UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقتۇل خوتۇن بىلەن بالا

تۇل خوتۇن بىلەن بالا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا يىپ ئىگىرىدىغان بىر تۇل خوتۇن بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئەنقەر ئىسىملىك بىر تاز ئوغلى بولۇپ، سەمەت دېگەن ناۋايدا ئىشلەيدىكەن. تۇل خوتۇن ئىگىرگەن يىپلىرىنى ھەر جۈمە كۈنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلى بىلەن كۈنىنى ئۆتكۈزىدىكەن. ئەنقەر سەمەت ناۋاينىڭ ئۆيىدە يېرىم ئاچ، يېرىم توق ئىشلەيدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى - ئازنى (ئازنى _ پەيشەنبە) كۈنى بىر ياساۋۇل كېلىپ: «ساڭا، پادىشاھدىن ئالۋاڭ چۇشتى» دەپ، تۇل خوتۇننىڭ ئىگىرگەن يىپىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ياساۋۇل ھەر ئازنى كۈنى كەچقۇرۇن كېلىپ تۇل خوتۇننىڭ ئىگىرگەن يىپلىرىنى ئېلىپ كېتىدىغان بوپتۇ. ياساۋۇل كەتكەندىن كېيىن، تۇل خوتۇن پادىشاھنى قاغاپ يىغلايدىكەن. بىر ئازنى كۈنى ئاخشىمى پادىشاھ ۋەزىر، ياساۋۇللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، كوچا سەيلىسى قىلىپ، ھېلىقى تۇل خوتۇننىڭ ئىشىگى ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ. پادىشاھ قۇلاق سالسا، بىر خوتۇن پادىشاھنى قاغاۋاتقان، ۋەزىرلەرنىڭ ئاچچىغى كېلىپ پادىشاھقا دەپتۇ: - پادىشاھى ئالەم بۇ كىم بولمىسۇن كاللىسىنى ئېلىش كېرەك. پادىشاھ غەزەپلىنىپ، ۋەزىرلىرى بىلەن ئۆيگە كىرىپتۇ. قارىسا بىر تۇل خوتۇن ئوچاق ئالدىدا يىغلاپ ئولتۇرغىدەك. پادىشاھ خوتۇنىدىن غەزەپلىنىپ سوراپتۇ: ھە، نېمە بولدۇڭ؟ تۇل خۇتۇن ئۇنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنى تۇنۇماستىن، يەنە پادىشاھ ئۈستىدىن شىكايەت قىپتۇ. - ساڭا نېمە بولدى، ئەخمەق خوتۇن؟ - دەپ سوراپتۇ. غەزەپ بىلەن بىر ۋەزىر. تۇل خوتۇن بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بىر ياساۋۇلنىڭ تېخى ھازىرلا ئىگىرگەن يىپىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگىسى كېلىپ، پۈتۈن ۋەزىرلەر بىلەن كوچىمۇ - كوچا ئىزلەشكە كىرىشىپتۇ. قارىسا بىرسىنىڭ شەھەردىن تاغ تەرەپكە كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. پادىشاھ كەينىدىن قوغلاپ، چۈشۈپتۇ. شۇنداق چۈشۈپ كېتىپ بارغاندا، بىر نەرسە «ماڭا قارا» دېگەندەك قىپتۇ. پادىشاھ شۇنداق قارىسا، بىر ئاقساقاللىق ئادەم ئالدىدا تۇرغان، ئاقساقاللىق ئادەم كۆزلىرىدىن ئوت يېنىپ تۇرغان ھالدا: - ئېتىگىڭنى ئاچ. مانا بۇنى ئال، ماڭ كەينىڭگە قايت! - دەپ بىر سىقىم نەرسە بېرىتۇ. پادىشاھ ئۇنى ئاپتۇ - دە، ئۆيىگە كەپتۇ. «بۇ نېمىدۇ؟» دەپ ئېچىپ قارىسا ئۇن ئىكەن . پادىشاھ ھەيران بولۇپ، ۋەزىرلىرى ئارقىلىق سەمەت ناۋاينى چاقىرتىپتۇ. سەمەت ناۋايغا پادىشاھ: - مۇشۇ ئۇنغا ھېچنەرسە قاتماي، ماڭا نان يېقىپ بەر، - دەپتۇ، سەمەت ناۋاي پادىشاھ ئېيىتىقاندەك، ھېچنەرسە قاتماي، ھېلىقى ئۇندىن نان راستلاپ، تونۇرغا يېقىپتۇ. نان پىشقاندىن كېيىن، توخۇنەك (توخۇنەك - كومەچ) بولۇپ، چۈشۈپ كېتىپتۇ. سەمەت ناۋاي قورقۇپ كېتىپ، توخۇنەكنى ئاپىرىپ بەرسەم، پادىشاھ مېنىڭ كاللامنى ئالىدۇ، دېگەن ئويغا كەپتۇ - دە، باشقا ئۇندىن نان راسلاشقا كىرىشىپتۇ. سەمەت ناۋاي خېمىر يۇغۇرۇۋېتىپ ئەنقەرگە: - ھوي تاز، تونۇردا بىر توخۇنەك بار، تونۇرنىڭ كۇلىنى ئېلىۋېتىپ، توخۇنەكنى يىگىن، - دەپتۇ. ئەنقەر توخۇنەكنى يەپ بولۇپ، تالاغا چىقىسا، دەرەخلەرنىڭ ۋە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى، ھەتتا بەزى گىياھلارنىڭ بەرگىلىرىمۇ سۆزلەپ كېتىپتۇ. - مەن بەزگەك ئاغرىقىغا دورا، - دەپتۇ. بىر يوپۇرماق. - مەن كېزىك ئاغرىقىغا دورا، - دەپتۇ. ئىككىنچى بىر يوپۇرماق. - مەن باش ئاغرىقىغا دورا، - دەپتۇ ئۈچىنچى بىر يوپۇرماق. شۇنداق قىلىپ، «مەن پالانى ئاغرىققا دورا»، «مەن پۇستانى ئاغرىققا دورا» دېيىشىپ، ھەر خىل گىياھلارنىڭ ھەممىسى سۆزلەپ كېتىپتۇ. ئەنقەر ھەيران بولۇپ قاپتۇ. ئۇ «مەن تازغا دورا» دېگەن يوپۇرماقنى ئېلىپ، بېشىغا سۈركىگەن ئىكەن، تازلىرى بىردەمدىلا ساقىيىپ، گۈزەل يىگىت بولۇپ قاپتۇ. شۇ ۋاقىتلاردا ئەنقەرنىڭ ئانىسى ئاچلىقتىن ھالسىزلىنىپ، قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ. ئەنقەر دەررۇ ھېلىقى سۆزلىگەن يوپۇرماقلاردىن بىرنى قاينىتىپ، ئانىسىغا ئىچكۈزگەن ئىكەن، ئانىسى سەللىمازا ساقىيىپ كېتىپتۇ. شەھەرگە ۋابا كېسىلى پەيدا بولۇپ، پادىشاھ، پادىشاھنىڭ ۋەزىرلىرى، سەمەت ناۋاينىڭ خورلىشىدىن قۇتۇلۇپ، شۇ شەھەردىكى پۇقرالارنىڭ كېسەللىرىنى داۋالاپ ساقايتىپ، ئانىسى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۇپتۇ ۋە پۇقرالارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن شۇ شەھەرگە پادىشاھ بوپتۇ. پۈتۈن شەھەر خەلقى ئەنقەر پادىشاھنىڭ دۆلىتىدە توق، خاتىرجەم ياشاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق