UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقتوختى مەدىكار

توختى مەدىكار

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر يېزىدا توختى ئىسىملىك بىر مەدىكار بولغانىكەن. ئۇ ئۆي - ماكانى، بالا - چاقىسى، ئاتا - ئانىسى يوق، بويتاق، كەمبەغەل ئادەم بولغىنى ئۈچۈن، مەدىكارچىلىق بىلەن كۈنىنى ئۆتكۈزىدىكەن. ئاخشىمى بىر ۋەخپە باغدا ياتىدىكەن. بىر كۈنى توختى مەدىكار تاپقان پۇلىغا بىر ئۆپكە ئېلىپ، ئۇنى باغدىكى بىر تۈپ ئامۇتنىڭ شېخىغا ئېسىپ قويۇپ ئولتۇرسا، بىر يوغان قۇش كېلىپ ئېلىپ قېچىپتۇ. توختى مەدىكار قۇشنى تۇتۇۋېلىش مەقسىتىدە، ئەتىسى يەنە بىر ئۆپكىنى ئېلىپ ئامۇتنىڭ شېخىغا ئېسىپ قويۇپ، ئامۇتنىڭ تېگىدە پايلاپ تۇرسا، ھېلىقى قۇش يەنە كەپتۇ. توختى قۇش ئامۇتقا قۇنۇشى بىلەنلا پۇتىغا چىڭ ئېسىلىۋاپتۇ. قۇش توختىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. توختى نېمە قىلارىنى بىلمەي قۇشنىڭ پۇتىغا مەھكەم ئېسىلغىنىچە تۇرۇۋېرىپتۇ. قۇش بولسا، بارا - بارا ئېگىزلەپ، خېلى ئۇزۇن ئۇچقاندىن كېيىن، چەت بىر تاغنىڭ قېشىغا كېلىپ پەسلەشكە باشلاپتۇ. توختى شۇئان قۇشنىڭ پۇتىنى قويۇۋېتىپ يەرگە چۈشىۋاپتۇ. ئەسلىدە بۇ قۇشنىڭ ئۇۋىسى مۇشۇ تاغدا ئىكەن. قۇش ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. توختى ئەتراپىغا نەزەر سالسا، بۇ تاغدا ھەرخىل گۆھەر تاشلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ، تاشنىڭ ناھايىتى ئېسىللىرىدىن خىللاپ ئون نەچچىنى قوينىغا سېلىۋاپتۇ ۋە قۇشنىڭ ئۇۋىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قۇشنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن قۇش ئۇۋۇسىدىن چىقىپتۇ. قۇش چىقىشى بىلەنلا توختى يەنە ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىۋاپتۇ. قۇش: «ئۆپكە بارمىكىن» دېگەن ئوي بىلەن توختى مەدىكار ياتىدىغان باغنىڭ قېشىغا ئۇچۇپ كەپتۇ. توختى شۇئان قۇشنىڭ پۇتىنى قويۇپ بېرىپ، سەكرەپ يەرگە چۈشۈۋاپتۇ. قۇش باغنىڭ ئەتراپىنى ئىككى - ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ كېتىپ قاپتۇ. توختى بۇ ئېسىل گۆھەر تاشلارنىڭ ئىككىسىنى قوينىغا سېلىۋېتىپ، قالغىنىنى باغنىڭ بىر يېرىگە كۆمۈپ قويۇپتۇ. ئەتىسى ئۇ ئىككى تاشنى ئېلىپ بازارغا بېرىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، بىر يەرگە نۇرغۇن كىشىلەر توپلىشىۋاپتۇ. ئەسلىدە بۇ يەردە سودىگەر توختىنىڭكىگە ئوخشاش بىر گۆھەر تاشنى بىر قەپەزنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇپ كۆرگەزمە قىلىۋاتقانىكەن. كىشىلەر بولسا بىرى يىگىرمە تىللا دەۋاتقۇدەك. بۇ گۆھەر توختى مەدىكارنىڭكىگە ئوخشىسىمۇ، بىر يېرى پۇچۇق ئىكەن. توختىنىڭ ئۇنى ئۆزىنىڭ تېشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باققۇسى كېلىپ، بىر قوينىدىكى تاشقا، بىر قەپەزدىكى تاشقا قاراۋاتسا، بىرى ئۇنىڭغا: - ھەي ئەخمەق، سەن ئۇنى قوينۇڭغا شەرەتلىگىنىڭ بىلەن ئۇ سېنىڭ قوينىڭغا كىرمەيدۇ! - دەپتۇ. - ئۇ كىرمىسە، مېنىڭدە ئۇنىڭدىن ياخشىراقى بار! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ توختى. - ئالە قېنى؟! - دەپتۇ ئۇلار. توختى تاشنى قوينىدىن چىقارغانىكەن، كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇۋېتىپتۇ. كىشىلەر توختىدىن سوراشقا باشلاپتۇ: - ساتامسەن؟ - نەچچە تىللاغا بېرەرسەن؟ - توختى نۇرغۇن تالاش - تارتىشتىن كېيىن، ئىككى تاشنى ئاتمىش تىللاغا سېتىپ باغقا قايتىپ كەپتۇ. توختىنى چاكار قىلىپ ئىشلەتكەن باي ئىنتايىن بېخىل، ئاچكۆز ئىكەن، ئۇ توختىنىڭ ئىشلىگىلى كەلمىگەنلىكىنى بايقاپ، كىشىلەردىن سۈرۈشتە قىلىپ، ئەھۋالنى ئۇقۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىچى تارلىقى كېلىپ، توختى ياتقان باغقا بېرىپ، توختىغا: - ھە، توختى، بارمۇ سەن؟ بىزنىڭ ئۆيلەرگىمۇ بارمايدىغان بولۇپ كەتتىڭ! ئاڭلىسام گۆھەر سېتىپ باي بولۇپ قاپسەن! گۆھەرنى نەدىن تاپتىڭ؟ - دەپتۇ. - توختى بولغان ۋەقەنى باشتىن ئاخىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. باي بۇنى ئاڭلاپ توختىغا: - مېنىمۇ شۇ يەرگە باشلاپ بارغىن، دەپ زورلاپتۇ. ئاخىرى توختى ئۇنى ئۇ يەرگە باشلاپ بېرىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئۇلار ئۆپكىدىن بىرنى ئېلىپ ئامۇتنىڭ شېخىغا ئېسىپتۇ. باي ئۆزىنىڭ بېلىدىن ئارغامچا بىلەن توختىنىڭ بېلىگە چېتىپتۇ. بىر چاغدا قۇش كېلىپ، ئۆپكىگە ئېتىلىپتۇ. توختى شۇئان ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپتۇ. قۇش ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. بىر ئاز ئۇچقاندىن كېيىن، توختىدىن سوراپتۇ: - ئۇ قۇشنىڭ ئۇۋىسىنىڭ ئاغزى قانچىلىك بار ئىكەن؟ - ۋاي، تولا گەپ قىلمىسىلا! قولۇم بەك تېلىپ كەتتى، - دەپتۇ توختى. باي يەنە: - ماڭا ئۇنىڭ ئۇۋىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى دەپ بەرمىسەڭ، سەندىن رازى ئەمەسمەن، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. توختى بۇنى ئاڭلاپ ئالدىراشچىلىقتا «مۇنچىلىك بار ئىكەن» دەپ قولى بىلەن ئۇۋىنى قىلىپ چۈشەندۈرمەكچى بولۇپ، قۇشنىڭ پۇتىنى قويۇۋەتكەنىكەن، ئۇلار شۇ ئېگىز ھاۋادىن موللاق ئېتىپ يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. توختى باينىڭ تۆپىسىگە چۈشۈپتۇ. باي شۇ يەردىلا ئۆلۈپتۇ. ئۇنىڭ ئاچكۆزلۈكى ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بوپتۇ. توختى باينىڭ تۆپىسىگە چۈشكەچكە، ھايات قاپتۇ ۋە كېيىنكى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق