پادىشاھ بىلەن مالچى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئوۋ ئوۋلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنى پادىشاھ ئادىتى بويىچە ياساۋۇللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوۋغا چىقىپتۇ - دە، بىر توقايلىققا يېتىپ كەپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەلدىدىن بىر جەرەن چىقىپ قاپتۇ. قوغلاپ يۈرۈپ ئەسكەرلىرى بىلەن جەرەننى ھالقا ئىچىگە ئاپتۇ. پادىشاھ شۇئان:
- كىم قاچۇرۇپ قويسا، شۇنىڭ كاللىسى ئېلىنىدۇ! - دەپ جاكا قىپتۇ. لېكىن جەرەن دەل پادىشاھنىڭ بېشىدىن ھالقىپ چىقىپ قېچىپتۇ. بۇ ئىشتىن تولىمۇ ئىزاتارتقان پادىشاھ «ھېچكىم ئارقامدىن ئەگەشمىسۇن» دەپ، جەرەننى ئۆزى يالغۇز قوغلاپ مېڭىپتۇ. قوغلا - قوغلا كەچ كىرىپتۇ. بىر جىلغا بويىغا كەلگەن جەرەننىڭ ئىزىنى يۈتتۈرۈپ تېنەپ قاپتۇ. قايتاي دىسە ئادەملەرنىڭ قەيەردە قالغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ. ئۇسسىزلىق، ئاچلىق ئازابى شاھنى ئالدىرىتىپتۇ. شاھ ئەتراپقا قارىغان ئىكەن، نېرىدا بىر كەپە كۆرۈنۈپتۇ. ئۇنىڭدىن ئىس چىقىپ تۇرغۇدەكمىش. پادىشاھ كەپىگە يېتىپ كەپتۇ. ئاتتىن چۈشۈپ تۇرۇشىغا كەپىدىن بىر كىشى چىقىپتۇ. بۇ كىشى بېشىغا كونا كىگىز قالپاق، ئۇچىسىغا ئۆچكە تېرىسىدىن قىلىنىغان جىلىتكە، تېرە شىم كىيىگەن. قەددى - قامەتلىك، خۇشخۇي ئادەم ئىكەن. ئۇ پادىشاھنى كۆرۈپ كەپىگە تەكلىپ قىپتۇ. پادىشاھ كەپىگە كىرىپ تۆرگە سېلىنغان تىكە تېرىسىنىڭ ئۈستىدىلا ئولتۇرۇپتۇ. ساھىپخان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بىر ھىجىر قېتىق، ئىككى پارچە قوناق نېنى ئەكىلىپ قويۇپتۇ - دە، شاھنى يېيىشكە تەكلىپ قىپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇ تاماقلارنى يېيىشكە دىلى تارتمىغان بولسىمۇ، ئاچلىق - ئۇسسىزلىقنىڭ زۆرۈرىيىتىدىن يېيىشكە مەجبۇر بوپتۇ. بىرئاز يېگەن ئىكەن، نان بىلەن قېتىق ساراي تاماقلىرىدىن مىڭ ھەسسە لەززەتلىك تېتىپ كېتىپتۇ. ھېلىقى قېتىق، نانلارنى پاك - پاكىز يەۋىتىپتۇ.
- ئىسمىڭىز كىم؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ دۇئادىن كېيىن ساھىپخانغا قاراپ:
- ئىسمىم ئاياز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ساھىپخان، - ئۆزىڭىزنىڭچۇ؟
- شاۋاز دەپتۇ، - دەپتۇ پادىشاھ، - سىز بۇ جاڭگالدا نېمە ئىش قىلىسىز؟
- باينىڭ مېلىنى باقىمەن. ئۆزلىرى قانداقلارچە بۇياققا كېلىپ قاللا؟
پادىشاھ ئۆزىنىڭ سودىگەرلىك قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، قاراقچىلارغا ئۇچراپ قېچىپ بۇ يەرلەرگە كېلىپ قالغانلىغىنى بايان قىپتۇ - دە، ئايازدىن ئۆزىنى بۈگۈن بىر كېچە شۇ كەپىدە قودۇرۇۋېلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئاياز ئۆزىنىڭ بىر مالچى ئىكەنلىكىنى، مېھمانغا سېلىپ بەرگۈدەك يوتقان - كۆرپىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالغان ئىكەن. پادىشاھ «كېرەك يوق» دەپ كەپىدە بىر كېچە تۈنەپتۇ. ساھىپخان شاھنىڭ ئاستىغا چوپنى سېلىپ ، بېشىغا بىر كېسەكنى قويۇپ بېرىپتۇ. ئۆزى بولسا داق يەردىلا يېتىپتۇ. پادىشاھ شۇ كېچىسى ھېلىقى ئەسكى چومنىڭ ئۈستىدە شۇنداق شىرىن ئۇخلاپ كېتىپتۇكى، سارايدا توققۇز قەۋەت دۇخاۋا - ئەتلەس كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاپمۇ مۇنداق راھەت ئالمىغان ئىكەن.
شاھ ناھايىتى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا، مالچى ئاياغ تەرىپىدە شاھقا قاراپ ئولتۇرغۇدەك. شاھ ھەيران بولۇپ:
- سىز ئەتىدىن - كەچكىچە مال بېقىپ يۈرۈپ چارچىغانسىز، نىمىشقا ئۇخلىمىدىڭىز؟ - دەپ سورىغان ئىكەن مالچى:
سىز مېنىڭ ئۆيۈمگە مېھمان. مەن سىزنىڭ ئامان - ئېسەنلىكىڭىزنى قوغدىمىسام بولامدۇ؟ چۈنكى بۇ جاڭگال، ھەرخىل يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن خالى ئەمەس، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
پادىشاھ ئۇنىڭ ئادەتتىكى بىر مالچى بولسىمۇ، لېكىن قەلبى پاك، ئالىجاناپ، سەمىمى بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ. ئاڭغىچە تاڭمۇ خېلى يورۇپتۇ.
- خەيىر - خوش، رەھمەت! - دەپتۇ. پادىشاھ مالچى بىلەن خوشلىشىپ ۋە ئېتىغا مىنىپ ئوردىسىغا قايتىپ كەپتۇ. بىرنەچچە كۈنلەرگىچە ئايازنىڭ قىلغان سەمىمى ئادىمەتچىلىكى پادىشاھنىڭ كۆڭلىدىن زادىلا چىقماپتۇ. «بۇ ئادەم مېنى خالىس شۇنداق كۈتۈپ، كۆڭۈل بۆلدىمۇ ياكى مېنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىمگە قاراپ بىر باي كىشىگە، دەپ يالغاندىن ئىززەت كۆرسەتتىمۇ» دەپ ئويلىنىپتۇ. ئاخىرى ئۇنى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن، ئەتىسى ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋەزىرىدىن بىرىنى دىۋانە قىياپەتتە ياساپ، ئايازنڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. ئاياز دىۋانە كىيىمدىكى ۋەزىرنىمۇ خۇددى پادىشاھنى كۈتكەندەك سەمىمىي، ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. ۋەزىر قايتىپ كېلىپ كۆرگەنلىرىنى ۋە ئايازنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى پادىشاھقا سۆزلەپتۇ. پادىشاھ يەنە ئىشەنمەي، ئۆزىنىڭ ئوغلىنى بىچارە قىياپەتكە كىرگۈزۈپ ئەۋەتكەن ئىكەن. شاھزادىنىمۇ ئۆزىنى، ۋەزىرنى كۈتكەندەك كۈتۈۋاپتۇ. شۇندى كېيىن شاھ ئايازنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پۇل - ئابروي ئۈچۈن ئەمەس، ئادىمگەرچىلىك ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن ساپدىل كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنپتۇ - دە، نەۋكەرلىرىنى بۇيرۇپ ئايازنى ئوردىغا چاقىرتىپ كەپتۇ.
ئاياز تەخىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ قورقۇنچ ئىچىدە شاھقا تازىم قىلىپ، ئاندىن ئاستا چىرايىغا سەپسالسا ھېلىقى تۇنجى قېتىم ئۆيگە كەلگەن كىشى شۇ ئىكەن. ئىككى يېنىدا زەرباپ تونلارغا ئورالۇپ ئولتۇرغان ئىككى كىشى، كېيىن كەپىسىگە بارغان غېرىپ - دىۋانىلەر ئىكەن.
مالچى ئەھۋالنى چۈشىنەلمەي ھەيران قاپتۇ. پادىشاھ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ئاندىن ئۇنى مۇنچىغا ئەۋەتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا شاھانە كىيىم - كېچەكلەرنى كىيدۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ شاھ ئۇنى ئۆزىگە مۇھاپىزەتچى قىلىپ بەلگىلەپتۇ...
كۈنلەردىن بىر كۈنى پادىشاھ، ئايازنىڭ ئەقلىنى سىنىماقچى بولۇپ، ئوۋغا چىققان مەزگىلدە بىر يەردە كېتىپ بېرىپ تۇيۇقسىزلا:
يىيىشكە نېمە تاتلىق؟ - دەپ سوراپتۇ.
ئاياز دۇدۇقلىمايلا دەرھال:
- تۇخۇم دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ ئۇنچىقماپتۇ. بۇقېتىمقى ئوۋ تۈگەپ ئارىدىن بىر قانچە ھەپتىلەر ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئۇنى ئوۋغا بىللە ئېلىپ چىقىپتۇ. يولدا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭدىن:
- نېمە بىلەن؟ - دەپ سورىغان ئىكەن، ئاياز يەنە دەرھال:
- تۇز بىلەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
پادىشاھ ئۇنىڭ ھەرئىككى قېتىملىق جاۋابىدىن تولىمۇ خۇشاللىنىپ كېتپتۇ. چۈنكى پادىشاھ ھەقىقەتەنمۇ تۇخۇمنى تۈز بىلەن يىيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ھەم ئۇنىڭدىن سورالغان سۇئاللار كۈتۈلمىگەندە بېرىلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ تەييارلىقسىزلا ھازىر جاۋابلىقى شاھنى ھەيرا قالدۇرغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ئايازنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئەقىللىق ئادەم ئىكەنلىكىگە قايىل بوپتۇ - دە، ئۇنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلىپ بەلگىلەپتۇ.
ئاياز ۋەزىر بولغاندىن كېيىن، پادىشاغا تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئاچكۆز ئەمەلدارلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان، خەلقنى قاقشىتىدىغان نامۇۋاپىق قائىدە - تۈزۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ. دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىپ، قۇدرەت تېپىشقا باشلاپتۇ. ئەكسىچە بىر ئوچۇم ئاچكۆز ئەمەلدارلارنىڭ يانچۇقلىرى قۇرۇغدىنىپ، لەۋلىلىرى قانجىراشقا باشلاپتۇ. ئۇلار ئايازغا ھەسەت قىلىشپتۇ. پادىشاھ يالغۇز قالغان چاغلىرىدا، ئايازنى يامانلاپ چېقىشتۇرۇپتۇ. ئاخىرى پادىشاھ ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ قاپتۇ - دە، ئايازنى ۋەزىرلىكتىن ئېلىپ تاشلاپتۇ.
ھېلىقى ئاچكۆز ۋەزىر، ئەمەلدارلار خەلققە زۇلۇم سالىدىغان تۈزۈملەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ. شۇندىن كېيىن مەملىكەت ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشى نامراتلىققا يۈز تۇتۇپتۇ. خەلقنىڭ نارازىلىقى، پادىشاھقا غەزىپى كۈچىيىپ، غەلىيان - ئىنسانلار كۆپىيىپ كېتىپتۇ.
پادىشاھ ئايازنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ياخشى قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنى يەنە ۋەزىرلىككە تەيىنلەپتۇ. ئۇ ئادىل سىياسەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىشلەپتۇ. مەملىكەت يەنە گۈللىنىشكە باشلاپتۇ. پادىشاھ زادى كىمنىڭ ئۆزىگە بەكرەك سادىق ۋە ھالالراق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى سىناپ كۆرمەك ئۈچۈن، بىر كۈن قىرىق خېچىرغا ئالتۇن - كۈمۈش ئارتىپ، ئاياز ۋە باشقا ئەمەلدارلارنى ئەگەشتۈرۈپ سەپەرگە چىقىپتۇ. پادىشاھ يول بويى ئالتۇن - كۈمۈشنى چېچىپ مېڭىپتۇ - يۇ، ھەرگىز كەينىگە قارىماپتۇ. بىر ھازادىن بىر بۇلاقنىڭ بويىغا يېتىپ بېرىپ توختاپ ئارقىسىغا قاراپتۇ. ئارقىسىدىن يالغۇز ئايازلا كېلىۋاتقۇدەك، قالغان ئەمەلدارلار چېچىلغان ئالتۇن - كۈمۈشنى تالىشىپ، مۇشتلىشىۋاتقۇدەك.
پادىشاھ شۇنىڭدىن كېيىن كىمنىڭ ھەقىقى يۈرىگى بىلەن پادىشاھقا، دۆلەتكە سادىق ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ پۇل - مەنسەپ ئۈچۈنلا خوشامەت قىلىپ يۈرگەنلىكىنى بايقىۋاپتۇ. ئايازنى باش ۋەزىر ھەم خەزنىچى قىلىپ ئۆستۈرۈپتۇ.
ئاياز يۇقىرى مەنسەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ پادىشاھقا، خەلققە، دۆلەتكە سادىقلىق بىلەن ئىشلەپتۇ. باج - سېلىقلارنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، سودا - تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇپتۇ. يەر تېرىغۇچىلار ۋە ھۈنەرۋەن - تىجارەتچىلەرگە يول ئېچىپ، پۇلى بولمىسا خەزنىدىن قەرز بېرىپتۇ.
بۇنىڭدىن يەنىلا ئۆزىگە نەپ ئالالمىغان ئوردا پىتنىچىلىرى پادىشاھنىڭ قېشىغا كىرىپ «ئاياز ئۇنى قىلدى، ئاياز بۇنى قىلدى، خەزىنىنى گادايلارغا تارقىتىپ، ئۆزى ئوبدانچاق بولدى، خەزىنە قۇرۇقلىنىپ قالدى...» دەپ چېقىپ، ئېغىۋالارنى توقۇپتۇ.
پادىشاھ ئۆتكەندە مۇشۇ پىتنىچىلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، ھالال - سادىق دوستىنى خاتا جازالاپ، ئەلنى خاراپ قىلىشقا تاس قالغانلىغىنى ئېسىدىن چىقارمىغان ئىكەن. شۇڭا بۇدا ئۇلارغا «ھىم» دەپلا قويۇپتۇ. ئۇنداق - مۇنداق جاۋاب بەرمەپتۇ. ئۆزى خەزنىنى تەكشۈرۈپ كۆرمەكچى بوپتۇ.
ئەتىسى ئايازنى ئېلىپ خەزنىنى تەكشۈرۈپتۇ. قارىسا خەزنە ئالتۇن - كۈمۈش، ئاشلىق، قورال - ياراق، كېيىم - كېچەك بىلەن تولغان. پادىشاھ ئەڭ ئاخىرى خەزىنىدىن قايتىپ چىقىۋاتقاندا. بېشىغا بىر نەرسە تېگىپتۇ. بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا بىر جۈپ ئەسكى چورۇق ئىشىك بېشىغا ئېسىقلىق تۇرغۇردەك. بۇ ئىشتىن ھەيران بولغان پادىشاھ ئايزدىن:
- بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ - دەپ سورىغان ئىكەن. ئاياز كەمتەرلىك بىلەن:
- مەن ئاۋال خۇدا، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ھىمايىلىرىدە بۇنچىلىك چوڭ ئىززەتكە سازەۋەر بولدۇم. مەم ئەسىلىدە بىر نامرات مالچى ئىدىم. تېرە كىيىم بىلەن ئەسكى چورۇق كىيەتتىم، ھالا بۈگۈنكى كۈندە بەخت ماڭا يۈزلىنىپ بۇ كۈنلەرگە ئېرىشتىم. لېكىن مەن راھەتكە چىققاندا، جاپالىق كۈنلىرىمنى ئۇنتۇپ خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشمەي دەپ. ھەربىر كىرىگەن - چىقىقان ۋاقتىمدا چورۇق كۆز ئالدىمدا تۇرسۇن دەپ، مۇشۇنداق قىلدىم، - دەپتۇ.
ئايازنىڭ مۇنداق ئالىجاناپلىغىدىن پادىشاھ تولىمۇ تەسىرلىنىپ يىغلاپ ساپتۇ. ئۆزىمۇ قېرىپ قالغان ئىكەن، ئايازنى پادىشاھلىققا لايىق كۆرۈپ، ئورنىنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئاياز پادىشاھ بولۇپ ئادالەت بىلەن يۇرت سوراپتۇ. «ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما. شىرە چورۇغۇڭنى قۇرۇتما!» دېگەن تەمسىل شۇنىڭدىن قالغا ئىكەن.