ئۆرگىلىۋالاي بىلەن چۆرگىلىۋالاي
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا، شەھەردىن بىر كۈنلۈك يىراقلىقتىكى چوڭ يول بويىدىكى بىر ئۆتەڭدە بىر جۈپ ئەر - خوتۇن ياشايدىكەن. ئەرنىڭ ئىسمى ئۆرگىلىۋاي، خوتۇننىڭ ئىسمى دوقمۇشخان ئىكەن، ئۇلار ئوغرى ئىكەن. ئۇلاردا ئاتا مىراس بىر ئالتۇن لېگەن بولۇپ، يولدىن ئۆتكەن يولۇچى ۋە كارۋانلارغا ئاشۇ لېگەندە ئاش قويۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تەقۋادار، ئالىيجاناپ كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى بىخۇتلاشتۇرۇپ، كېچىسى مال - مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلايدىكەن. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يەردە كارۋان ۋە يولۇچىلار قونمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن قايغۇرغان ئوغرىلار يول تۆپىسىگە چىقىپ ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تەكلىپ قىلسىمۇ، كىشىلەر قونۇشقا ئۇنىماپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇلار يول تۆپىسىدە كارۋانلارنىڭ ياكى بىرەر يولۇچىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرسا يىراقتىن بىر ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئەر ئوغرى خوتۇنىغا دەرھال ئوخشىتىپ پولو ئېشىتنى بۇيرۇپتۇ. ئۆزى كېلىۋاتقان مېھمانغا قاراپ تۇرۇپتۇ. ئاشنىڭ پىشىشىغا يېقىن ھېلىقى يولۇچىمۇ يېتىپ كەپتۇ. كۆپ تەكەللۇپلاردىن كېيىن ھېلىقى يولۇچى قونۇپ كېتىشكە كۆنۈپتۇ ۋە ئۆيگە كىرىپتۇ. ھايال بولمايلا، ئالتۇن لىگەندە ئاش كەلتۈرۈپتۇ. ئىككى ئەر كىشى ھەمداستىخان بولۇپ، ئاشقا تۇتۇ قىلىشىپتۇ.
ئەسلىدە ھېلىقى يولۇچىمۇ بىر ئوغرى بولۇپ، ئۆز يۇرتىدا ئامانلىق تاپالماي، ياقا يۇرتلاردا جان بېقىشنىڭ كويىغا كىرىپ، بۇ تەرەپكە سەپەر قىلغانىكەن. ئۇلار ئاش يېگەچ پاراڭغا چۈشۈپ، ئاۋۋال بىر - بىرىنىڭ ئىسمىنى سورىشىپتۇ. يېڭى كەلگەن ئوغرىنىڭ ئىسمى چۆرگىلىۋاي ئىكەن.
- ئەسلى مەن بىر خان ئەۋلادى ئىدىم، - دەپ سۆز باشلاپتۇ ئۆرگىلىۋاي، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۇرتىمىزدا ناھايىتى قاتتىق توپىلاڭ بولغانلىقتىن، تۇرۇشقا ئىمكان بولماي، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ بىرەر ساۋاپلىق ئىش قىلاي دەپ مۇشۇ يەرنى ماكان قىلدىم.
خېلىدىن بېرى ئالتۇن لېگەندىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغان چۆرگىلىۋاي: >ئالتۇن لىگەن ساقلىغۇدەك ئادەم بولغاندىكىن ھەر ھالدا شۇنداق ئوخشايدۇ. بۇ كىشىدە ئالتۇن لېگەندىن باشقا يەنە قىممەت باھالىق نەرسىلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن. نېمىلا بولسا مۇشۇ لېگەننى قولغا چۈشۈرۈۋالسام، ئۆمرۈم بويى يېتىدۇ. ئىلاج بار بۈگۈن مۇشۇ يەردە قونۇپ لېگەننى ئەپلەپ قولغا كىرگۈزۈۋالاي< دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ - دە، ئۆرگىلىۋاينىڭ گېپىگە يارىشا دەرھال:
- مەنمۇ سودىگەرچىلىك ئىشى بىلەن بۇياققا سەپەر قىلىپ چىققانىدىم. يۈك تاقلار بىر قونالغۇ كەينىمدە قالدى. ھازىر جاھان تىنچ ئەمەس، ئوغرى - يالغان كۆپ بولۇپ كەتكەچكە، بىرەر ئىشەنچلىك قونالغۇ جاي تاپقاچ تۇراي دەپ ئاندىن كېلىشىم، - دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئۆرگىلىۋاينىڭ تېنى تېرىسىگە سىغماپتۇ. چۈنكى، ئۇ چۆرگىلىۋاينى بۈگۈن كېچە ئۆيدە قوندۇرۇپ، خۇرجۇندىكى نەرسىلەردىن ئازدۇر - كۆپتۇر ئۈندۈرۈۋالماقچى ئىكەن. چۆرگىلىۋاينىڭ نىيىتى بولسا ئالتۇن لېگەننى قولغا چۈشۈرۈش ئىكەن.
كەچمۇ كىرىپتۇ. ئۆز تۆشەكلىرىدە ياتقان ئوغرىلار خىيالغا كېتىشىپتۇ. ئەر - خوتۇن ئوغرىلار مۇنداق مەسلىھەت قىلىشىپتۇ:
- بۇ كىشىنىڭ كىيىم - كېچەك، تەققى - تۇرقى راستىنلا سودىگەرگە ئوخشاۋاتىدۇ. ئەگەر بۈگۈن بىز بۇنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىگە چىقىلىپ قويساق، ئەتە كارۋانلىرى كەلسە، بۇ يەردە قونغىلى ئۇنىمايدۇ. بېلىقنىڭ كىچىكىنى قويۇپ بېرىپ، يوغىنىنى تۇتۇشىمىز ئۈچۈن، بۈگۈن ئۇنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىگە تەگمەيلى، ئەتە چوڭراق بىر نەرسىگە ئىگە بولايلى. ئۇ بىزنىڭ ھەقىقىي خان ئىكەنلىكىمىزگە ئىشەنسۇن، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئالتۇن لېگەننى ئۇ كۆرىدىغان جايغا قويايلى، - دەپتۇ.
- نەگە قويساق ئوغرى ئالالماي ساق تۇرار؟ - دەپتۇ دوقمۇشخان.
- ئەڭ ياخشىسى، بېشىمىزدىكى تەكچىگە لىق سۇ بىلەن ئېلىپ قويساق ھېچ كىم ئالالمايدۇ. ئەگەر ئالىمەن دېسە، سۇ تۆكلىدۇ، بىز دەرھال ئويغىنىمىز، - دەپتۇ ئېرى.
بۇ مەسلىھەت ئايالىغۇمۇ يېقىپتۇ، بۇ چاغدا، چۆرگىلىۋايمۇ خىيالغا كەتكەنىكەن. ئۇ قانداق قىلىپ ئالتۇن لېگەننى قولغا كىرگۈزۈشنىڭ پىلانىنى ئويلاپ، ئاخىرى ئىشىك يوچۇقىدىن مارىسا، ئالتۇن لېگەن ھېلىقىلارنىڭ بېشىدا تۇرغۇدەك. سەھەرگە يېقىن راسا شېرىن ئويقۇغا كەتكەندە، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، ئاستا ئۆيگە كىرىپ، لېگەنگە قول ئۇزاتقانىكەن، چىمەلتىكى سۇغا چىلىشىپتۇ، چۆرگىلىۋاي ناھايىتى تەستە تەكچىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ، لېگەندىكى سۇنى تېمىم قويماي ئىچىۋاپتۇ - دە، لېگەننى ئېلىپ سىرتقا چىققاندىن كېيىن شال ئېتىزىنىڭ بويىغا كەپتۇ، لېگەننىڭ ئورنىچىلىك يەردىكى شالنى يولۇۋېتىپ، لېگەننى شۇ يەرگە يوشۇرۇپتۇ. شالنى يەنە جايىغا قويۇپ، دەرھال قايتىپ كېلىپ ئورنىدا يېتىۋاپتۇ. كېچىدىن بېرى لېگەننىڭ ۋەسۋەسچىلىكىدە نەچچە قېتىم ئۆندەرەپ قويۇپ كەتكەن چۆرگىلىۋاي چۆچۈپ ئويغىنىپ قارىسا، لېگەن يوق تۇرارمىش. ھودۇققانلىقىدىن نېمە قىلارنى بىلمەي دوقمۇشخاننى ئويغىتىپتۇ. ئۇلار بىر دەم بىر - بىرىگە تاپا - تەنە قىلىشقان بولسىمۇ، لېكىن چۆرگىلىۋاينىڭ جايىدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال لېگەننى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپتۇ.
بۇ كۈنلەردە ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولۇپ، سۈتتەك ئايدىڭدا ھەممە نەرسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. ئىز ئىزدەپ سىرتقا چىققان ئەر - خوتۇن ئاي يورۇقىدا چۆرگىلىۋاينىڭ چېغىر يول بىلەن ئۇدۇل شاللىق تەرەپكە ماڭغان ئىزىنى كۆرۈپتۇ - دە، شۇ يانغا يول ساپتۇ. شاللىقنىڭ تۈۋىگە كەلگەندە، چۆرگىلىۋاي ئىزنى يوقىتىپتۇ. خاپا بولغان ئۆرگىلىۋاي زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىسا، شاللارغا چۈشكەن شەبنەم كۈمۈش مۇنچاقتەك يالتىراپ كزىگە كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ. لېكىن يېقىنلا يەردىكى لېگەنچىلىك يەرنىڭ شال مايسىلىرىدا شەبنەم يالتىرىماپتۇ. ئوغرى دەرھال شۇ يەردىن گۇمان قىلىپ يېقىن بارسا، دېگەندەك يېڭىلا قومۇرۇلغان شال مايسىلىرىنىڭ تېگىدىكى لايغا ئالتۇن لېگەن پاتۇرۇقلۇق تۇرغۇدەك. بۇنى كۆرگەن ئەر - خوتۇن خۇشال ھالدا ئۆيگە قايتىشىپتۇ.
تاڭ ئېتىپتۇ. ئۇلار بىلدۈرمەي، ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشۇپتۇ. چۆرگىلىۋاي كارۋانلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ سىرتنى ئايلانغان كىشى سۈپىتىدە، پات - پات ھېلىقى لېگەننى يوشۇرغان جايغا بېرىپ، لېگەن بارمۇ يوق دەپ يىراقتىن قارايدىكەن.
كەچمۇ كىرىپتۇ، چۆرگىلىۋاينىڭ >كارۋانلىرى< يېتىپ كېلەمىگەچكە، مالنىڭ قەستىدە تۇرغان ئۆرگىلىۋاي سودىگەرنى قوندۇرۇپ قالماقچى بولۇپ، كەچتە يەنە ئوخشىتىپ پولو ئېتىپ ھېلىقى لېگەنگە ئۇسۇپ مېھمانغا ئېلىپ كەپتۇ. بۇ قېتىمقى ئاشنىڭ يەنە ئالتۇن لېگەندە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن چۆرگىلىۋاي بۇنىمۇ ئەپلەپ قولغا كەلتۈرۈشنىڭ نىيىتىدە بۈگۈنمۇ يەنە قونۇپ قالماقچى بوپتۇ.
چۆرگىلىۋاي ئۇخلاپ قالغاندا، ئۆرگىلىۋاي بىلەن دوقمۇشخان مەسلىھەتكە چۈشۈپتۇ.
- بۇ كىشى سودىگەر ئەمەس، تۇغما ھەم ئۇستا ئوغرى ئىكەن، - دەپتۇ ئۆرگىلىۋاي، قېرىپ، ماغدۇرۇمدىن كېتەي دەۋاتقىنىمدا، بۇنىڭ كەلگىنىمۇ ئوبدان بولدى. بۈگۈن كېچە يەنە بىر قېتىم سىناپ كۆرۈپ، ئەگەر سىناقتىن ئۆتسە، مۇشۇ يەردە قالدۇرۇپ ئوقەتكە سالايلى.
- ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ دوقمۇشخان، ئۇ كىشىنى ناھايىتى ئىنچىكە بىر ئىشتا سىناپ باقايلى.
- سېنىڭچە قانداق قىلساق بولار؟
- مېنىڭچە بولغاندا، ئۇ بۈگۈن يەنە ئالتۇن لېگەننىڭ قەستىدە بولۇشى مۇمكىن. بىز لېگەننى تېگىمىزگە باستۇرۇپ ياتايلى. لېگەننى ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يوشۇرغان يەرنى تېپىپ بىزگە شەپە بېرىپ قويسىمۇ ناھايىتى چوڭ ئىش قىلغان بولىدۇ، - دەپتۇ دوقمۇشخان.
بۇ مەسلىھەت ئۆرگىلىۋايغىمۇ يېقىپتۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئالتۇن لېگەننى تېگىگە باشتۇرۇپ ياتقىنىنى چۆرگىلىۋاي كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە: >مانىمۇ ئالسام، ئالتۇن لېگەن ئىككى بولىدۇ. قانداق خەجلىسەم ئۆمرۈم بويى يېتىپ ئاشىدۇ. ئەپلەپ بۇنىمۇ قولغا كىرگۈزەي< دەپ ئويلاپ، كېچىچە كىرپىك قاقماي، ئاخىرى سەھەرگە يېقىن بىر پىلان ئويلاپ تېپىپتۇ. ئۇ پىلانى بويىچە قىپيالىڭاچ بولۇپ، ئەر، خوتۇن ياتقان تۆشەكنىڭ ئايىغى تەرەپكە كەپتۇ - دە، ھەر ئىككىيلەننىڭ پۇتىنى ۋە ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن سىيلاپ، ئاستا - ئاستا ئىككىيلەننىڭ ئارسىغا سىقىلىپ كىرىپتۇ، ئۇيقۇلۇقتا ياتقان ئۆرگىلىۋاي: >ئايالىم ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، پۇتۇمنى سىيلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن< دەپ ئويلاپ، كۆزىنى ئاچالماي يېتىۋېرىپتۇ. ئايالىمۇ: >ئېرىم ئالتۇن لىگەننى ساقلايمەن دەپ ئۇخلىماي ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن مېنىڭ پۇتۇمنى سىيلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن< دەپ ئويلاپ، كۆزىنى ئاچماي ئۇخلاۋېرىپتۇ. چۆرگىلىۋاي مىڭ تەستە ئىككىيلەننىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىپ، دوقمۇشخاننى ئاستا - ئاستا بىر تەرەپكە قىستاپ چىقىرىپ، كۆرپىنىڭ تېگىدىن لېگەننى ئاپتۇ - دە، ئاندىن يەنە ئۇنىڭ يېنىغا ئۆتۈپ، بۇ تەرەپكە قىستاپ ئېرىنىڭ بېقىنىغا ئەكىلىپ قويۇپتۇ. دوقمۇشخان كۆڭلىدە ئېرىدىن يامانلاپ: >ئەجەپمۇ شۈك ياتمىدى< دەپتۇ - يۇ، ئۇيقۇلۇقتا كۆزىنى ئاچالماپتۇ. ئالتۇن لېگەننى قولغا چۈشۈرگەن چۆرگىلىۋاي خۇشاللىقتا دەرھال يۈگۈرۈپتۇ - دە، لېگەننى بىر قىغ دۆۋىسىگە يوشۇرۇپتۇ. شۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ كىچىك تاھارىتى ناھايىتى قىستپا كېتىپ قىغ دۆۋىسىنىڭ يېنىغىلا كىچىك تاھارەت قىپتۇ ۋە ئۆيگە قايتىپ، ئورنىدا بىخارامان يېتىپ ئۇخلاپتۇ.
ئۆرگىلىۋاي بىلەن دوقمۇشخان ئويغىنىپ قارىسا، لېگەن يوق.
- سەن كېچىچە ئۆزۈڭ ئۇخلىمىغاننىڭ سىرتىدا مېنىمۇ ئوخلاتماي، ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىمنى سىيلاپ چىقىپ، يەنە نېمىشكە لېگەننى يۈتتۈردۈڭ؟ - دەپتۇ ئايال ئېرىگە تاپا قىلىپ.
- سەنمۇ كېچىچە ئۇخلىماي ئۇچىلىرىمنى تۇتۇپ چىقتىڭغۇ، سەن ئۇخلىماي نېمىشكە لېگەننى يۈتتۈردۈڭ؟ - دەپتۇ ئېرى خوتۇنىغا.
ئۇلار شۇنداق تاپا - تەنە، تالاش - تارتىش قىلىپمۇ ھېچبىر نەتىجە چىقىرالماي، ئاخىرى ئىز ئىزدەشكە چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئىز ئىزدەپ قىغ دۆۋىسىنىڭ تۈۋىگە چىققان بولسىمۇ، لېكىن ھېچ بىر ئىز تاپالماي خاپا بولۇپ ئولتۇرغىنىدا چۈمۈلىلەر پۇتلىرىغا يامىشىپ بەكمۇ خاپا قىپتۇ. ئەسلى چۆرگىلىۋاي كىچىك تاھارەت قىلغان يەر چۈمۈلىلەرنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ، ئۇۋىسىغا سۇ كىرگەن چۈمۈلىلەر چۇۋۇلۇپ چىقىپ كەتكەنىكەن. ئەر - خوتۇن ئوغرىلار سىنچىلاپ قاراپ يېڭى تاھارەتنىڭ ئورنى بارلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە شۇ ئەتراپنى ئىزدەۋېرىپتۇ. ئاڭغىچە تاڭمۇ سۈزۈلۈپ تەرەپ - تەرەپتىن خورازلار چىللاشقا باشلاپتۇ. خاپا بولغان ئۆرگىلىۋاي نېمە قىلارنى بىلەلمەي، قىغنىڭ تۆپىسىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرغانىكەن، دۆۋىلەنگەن قىغنىڭ بىر يېرىدىن بۇس چىقىۋاتقانلىقىنى بىلىپتۇ - دە، كۆڭلىگە گۇمان چۈشۈپتۇ، ئەسلىدە دۈملەپ كۆمۈۋەتكەن قىغ ناھايىتى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، بىر يېرىگە كەتمەن تەگمىگىچە ئىچىدىكى سېسىق بۇس سىرتقا چىقمايدىكەن. ئۆرگىلىۋاي گۇمان بويىچە ھېلىقى بۇس چىققان يەرگە كېلىپ قارىسا، ئالتۇن لېگەن شۇ يەرگە كۆمۈكلۈك تۇرغۇدەك. خۇشال بولغان ئۆرگىلىۋاي لېگەننى ئېلىپ، قىغلىقنى بىلىندۈرمەي ئوڭلاپ قويۇپ، دوقمۇشخاننى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپتۇ.
تاڭ ئېتىپتۇ. ھەر ئىككى ئوغرى بىلىندۈرمەي ئىشلىرىنى قىلىشىۋېرىپتۇ. كەچ كىرىشكە يېقىن يەنە پولو ئېتىلىپ، يەنە ھېلىقى لېگەنگە ئۇسۇلۇپ مېھماننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. چۆرگىلىۋاي قارىسا، يەنە بىر ئالتۇن لىگەندە ئاش كەلتۈرۈلۈۋاتقۇدەك، كۆڭلىدە: >بۇنىمۇ ئالسام ئۈچ بولىدىكەن، ئۆزۈملا ئەمەس، بالا - چاقىلىرىمنىڭمۇ پۈتۈن ئۆمرىگە خەج بولىدىكەن. ئۈچ لېگەننى ئۈچ تاكچىغا ئېلىپ، قويسام، ئۆيگە زىننەت بەرگەننىڭ سىرتىدا، پۈتۈن خەلق مېنىڭ بايلىقىمغا ھەيران قالماي تۇرالمايدۇ. بۇ ئەجەب ھېلىقى ئىككىسىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكىنە، بىر ئۇستىنىڭ قولىدىن چىققانمىدۇ - يا؟< دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئىختىيارسىز لېگەنگە ئېڭىشىپ قارىغانىكەن، چۆرگىلىۋاينىڭ كۆڭلىدىكىنى دەرھال بىلىپ بولغان ئۆرگىلىۋاي:
- چۆرگىلىۋاي، بىزنىڭ ئۆيدە لېگەن بىر. لېگەنگە باقماي ئاشقا بېقىڭ! - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ھوشىنى يىغقان چۆرگىلىۋاي ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىپتۇ - دە، گەپ قىلماي شۈك تۇرۇپتۇ.
- ئۈچ كۈندىن بېرى، سىزنى ئوبدان سىناپ باقتۇق. قولىڭىزدىن خېلى ئىش كېلىدىكەن، بىرگە ئوقەت قىلايلى، - دەپتۇ ئۆرگىلىۋاي.
بۇ مەسلىھەت چۆرگىلىۋايغىمۇ خوپ يېقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلىشىپ، ئوغرىلىق قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن، بۇ ئۆتەڭدە سودا كارۋانلىرىنىڭ قونماسلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئىش - ئوقەتلىرى كۈندىن - كۈنگە تۆۋەنلەشكە باشلاپتۇ. بىرەر ئورۇنغا ئوغرىلىققا كىرەي دېسە، ئۆرگىلىۋاي قېرىپ قالغان بولغاچقا مادارى يەتمەيدىكەن.
بىر كۈنى ئۆرگىلىۋاي مۇنداق بىر پىلان تۈزۈپتۇ ۋە ئايالىغا ئىشىك تۈڭلۈكلەرنى مەھكەم ئېتىشنى بۇيرۇپ ئۈچ كىشى بىرلىشىپ پىلان ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىپ، شۇ بويىچە ئىش قىلماقچى بولۇشۇپتۇ.
ئەسلىدە ئۇلار تۇرغان ئۆتەڭنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە ناھايىتى كاتتا بىر سودىگەر بولۇپ، ئۇ كىشى ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتكەنگە بۈگۈن يەتتە كۈن بولغانىكەن، سودىگەرنىڭ زاراتگاھلىقى يۇرتىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئېگىز تۆپىلىكتىكى يول بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەر مەھەللىدىن خېلى يىراق ھەم قاقاسراق جاي بولغاچقا، زۆرۈر ئىشلىرى بولمىسا، كىشىلەر ئانچە بارمايدىكەن، ئۆرگىلىۋاي بىلەن چۆرگىلىۋاي كېچىلەپ زاراتگاھلىققا بېرىپتۇ - دە، يېڭى تۇپراقنىڭ يېنىدىكى شام گۆرنىڭ ئىچىدىن سودىگەر ياتقان تۇپراققا قاراپ بىر لەخمە كولاپ، چۆرگىلىۋاي ئۆلۈك سودىگەرنىڭ گۆرىدە ئولتۇرۇپتۇ.
گەپنى ئەمدى بۇ ياقتىن ئاڭلايمىز:
- ئۆرگىلىۋاي ناھايىتى قۇۋ كىشى بولۇپ، ھىيلىگەرلىكتە خېلى - خېلى ئىشلارنى قاملاشتۇرۇپ كېتەلەيدىكەن. ئۇ موللام سۈپەت ياسىنىپ، قولىغا ئۇزۇن بىر ھاسىنى تۇتۇپ، سودىگەرنىڭ مەھەللىسىگە يېقىن كەلگەندە، يېڭى ئۆلۈپ كەتكەن سودىگەرلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ:
- ۋاي مېھرىبان قېرىندىشىم. كۆيۈملۈك بىر تۇغقىنىم، دىدار كۆرىشەلمەپتۇق جىگىرىم، بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكەن قېرىندىشىم، - دەپ ھۆڭگىرەك ئېيتىپ يىغلاپ سودىگەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ. بۈگۈن دەل سودىگەرنىڭ نەزىرىسىنى بېرىۋاتقان كۈن بولغاچقا، سورۇن ئەھلى ۋە سودىگەرنىڭ بالا - چاقىلىرىمۇ تەڭ يىغىلىشىپ، يېڭى بىر ھازا ئېچىلىپتۇ، ئۆرگىلىۋاي بىر تەرەپتىن يىغلاپ، بىر تەرەپتىن:
- مېنىڭ ئامانىتىمنى بەرمەي كەتكەن قېرىندىشىم، مەندەك بىر كەمبەغەلگە ئۇۋال قىلغان قېرىندىشىم،... دەپ ھويلىنى ئايلىنىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. جامائەت ئۆرگىلىۋاينىڭ بۇ گەپلىرىگە ھەيران بولۇشۇپتۇ. لېكىن بىرى چىش يېرىپ بىر نەرسە دېيەلمەپتۇ. ئۆرگىلىۋاي ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئايەتتىن بىرنى باشلاپ، يىغا ئارىلاش تىلاۋەت قىلغاندىن كېيىن، دۇئانى: >مېھرىبان قېرىندىشىم، مەندەك بىر مىسكىن قولدىشىڭنىڭ ھالىغا ئىچ ئاغرىتماي، پۇلىنى ئېلىپ كەتسەڭ، مەن قانداق قىلارمەن؟ مەنغۇ تىرىك جان بولغاندىكىن بىر ئامال قىلارمەن، قىيامەتتە قانداق قىلارسەن، قانچە قىينىلارسەن؟ بالىلىرىڭنىڭ ئىنسابى بولسىغۇ بېرەر، بولمىسا ماڭا ئۇۋال بولغىنى بولغاندە، ئېسىت! ئېسىت!< دەپ ئاخىرلاشتۇرۇپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ.
يۇرتنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە سودىگەرلەرنىڭ چوڭ ئوغلى بۇ گەپكە ھەيران بولۇپ، نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى سوراپتۇ. ئۆرگىلىۋاي:
- سىلەرگە دېگەن بىلەن سىلەر بىر تەرەپ قىلالمايسىلەر. مەن قىيامەتتە ئۆزۈم ھېسابلىشىمەن، - دەپ چىقىپ كېتىشكە تەمشىلىپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان سودىگەرنىڭ چوڭ ئوغلى:
- ئاتا قانداق گەپلىرى بولسا دەۋەرسىلە، ئاتامنىڭ قانچىلىك قەرزى بولسىمۇ بىز تۆلەيمىز، - دەپتۇ.
راست تۆلىيەلەمسىلەر؟ - دەپتۇ ئۆرگىلىۋاي.
- ئاتىمىز ئۈچۈن جېنىمىز پىدا! - دەپتۇ ئوغۇللار.
- ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ ئۆرگىلىۋاي، - رەھمىتى داداڭلار كارۋانلار بىلەن بىسىيار شەھىرىگە مال ئېلىپ بارغاندا، ئىككىمىز بىر دەڭدە قونغان. مۆھتەرەم تېخى مالنى سودا قىلماي تۇرۇپلا، يېڭى بىر مال ئالماقچى بولۇپ قالدى. مالنىڭ خېرىدارى كۆپ، داداڭلارنىڭ يېنىدا پۇل ئازراق بولغانلىقتىن، ئېپىدە كەلگەن مالنى قاچۇرۇۋەتمەي دەپ، مەندىن مىڭ تىللا قەرز ئالغانىدى. داداڭلار ناھايىتى يۈزلۈك ئادەم بولغاچقا، بىرەر ئىسپات ئېلىۋالماپتىكەنمەن. بۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام، ئۇنىڭدىن بىرەر ھۆججەت ئېلىۋالار ئىكەنمەن. مەنغۇ مەيلى، بىچارە قىيامەتتە كۆپ دەرد تارتىدىغان بولدى - دە، - دەپ تېخىمۇ ئۈن سېلىپ، ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئەزگۈدەك يىغلاشقا باشلاپتۇ.
سورۇن ئەھلى بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ، جىم تۇرۇشۇپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن شۇ يەرنىڭ ئىمامى ئۆرگىلىۋاينىڭ تەققى - تۇرقى ۋە تەسىرلىك گەپلىرىگە قاراپ، ئۇنىڭ كۆز يېشىغا ئىچ ئاغرىتقان بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن سودىگەرلەرنىڭ مەھشەرگاھتا يۈزىنىڭ يورۇق بولۇشى ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلىپ، سودىگەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئايىغىدىن شامال ئۆتۈپ تۇرسىلا بۇ قەرزنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئوغلى:
- بىرىنچىدىن، دادامنىڭ قەرز ئالغانلىقىدا قىلچە ئىسپات يوق؛ ئىككىنچىدىن، دادام شۇنچە تولغان باي تۇرۇپ بۇ ئادەمدىن بۇنچىۋالا كۆپ پۇل قەرز ئالمايدۇ، - دەپ، بەرمەسلىكتە مەھكەم تۇرۇۋاپتۇ.
- ئىشەنمىسىلە، - دەپتۇ ئۆرگىلىۋاي، - كالا موللامدىن شىپى كەلتۈرۈپ، - بىز زاراتگاھلىققا بېرىپ، دادلىرىدىن سوراپ باقايلى. ئەگەر >راست< دېسە، بېرىشسىلە، >يالغان< دېسە، مېنى قانداق قىلىشسىلا مەيلى، - دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ جامائەتنى باشلاپ زاراتگاھلىققا يول ئاپتۇ ۋە يېقىن كەلگەندە:
- مېنىڭ پۇلۇمنى بەرمەي، يەرلىكىدە يېتىۋالغان باي ئاخۇنۇم، ئەمدى ئۇنىڭ ئۇۋالىغا قاندا چىداۋاتقانسەن، باي ئاخۇنۇم، - دەپ قاتتىق ئۈن سېلىپ، يەرلىككە يېقىن كەپتۇ ۋە سودىگەرنىڭ كىچىك ئوغلىغا:
- قېنى ئۆزلىرى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، دادىلىرىدىن بىر سوراپ كۆرسىلە، - دەپتۇ.
بۇ چاغدا، سودىگەرنىڭ گۆرىدە ئولتۇرغان چۆرگىلىۋاي قەبرە سىرتىدىكى دۈرۈك - تاراق ۋە يىغا ئاۋازىنى غۇۋا ئاڭلاپ تۇرىدىكەن. سودىگەرنىڭ كىچىك ئوغلى توۋلاشقا باشلاپتۇ:
- دادا، بىسىيار شەھىرىدە ئۆرگىلىۋاي دېگەن سودىگەردىن مىڭ تىللا قەرز ئالغىنىڭ راستمۇ؟
بۇ ئاۋاز چۆرگىلىۋايغا ئاڭلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما ئۇ جاۋاب بەرمەپتۇ. سۇئال ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندا، يەر تېگىدىن:
- ۋاي جېنىم بالىلىرىم، جېنىم بەك قىينىلىپ كەتتى. سىلەر بىرىنچى قېتىم توۋلىغاندا، مەن دوزاخنىڭ تەكتى - ئەسراتىغا چۈشۈپ كەتكەن، ئىككىنچى قېتىم توۋلىغاندا، ھايات ۋاقتىمدا تۆلىيەلمىگەن قەرزىمنى تۆلىۋالاي دەپ يۇقىرىغا چىقىۋاتاتتىم. ئۈچىنچى قېتىم توۋلىغاندا، ئاران يېتىپ چىقالىدىم. جېنىم بالىلىرىم، مېنى ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازى قىلاي دېسەڭلار، ئۆرگىلىۋايدىن ئالغان مىڭ تىللاغا يەنە يۈز تىللا قوشۇپ، مەن مىنىدىغان ئارغىماققا مىندۈرۈپ، يولغا سېلىپ قويۇڭلار. مەن سىلەردىن رازى بولىمەن. جېنم بەك قىينىلىپ كەتتى، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، - دېگەن تۇتۇق سادا كەپتۇ.
جامائەت تېخىمۇ ھەيران بولۇپ، ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپم، توۋا قىپتۇ. ئىمام ئاخۇنۇم ئۇزۇن سۈرىدىن بىرنى باشلاپ، جامائەتنى توۋا قىلىشقا ئۈندەپ، دۇئانى تۈگەتكەندىن كېيىن، زاراتگاھلىقتىن قايتىپتۇ ۋە ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئۆرگىلىۋايغا تون كىيگۈزۈپ، سودىگەرنىڭ ئېتىنى جابدۇپ، بىر مىڭ بىر يۈز تىللانى بېرىپ يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.
ئاتقا مىنگەن ئۆرگىلىۋاي جامائەت بىلەن خوشلىشىپ ئاتقا بىر قامچا سالغانىكەن، زاراتگاھلىقنىڭ ئالدىدىكى يول بىلەن ئۇدۇل ئۆيگە قاراپ چېپىپتۇ.
ئەمدى گەپنى چۆرگىلىۋايدىن ئاڭلايمىز:
- چۆرگىلىۋاي ئۆپۈر - تۆپۈر يوقالغاندىن كېيىن، سودىگەرنىڭ يەرلىكىدىن چىقىپ، لەخمىنى پۇختىلاپ ئېتىپ، بىر قەبرىنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈپ ئولتۇرسا، بىر ۋاقىتتا ئۆرگىلىۋاي ئات چېپىپ كېلىۋاتقۇدەك. ئۇ ئۆرگىلىۋاينى توختايدىغۇ دېگەن پەرەز بىلەن تۇرغان جايىدا شۇك تۇرۇپ قاپتۇ. بىراق ئۆرگىلىۋاي ئېتىنى قامچىلىغانچە كېتىپ قاپتۇ. چۆرگىلىۋاي ئاتنىڭ كەينىدىن قوغلاپتۇ. چۆرگىلىۋاينىڭ قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئۆرگىلىۋاي خۇرجۇندىكى تىللادىن ھەر ئون ماڭدامدا بىردىن تاشلاپ مېڭىپتۇ. چۆرگىلىۋاي: >ئۆرگىلىۋاي تىللادىن كۆپ ئالغانىكەن، خۇرجۇنغا پاتماي چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ< دەپ ئويلاپ، يولدىكى تىللانى تېرىش بىلەن ئاۋارە بوپتۇ. بىراق ئۆرگىلىۋاي ئېتىنى تىنماي قامچىلاپ ئۆيىگە كېلىپلا دوقمۇشخاننى توۋلاپتۇ. ئۇ خوتۇنىغا دەرھال:
- خوتۇن، توخۇدىن بىرنى بوغۇزلاپ، قېنىنى ئېقىتىپ، چۆرگىلىۋاي كىرگەندە مېنى >قان قۇسۇپ ئۆلدى< دېگىن ۋە خۇرجۇندىكى تىللارنىڭ يېرىمىنى بىر يەرگە جىمىقتۇرۇپ، كىچىك خۇرجۇنغا يېرىمىنى قاچىلاپ ئاتقا تارتىپ قوي! - دەپتۇ.
دوقمۇشخان ئالدىراپ - تېنەپ يۈرۈپ شۇنداق قىپتۇ ۋە ئۆرگىلىۋاينىڭ بېشىدا ھازا ئېچىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر ۋاقىتتىن كېين، چۆرگىلىۋاي يېتىپ كەپتۇ. قارىسا ئۆرگىلىۋاي ئۆلگەن دوقمۇشخان ھازا ئېچىپ ئولتۇرغۇدەك، بۇ ھالنى كۆرگەن چۆرگىلىۋاي بۇنىڭ بىر ھىيلە ئىكەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ - دە، دوقمۇشخانغا:
- رەھمىتى ناھايىتى شەپقەتلىك ئادەم ئىدى. بىئەجەل دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ. بۇمۇ ئۇنىڭ قىسمىتى. بۇ خۇدانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئىلتىپاتى ئوخشايدۇ. دەرھال يەرلىكىدە قويايلى، - دەپتۇ. دوقمۇشخان:
- بولدى مەن ئۆزۈم يەرلىكىدە قويۇۋالاي، سىلە ئاتنى ئېلىپ، خۇرجۇندىكى تىللانىڭ يېرىمىنى ماڭا قالدۇرۇپ كېتىپ قالسىلا، سودىگەر جەمەتى ئۇقۇپ قالسا، چاتاق بولىدۇ، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. چۆرگىلىۋاي ئۇنىماي:
- رەھمىتى ماڭا يولدا كەلگىچە: >مەن ئۆيگە بېرىپلا ئۆلۈپ كېتىمەن، مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن دەپنە قىلىپ قويغىن. دەپنە قىلىشتىن ئىلگىرى، قۇرۇق يانتاقنىڭ ئۈستىدە بىر نەچچە قېتىم دومىلىتىۋېتىپ، ئاندىن ئۇ يانتاققا ئوت قالاپ سۇ ئىسسىتىپ يۇيۇپ - تاراپ يەرلىكىمدە قويغىن< دېگەن. سىلى كېپەن تەييارلىسىلا، مەن يانتاق تەييارلاي، - دەپتۇ - دە، بىر دۆۋە يانتاقنى بىر كىچىك ئۆيگە ئەكىرىپ ئۆرگىلىۋاينى يالىڭاچلاپ، يانتاق ئۈستىدە دومىلىتىشقا باشلاپتۇ. لېكىن ئۆرگىلىۋاي ناھايىتى مەككار ئادەم بولغاچقا، >بىردەم بەرداشلىق بەرسەم ئۇ مېنى يەرلىكىمدە قويىدۇ - دە، كېتىدۇ، ئاندىن ئايالىم مېنى ئېچىپ ئەكېلىدۇ. ئۇ چاغدا، ئالتۇن لېگەن ۋە نۇرغۇنلىغان تىللا ماڭا قالىدىغان گەپ< دەپ ئويلاپ، لىۋىنى چىشلەپ مەھكەم يېتىپتۇ. بۇ چارىنىڭمۇ ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى كۆرگەن چۆرگىلىۋاي قۇرۇق يانتاققا ئوت قالاپ، سۇنى راسا قاينىتىپتۇ - دە:
- مېنىڭ ئىشىم ئەمەس، ئاللانىڭ ئەمرى، تىرىلسەڭ تىرىل، بولمىسا، قايناق سۇدا پىشلاق قىلىمەن، - دەپ بىر قاپاق قايناق سۇنى بىر قۇيغانىكەن، چىدالىق بىرەلمىگەن ئۆرگىلىۋاي >ۋايجان!< دەپ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپتۇ.
- جان تاتلىقمۇ - پۇلمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ چۆرگىلىۋاي ئۆرگىلىۋاينىڭ تۆپىسىگە يېتىپ تۇرۇپ.
- جېنىمنى ئالساڭ ئال، پۇلنى بەرمەيمەن، - دەپتۇ ئۆرگىلىۋاي تاختى راۋاندا يېتىپ تۇرۇپ.
ئاچچىقىغا چىدىمىغان چۆرگىلىۋاي يەنە بىر قاپاق سۇ قۇيماقچى بولغانىكەن، ئۆرگىلىۋاي:
- بولدى، جان تاتلىق، نېمىنى ئالساڭ ئال، لېكىن ماڭىمۇ ئازراق بېرىپ ئال! - دەپ يالۋۇرۇپتۇ.
- ماڭا ئالتۇن لېگەننى، ئاتنى، يەنە تىللانىڭ يېرىمىنى بېرىسەن، - دەپتۇ چۆرگىلىۋاي. ئۆرگىلىۋاي دوقمۇشخاننى چاقىرىپ ئالتۇن لىگەننى، خۇرجۇندىكى تىللانى خۇرجۇنغا ساپتۇ - دە ھېچ نەرسىگە قارىماي ئاتقا مىنگەنچە ئۆيدىن چىقىپتۇ. ئۆرگىلىۋاي بىلەن دوقمۇشخان: >تىللانى تەڭ بۆلۈشەيلى، بىزگە ئۇۋال بولدى< دېگەنىكەن چۆرگىلىۋاي:
- ئۆيدە قالغىنى سىلەرگە قالسۇن، - دەپتۇ - دە، ئاتقا قامچا سېلىپ، ئۇچقاندەك كېتىپ قاپتۇ.