مەھمۇت بىلەن مەلىكە مەھلىقا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۆتكەن زاماندا، مەلۇم شەھەردە مەھمۇت ئىسىملىك بىر يىگىت ئۆتكەن ئىكەن. يىگىت ئون ياش چېغىدىلا دادىسىدىن ئايرىلىپ قېرى ئانىسىنىڭ قولىدا قاپتۇ. ئانىسىنىڭ مەھمۇتتىن باشقا ھېچكىمى بولمىغاچقا، يىپ ئىگىرىپ سېتىپ يۈرۈپ ئوغلىنى چوڭ قىپتۇ. ئاي ئۆتۈپ، يىللار ئۆتۈپ مەھمۇت يىگىرمە ياشلىق قىران يىگىت بولۇپتۇ. جاڭگالدىن ئوتۇن ئېلىپ كېلىپ سېتىپ، ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئۇ جاڭگالغا ئوتۇنغا بېرىپتۇ. ئوتۇننى يىغىپ ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا ھاجىتى قىستاپتۇ. بىر دۈڭنىڭ كەينىدىكى چاتقاللىققا بېرىپ ھاجەت قىلاي دەپ ئولتۇرۇشىغا، تۇيۇقسىزلا يەر ئۇيۇلۇپ، يىگىت يەرنىڭ قەھرىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئۇ قورقۇپ ھۇشىدىن كېتىپتۇ. بىر ھازادا ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئاچسا، بىر قاراڭغۇلۇقنىڭ بىر دەمدىن كېيىن قاراڭغۇلۇق يوقىلىپ، ئەتراپ يورۇپتۇ - دە، بىر ئاپپاق ساقال. نۇرانە بوۋاي پەيدا بولۇپتۇ. يىگىت بوۋايغا ئېگىلىپ سالام بېرىپتۇ. بوۋاي:
- ئوغلۇم، قورقما! ئاناڭ ۋە سېنىڭ نەچچە يىللاردىن تارتقان جاپايىڭ ۋە سەۋرى - تاقەت، ئالىجاناپلىقىڭنىڭ بەدىلىگە خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلدى. لېكىن سەن بۇ بەخىتتىن ئوبدان پايدىلىنىشىڭ، يامان يولغا كىرىپ كەتمەسلىگىڭ كېرەك. ئاڭلا: سەن چۈشكەن بۇ جاي سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ يەر ئاستىغا جايلاشتۇرۇلغان خەزنىسى. ئالدىڭدا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىشكتىن كىرسەڭ چوڭ بىر قەسىر بار. بۇ قەسىرنىڭ قاتمۇ - قات ئىشىگى بولۇپ، ھەر بىر ئىشىكتە ھەيۋەتلىك ئەجدىھا، يولۋاس بار. ئۇلار ساڭا ھەيۋە - خىرىس قىلىدۇ، سەن قىلچە قورقمىغىن ۋە ئالىدىڭغا قاراپ مېڭىۋەرگىن، قورۇقمىساڭلا ئۇلار ساڭا تەگمەيدۇ، قۇرققان ھامان تاشقا ئايلىنىپ قالىسەن، بۇ يەردىن مەڭگۈگە چىقالمايسەن. توققۇز قات ئىشكتىن كىرگەندىن كېيىن يەر ئاستى خەزىنىگە رەسمىي كىرگەن بولىسەن، خەزنىدە گۆھەر، ئالتۇن - تىللا، قورال - ياراق، رەختلەر، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى بار. سەن ئۇلارغا زادىلا كۆز قىرىڭنى سالما، چۈنكى ساڭا بۇلار بىھاجەت، ئەڭ ئاخىرقى ئۆيدىكى بىر تىللا ساندۇقنىڭ ئىچىدە ياقۇت كۆزلۈك ئەڭگۈشتەر ئۈزۈكنى قولۇڭغا سالغىن - دە، نىمىگە ھاجەت بولساڭ، بارمىغىڭ بىلەن ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى ئۇۋۇلا. شۇئانلا بىر قارا جىن پەيدا بولىدۇ، سەن قورۇقماستىن ئۇنىڭغا خىزمەت بويرۇۋەرگىن، جىن بىجاندىل بېجىرىدۇ. جىننىڭ جېنى سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئۈزۈگىگە بەنت قىلىنغاندۇر. بىخۇتلۇق قىلىپ ئۈزۈكنى يۈتتۈرۈپ قويغۇچى بولما، ئۈزۈك يوقالسا سەندىكى ئامەتمۇ يوقىلىدۇ، - دەپ ئۈگىتپتۇ ۋە قوللىرىنى ئېچىپ: «ساڭا بەخت يار بولسۇن، ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ دۇئا قىلىپتۇ. يىگىتمۇ دۇئا قىلىپ بولۇپ قارىسا، ھېلىقى بوۋاي ئويدىمۇ - دۆڭدىمۇ يوقمىش. ئەسلىدە ئۇ ئاقساقال نۇرانە كىشى خىزىر ئىكەن.
يىگىت ئالدىغا قارىسا بوۋاي ئېيتىقاندەك بىر ئالتۇن ئىشىك نامايەن بوپتۇ. يىگىت ئىشىكتىن قورقماي كىرىپ، ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ. ئاخىر ھېلىقى ياقۇت كۆزلۈك ئەڭگۈشتەر ئۈزۈكنى قولغا چۈشۈرۈپ، چىمچىلاق بارمىقىغا ساپتۇ. يەر ئۈستىگە چىقىپ، كېتىشنى ئويلاپ، ئەڭگۈشتەرنىڭ كۆزىنى بارمىغى بىلەن بىر قانچە رەت ئۇۋۇلىغان ئىكەن. بىردىنلا دەھشەتلىك بىر شاۋقۇن كۆتىرىلىپتۇ - دە، قاراڭغۇلۇق غايىپ بولۇپ، تولىمۇ سەت، ھەيۋەتلىك بىر قارا جىن پەيدا بولۇپتۇ. ئۇ يىگىتكە ئېگىلىپ تەزىم قىلغان ھالىدا:
- خوش، قانداق خىزمەتلىرى بولسا بىجا كەلتۈرگەيمەن! - دەپ قول باغلاپ تۇرۇپتۇ.
- ھازىر مەن نەدە تۇرۇۋاتىمەن؟ يەر ئۈستىگە ئەپچىقىپ قويالامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت.
- ھازىر بىز، - دەپتۇ جىن مۇلايىملىق بىلەن، - يەر يۈزىدىن ئون مىڭ غۇلاچ چوڭقۇرلۇقتىكى تىلسىم سۇلايماندا تۇرۇۋاتىمىز. جاناپلىرىنى يەر ئۈستىگە ئەپچىقىپ قويالايمەن.
- ئۇنداق بولسا مېنى يەر ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ، ئانامنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويغىن!
- خوش ! - دەپتۇ جىن ۋە يىگىتكە كۆزىنى يۇمۇۋېلىشنى ئېيتىپتۇ. يىگىتنى ئالقىنىغا ئولتۇرغۇزۇپتۇ. يىگىت كۆزىنى يۇمۇۋاپتۇ. ئارىدىن بىرەر مىنۇت ۋاقىتمۇ ئۆتمىگەن ئىكەن. جىن:
- كۆزلىرىنى ئاچسىلا، كەلدۇق، - دەپتۇ يىگىت كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، راستىنلا ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇدەك، ئانا ئوغلىنى كۈتۈپ زار - زار يىغلاپ ئولتۇرغان ئىكەن. يىگىت جىنغا رۇخسەت بېرىپ، ئاندىن ئانىسىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە ئانىسى بىلەن يىغا - زارە قىلىشىپ كۆرۈشۈپ كېتىپتۇ، ھال - مۇڭ بولۇشۈپتۇ. شۇ ئارىدا يىگىتنىڭ قورسىغى ئېچىپتۇ ۋە ئانىسىدىن:
- ئانا يىگۈدەك نەرسەڭ بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ۋاي جېنىم ئوغلۇم، - دەپتۇ موماي يىغلاپ تۇرۇپ، - سەن كەتكەندىن بېرى يىغلاپ يۈرۈپ ھىچ ئىش قىلالمىدىم. يىگۈدەك ھىچ نەرسە قالمىدى. ئەگەر بۈگۈن يېتىپ كەلمىگەن بولساڭ ئاچ قالغان بولاتتىم، - دەپتۇ.
يىگىت دەرھال ھېلىقى ئۈزۈكنى ئۇۋۇلىغان ئىكەن، ھېلىقى جىن پەيدا بولۇپ:
- خوش، نېمە خىزمەتكە بويرۇيلا ؟ دەپ قول باغلاپ تۇرۇپتۇ.
- سەن ئاۋال ھەر خىل نازۇ - نىمەت، ئاش - تاماق كەلتۈر. ئاندىن ئون مىڭ ئادەمگە يۈز يىل يەتكۈدەك ئاشلىق - تۈلۈك ۋە ئون ئېغىزلىق ئۆي راسلاپ بەر! - دەپ بويرۇپتۇ يىگىت جىنغا. جىن:
- خوپ، - دەپتۇ - دە، غايىپ بولۇپتۇ، كەچ بولۇپتۇ. يىگىت ئانىسى بىلەن ئاچ يېتىپ قاپتۇ. تاڭ ئاتقاندا قارىسا، نېمە بۇيرۇغان بولسا ھەممىسى كۆز ئالدىدا تەل تۇرغۇدەك، نېرىسىدا ئاجايىپ زىننەتلەپ ياسالغان ئون ئېغىزلىق ئۆي قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇرغۇدەك. يىگىتنىڭ ئانىسى ھەيران بولغان ھالدا:
- ۋاي ئوغلۇم، جاڭگالغا بېرىپ يوقاپ كېتىپ جادىگەرلىكنى ئۈگىنىپ كەلدىڭمۇ نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ.
- يوقسۇ ئانا! بۇ جادىگەرلىك ئەمەس، خۇدايىمنىڭ بىزگە قىلغان رەھىم - شەپقىتى. قېنى قوساقنى تويغۇزايلى، - دەپ ئانىسىنى قولتۇغىدىن يۆلەپ. ھېلىقى سارايغا ئېلىپ كىرىپتۇ يىگىت ۋە توققۇز قەۋەت مەخمەل كۆرپە سالدۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپتۇ. - دە، جىن كەلتۈرگەن تاماقلارنى ئالدىغا قويۇپتۇ. ئانا - بالا تويغىچە يەپتۇ. ئەتىسى ھېلىقى جىن كەلتۈرگەن خىزمەتكارلارنى بۇيرۇپ، يوغان داش - قازانلارنى پولۇ ئەتكۈزۈپتۇ - دە، شەھەردىكى پۈتۈن كەمبەغەل، يېتىم - يېسىرلارنى چاقىرىپ ئاش تارتىپتۇ ۋە ئۇلارنى كەندە كېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ. شەھەردىكى ۋە شەھەرگە يېڭىدىن كەلگەن ئاچ - زېرىن يوقسۇللار يىگىتنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ، قوساقلىرىنى تويغۇزىدىغان بوپتۇ. تۈگەپ كېتەي دىسە يىگىت ھېلىقى جىننى چاقىرىپ تولۇقلاتقۇزىدىكەن. كېيىنىرەك جىننى بويرۇپ يەنە بىرقانچە يۈرۈش بىنا سالدۇرۇپ، ئىچىنى ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن لىق تولدۇرۇپ، يېتىم - يېسىرلارغا خەيرى - سەدىقە بېرىپ تۇرىدىغان بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ يىگىتنىڭ نامى تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپتۇ. «تەڭ يىگەن تەنگە سىڭەر» دەپ، يىگىت غايىپتىن كەلگەن بۇ بەخىت - سائادەتكە ئاچكۆزلۈك قىلماي، ئەل بىلەن تەڭ ئورتاقلاشقىنى ئۈچۈن، ئەل ئىچىدە ئابرويى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپتۇ.
يىگىت ياشايدىغان ئەلنىڭ پادىشاھى تەلۋە، ساددا ئىكەن. مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىكەن. كىم، نېمە دېسە ئىشىنىپ كېتىدىكەن ۋە ئويلاپ كۆرمەيلا، ھەرقانداق تەكلىپ - تەشەپبۇسلارنى ئىجرا قىلىشقا بويرۇيدىكەن، ئۇنىڭ ۋەزىرى ئىچى زەھەر، مەككار ئىكەن. ۋەزىرنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، پادىشاھنىڭ لەشكەر باشلىغى ئىكەن. پادىشاھنىڭ مەھلىقا دادىسىغا تارتقان. قېلىچىدىن قان تامىدىغان بۇ زالىمنى زادىلا ياخشى كۆرمەيدىكە. قىزنىڭ چىرايى، ھۆسنى، ئەخلاقى پۈتۈن مەملىكەتكە پۇر ئىكەن. كۆپلىگەن كىشىلەر ھەۋەس قىلىشقان بولسىمۇ قىز ئۇنمىغانلىقتىن ئامالسىز قېلىشقان ئىكەن.
مەھمۇتنىڭ داڭقى پادىشاغا ۋە ئوردا ئەھلىگىمۇ ئاڭلىنىپتۇ. قىزمۇ ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ساددا، بەرنا ۋە سېخىلىغى، خەلقىنى يار تۇتىدىغان رەھىمدىل ئەخلاقىدىن سۆيۈنۈپ، يىگىتكە غايىۋانە ئاشىق بولۇپتۇ ۋە يىگىتنى بىر كۆرۈش پۇرسىتىنى كۈتۈپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىگىت پادىشاھنىڭ چار بېغىنىڭ ئارقىسىدىكى يول بىلەن مېڭىپتۇ. شۇ چاغدا، مەلىكە مەھلىقا پىراق ئوتلىرىنى بېسىش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز باغ سەيلىسىگە چىققان ئىكەن. ئۇ باغ ئارىلاپ يۈرۈپ، باغنىڭ چېتىگە - باغ ئېرىقلىرىغا سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈچنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، ئويناپ ئېقىن تۇرغان سۇغا قاراپ خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ قاپتۇ ۋە قۇلىغىغا باغنىڭ ئارقىسىدىكى يول تەرەپتىن ئاتنىڭ ماڭغان شەپىسى ئاڭلىنپتۇ، قىز بويۇنداپ قارىسا، ئاي - ھاي، ياخشى جابدۇلغان قارا ئارغىماققا مىنگەن، يىگىرمە ياشلاردا بىر بەرنا يىگىت كېلىۋاتقۇدەك. ئۇنىڭ خەت تارتىشقا باشلىغان بۇرۇتلىرى نۇر يېغىپ تۇرغان چىرايىغا تولىمۇ ياراشقان ئىكەن. يىگىت تولىمۇ سۆلەتلىك، سالماق بولۇپ، ئۆزىنى تۇتۇشى شاھزادىلەرگە ئوخشايدىكەن. مەلىكە مەھلىقانىڭ يۈرىگى تۇيغاندەك، يىگىتكە بولغان ئامراقلىغى ھەسسىلەپ ئېشىپتۇ - دە، «مەھمۇت دىگەن ھىلىقى يىگىت شۇ بولۇپ قالمىسۇن يەنە، بىر گەپ سوراپ باقاي» دەپ ئويلاپتۇ. يېنىدىكى چېچەكلەپ - گۈللەپ كەتكەن ئۇدۇلىغا كەلگەن چاغدا گۈلنى ئۇنىڭغا تاشلاپتۇ.
يىگىت گۈلنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتمەستىن چاققانلىق بىلەن تۇتۇۋاپتۇ. ھەيران بولۇپ ئەتراپىغا قاراپتۇ ۋە بىردىنلا باغنىڭ تېمىدا ئۆزىگە تەلمۈرۈپ ناز بىلەن كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغان ساھىپجامال بىر قىزغا كۆزى چۈشۈپتۇ، شۇ زامان قىزنىڭ ئايدەك جامالىدىن بىر پارچە ئوت ئاجراپ چىقىپ يىگىتىنىڭ يۈرىگىگە تېگىپتۇ ۋە يىگىت «ئاھ!» دەۋېتىپتۇ. يىگىت ھاياجىنىنى باسالماي ئاتنى توختىتپتۇ.
- قايسى باغنىڭ گۈلىسىز ۋە قايسى چىمەننىڭ بۇلبۇلىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت ئەدەپ ۋە مۇلايىملىق بىلەن، - ئادىمىزاتمۇ ياكى پەرىمۇ سىز؟ تېزرەك جاۋاب بەرگەيسىز. بولمىسا ئىشقى - پىراقىڭىزدا خاراپ بولۇپ كېتىمەن!
- مەن مۇشۇ شەھەر پادىشاھىنىڭ قىزى مەھلىقا بولىمەن. ئەي بەرنا يىگىت، ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟ - دەپتۇ مەلىكە مەھلىقا.
- مەن، مۇشۇ شەھەردىكى تۇل غېرىپ مۇماينىڭ ئوغلى مەھمۇت بولىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت.
- ئاھ! - دەپتۇ مەھلىقا، - مەن سىزنى ئۇزۇندىن بېرى كۆرمەككە خۇشتار ئىدىم. بۈگۈن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. قېنى، باغقا مەرھەممەت قىلىڭ .
يىگىت ئېتىنى بىر دەرەخكە باغلاپ قويۇپ، باغنىڭ سۈڭگۈچىدىن كىرىپتۇ. ئىككىيلەن سۈزۈك سۇ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان، گۈل - چېچەكلەرگە پۈركەلگەن بۇ خىلۋەت ماكاندا ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا مۇڭدىشىپ، شىرىن سۆھبەتلەرنى قىلىشىپتۇ ۋە ھەر قانداق توسقۇنلۇقلار كەلسىمۇ بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆمۈرلۈك ئەر - خوتۇن بولۇشقا، ناۋادا، ھايات چېغىدا تەقدىر قوشۇلۇشقا ۋەدىلەر قىلىشىپتۇ. ئاندىن قىز يەنە ئوردىنىڭ پۈتكۈل ئىچكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىپ:
- سىز ھەر ھالدا قائىدە - يوسۇن بويىچە ئەلچى ماڭدۇرۇپ بېقىڭ، ئاتام ئۇنىسا تېخى ياخشى، ئۇنىمىسا ئۆزىمىز بىلىپ ئىش قىلىمىز، - دەپ ئۆگىتىپتۇ.
شۇ ئارىدا مەھمۇتنىڭ بىردىنلا بېيىپ، سېخى بولۇپ داڭ چىقارغانلىغىنى ۋەزىرمۇ ئاڭلىغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئىچىگە ھەسەت ئوتى چۈشۈپتۇ. «مەن ئۇنى شۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا پادىشاغا ئۇقتۇرماي ئۇجۇقتۇرۇپ، بايلىقلىرىنىڭ سىرىنى بىلمىسەم ۋە بايلىقلىرىنى تارتىۋالمىسام، ئەتە - ئۆگۈن بىزنىڭ تەلۋە پادىشاھىمىز ئالداپ، مېنىڭ ئاستىمغا سۇ قويۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلاپتۇ - دە، بۇ ئويلىرىنى ئوغلىغا ئېيتىپتۇ. ئوغلىمۇ دەرھال قوشۇلۇپتۇ. ئادەم چىقىرىپ تىڭ - تىڭلاش ئارقىلىق يىگىتتە قانداقتۇر بىر ئۈزۈكنىڭ بارلىقىنى، پۈتۈن سىر ئەنە شۇ ئۈزۈكتە ئىكەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ. ۋەزىر ئوغلىغا ئەسكەر باشلاپ بېرىپ، بىر كېچىدىلا ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇپ، ئۈزۈكنى ئېلىپ كېلىشنى تاپىلاپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئوغلى تۈن نىسپى بولغاندا ياخشى قوراللانغان مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ، مەھمۇتنى ئۇجۇقتۇرۇشقا ئاتلىنىپتۇ.
مەھلىقامۇ ناھيىتى ھۇشيار قىز ئىكەن. ئوردىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىدا ئۇنىڭ كېنزەك - چۈرىلىدىن كۆز - قۇلاقلىرى بولۇپ، ھەر قانداق ئىشتىن ئۇنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىدىكەن. كېنىزەكلەردىن بىرسى ۋەزىرنىڭ مەھمۇتنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن بىر توپ لەشكەر بىلەن ئوغلىنى ئەۋەتكەنلىكىنى مەھلىقاغا يەتكۈزۈپتۇ. مەھلىقا بۇ خەۋەرنى مەھمۇتقا يەتكۈزۈپتۇ.
ۋەزىرنىڭ ئوغلى تۈن نىسپىدە مەھمۇتنىڭ سارايلىرىنى قورشىۋاپتۇ. مەھمۇتمۇ تەييارلىنىپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ قولىدىكى ئەڭگۈشتەرنى شۇنداق بىر ئۇۋۇلىغان ئىكەن، ھېلىقى ھەيۋەتلىك جىن دەرھال پەيدا بولۇپتۇ ۋە پەرمان كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
- سەن - دەپتۇ مەھمۇت جىنغا، - مۇشۇ قورشاپ تۇرغان ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقات، لېكىن باشلىغىنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويغىن!
جىن «خوپ» دەپتۇ - دە، دەرھال كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. تۇيۇقسىزلا لەشكەرلەرنىڭ دېمى سىقىلىپ كېتىپتۇ. ئاخىرىدا بىرلا ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا جان بېرىشىپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئوغلى قورقۇپ ئاران قېچىپ چىقىپتۇ - دە، ھاسىرىغان ھالىدا ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بولغان ۋەقەنى بىر بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. ۋەزىر لېۋىنى چىشلەپتۇ.
ئەمدى گەپنى مەھمۇتتىن ئاڭلايلى.
مەھمۇت دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلۇپتۇ. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ئانىسىنى چاقىرىپ، پادىشانىڭ قىزى مەلىكە مەھلىقاغا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇنىڭ تەلىۋىدە شاھ ھوزۇرىغا ئەلچى بولۇپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ.
- ۋاي ئوغلۇم، - دەپتۇ موماي قورققان ھالدا، - ئۇ پادىشاھ، بىز ئاددى پۇقرا تۇرساق قىز بېرەرمۇ؟
- قورقما ئانا! بەرسە بېرەر، چىرايلىقچە بەرمىسە باشقىچە يول تۇتارمىز، - دەپتۇ مەھمۇت.
شۇنداق قىلىپ، موماي ئوبدان ياسىنىپ، بىر ئالتۇن لىگەنگە لىق گۆھەر ئېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئەلچىلىككە مېڭىپتۇ. بارسا ئوردا قاراۋۇللىرى موماينى كىرگۈزمەپتۇ. موماي كۈندە كېلىپ تۇرۇۋېلىۋەرگەندىن كېيىن، قاراۋۇللار بۇ خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ دەسلىۋىدە غەزەپلىنىپتۇ. كېيىن كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ، كىرىشكە رۇخسەت قىپتۇ. موماي سالام - تازىملاردىن كېيىن، سوغاتنى پادىشاھقا سۇنۇپتۇ. ئاندىن كېلىش مۇددىئاسىنى ئارىغا ساپتۇ. موماي ئېلىپ كەلگەن گۆھەرلەرنىڭ ھەر بىرى بىر مەملىكەتنىڭ خىراجىتىگە يارايدىكەن. شۇڭا بىر لىگەن گۆھەرنى كۆرۈپ پادىشا بىر ئاز يۇمشاپتۇ ۋە : «مۇنچىۋالا گۆھەر مېنىڭ خەزىنەمدىمۇ يوق. ئەگەر ئۇ كاتتا بىر باي بالىسى بولمىسا مۇنچىۋالا گۆھەرنى نەدىن تاپىدۇ؟ قۇدا بولايمىكىن - يا؟» دەپ ئويلاپتۇ. ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا ھېلىقى ھەسەتخور ۋەزىر شاھنىڭ قۇلىقىغا:
- پادىشاھى ئالەم، بۇ مۇماي چوقۇم جادىگەر بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا مۇنچىۋالا گۆھەرنى نەدىن تاپىدۇ؟ بىز ئۇنىڭ ئوغلىنى سىناپ كۆرەيلى، - دەپتۇ ئۆگىتىپتۇ.
پادىشاھ مومايغا ۋەزىرنىڭ ئۆگەتكىنىچە:
پايتەختنىڭ شەرقىدىكى تاغنىڭ ئالدىدىكى كۆل سۈيىنى شۇ يەرگە باشلاپ تېرىلغۇغا ئايلاندۇرۇش كېرەك ئىدى. لېكىن تاغنى كېسىپ سۇنى ئۆتكۈزگۈدەك ئەر چىقمىدى. ئوغلۇڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە تاغنى كېسىپ، شۇ سۇنى تاغ ئارقىسىغا ئۆتكۈزسە. پايانسىز بوزلۇقنى ئېكىنزارغا، گۈللەپ تۇرغان باغلارغا ئايلاندۇرسا ئاندىن قىزىمنى بېرىمەن، - دەپتۇ.
موماي پادىشاھنىڭ ئالدىدىن قايتىپ، ئوغلىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ، پادىشاھنىڭ شەرتىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.
- غەم قىلماڭ ئانا، - بۇ ئىش پادىشاھنىڭ كۈتكىنىدەك بولىدۇ. - دەپتۇ مەھمۇت ۋە ئەڭگۈشتەر ئۈزۈكنى ئۇۋۇلاپتۇ. ھېلىقى جىن دەرھال پەيدا بوپتۇ. مەھمۇت جىنغا پادىشاھنىڭ قويغان شەرتلىرىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئورۇنلاشنى بۇيرۇپتۇ.
ئۈچ كۈندىن كېيىن يىگىت چىقىپ قارىسا، تاغ كېسىلىپ، سۇ باشلىنىپ، ھېلىقى بوزلۇق پادىشاھ ئېيىتقاندىن نەچچە ھەسسە گۈزەل باغۇ - بوستان، ئېكىنزارغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. موماي دوڭغاسلاپ بېرىپ، پادىشاھقا خوش خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھمۇ چىقىپ كۆرۇپ ھەيران بولۇپ بارمىقىنى چىشلەپتۇ، قىزىنى بەرمەكچى بولۇپ مومايغا ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا، ھېلىقى ھەسەتخور ۋەزىر يەنە پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرلاپتۇ.
- يەنە بىر شەرت بار! - دەپتۇ پادىشاھ مومايغا، - چارىباغنىڭ ئىچىدە ئىككى چوڭ كۆل بار. ئۈچ كۈن ئىچىدە شۇ كۆللەرنىڭ بىرىنى گۆھەر بىلەن، يەنە بىرىنى ئالتۇن بىلەن لىپمۇ - لىپ توشقۇزسا ئاندىن ئوغلۇڭغا قىزىمنى بېرىمەن.
مەھمۇت بۇ شەرتنىمۇ ئورۇنلاپتۇ، پادىشاھ مەھمۇتقا قىزىنى بەرمەكچى بولۇپتۇ. ئەمما، يەنە ھېلىقى زەھەر ۋەزىر شاھنىڭ ئالدىدا تېز چۆكۈپ يالۋۇرۇپتۇ.
- پادىشاھىم! - دەپتۇ ئۇ ساختىپەزلىك بىلەن، - مەرتەم، مەرتەم، ئۈچ مەرتەم دەپتىكەن. مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سالسىلا، بۇ موماينىڭ تېگى - تەكتىنى بىلمەيمىز. ئالدىراقسانلىق قىلىپ كېيىن ئۆزىلىرىگە بىرەر مالاللىق يېتىپ قالمىسۇن، ئاخىرقى قېتىم بىر سىناپ باقساق.
- بۇدۇ قانداق شەرت قويىمىز؟
- قەسىرنىڭ ئالدىغا قەسىرگە ئوپ - ئوخشاش، نەقىشلىرى گۆھەردىن، سۇۋاقلىرى ئالتۇن - كۈمىشتىن، تۈۋرۈكرىلىرى مەر - مەردىن قىلىنغان بىر ئىسىل ساراي سالسۇن. بۇمۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە پۈتتۈرۈلسۇن.
پادىشاھ مومايغا بۇ شەرتنى قويۇپ:
- مۇشۇ ئاخىرقى شەرتىنى بىجا كەلتۈرسە قىزىمنى ئوغلۇڭغا جەزمەن بېرىمەن، - دەپتۇ.
يىگىت يەنە ھېلىقى جىننى بۇ ئىشقا بۇيرۇپتۇ. لېكىن جىنغا بىر تال تۈۋرۈكنى كەم ياساشنى جېكىپتۇ. ئۈچ كۈندىن
كېيىن پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئالدىدا ئاجايىپ سەلتەنەتلىك، پادىشاھ ئېيىتقاندىنمۇ نەچچە ھەسسە ياسىداق بىر قەسىر پەيدا بوپتۇ. پادىشاھ ھەيران ۋە قايىل بولغان ھالدا ئەمەلدارلىرىنى ئېلىپ، يېڭى ساراينى تاماشا قىلىشقا كەپتۇ. پادىشاھ ساراينى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن رازى بولۇپتۇ.
مەھمۇت پادىشاھنى ئەتەي كەم ياسالغان ھېلىقى تۈۋرۈك ئورنىغا باشلاپ كەپتۇ. ئەمەلدارلاردىن بىرىسى:
- ئەتتەڭ! قەسىر شۇنچە گۈزەل ئىكەنۇ، بىراق بىر تۈۋرۈك كەم قاپتۇ، - دەپ ئەپسۇسلىنىپتۇ. پادىشاھ كۆرەڭلىك بىلەن:
- بولدى، بۇ بىر تۈۋرۈكنى ئۆزەملا قىلدۇرىۋېتىمەن، - دەپتۇ ۋە خىزمەتچىلەرنى ئىككى كۈن ئىچىدە تۈۋرۈكنى پۈتكۈزۈپ بولۇشنى بۇيرۇپتۇ.
تۈۋرۈكنى ياساشقا پادىشاھنىڭ خەزنىسىدىكى بارلىق ئالتۇن - كۈمۈش، گۆھەرلەر يەتمەپتۇ. مەملىكەت خەلقىدىن ئالۋاڭ يىغسىمۇ بولماپتۇ، تۈۋرۈكنىڭ يېرىمىمۇ پۈتمەپتۇ.
مەھمۇت «بولدى، مەنلا پۈتتۈرۋېتەي» دەپتۇ. ئەتىسى تۈۋرۈك پۈتۈپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەمدى مەھمۇتنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىگىتنى ئۆزىمۇ ياقتۇرۇپ قالغان ئىكەن. شۇڭا يىگىتكە سۆز قىلاي دەپ تۇرۇشىغا، ھېلىقى زەھەر ۋەزىر يەنە پادىشاھنىڭ ئالدىدا تىز چۆكۈپ، شاھنىڭ رايىنى قايتۇرماقچى بولۇپتۇ. ۋەزىرنىڭ مەقسىدى مەلىكىنى ئوغلىغا ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ئىكەن.
- پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ ھېلىقى ۋەزىرنىڭ قىلىقلىرىدىن يىرگەنگەن يەنە بىر ۋەزىر شاھنىڭ ئالدىدا تىز چۆكۈپ تۇرۇپ، - شاھلارنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىقى - مەملىكەت خەلقى ئالدىدا ئۆز ئىناۋىتىنى تۆككەنلىك. شاھلارنىڭ خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم بولۇشى، ئۇنىڭ تېز ئارىدا ھالاك بولماقلىغىنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر، بۇ يىگىت ئۈچ نۆۋەت شەرتىڭىزنى ئورۇنلىدى. ئورۇنلىغاندىمۇ ئاجايىپ. ھېچقانداق ئىنسان بالىسىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان قىيىن ئىشلارنى قىلدى. ئەمدى ۋەدە بويىچە قىزنى بۇ يىگىتكە بەرمەكلىك لازىم!
مۇشۇنداق بىر ئاقىلانە مەسلىھەتكە مۇھتاج بولۇپ تۇرغان پادىشاھ دەرھال ماقۇل بولۇپتۇ. قىرىق كېچە - كۈندۈز كاتتا توي قىلىپ مەلىكە مەھلىقانى مەھمۇتقا نىكالاپ بېرىپتۇ. تويدىن كېيىن كۈيئوغۇل بىلەن قىزنى يېڭى سارايغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.
ئەمدى سۆزنى ھېلىقى ھەسەتخور ۋەزىردىن ئاڭلايلى:
ھەسەتخور ۋەزىر مەلىكىنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن تېخىمۇ ھەسەت ئوتىغا چۆكۈپتۇ. ئوغلىنى چاقىرتىپ قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپتۇ. ئوغلى:
- ئاڭلىشىمچە، بىر جادىگەر پالچى بار ئىمىش، شۇنىڭدىن بۇ ئىش توغرىلىق بىر تەدبىر سوراپ باقساق قانداق؟ - دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ.
ۋەزىر جادىگەرنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئالدىغا نۇرغۇن ئالتۇن - كۈمۈش قويۇپتۇ - دە، مەقسەت - مۇددىئانى ئېيتىپتۇ.
- بۇ تولىمۇ مۇشكۈل ئىش ئىكەن، - دەپتۇ جادىگەر، - لېكىن چارە قىلغىلى بولىدۇ. مەھمۇت ئىسىملىك يىگىتنىڭ بارلىق كارامىتى قولىدىكى ئەڭگۈشتەردە. ئاشۇ ئەڭگۈشتەر ئۈزۈك قولغا چۈشۈرۈلسە، ھەممە ئىش قولغا كېلىدۇ، - دەپتۇ.
ۋەزىر بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى جادىگەرگە يەنە نۇرغۇن پۇل بېرىپ، ئاشۇ ئەڭگۈشتەرنى قولغا چۈشۈرۈپ بېرىش ھەققىدە كۆپ يالۋۇرۇپتۇ. ئاخىرى جادىگەر ماقۇل بولۇپتۇ - دە، ۋەزىرنىڭ بىساتىدىكى بارلىق ئالتۇن ۋە گۆھەرلەرنى يىغدۇرۇپ زەرگەر بازىرىغا بېرىپتۇ - دە، يۈزدىن ئاتۇق ئۈزۈك ياسىتىپ، مەھمۇتنىڭ بىر تەرەپكە مېڭىشىنى كۈتۈپ يېتىپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى مەھمۇت ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ. پۇرسەت كۈتۈپ ياتقان جادىگەر ھېلىقى ئۈزۈكنى يېنىغا سېلىپ كوچىلارنى ئارىلاپ: «كونا ئۈزۈككە يېڭى ئۈزۈك تېگىشىمەن!» دەپ توۋلاپتۇ ۋە بۇنى ئاڭلاپ كونا ئۈزۈكلىرىنى ئېلىپ چىققانلارغا ھېلىقى ياساتتۇرغان ئۈزۈكلەرنى تېگىشىپ بېرىپتۇ. جادىگەر مەھمۇت تۇرغان ساراي ئەتراپىغا كېلىپ توۋلاشقا باشلاپتۇ. شۇ چاغدا مەلىكە مەھلىقا ئۆيدە ئىكەن. جادىگەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قاپتۇ ۋە بىردىنلا كۆزى ياستۇقنىڭ تۈۋىدە تۇرغان كونا ئۈزۈككە چۈشۈپتۇ. ئەسلىدە بۇ ئۈزۈك ھېلىقى ئەڭگۈشتەر بولۇپ، مەھمۇت ئۇنى يېنىدىن زادىلا ئايرىمايدىكەن ۋە بۇ ئۈزۈكنىڭ سىرى توغرىلىق ھېچكىمگە، ھەتتا مەھلىقاغىمۇ ئېيتمىغان ئىكەن. مەھمۇت ئوۋغا چىقىشتىن بۇرۇن مەھلىقا بىلەن تاڭ ئاتقۇچە شىرىن سۆھبەتتە بولۇپ، ئۈزۈكنىڭ قولىدىن سىرىلىپ ياستۇق تۈۋىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى تۇيماي قالغان ئىكەن. مەھلىقا ئۈزۈكنىڭ سىرىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا «ئادەتتىكى كونا بىر ئۈزۈككە ئوخشايدۇ» دەپ ئۇنى ئېلىپ چىقىپتۇ - دە، جادىگەرگە بېرىپ، يېڭى ئۈزۈككە تېگىشىپتۇ.
جادىگەر ئۈزۈكنى ئالغاندىن كېيىن ۋەزىرنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەپتۇ ۋە ئەڭگۈشتەرنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپتۇ. ۋەزىر جادىگەرگە يەنە نۇرغۇن پۇل - مال ئىنئام قىپتۇ ۋە رەھمەتلەر ئېيتىپتۇ.
- سەن، - دەپتۇ ۋەزىرنىڭ ئوغلى، - مېنى، مەلىكە مەھلىقانى ۋە مەھمۇت سالغان ساراينى كۈنپېتىش تەرەپتىكى تاغنىڭ ئارقىسىغا كۆچۈرگىن.
بۇيرۇق بىلەن تەڭلا يېنىك بىر شامال پەيدا بولۇپتۇ - دە، ۋەزىرنىڭ ئوغلى يېڭى ساراي بىلەن قوشۇلۇپ ھاۋاغا كۆتىرىلىپتۇ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە، بۇ شەھەردىن ئاتمىش كۈنلۈك يىراقلىقتىكى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئوغلى خوشال بولۇپ، مەلىكە مەھلىغاغا كۆڭۈل ئېچىش تەلىۋىنى قويۇپتۇ. ئەھۋالنى چۈشەنگەن زىرەك مەھلىقا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- سىز قىرىق كۈن سەۋىر قىلىپ تۇرسىڭىز، مەن ھازىر بىتاپ. مەن ئەمدى سىزنىڭ بولدۇم. مەھمۇتنى ئۆزەممۇ ياقتۇرماي يۈرەتتىم. ئەمدى ئۇ بىزنى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ كۆرەلمەيدۇ. قاچان خالىسىڭىز مەن سىزنىڭكىغۇ؟ - دەپ يېلىنىپتۇ.
ئۆزىنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرمەيدىغان مەلىكىنىڭ بۇ مۇئامىلىسىدىن ۋەزىر ئوغلىنىڭ كۆڭلى ئېرىپ كېتىپتۇ - دە، قىرىق كۈن كۈتۈشكە رازى بولۇپتۇ.
مەلىكە ھېلىقى جادىگەرگە تېگىشىپ بەرگەن ئۈزۈكنىڭ ۋەزىر ئوغلىنىڭ قولىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ - دە، پۈتۈن سىرنى چۈشىنىپتۇ. ئۆزىنىڭ بىخۇتلۇق قىلغانلىقىغا مىڭ پۇشايمان قىلىپتۇ. ئاشۇ ئەڭگۈشتەرنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا بوپتۇ. ئارىدىن يىگىرمە كۈن ئۆتكەندە مەلىكە ۋەزىر ئوغلىنى چاقىرىپ:
- مەن تامامەن ساقايدىم. قىرىق كۈن كۈتمىسەكمۇ بولىدۇ. تولىمۇ زېرىكىپ كەتتىم. بۈگۈن ئوبدان بىر كۆڭۈك ئاچساق بولاتتى. لېكىن، مەي تۈگەپ قاپتۇ. سازەندە ۋە ساقى قىزلارمۇ يوق، - دەپتۇ.
- قايغۇرماڭ، - دەپتۇ مەلىكىنىڭ سۆزىلىرىدىن شاتلىنىپ ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ۋەزىر ئوغلى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئالدىراپ، - مەن ئۇ نەرسىلەرنى بىردەمدىلا تەييار قىلىمەن مانا قاراپ تۇرۇڭ!
ئۇ شۇنداق دەپتۇ - دە، مەلىكىنىڭ كۆز ئالدىدا قولىدىكى ھېلىقى ئۈزۈكنى ئۇۋۇلىغان ئىكەن. بىر سەت قارا جىن پەيدا بولۇپتۇ.
- ئاخشاملىققا ئولتۇرۇش قىلىمىز. ئەڭ ياخشى مەي، ھەر خىل نازۇ - نېمەت ۋە سازاندە، ساقى قىزلارنى تەييارلا! - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ۋەزىرنىڭ ئوغلى.
جىن كۆزدىن غايىپ بولار - بولمايلا لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەل بولۇپتۇ. ئۈزۈكنىڭ سىرىنى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنىڭ يوللىرىنى بىلىۋالغان مەلىكە كەچ كىرىشىنى كۈتۈپتۇ. كەچ كىرىپتۇ، بەزمە باشلىنىپتۇ. ئولتۇرۇش تەڭ بولغاندا ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئوبدان تەڭشىلىپتۇ. شۇ چاغدا مەلىكە ئۆزى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۇسۇل ئويناپ، ناز بىلەن تولغىنىپ كېلىپ، ۋەزىرنىڭ ئوغلىغا كەينى - كەينىدىن قەدەھ تۇتۇپتۇ. ئۆزىمۇ ئىچكەن بولۇپ، كۆينىكىنىڭ ياققىسىدىن ئىچىگە تۆكۈپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئوغلى غەرق مەس بولۇپتۇ. مەلىكە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئوغلى مەلىكىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھۆسنى - جامالىنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ، شەھۋەتخورلىقى زىيادە ئېشىپتۇ. شۇ چاغدا قىز تولغىنىپ كېلىپ، يەنە بىر ئاپقۇر قەدەھ تۇتۇپتۇ. بۇ قەدەھكە بىھۇش قىلىدىغان دورا ئارلاشتۇرۇلغان ئىكەن، ۋەزىر ئوغلى مەينى ئىچىپ بىرئازدىن كېيىنلا ھوشسىزلىنىپ يېتىپ قاپتۇ. مەلىكە مەھلىقا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ۋەزىر ئوغلىنىڭ بارمىغىدىكى ئەڭگۈشتەر ئۈزۈكنى قولىغا ئاپتۇ. مەلىكە ئەڭگۈشتەرنى ئۇۋۇلىغان ئىكەن، ھېلىقى جىن پەيدا بولۇپتۇ.
- سەن، مېنى ساراي بىلەن قوشۇپ، ئاتامنىڭ قېشىغا مۇشۇ ساراينىڭ ئەسلى ئورنىغا ئاپارغىن، ئاتامنىڭ يېنىدىكى ئىچى زەھەر ۋەزىرنى مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ، مۇنۇ ياتقان ھارامزادە ئوغلى بىلەن بىر غارنىڭ ئىچىگە قامىۋەتكىن، - دەپ بۇيرۇپتۇ. شۇنداق دىيىشىگىلا يېنىك بىر شامال چىقىپ ساراي تەۋرىنىپ ھاۋاغا كۆتىرىلىشكە باشلاپتۇ.
ئەمدى ئاخىرقى گەپنى مەھمۇتتىن ئاڭلايلى:
پادىشاھ ئەتىسى ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقسا، كۈيئوغلى سالغان قەسىر ئورنىدا يوق تۇرغۇدەك. بۇ ئىشقا ھەيران بولغان پادىشاھ ياساۋۇللارنى خەۋەر ئۇقۇپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ياساۋۇللار قەسىر بىلەن قىزنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى خەۋەر قىلىپتۇ. شۇ ئەسنادا ھېلىقى زەھەرلىك ۋەزىر يېتىپ كېلىپ:
- پادىشاھى ئالەم، مەن ئۆزلىرىگە «مەھمۇت نامەلۇم بىر ئادەم. ئۇ جادىگەر، قىزنى بەرمەيلى، ئاخىر بىزگە بىر كۆڭۈلسىزلىك تېپىپ بېرىدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىم؟ مانا مېنىڭ ئېيتقانلىرىم كەلدى. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ - دەپتۇ.
شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا ھېچنەرسىدىن خەۋىرى بولمىغان مەھمۇت ئوۋدىن قايتىپ پادىشاھقا سالام بەرگىلى كەپتۇ.
- ئەنە ئۇ جادىگەر كەلدى، - دەپتۇ ۋەزىر مەھمۇتنى كۆرسىتىپ، - ئەمدى ئۇنى ئۆلتۈرۈش كېرەك!
- پادىشاھى ئالەم! دەپتۇ يەنە بىر ۋەزىر شاھنىڭ ئالدىغا تىز چۆكۈپ، - بۇ ئىشتا بىر سىر باردەك قىلىدۇ. مېنىڭچە كۈيئوغوللىرى ئاق كۆڭۈل يىگىت، ئۇنى ئالدىراپ ئۆلتۈرمەيلى، زىندانغا سېلىپ تۇرايلى.
كېيىنكى ۋەزىرنىڭ تەكلىۋىنى ئورۇنلۇق كۆرگەن شاھ ياساۋۇللارغا كۈيئوغلىنى زىندانغا سېلىشنى بۇيرۇپتۇ.
كۈنلەر ئەنە شۇنداق ئۆتۈپتۇ. ئارىدىن يىگىرمە كۈن ئۆتۈپ، يىگىرمە بىرىنچى كۈنى پادىشاھ ۋە ئوردا ئەھلىنىڭ ئالدىدا بىر قارا قۇيۇن پەيدا بوپتۇ - دە، ئىچى زەھەر ۋەزىر بىردىن غايىپ بوپتۇ. كەينىدىنلا ھاۋادىن مەھمۇت سالغان ھېلىقى ساراي ئۇچۇپ كېلىپ ئاۋالقى جايىغا چۈشۈپتۇ. سارايدىن مەلىكە مەھلىقا چىقىپ، ئۇدۇللا كېلىپ، دادىسىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ بولغان ۋەقەلەرنى بىر - بىرلەپ بايان قىپتۇ.
ئۆز ئىشىدىن پۇشايمان قىلغان پادىشاھ دەرھال بۇيرۇق قىلىپ، زىنداندىكى كۈيئوغلىنى چاقىرتىپ، ئۆزرە ئېيتىپ ئەپۇ سوراپتۇ. پادىشاھ يېڭىۋاشتىن قىرىق كېچە - كۈندۈز توي - تاماشا قىلىپ بېرىپتۇ ۋە پادىشاھلىقىنى كۈيئوغلىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆزى ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇپتۇ.
مەھمۇت ناھايىتى ئادىللىق بىلەن يۇرت سوراپ، پۇقرالارنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىپتۇ.
(بۇ چۆچەكنىڭ«ھەسەن سەيپۇڭنىڭ ئوغلى»، «سىرلىق چىراق» دىگەندەك ۋارىيانتلىرىمۇ بار) ئېيتىپ بەرگۈچى: رۆرىخان.