UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپادىشاھ بىلەن قىزىقچى

پادىشاھ بىلەن قىزىقچى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بۇرۇندىكەن، توخۇ تۇرنىكەن، قىرغاۋۇل جەدىكەن، قۇيرۇقى يەردىكەن. مانا شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پادىشاھ تەختىدە يېتىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ ۋە چۆچۈپ ئويغىنىپ كۆزىنى ئېچىش بىلەن چۈشىنى ئۇنتۇپتۇ. ئىچى پۇشۇپ كۆڭلىگە غەم تولۇپتۇ. بىرەر ھەپتە شۇنداق ئولتۇرۇپتۇ. شاھتىن قورقۇپ ھېچكىم گەپمۇ قىلالماپتۇ. ئاخىرى ئەلىمىگە چىدىمىغان شاھ باش ۋەزىرنى قىچقىرىپتۇ: - مېنى قىرىق گەپ بىلەن كۈلدۈرىدىغان ئادەم تېپىپ كەل، ئەگەر ئۇ مېنى كۈلدۈرەلىسە يۈز تىللا بېرىمەن، كۈلدۈرەلمىسە يۈز دەررۇ ئۇرۇپ زىندانغا سالىمەن، - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. ۋەزىر شاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىدىن سۆيۈنۈپ، شەھەر كېزىپ، بىر قانچە قىزىقچىلارنى ئېلىپ كەپتۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سۆز - چۆچەكلىرى شاھنىڭ غېمىنى يېنىكلىتەلمەپتۇ. پادىشاھ ئۇلارنى يۈز دەررۇ ئۇرغۇزۇپ، زىندانغا ساپتۇ. باش ۋەزىر قورققىنىدىن يەنە كوچىغا چىقىپ، شەھەر ئارىلاپ يۈرسە بىر گەپچى خەلقنى يىغىپ >ھە< دەپ كۈلدۈرۈۋاتقىدەك. قېشىغا بىرىپ بىردەم تۇرۇپتىكەن، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى ۋەزىرگە غەيرىي تۇيۇلۇپتۇ. ئاخىرى ۋەزىرمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇ سۆزمەن كىشىنى ئوردىغا تەكلىپ قىپتۇ. سۆزمەن كىشىمۇ ماقۇل بوپتۇ. يولدا كېتىپ بېرىپ، باش ۋەزىرنىڭ كۆڭلىگە >بۇ ئادەم بەك گەپدان كۆرۈنىدۇ، بېرىپلا پادىشاھنى كۈلدۈرسە يۈز تىللا ئىنئام بېرىدۇ، يۈز تىللانىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ ئېلىپ كېتەرمۇ؟ مېنىڭ ئاۋارە بولغىنىم بىكار كېتەرمۇ؟< دېگەن خىيال كەپتۇ - دە، ئويلاپ مېڭىپ، ئاخىر ئۇنى پادىشاھنىڭ بېرىدىغان ئىنئامىنى تەڭ ئېلىشقا كۆندۈرمەكچى بوپتۇ ۋە شۇ غەرەزدە: - بۇرادەر سېنى ئوردىغا باشلاشتىن مەقسەت، شاھىمىز ھەپتىدىن بېرى قاتتىق قايغۇدا، ئۇ: >كىم مېنى كۈلدۈرەلىسە ئۇنىڭ ئەجرىگە لايىق ئىنئام بېرىمەن< دەپ ۋەدە قىلغانىدى. قارىسام، سېنىڭ شاھنى كۈلدۈرۈپ كۆڭلىنى ئاچىدىغان ئەپتىڭ بار. ئەگەر شاھنى كۈلدۈرۈپ ئىنئامغا سازاۋەر بولغىنىڭدا پېقىرغا نېمە بېرىسە؟ - دەپتۇ. - شۇ خەيرىخاھلىقىڭىز ئۈچۈن شاھنىڭ ماڭا بەرگەن ئىنئامىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سىزگە بېرەي، - دەپتۇ قىزىقچى. - ياق، بولمايدۇ، ئۇنداق بولسا ئوردىغا ئۆزۈڭ بار، - دەپ پەش قىپتۇ ۋەزىر. قىزىقچى كۆپ تالاشمايلا: - خەير مەيلى، مەندىن كەتسە سىزگە كېتىدىكەن، شاھ نېمە ئىنئام قىلسا يېرىمى سىزنىڭ بولسۇن، - دەپتۇ. ۋەزىر بۇ سۆزدىن قانائەت ھاسىل قىلىپ، قىزىقچىنى ئوردىغا باشلاپ كىرىپ پادىشاھقا توغرىلاپتۇ، پادىشاھ: - قېنى، قىزىق گېپىڭنى باشلا! - دەپ قىزىقچىغا قاراپتۇ. قىزىقچى دۇنيادا بار، قۇلىقى ئاڭلىغان، ئۆزى بىلىدىغان ھەممە قىرىق سۆز، چۆچەك ۋە لەتىپىلەرنى ئېيتىپ ھېرىپ توختاپتۇ. پادىشاھنىڭ كۈلۈش ئورنىغا غەزىپى ئېشىپ، قىزىقچىغا قاراپ: - گېپىڭ تۈگىدىمۇ؟ - دەپتۇ. - تۈگىدى شاھىم، - دەپ بوينىنى قىسىپ تۇرۇپتۇ قىزىقچى. پادىشاھ يېنىدىكى ياساۋۇللىرىغا قاراپ: - قېنى بۇنىڭ ئەجرىنى بېرىڭلار! - دەپتۇ. ياساۋۇللار قىزىقچىنى بېسىپ دەررۇ بىلەن ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. دەررە ئەللىككە يەتكەندە، قىزىقچىنىڭ يادىغا ۋەزىر بىلەن قىلىشقان شەرتى چۈشۈپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ: شاھىم، بىر ئېغىز سۆز يادىمغا چۈشۈپ قالدى، ھېلى ھەم بولسا رۇخسەت قىلسىڭىز، دەپ باقسام، - دەپتۇ. ياساۋۇللار قىزىقچىنى قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپتۇ. - قىلە گېپىڭنى! - شاھىم، - دەپتۇ قىزىقچى، - ماڭا سىلى ھەر قانداق نەرسە ئىنئام قىلسىلا ئۇنىڭ يېرىمىنى جانابى ۋەزىرگە بەرمەكچى بولغانىدىم. ھازىر مەن ئىنئام ئورنىغا يۈز دەررۇ جازا ئالدىم. بۇنىڭدىنمۇ ۋەزىر قۇرۇق قالمىسا، قالغان ئەللىك دەررۇ ۋەزىرگە بېرىلسە. شاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىككى يوتىسىغا ئۇرۇپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە قالغان دەررىنى ۋەزىرگە بۇيرۇپ، قىزىقچىغا تىللا بېرىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق