدە دادىسى تاللىغان قىزلار زادى ياقماپتۇ. پادىشاھ ئوغۇللىرىنىڭ ئىختىيارىغا قويسا ئوغۇللىرى ئۆزلىرىگە لايىق تېپىشالماپتۇ. پادىشاھ ئاخىرى شەيخۇل ئىسلام جانابلىرىنىڭ «نىكاھ غايىب» دېگەن پەتىۋاسىغا رىئايە قىلماق بوپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇللىرىنى راۋاق ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ ھەر بىرىنىڭ قولىغا ئوقيا تۇتقۇزۇپ: - قېنى ئوغۇللىرىم! سىلەر ئوقنى كۆڭلۈڭلار تارتقان تەرەپكە ئېتىڭلار، كىمنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشسە، شۇنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ. چوڭ ئوغلى ئوقنى ئۈلۈشكۈن كېچە ئۆزىنى ئۆيىدە راسا مېھمان قىلغان زەرگەر كوچىسىدىكى چوڭ سەرراپنىڭ ئۆگزىسىگە قارىتىپ ئېتىپتۇ. ئوتتۇرانچى ئوغلى بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپتۇ. دادىسى ھەدەپ قىستاۋەرگەندىن كېيىن، ئاۋغان كوچىسىدىكى بىر سودىگەرنىڭ چىرايلىق بالىخانىسى تەرەپكە تەۋەككۇل قىلىپ ئېتىپتۇ. كىچىك ئوغلى بولسا كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ، ئوقنى ئاسمانغا قارىتىپ ئېتىپتۇ. كۆزىنى ئېچىپ قارىسا ئاسمانغا ئۆرلەپ كېتىۋاتقان ئوق بىردىنلا ئوردا شەھىرىنىڭ شىمال تەرىپىگە بۇرۇلۇپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ. پادىشاھ ھەم ئوردا ئەھلى ياقىلىرىنى چىشلىشىپ «سۇبىھانئاللا» دەپ قاپتۇ. پادىشاھ ئوغلىغا ئۆزىچە تەسەللى بەرگەندەك قىلىپ: - كۆزۈڭنى يۇمماي تۇرۇپ يەنە بىر ئات! - دەپ بۇيرۇپتۇ. كىچىك ئوغلى: - ئاتا، ئۆزلىرى «نىكاھ غايىب» دېگەن ئىدىلە. ئاتقان ئوقۇم غايىب بولدى، ئەمدى مەن ئۇنى تاپمىسام بولماس؟ - دەپتۇ. پادىشاھ ئوغلىنىڭ سۆزىنى ئورۇنلۇق دەپ بىلىپ، ئوقنى ئىزلەشكە ئىجازەت بېرىپتۇ. پادىشاھنىڭ كىچىك ئوغلى شەھەرلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، يۇرت - مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، چوڭ دەريانى بويلاپ ئۇزۇن يول يۈرۈپتۇ. مىنگەن ئېتى ھالىدىن كېتىپ يىقىلغاندا بىر تاغ باغرىغا كېلىپ قاپتۇ. قارىسا بىر كۆكۈش توشقان ئوقنى غاجىلاپ ئويناپ تۇرغىدەك. يىگىت توشقانغا قاراپ ماڭغان ئىكەن. توشقان ئوقنى چىشلىگەن پېتى قېچىپتۇ. يىگىت ھەيران بولغان ھالدا توشقاننىڭ كەينىدىن قوغلاپتۇ، توشقان يىگىتنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ بېرىپ تاغدىكى بىر كامارغا كىرىپ كېتىپتۇ. يىگىت ھېلىقى كامارغا ئىڭىشىپ قارىغاندەك بوپتۇ - دە، قانداقلارچە ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغىنىنى تۇيماي قاپتۇ. ھېچقانداق بىر يېرى ھېچ يەرگىمۇ تاقاشماپتۇ. ئۇ ئالدىغا قاراپ خېلى ماڭغاندىن كېيىن، ئويلىمىغان يەردىن ئاجايىپ - يوپ - يورۇق، گۈزەل، كاتتا باغقا كىرىپ قاپتۇ. باغنىڭ ئىچىدىكى ئېرىقلاردا سۈپ - سۈزۈك كۈمۈش سۇلار شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان، تۈمەن خىل گۈللەر خۇش پۇراق تارقىتىپ تۇرغان، بۇلبۇللار خۇش ئاۋازدا سايرىشىۋاتقان ئىكەن. يىگىت ھەيران قېلىپ ئەتراپقا قاراپتۇ. ھېچكىم يوقمىش. بەك ئۇسساپ كەتكەنلىكتىن، ئېرىققا قولىنى سالغان ئىكەن، سۇغا قولى يەتمەپتۇ. تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، سۇغا ئىڭىشىپ ئىچمەكچى بولغان ئىكەن، ھەرقانچە قىلىپمۇ يەنە سۇ ئىچەلمەپتۇ. يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ مەي باغلاپ پىشقان ئالمىلارغا قول سۇنغان ئىكەن، ئىلگىرى يەرگە تېگەي دەپ قالغان ئالمىلار مۈككىدە ئېگىز كۆتۈرۈلۈپتۇ - دە، قولى يەتمەپتۇ. ھەتتا بۇلبۇللارمۇ خۇش ئاۋازدا سايرىمايدىغان بوپتۇ. يىگىت گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا خىلمۇ - خىل نۇرلار بىلەن تاۋلىنىپ تۇرغان ئالتۇن، مەرۋايىت، قاشتېشى، گۆھەرلەر بىلەن بېزەلگەن بىر راۋاقنى كۆرۈپتۇ. يىگىت يېقىن بېرىپ قاراپتۇ. كۆزلىرىنى قايتا - قايتا ئۇۋۇلاپتۇ، چۈنكى راۋاق ئۈستىدە شۇنداق بىر گۈزەل يېتىپتۇكى، ئۇ، نۇر ھەم رەڭدىن يارالغاندەكلا ئىكەن. يىگىتنىڭ كۆزى ئىككىنچى قېتىم قىزنىڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ - بىر پەسىيىپ تۇرۇۋاتقان سىرلىق كۆكسىگە چۈشۈش بىلەنلا ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلىپ چۈشۈشكە ئاران - ئاران قاپتۇ. قىزغا ئۈچىنچى قېتىم شۇنداق نەزەر سالغۇدەك بولسا، ئۆزى ئاتقان ئوق قىزنڭ يۇمران قولىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. يىگىت بۇنىڭغا ھەيران بوپتۇ. بۇ ئارىدا قىز ئويغىنىپ: - سىز كىم بولىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. يىگىت ئەھۋالنى بايان قىپتۇ. قىز يىگىتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ: - سىز ئوقنى نېمە ئۈچۈن كۆزىڭىزنى يۇمۇپلا ئاسمانغا ئاتقان ئىدىڭىز - دەپ سوراپتۇ. - چۈنكى، - دەپتۇ يىگىت - مەن لايىق مەسىلىسىدە كۆڭلۈمنى زادىلا توختىتىۋالالمىغان ئىدىم، شۇڭا ئوقنى تەۋەككۇل دەپ كۆزۈمنى يۇمۇپ ئاسمانغا قويۇۋەتكەن. قىز كۈلۈمسىرەپ ئوقنى يىگىتكە بېرىپتۇ. يىگىت بولسا كۆزلىرىنى قىزنىڭ نۇر يېغىپ تۇرغان ئوتلۇق كۆزلىرىدىن زادى ئۈزەلمەپتۇ. قىز بىر چاۋاك چالغان ئىكەن، بىر - بىرىدىن گۈزەل قىزلار نازۇ - نېمەتلەرنى كۆتىرىشىپ كىرىپتۇ. قىز قولىدىكى ئۈزۈكنى ئېلىپ، يىگىتنىڭ بارمىقىغا سېلىپ قويۇپتۇ. يىگىت ئۆمرىدە ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان داغدۇغلىق شىرىن زىياپەتكە مۇيەسسەر بوپتۇ. يىگىت زۇمرەت قەدەھلەردىكى قىزىل شەپەقتەك تاۋلىنىپ تۇرغان مەيلەرگە ھەۋەس بىلەن بېقىپتۇ. لېكىن بۇنى ئىچسەم، بەلكى ئاغزىمغا چىقماسلىقى مۇمكىن دەپ ئويلىنىپ قاپتۇ. قىز غىزاغا تەكلىپ قىپتۇ. يىگىت سۇ ئىچەلمىگەن، ئالما ئۈزەلمىگەن ئەھۋالنى قىزغا بايان ئېتىپتۇ. قىز كۈلۈپ: - سىز ئەسلىدە بۇ جاينىڭ ئادىمى بولمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن، سۇلار سىزنى ئىچكۈزمىگەن، ئالىملار سىزنى ئۈزگۈزمىگەن، بۇلبۇللارمۇ سايراپ بەرمىگەن، مانا ئەمدى قولىڭىزغا ئۈزۈك سېلىپ قويدۇم، ئەمدى سىز بىزگە رەسمىي مېھمان، - دەپتۇ. يىگىت بىلەن قىز چۈشتىن تارتىپ كۈن پاتقىچە، ئاخشامدىن تارتىپ تاڭ ئاتقىچە زىياپەتتە ئولتۇرۇپ نەغمە - ناۋا ئاڭلاپ، شىرىن سۆھبەتلەرنى قىلىپتۇ. يىگىت سۆز ئارىسىدا ئوقنىڭ قانداق قىلىپ قىزنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. - مېنىڭ ئاتام دىۋە، ئانام بولسا ئىران شاھلىقىنىڭ قىزى، مەن ئاتام بىلەن ئانامنىڭ بىردىن - بىر پەرزەنتى. سىز ئوقنى ئاتقان كۈنى مەن قىزلار بىلەن كۇئېنلۇن تېغىدىكى چوڭ ئانامنىڭ ئوردىسىدىن قايتىپ كېلىۋاتاتتىم، قارىسام ئوق دەل مېنىڭ ئالدىمغىچە ئۆرلەپ چىقتى. سىزنى كۆردۈم، كۆڭلۈم سۈيۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئوقنى بۇ ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ، سىزنى كۈتكەن ئىدىم، - دەپتۇ. - ئاتا - ئانىڭىز قەيەردە؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت. - سىز مېنى قوغلاپ كەلگەن تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ قىز. بۇ ئىككى ئاشىق - مەشۇق كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلمەپتۇ، شىرىن سۆزلىرى تۈگىمەپتۇ، بىر - بىرسىگە بولغان مېھرى - مۇھەببىتى خۇددى قاينار بۇلاققا ئوخشاش ئۇرغۇپ كۈچىيىپتۇ. بىر كۈنى يىگىت مەلىكىگە: - ئەي مەلىكەم! يۇرتۇمدىن چىققىنىمغا يېرىم يىل بولاي دەپ قاپتۇ، ئەزىز ئاتام، مېھرىبان ئانامنىڭ ھالى نىچۈك، بىر كۆرۈپ كەلسەك، - دەپتۇ. قىز بۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ. لېكىن: - مەن ھازىرچە ئايال جەمەتلىرىڭىزگىلا مۇشۇ بويىچە كۆرۈنۈش قىلىمەن، باشقىلىرىغا مايمۇن سۈرىتىدە كۆرۈنىمەن، - دەپتۇ يىگىت: - تويدىمۇ مايمۇن سۈرەتتە بولامسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. - ياق، - دەپتۇ قىز، - ئۇ چاغدا ئاتا - ئانامنىڭ رازىلىقىنى ئالساق ئۇنداق قىلىش ھاجەتسىز. يىگىت قىزنىڭ شەرتىگە كۆنۈپتۇ. ئىككى يولغا چىقىپتۇ. تاڭ سەھەردىلا چىن ماچىن ئوردا شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىغا يېتىپ كەپتۇ،پادىشاھنىڭ كەنجى ئوغلىنى بىلىدىغانلار يىگىتنىڭ بۇ ھالدا سەپەردىن يېنىشىغا ھەيران قاپتۇ. ئايغاقچىلار دەررۇ پادىشاھقا خەۋەر قىپتۇ، پادىشاھ ھەم ئوردا ئەھلى يەنە بىر قېتىم «سۇبىھانئاللا» دەپ ياقىلىرىنى چىشلەپ كۆزلىرىنى پارقىرىتىشىپ قاراپ قاپتۇ. پادىشاھ ئوغلىنى ئايرىم چاقىرىپ: - ئوغلۇم ساق - سالامەت كەپسەن. مۇبارەك بولسۇن! لېكىن سەن ئالىدىغان خوتۇن قېنى؟ كۆرۈنمەيدىغۇ؟ - دەپتۇ. - ئالىدىغان خوتۇنۇم ھېلىقى مايمۇن، ئاتا، - دەپتۇ يىگىت. پادىشاھنىڭ كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتىشكە تاس قاپتۇ. شۇ چاغدا يىگىت: - ئۇلۇغ ئاتا، بۇنىڭغا ئانام بىر نېمە دېسۇن، - دەپتۇ. پادىشاھ ئايالىنى چاقىرتقان ئىكەن ئايالى، - شاھ ھەزرەتلىرى سۈيۈنچە بېرىڭ! سۈيۈنچە بېرىڭ! - دەپ كىرىپ كېتىپتۇ، پادىشاھ ھەيران بولۇپ: - نىمىگە سۈيۈنچە؟ - دەپ سوراپتۇ. - پادىشاھ ھەزرەتلىرى، - دەپتۇ ئايالى، - ئوغلىڭىزنىڭ ئېلىپ كەلگىنى مايمۇن سۈرىتىدىكى پەرىزات ئىكەن. ماڭا كۆرۈنۈش قىلدى. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ دەرھال بولغۇسى كېلىنىنى كۆرمەكچى بولغان ئىكەن، ئايالى قىزنىڭ شەرتىنى ئېيتىپ، سەۋرى قىىپ تۇرۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. پادىشاھ ماقۇل بوپتۇ.. ئۇزۇن ئۆتمەي يۇرت ئىچىدە «پادىشاھنىڭ ئوغلى ئاجايىپ گۈزەل بىر پەرىزاتقا ئۆيلىنىدىغان بوپتۇ» دېگەن خەۋەر پۇر كېتىپتۇ، چوڭ مەنسەپدارلارنىڭ ئاياللىرى، قىزچاقلىرى پەرىزاتنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ - توپ بولۇشۇپ، ئەڭ ئېسىل دۇنيالىرىنى سوۋغا قىلىپ، مۇبارەكلەپ كېلىشكە باشلاپتۇ. لېكىن قىز پەقەت يىگىتنىڭ ئايال جەمەتىگىلا كۆرۈنۈش قىلىپ، باشقىلارغا مايمۇن سۈرىتىدە كۆرۈنىدىكەن. نەتىجىدە، كەلگەنلەرنىڭ بەزىلىرى مايمۇننىڭ ئەسلى پەرىزات ئىكەنلىكىگە ئىشەنسە، بەزىلىرى شەك كەلتۈرۈپتۇ. يىگىتنىڭ ئانىسى بۇنى ئاڭلاپ بەك خاپا بولۇپتۇ. بىر ئامال قىلىپ مەشھۇر پەرىزات كېلىننى دوست - دۈشمەنگە بىر كۆرسىتىپ. ئۆزىنى بىر تونۇتۇپ قويغىسى كەپتۇ، بىراق ھەر قانچە قىلسىمۇ قىز بۇنىڭغا زادى كۆنمەپتۇ. بىر كۈنى پەرىزات ئۆزىنىڭ مايمۇن نىقابىنى سىرتتىكى ئۆيگە سېلىپ قويۇپ ئىچكىرىكى ئۆيدە يۇيۇنۇۋاتقان ئىكەن، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئانا قىزىنىڭ نىقابىنى ئوچاققا گۈركىرەك كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلىۋېتىپتۇ. بۇ چاغدا ھېلىق نىقابتىن چىققان ئىس - تۈتەك ئالەمنى قاپ - قاراڭغۇچىلىققا توشقۇزۇپتۇ. پەرىزات قىز ئىچكىرىكى ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىغىدەك بولسا نىقابى ئاللىقاچان بىر سىقىم كۈلگە ئايلىنىپ بولغان ئىكەن. - ئاھ، - دەپتۇ قىز، - يامان قىلدىلا ئانىكا، مېنىڭ مايمۇن سۈرەتلىك نىقابىمنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى ئاتا - ئانامنىڭ دىمىقىغا يېتىپ بارغان ھامان، ئۇلار مېنى ئىزلەپ كېلىدۇ. كۆردىلىمۇ، ئەنە ئۇلارنىڭ غارقىراپ ئۇچۇۋاتقان ئاۋازى قۇلىقىمغا ئاڭلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ يەرگە كەلسە ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن ھەر قايسىلىرىغا خېيىم - خەتەر يەتكۈزۈپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا مەن ئاتا - ئانامنىڭ ئالدىغا تېزرەك باراي. ئوغۇللىرىغا ئېيتىپ قويسىلا، ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى راست بولسا ئارقامدىن ئىزلەپ بارغاي، خەير .... پەرىزات قىز شۇنداق دەپتۇ - دە، بىر يۇمۇلىنىپ كۆك كەپتەرنىڭ سۈرىتىگە كىرىپتۇ، ئاندىن ئۆينىڭ تۈڭلىكىدىن «پۇر» قىلىپلا ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. يىگىت دەم ئۆتمەيلا پەيدا بولۇپ ئۆيگە كىرىپ قارىسا پەرىزات كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ «پەرىزات قېنى؟» دەپ سوراپتىكەن، ئانىسى كاللىباشلىرىغا ئۇرۇپ يىغلىغان پېتى ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. يىگىت ئايرىلىش ئازابىدىن بىر ئاھ ئۇرغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئاھى يەتتە قات ئاسماننى، يەتتە قات زېمىننى تىترىتىپتۇ. يىگىت شۇندىن باشلاپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرسىدە، كۈز كېچىسىنىڭ بىر ئايدىڭ ئاخشىمىدا، يىگىت توساتتىن قىزنىڭ يىغا ئازابىنى ئاڭلىغاندەك بوپتۇ - دە، ئىختىيارسىز ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە مېڭىۋېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئوردىدىن چىقىپ، قەلئەدىنمۇ چىقىپ دەريا بويلاپ كېتىۋېرىپتۇ، دەريا ئارقىسىدا قاپتۇ. پايانسىز قۇملۇق ئىچىگە كىرىپتۇ. يىگىت ئۇسسۇزلۇقتا ھالسىزلىنىشقا باشلاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا بىر دۆڭنىڭ ئارقىسىدىن ئىس كۆتۈرۈلۈپتۇ، شۇنىڭغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئىشىگىمۇ يوق ۋەيرانە، سۈرلۈك بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ. ئۆينىڭ ئىچىدىن پىشانىسىدە پەقەتلا بىر كۆزى بولغان ئالامەت قورقۇنچلۇق بىر بەتبەشرى چىقىپ، يىگىتكە: - ياخشى يىگىت! ئۆز ئايىقىڭ بىلەن كەپسەن، مەرھەمەت قىلىپ ئىچكىرى كىرگىن، - دەپتۇ. يىگىت ھېلىقى بىر كۆزلۈكنىڭ ئارقىسىدىن ئۆيگە كىرىپ قارىسا، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا گۈلخان يېقىلغان بولۇپ، بىر تەرىپىدە ئادەمنىڭ باش سۆڭەكلىرى دۆۋىلىنىپ تۇرغىدەك. - نېمىگە چەكچىيىپ كەتتىڭ قۇرۇق مۇردا، - دەپتۇ ھېلىقى بىر كۆزلۈك، - سېنى بېقىپ سەمرىتىشكە توغرا كېلىدۇ، مە، سۇ ئىچكىن! بىر كۆزلۈك بىر كومزەك سۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. ئۆزى كىيىكنى سويۇشقا باشلاپتۇ. سويۇپ بولۇپ ھەممىسنى دېگۈدەك ئىككى تىللىق زىخقا سانچىپ چوغنىڭ ئۈستىگە قويۇپتۇ. گۆشنى پىشۇرغاندىن كېيىن، يىگىتكە بىر پارچە بېرىپ، قالغىنىنى ئۆزى يەپتۇ. سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ قازناققا كىرىپ كېتىپتۇ. قازناقتىن كىشىلەرنىڭ نالە - زارى ئاڭلىنىپتۇ. بىر كۆزلۈك قازناقتىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن يىگىتكە: - سېنىڭ ئون جېنىڭنىڭ بىرسى قالغاندا بۇ يەرگە كەپسەن، قازناققا ئەكىرىپ قويسام ئۆلۈپ قېلىشنىڭ تۇرغان گەپ، بۈگۈنچە مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇر! - دەپتۇ. بىر كۈزلۈك يانپاشلاپ يېتىپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. يىگىت بۇ يەكچەشمىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئويلاپتۇ. كۆزى ئىختىيارسىز توم ئىككى تىللىق زىخقا چۈشۈپتۇ - دە، زىخنى ئاستاغىنا ئوتنىڭ ئارىسىغا تىقىپ قويۇپتۇ، زىخ قىپ - قىزىل بولغاندا زىخنىڭ بىر تىلىنى يەكچەشمىنىڭ كۆزىگە، يەنە بىر تىلىنى يۈرىكىگە چەنلەپ تۇرۇپ، بار كۈچى بىلەن بىر باسقان ئىكەن، زىخنىڭ تىللىرى ئاپپاق ئىس چىقىرىپ بىر كۆزلۈكنىڭ تېنىگە كىرىپ كېتىپتۇ. شۇنداقتىمۇ يەكچەشمە ئورنىدىن مۈدۈرەپ تۇرۇپ كېتىپ، زىخنى ئۆزىدىن سۇغۇرۇپ تاشلاپتۇ - دە، ئالدىغا قوللىرىنى سوزۇپ، بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ، گۈلخانغا چۈشۈپ، يۇمۇلىنىپ، جان تالىشىپتۇ. يىگىت: قازناقنىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ، ئىچىدىكىلەرگە: - چاققان چىقىڭلار! بىر كۆزلۈك ئۆلۈش ئالدىدا، - دەپتۇ. قازناقنىڭ ئىچىدىن ئونچە ئادەم ئېتىلىپ چىقىپ بىر كۆزلۈكنى گۈلخان ئىچىدىن سىرتقا چىققىلى قويماي كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈپتۇ. - خۇدا مۇرادىڭنى بەرسۇن ياخشى يىگىت، - دەپتۇ ئۇلار، - ئەگەر سەن كەلمىگەن بولساڭ بۇ كاساپەت بىزنى يەپ كېتەتتى. بىر كۆزلۈكنىڭ سېمىز قويلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يەپ، سۇ ئىچىپ كىشىلەرگە تېخىمۇ جان كىرىپتۇ. قۇتۇلغان كىشىلەر: - ياخشى يىگىت، خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن بىزگە سېنى ھەزرىتى شاھ مەردان ئەۋەتتى. ئەمدى بىز سېنىڭ قۇلۇڭ بولىمىز. سەن نەگە بارساڭ شۇ يەرگە بارىمىز، نېمىنى بۇيرۇساڭ شۇنى بېجا كەلتۈرگەيمىز! - دەپتۇ. يىگىت ئۇلارغا تەشەككۇر ئېيتىپ خوشلىشىپ يولغا چىقىپتۇ. نۇرغۇن يول يۈرۈپ بىر چاتقاللىققا كىرىپ قاپتۇ. چاتقاللىقنىڭ ئىچىدە كېتىۋاتسا بىر كىيىكنىڭ ياتقىنىنى كۆرۈپتۇ. يېقىنلاپ كەلسىمۇ ئۇ كىيىك زادى مىدىرلىماپتۇ. يىگىت يېقىن بېرىپ قارىسا، ئۇ باسماققا چۈشۈپ قالغان كىيىك ئىكەن. يىگىت كىيىكنى باسماقتىن ئاجرىتىپ، پۇتىنىڭ زەخمىلىرىنى ئۆزىنىڭ كۆينىكىنىڭ يېڭى بىلەن تېڭىپتۇ، شۇ چاغدا كىيىك توساتتىن زۇۋانغا كىرىپ ئادەمدەك سۆزلەشكە باشلاپتۇ: - ئەي مېھرىبان كىشى، سەن ئۆزەڭنىڭ ئاچ نەپسىڭدىن كېچىپ مېنى قويۇۋەتكەننىڭ ئۈستىگە يەنە باسماقتىن ئاجرىتىپ زەخمىلىرىمنى تېڭىپ قويدۇڭ، سەن زادى قانداق ئادەم، بۇ ئادەم ئايىقى يەتمەيدىغان جاڭگالدا نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟ ....... يىگىت كىيىكنىڭ زۇۋانغا كەلگەنلىكىدىن ھەيران بوپتۇ. - مەن ئادەتتىكى ئادەم نەسلىدىن، يار ھىجرى بىلەن يۈرىكىم زەخمىلەنگەن كىشى. ئاشۇ يارىمنىڭ ۋىسالىنى ئىزلەپ يۈرۈپتىمەن، - دەپ ھەممە كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. كىيىك يىگىتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: - سەن ئىزلىگەن پەرىزات مۇشۇ چاتقاللىقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاغدا. لېكىن پەرىزات ھازىر يەتتە قات تىلسىمات بىلەن نەزەربەنت قىلىغلىق. سەن ئاشۇ تاغقا بارالىساڭمۇ تىلسىماتقا كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، يارىڭنىمۇ كۆرەلمەيسەن، - دەپتۇ. كىيىكنىڭ مۇنچىۋالا سىرلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىدىن تېخىمۇ ھەيران بولغان يىگىت، ئۇنىڭغا: - ئەي كىيىك، يارىمدىن خەۋەر بەرگىنىڭ ئۈچۈن يۈزمىڭ رەھمەت، شۇنى بىلىپ قويغىنكى، بىزدە «جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يەتكىلى بولمايدۇ» دېگەن بىر سۆز بار. مەن ئۇ تىلسىملىق تاغقا بارىمەن، تىلسىمنى ئاچالىسام تېخى ياخشى، ناۋادا ئاچالماي، شۇ يولدا قازا قىلساممۇ ئۆكۈنۈشۈم يوق. چۈنكى مەن يار ئۈچۈن بار - يوقۇمنى ئاتاپ قويغانمەن. ھېچ بولمىسا يارىم بار تاغنىڭ توپا - تاشلىرىنى باغاشلاپ كۆز يۇمالىساممۇ، ئۆزەمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. - بارىكاللا يىگىت، - دەپتۇ كىيىك، - ئەقىدە دېمەك - جان دېمەكتۇر، بۇنداق ئەقىدە ئاز بىر قىسىم ئىنسانلارغىلا نېسىپ بولىدۇ. خۇدايىم مۇرادىڭنى بەرگەي. مەن - ئاشۇ ۋىسالغا يەتمەكچى بولغان پەرىزاتنىڭ كېنىزىكى بولىمەن، شۇ قېتىم پەرىزاتنىڭ مايمۇن لىباسى كۆيدۈرۈلگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى دەرغەزەپتە قىزىنى ئىزلەپ بارغان ئىدى. ئاتا - بالا يول ئۈستىدە ئۇچراشتى. ماكانىمىز بولغان تاغقا قايتىپ كېلىپلا ئۇنى يەتتە قات تىلسىمغا نەزەربەنت قىلدى. ئىگەم بەنتكە چۈشۈشتىن سەل بۇرۇن مېنى سېنىڭ ئالدىڭغا يولغا سالغان، مانا، ئۇنىڭ ساڭا ئەۋەتكەن سوۋغىسى.... كىيىك بىر يۇمۇلىنىپلا گۈزەل قىز سىياقىغا كىرىپتۇ ۋە يېنىدىن بىر دانە ھاسا ئېلىپ يىگىتكە تەڭلەپتۇ. - بۇ ھاسا، - دەپتۇ قىز سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - سۇلايمان پەيغەمبەر شاھلىق قىلىۋاتقاندا ئىشلەتكەن ھاسا. بۇ ھاسىنىڭ خاسىيىتى بىلەن ھەرقانچە قاتتىق تىلسىملانغان تاغ بولسىمۇ ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ. پەرىزات: «سەن ماچىن شەھىرىدىكى مەھبۇبەمنى تاپ ۋە ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئەقىدە - ئىخلاسىنى ئوبدان سىناپ كۆرگەندىن كېيىن، مېنىڭ بېشىمغا چۈشكەن سەۋدالارنى بايان قىلغىن. ئۇ مۇشۇ ھاسا بىلەن تاغقا ئۈچ قېتىم قاتتىق ئۇرسۇن، شۇ چاغدا تاغ چۆكۈشكە باشلايدۇ. تەختى - بەختىدىن ئەندىشە قىلغان ئاتام ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ كەچۈرۈم سورايدۇ، قالغىنىنى ئۆزى بىلىپ بىر تەرەپ قىلسۇن» دېگەن. كېنىزەك سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ھاسىسىنى يىگىتكە بېرىپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ. يىگىت ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، ھاسىنى چىڭ تۇتقىنىچە يولغا ئاتلىنىپتۇ. نەچچە كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپتۇ، قانچە مەنزىللەرنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپتۇ. يول ئۈستىدە ئېيىق، يولۋاس، شىر، بۆرە .... دېگەندەك خىلمۇ - خىل ياۋايى ھايۋانلار ئۇچرىغان بولسىمۇ، ھېلىقى ھاسىنىڭ خاسيىتى تۈپەيلىدىن خىرىس قىلماق ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ماڭغانلىرى توختاپ، توختىغانلىرى بېشىنى پەسكە ئېگىپ ياكى يەرگە سوزۇلۇپ يېتىپ خۇددى سۇلايمان پەيغەمبەرگە قىلغان ئىززەت - ھۆرمىتىنىڭ ھەممىسىنى يىگىتكە بېجا كەلتۈرۈپتۇ. ئۇزاق يول ماڭغاندىن كېيىن يىگىت ھېلىقى دىۋىلەر ماكانى تىلسىملىق تاغقا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ، بۇ ھەيۋەت ۋە سۈرلۈك تاغ ئالدىدا ھەرگىزمۇ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالماپتۇ. ئالدى بىلەن تاغنىڭ ھەر بىر تاش، ھەر بىر چىمدىم توپىسىنى يۈز - كۆزلىرىگە سۈرتۈپتۇ، ئاندىن ھەر بىر گۈل، ھەر بىر تال گىياھسىنى پۇراپ - ھىدلاپتۇ. خۇددى يارى پەرىزاتنى كۆرگەندەك، ئۇنى بوسە قىلىپ كۈچ مادار تاپقاندەك بوپتۇ. ئاندىن كېيىن سۈرەتلىك كېنىزەك بەرگەن ھاسىنى قولىغا ئېلىپ، سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ مۇبارەك نامىنى زىكىر قىلىپ تۇرۇپ، ھاسا بىلەن تاغقا بىر ئۇرغان ئىكەن، تاغ گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز چىقىرىپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سېلىپ، تەرەپ - تەرەپتىن چاك كېتىپ، ئاستا - ئاستا يەرگە چۆكۈشكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدا، توساتتىن ئارقا تەرەپتىن: - ھەي ھۆرمەتلىك يىگىت! - دېگەن غەلىتە، يىغلامسىرىغان ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بوپتۇ. يىگىت كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىسا، ئالامەت يوغان بەد ھەيۋەت يەتمىش يەتتە دىۋە يىگىتكە سەجدە قىلىپ، يەر سۆيۈپ ياتقۇدەك. - ھەي سۇلايمان پەيغەمبەرىمىزنىڭ نايىبى! ئالدىڭدا گۇناھكارمىز، كەچۈرگەيسەن! - بوپتۇ ھەممىنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىپ تۇرغان دىۋە، - «نېمە ھاجىتىڭ بار» دېيىشكە تىلىمىز بارمايدۇ، قېنى ئېيت! بىز ھەرقانداق خىزمىتىڭگە تەييارمىز! ئۆتۈنىمىزكى، ماكانىمىزنى ۋەيران قىلمىساڭ! ... يىگىت قاتتىق ئاۋازدا: - تىلسىماتنى بىكار قىلىپ پەرىزات بىلەن مېنى دىدار كۆرۈشتۈرگەيسەن، بولمىسا بۇ تاغنى يەر قەھرىگە چۆكتۈرۋېتىمەن! - دەپتۇ. - سەي يىگىت، - دەپتۇ ھېلىقى دىۋە، - مەرھەمەت، مۇرادىڭغا يەتكىن. دىۋىلەردىن يەتمىش ئالتىسى ئىككى قاتار بولۇپ، سەجدە قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان دىۋە يىگىتكە ياندىشىپ مېڭىپتۇ. يوللار ئېچىلىپ بىر دەمدىلا ھېلىقى سېھىرلىك باغقا كىرىپ قاپتۇ. پەرىزات قىز كېنىزەكلىرى بىلەن باغ يولىدا يىگىتنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن، ھەر ئىككىسى دىدار كۆرۈشۈپ، خۇشاللىق خۇن - جىگەرلىرىدىن جۇش ئۇرۇپ، چەكسىز ھۇزۇرلىنىپتۇ. دىۋەلەر پايپېتەك بولۇشۇپ، ھۆرمەت ۋە تەكەللۇپلارنى زىيادە قىلىشىپ، يىگىتنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈشكە جان - دىلى بىلەن ئۇرۇنۇپتۇ. زىياپەت ئاخىرلاشقاندا يىگىت ئۆزىنىڭ پەرىزات بىلەن ئۆي - ئوچاقلىق بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ ئىشقا رۇخسەت تىلەيدىغانلىقىنى ئىزھار قىپتۇ. دىۋىلەر ئۆزئارا مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، يىگىتكە رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ - دە، ئۆزلىرىنىڭ رەسميىتى بويىچە نەچچە كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ پەرىزات بىلەن يىگىتنىڭ بېشىنى چېتىپ قويۇپتۇ. زىياپەتلەر، شىرىن سۆھبەتلەر، ئەقىل ھەيران قالغۇدەك كۆڭۈل ئېچىشلارنىڭ تەنتەنە ھۇزۇرىدىن نەچچە كۈنلەرنىڭ كېچىگە، نەچچە كېچىلەرنىڭ كۈندۈزگە ئالماشقىنىنى سەزمەي قاپتۇ. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى دېگەندە، يىگىت قايتماقچى بوپتۇ. خوشلىشىش ئالدىدا قېيناتا - قېينانىسى ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ خاسىيەتلىك ئەنگۈشتەر ئۈزۈكىنى تەقدىم قىپتۇ. ئۇ ئۈزۈك كىمدە بولسا دىلى تارتقىنى ئالدىدا ھازىر بولىدىكەن، مۇھتاجلىقتىن خالاس بولىدىكەن. يىگىتمۇ پەرىزاتنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، كىيىك قىز بەرگەن سۇلايماننىڭ ھاسىسىنى دىۋىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. دىۋىلەر كاتتا سوۋغا - سالاملارنى تۇتۇپ، ئېسىل تەختىراۋانغا ئولتۇرغۇزۇپ بۇ ئىككىسىنى يولغا ساپتۇ. قىز يىگىتكە: - قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ، كۆزىڭىزنى مەھكەم يۇمۇڭ، - دەپتۇ. بىر چاغدا يىگىت كۆزىنى ئېچىپ، ئۆزىنى چىن ماچىن ئوردا شەھىرىنىڭ ھەشەمەتلىك دەرۋازىسى ئالدىدا كۆرۈپتۇ. ئىگىسى ئوردىغا كىرگەن ئىكەن، ھېچ يەردىن ئىز - دېرىكىنى تاپالمىغان يىگىتنىڭ مانا ئەمدى نۇر بىلەن يۇغۇرۇلغاندەك، ئاجايىپ ساھىبجامال بىر قىز بىلەن كىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئوردا ئەھلىنىڭ بىر قىسمى ئۇزۇن تونلىرىنىڭ پەشلىرىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپتۇ، نەچچىسىنىڭ ئاغزى ئېچىلغانچە يۇمۇلماپتۇ، نەچچىسىنىڭ ئىچىنى ھەسەت زەھىرى ئۆرتەپتۇ. پادىشاھ بەكمۇ خۇشال بولۇپ ئۆز ئوغلىنىڭ تويىنى داغدۇغۇلۇق قىرىق كېچە - كۈندۈز قىپتۇ. يىگىت - قىزلار مۇراد - مەقسەتلىرىگە يېتىپتۇ، ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ چىن ماچىندا «ئاشىق بولماق ئاسان ئەمەس، شىرىن جاندىن كەچمىگۈنچە» دېگەن غەزەل پەيدا بولغان دېيىشىدۇ
← بارلىق تېمىلار چوچاق