UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقبالا پادىشاھ

بالا پادىشاھ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىقى زاماندا بىر يۇرتتا ھېلىم، سېلىم ئاتلىق ئاكا - ئۇكا ئۆتكەن ئىكەن. بۇلار يېتىم بولغاچقا، بەكمۇ ھەمسال ئۆتۈپتۇ. ھېلىم ئوقەت قىلىپ پۇل تېپىپ باي بولۇپتۇ. سېلىم بىر ھۈنەرۋەنگە شاگىرت بولۇپ كىرىپ زەرگەرلىكنى ئۆگىنىپتۇ. بۇلار بىر - بىرىنى دائىم ئىزلىشىپ - يۇقلىشىپ تۇرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سېلىم زەرگەر ياقا يۇرتقا سەپەرگە چىقماقچى بولۇپتۇ. ئۇنىڭ زەگەرلىك قىلىپ تاپقان ئاز - تولا ئالتۇن - كۈمۈشلىرى بار ئىكەن. ئېھتىيات يۈزىسىدىن يۈز سەر كۈمۈش تەڭگىسىنى ئايرىپ ھېلىم بايغا ئامانەت قويماقچى بولۇپتۇ. لېكىن شۇنداقلا ئاپىرىپ ئامانەت قويۇشقا كۆڭلى ئۇنىماپتۇ. سېلىم زەرگەر ئۇنداق ئويلاپ، بۇنداق ئويلاپ، ئاخىرى بازاردىن تۆت پۇلغا بىر كوزا سېتىۋاپتۇ - دە، ھېلىقى كۈمۈش تەڭگىلىرىنى شۇ كوزىغا ساپتۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇراببا قاچىلاپ، كوزىنىڭ ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ، ھېلىم ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. ھېلىم باي سېلىم زەرگەرنى تەۋەززۇ بىلەن كۈتۈۋاپتۇ ۋە تۆرگە چىقىرىپ ئالدىغا مەزە قويۇپتۇ. بۇلار ھال - ئەھۋاللىشىپ، سودا - ئوقەت ئىشلىرىدىن پاراڭ - سۆھبەت قىلىشقاندىن كېيىن سېلىم زەرگەر: - بۈگۈن سىلىنى يۇقلىغاچ ھوزۇرلىرىغا بىر ھاجەت بىلەن كېلىپ قالدىم، بىراۋنىڭ ھاجىتىدىن چىقماقلىق ئۇلۇغ ئىشتۇر، مەن سەپەرگە چىقماقچى بولۇۋاتىمەن. مانا، مۇنۇ كوزىدا ناھايىتى ياخشى مۇراببايىم بار ئىدى، شۇنى سىلىگە ئامانەت قويۇشقا كېلىۋىدىم، - دەپتۇ. - سېلىنىڭ بۇ ئامانەتلىرىگە چىۋىنمۇ قوندۇرمايمەن، - دەپتۇ ھېلىم باي، - سىلى خاتىرجەم بولۇپ سەپەرلىرىگە مېڭىۋەرسىلە. سېلىم زەرگەرنىڭ كۆڭلى ئارام تېپىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. سېلىم زەرگەردىن خەۋەر كەلمەپتۇ. ھېلىقى كوزا ھېلىم باينىڭ ئۆيىدىكى ئويۇقتا توپا بېسىپ تۇرۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىم باي تەكىگە يۆلىنىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ، كوزىغا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇ:>بۇ كوزىدا راستىنلا مۇراببا بارمىدۇ؟ مۇراببا يەيدىغان نەرسە تۇرسا، شۇنىمۇ ئامانەت قويامدۇ؟< دەپ ئويلاپ قورسىقىغا جىن كىرىپتۇ ۋە ئويۇقتىكى كوزىنى ئېلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ كۆرۈنۈپتۇ. كوزا مۇراببا بىلەن لىقمۇ - لىق ئىكەن. ھېلىم باي مۇراببانى كوزىدىن ئېلىۋېتىپ قارىسا، كوزىنىڭ تېگىدە كۈمۈش تەڭگىلەر كۆز چاقنىتىپ تۇرغۇدەك. خوشاللىقىدىن ھېلىم باينىڭ ئاغزى قولىقىغا يېتىپتۇ ۋە >بىكارغا پۇل تاپساڭ ساناپ ئال دەپتىكەن< دېگىنىچە تەڭگىلەرنى ساناشقا كىرىشىپتۇ. تەڭگىلەر كەممۇ ئەمەس، ئارتۇقمۇ ئەمەس يۈز دانە ئىكەن. ھېلىم باي دەرھال تەڭگىلەرنى ھەميانىغا تىقىپتۇ. كوزىنى يېڭى مۇراببا بىلەن لىقمۇ - لىق توشقۇزۇپ، ئاۋالقى جايىغا ئېلىپ قويۇپتۇ. يىل ئۆرۈلۈپ، بىر كۈنى سېلىم زەرگەر يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ. ھاردۇقىنى چىقارغاندىن كېيىن ھېلىم باينىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. ھېلىم باي سېلىم زەرگەرگە ئامانىتىنى تاپشۇرۇپتۇ. زەرگەر رەھمەت - تازىم قىلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ - دە، كوزىنى ئېچىپ قارىسا، كۈمۈش تەڭگىلىرى يوق تۇرغۇدەك، سىلىم زەرگەر ئەلەم بىلەن ساقىلىنى چىشلەپتۇ. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى پادىشاھغا ئەرز قىپتۇ. پادىشاھ سېلىم زەرگەرنىڭ ئەرز - دادىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:>بۇلار ئىككىسى ئاكا - ئۇكىلار، يەنە كېلىپ ئىككىسىنىڭ يۇرتىنىڭ ئابرۇيلۇقلىرى، بۇلارنىڭ دەۋا - دەستىگىنى قىلنى قىرىققا يېرىپ بولسىمۇ ئادىل بىر تەرەپ قىلمىسام يۇرتتا ئابرۇيۇم تۆكۈلىدۇ< دەپ ئويلاپتۇ - دە، سېلىم زەرگەرنى ھازىرچە ئۆيىگە قايتىشقا بۇيرۇپتۇ. ئاڭغىچە بۇ خەۋەر دىۋاندىن ئوردىغان، ئوردىدىن پۈتۈن شەھەرگە تاراپتۇ. پادىشاھ دانىشمەن - ئۆلىمالاردىن بۇ دەۋانى قانداق مۇۋاپىق ھەل قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپتۇ. لېكىن ئۇلار كۆڭۈلگە ياققىدەك مەسلىھەت - يول كۆرسىەلمەپتۇ. پادىشاھ رەللە بولۇپ تۇرغان چاغدا ئوردا پۈتۈكچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ پادىشاھغا تەۋەززۇ بىلەن تازىم قىلغاندىن كېيىن: - ئى پادىشاھىم، ئەدەپسىزلىك قىلغان بولساممۇ، بىر كەلىمە سۆزگە ئىجازەت بەرگەيلا، - دەپتۇ. - ئىجازەت!- دەپتۇ پادىشاھ. - پەقىردىن ئاددى مەسلىھەت شۇكى، پادىشاھىم پۇقراچە ياسىنىپ كوچا - رەستىلەرنى ئايلانغاي، ئەل - ئاۋامنىڭ بۇ دەۋا توغرىسىدىكى سۆز - چۆچەكلىرىنى، ھەرخىل مۇلاھىزىلىرىنى ئاڭلىغاي، پايدىلىق بىرەر يول چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، - دەپتۇ. پادىشاھ بۇ مەسلىھەتنى كۆڭلىدە دىتلاپ كۆرۈپتۇ ۋە ئورۇنلۇق ھېس قىپتۇ. ئەتىسى پادىشاھ پۇقراچە كىيىنىپ كوچىغا چىقىپتۇ، رەستە - مەيدان، كوچا - كويلارنى ئايلىنىپتۇ، ئادەملەر توپلاشقانىكى يەرگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ دەۋا توغرىسىدىكى خىلمۇ - خىل مۇلاھىزە، ئەپقاچتى گەپلىرىنى ئاڭلاپتۇ، ئەمما تۈزۈك ھەل قىلىش يولىنى تاپالماپتۇ. بىر چاغدا چارچاپ ئوردىغا قايتماقچى بولۇپ، بىر كوچىدىن كېتىۋاتسا، بىر توپ بالىلارنىڭ ۋاراڭ - چوۇرڭى ئاڭلىنىپتۇ، پادىشاھ يېقىن كېلىپ قارىسا، بالىلارنىڭ بىرى قۇم دۆڭىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ: - ھەي بالىلار، ماڭا قاراڭلار، مەن بىر يېڭى ئويۇن چىقىرىمەن، ئوينايمىزمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئوينايمىز! - دەپ چۇقۇرۇشۇپتۇ قالغان بالىلار. - ئۇنداق بولسا، مەن پادىشاھ بولىمەن، بىرىڭلار دەۋاگەر، بىرىڭلار جاۋابكار بولىسىلەر، ماۋۇ ئۈچىڭلار مۇرابباچى، ماۋۇ ئىككىڭلار لەشكەر بولىسىلەر، قالغىنىڭلار گۇۋاھچى پۇقرا بولىسىلەر، مەن سوراق قىلىمەن، ئويۇننى مۇنداق ئوينايمىز، - دەپ ئويۇننىڭ پۈتۈن تەرتىپىنى بالىلارغا سۆزلەپ بېرىتپۇ. ئاندىن ئويۇن باشلىنىپتۇ. پادىشاھ بۇ ئويۇننى باشتىن - ئاخىر قىزىقىپ كۆرۈپتۇ ۋە ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن ھېلىقى پادىشاھ بولۇپ ئوينىغان بالىنى چاقىرىپ سوراپتۇ: - ئىسمىڭ نېمە؟ كىمنىڭ بالىسى بولىسەن، ئۆيۈڭ نەدە؟ - ئىسىمىم ئادىل، - دەپتۇ بالا، - دادام ئۆلۈپ كەتكەن، ئانام بار، ئۆيۈم ئاۋۇ، - دەپ كوچىنىڭ دۇقمۇشىدىكى كونا بىر ئۆينى كۆرسىتىپتۇ. پادىشاھ ئارتۇق گەپ قىلماي ئوردىغا قايتىپتۇ. بالا ھەيران بولۇپ كەينىدىن قاراپ قاپتۇ. ئەتىسى پادىشاھنىڭ پەرمانى بويىچە پۈتۈن شەھەر خەلقى ئوردا ئالدىدىكى مەيدانغا جەم بولۇپتۇ. پادىشاھ مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شاھ سۇپىسىغا قۇرۇلغان تەختكە چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ ۋە دەۋاگەر سېلىم زەرگەرنى، جاۋابكار ھېلىم باينى ۋە ئۇستا مۇرابباچىدىن ئۈچ كىشىنى تەخت ئالدىغا ھازىر قىلىشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇلار دەرھال مەيدانغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. ئاندىن پادىشاھ ئادىلنى چاقىرتىپتۇ، ئۇمۇ تەخت ئالدىدا ھازىر بولۇپتۇ. - پۇقرالىرىم، - دەپتۇ پادىشاھ، - بۈگۈن ھەر بىرىڭلارنىڭ ئالدىدا تاجۇ - تەختىمنى بالام ئادىلغا تاپشۇرىمەن، ھېلىم باي بىلەن سېلىم زەرگەرنىڭ دەۋا - سورىغىنى شۇ سورايدۇ! ئەل - جامائەت بۇ ئىشتىن ھەيرانۇ - ھەس بولۇشۇپ، ياقىسىنى چىشلىشىپتۇ. بەزىلىرى ئىشەنمەي قۇلاقلىرىنى كولىشىپتۇ. پۈتۈن مەيداندىكى لەكمىڭ كىشىنىڭ كۈزىتىشى ئاستىدا ئادىل ھودۇقماستىن شاھ سۇپىغا چىقىپ، تەمكىنلىك بىلەن پادىشاھلىق تاجىنى كىيىپ، تەخت ئۈستىدە ئولتۇرۇپ سوراقنى باشلاپتۇ. پۈتۈن مەيداندىكىلەر تىمتاسلىققا چۆكۈپ ئادىلنىڭ ئاغزىغا قاراپتۇ. - سېلىم زەرگەر! - دەپ چاقىرىپتۇ ئادىل سوراقنى باشلاپ. - خوش! - دەپ ئالدىغا بىر قەدەم چىقىپتۇ سېلىم زەرگەر. - سېنىڭ ھېلىم بايغا بىر كوزا مۇراببانى ئامانەت قويغىنىڭ راستمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ئادىل، - كوزىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمەڭ بار ئىدى؟ - مېنىڭ ھېلىم بايغا بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى بىر كوزا مۇراببا قويغىنىم مىڭ مەرتىۋە راست، - دەپتۇ سېلىم زەرگەر، - مۇراببانىڭ تېگىگە سېلىپ قويغان يۈز سەر كۈمۈش تەڭگەممۇ بار ئىدى. - شاھىدىڭ بارمۇ؟ - شاھىدىم يوق، شاھىم. ئادىل ھېلىم بايغا قاراپ: - ھېلىم باي، سېلىم زەرگەرنىڭ بىر كوزا مۇرابباسىنى ئالغىنىڭ راستمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - راست، شاھىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىم باي، - ئەمما كوزىنىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى ھازىرغىچە ئۇقمايمەن، زەرگەر ماڭا تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. ئادىل ھېلىقى ئۈچ مۇرابباچىدىن سوراپتۇ: - مۇراببانى قانچە ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدۇ؟ - ياخشى قاينىتىلغان مۇراببانى بىرەر يىل ساقلىغىلى بولىدۇ، ئەمما يىل ئۆرۈلسە رەڭگى بۇزۇلۇپ، تەمى ئۆزگىرىپ قالىدۇ، - دەپتۇ مۇرابباچىلار. - ئەمىسە، سېلىم زەرگەرنىڭ كوزىسىدىكى مۇراببانى كۆرۈپ بېقىڭلار، - دەپتۇ ئادىل مۇرابباچىلارغا. مۇرابباچىلار كوزىدىكى مۇراببانى كۆرۈپتۇ ۋە تېتىپ بېقىپ، - تەخسىر، كونا مۇراببانىڭ يۈزى پاختىلىشىپ قالاتتى، راستىنى ئېيتساق، بۇ مۇراببا يېڭى ئىكەن، تەمىمۇ ئۆزگەرمەپتۇ، - دېيىشىپتۇ. - ھېلىم باي، ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟ - دەپ سوراپتۇ ئادىل. >ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن< دېگەندەك، ھېلىم باينىڭ دەلىل - گۇۋاھ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ، بېشى چۈشۈپ كېتىپتۇ ۋە بىر ھازادىن كېيىن ئېسىنى يىغىپ كۈمۈشنى ئوغرىلىغىنىغا ئىقرار قىلىپتۇ. پۈتۈن پۇقرا ۋە ئوردا ئەھلى ئادىلنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە ئاپرىن ئوقۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خەلق ئادىلنى >بالا پادىشاھ< دەيدىغان بولۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق