ۋەلى باپكار
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ۋەلى ئىسىملىك بىر باپكار ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ناھايىتى چېچەن، تەدبىرلىك ۋە باتۇر كىشى ئىكەن. ئەمما ئۇ، يىل بويى دۇكاندىن چىقماي ماتا تۇقىسىمۇ، بازىرى كاسات بولغاچقا، بالىلىرىنى باقالمايدىكەن، چاپىنى تىزىدىن ئاشمايدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئالتە دانە ماتانى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، نېنىنى بەلۋېغىغا تۈگۈپ، بازار ئىزلەپ يولغا چىقىپتۇ. كېتىۋېتىپ ئىككى تۈلكە ئۇچراپتۇ.
_ ئۇستام، - دەپ سوراپتۇ ئۇلار بىرياقتىن ھېجىيىپ، بىرياقتىن قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ، - قاياققا ماڭدىلىكىن؟
ۋەلى باپكار جاۋاب بېرىپ، سەپەر مۇددىئاسىنى ئېيتىپتۇ. تۈلكىلەر دەرھال نىيىتى بۇزۇلۇپ، نەزمە قېتىپتۇ:
بەكمۇ ئاۋات بازار بار،
بىز بىلگەن ياقا يۇرتتا.
شۇ تەرەپكە سەپەر قىل،
ئۇبدان بولىدۇ سودا.
ۋەلى باپكا ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپتۇ. بازارنىڭ يولىنى يېنىشلاپ - يېنىشلاپ سوراپتۇ، ئەمما تۈلكىلەردىن ھەدىگەندە جاۋاب چىقماپتۇ. شۇنداق قارىسا، ئۇلار مىشىلداپ يىغلاۋاتقۇدەك. ۋەلى باپكار ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:
_ ھەي ياخشى نىيەتلىك تۈلكىلەر، نېمىگە كۆز يېشى قىلىسىلەر؟
_ بىر ئاز ئەندىشە قىلىپ قالدۇق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ تۈلكىلەر ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزھار قىلىپ، مۇنداق نەزمە ئۇقۇپتۇ:
ئاۋات بازار خەتەرلىك،
بار قاراقچى پەيلى يار.
يالغۇز سەپەر ئەيلىسەڭ،
قىلارسەنمۇ پەندىيات.
ۋەلى باپكار غەم - غۇسسىغا پېتىپ، تۈلكىلەرگە بىللە بېرىشنى مۇراجەت قىپتۇ. تۈلكىلەر رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ. ئۇلار توپمۇ - توغرا ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ بازارغا يېتىپ بېرىپتۇ. دېگەندەل ۋەلى باپكارنىڭ سودىسى يۈرۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ خاملىرىنى دېگىنىگە سېتىپ، خوتۇنىغا كەمچەت، تۇماق، بالىلىرىغا كىيىم - كېچەك، ئۆيگە گۆش - پىياز، نان - قاق دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، خورجۇننى تولدۇرۇپتۇ. تۈلكىلەرنىمۇ مېھمان قىپتۇ كەچ كىرىپتۇ. ۋەلى باپكار تۈلكىلەرنىڭ مەسلىھىتىگە كىرىپ، بازارنىڭ بىر چېتىدىكى سارايغا چۈشۈپ قونۇپ قاپتۇ. ئۇ ئەمدى يىشىنىپ ياتاي دەپ تۇرغان ئىكەن، تۈلكىلەر خورجۇننى ئېلىپ قېچىپتۇ. ۋەلى باپكا شۇئان تۈلكىلەرنىڭ غەرىزىنى چۈشىنىپتۇ - دە، دەرغەزەپ بولۇپ قوغلاپتۇ. قوغلا - قوغلا بىر تاغدىن ئېشىپتۇ. شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، تاغ باغرىدا بىر توپ ئادەم ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقۇدەك. ۋەلى باپكار ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
تۈلكىلەرگە ئالداندىم،
ئېلىپ قاچتى خورجۇننى.
تۇتۇۋالساق ھە - ھۇ، دەپ،
قىسقارتساڭلار يولۇمنى!
خالايىق قەدەملىرىنى توختىتىپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلغان ئىكەن، ۋەلى كەچۈرمىشىلىرىنى ئېيتىپ بىرىپتۇ.
_ بۇرادەر، - دەپتۇ ئۇلاردىن بىرى ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ، - سېنىڭ دەردىڭ بىزنىڭ دەردىمىزگە ياماقمۇ بولمايدىكەن. قايتقىن يولۇڭدىن، چىقمىسۇن يەنە بالا بۇلۇڭدىن.
ۋەلى باپكار چۆچۈپ سوراپتۇ:
_ نېمە دېگىنىڭلار بۇ؟
_ ئاڭلىساڭ بىلىسەن دەردداش، - دەپتۇ بىرسى ۋە بۇ نەزمىنى ئوقۇپتۇ:
يۇرتىمىزغا ماكانلاپ،
قەسىر سالدى بىر دىۋە.
مەلىلەرنى يوق قىلدى،
چاچقان قانۇ - ئوت بىرلە.
تىرىك ئىنسان يەم بولدى،
باغۇ - ۋاران چەيلەندى.
قېچىپ چىقتۇق يۇرتىمىز -
خانۇ - ۋەيران ئەيلەندى.
ۋەلى باپكارنىڭ غەزىپى مىڭ گەز ئۆرلەپتۇ. ئۇ مۇنداق دەپتۇ:
قىيما - چىيما قىلىمەن،
كۆرەڭلىگەن دىۋىنى.
كۆرۈپ باقسۇن ئۇ ياۋۇز،
ۋەلىكاڭنىڭ بىڭسىنى.
جامائەت بارىكاللا ئېيتىپتۇ، قوللىرىنى كۆتىرىپ ئۇنىڭ ئۆمرىگە دۇئا قىپتۇ. روزانە يىغىش قىلىپ يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.
ۋەلى باپكار دىۋە قەسىرىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ماڭا - ماڭا بىر چۆلسىرىگەن سەھراغا كېلىپ توختاپ، بۇلاق بېشىدا دەم ئالغاچ غىزالىنىپتۇ. غىزالانغاچ دىۋە قەسىرىگە كىرىشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپتۇ. ئۇ شۇ ھالدا ئولتۇرسا، بۇلاقتىن ئادەم يوتىسىدەك چوڭلۇقتا بىر چار يىلان چىقىپ، قاشقا يامىشىپتۇ.ۋەلى باپكار بىر پەس ئويلىنىپ كۆرۈپ، دىۋە بىلەن يىلاننىڭ ئۆچلۈگى توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، يىلاننى ئۆلتۈرۈپتۇ - دە، ئۇنى ئۈچ قاتلاپ، كۇلىدا يۈدۈپ، يولنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ ۋە يول بويى: «مەندۇرمەن، مەندۇرمەن، چار يىلاننى ئۆلتۈرگەن ۋەلى باتۇرمەن» دەپ توۋلاپتۇ. خالايىق قايىل بولۇپ ئۇنى «ۋەلى باتۇر » دەپ چاقىرىدىغان بوپتۇ. بۇ خەۋەر قۇلاقتىن - قۇلاققا ئاڭلىنىپ، ئاخىرى دىۋىگە يېتىپتۇ. دىۋە ۋەلى باپكارنى بىر كۆرمەك بولۇپ ئوردىسىغا چاقىرتىپتۇ. ۋەلى باپكار دىۋە قەسىرىگە قاراپ ئالدىراش كېتىۋاتسا، ئالدىدىن بىر بوۋاي توسۇپتۇ.
_ باتۇر يىگىت، - دەپتۇ بوۋاي يېلىنىپ، - ئېشكىم لايغا پېتىپ قالدى، تارتىپ بەرسەڭ، باتۇرلۇغۇڭنى كۆزۈم بىلەن كۆرسەم.
_ ماقۇل، ئەمما ئېشىكىڭنىڭ بېشىنى ئۆزەڭ تۇت، مەن تۇتسام بوينى ئۆزۈلۈپ كېتىپ، سالتاڭ قالىسەن، مەن قۇيرۇقىدىن يۈلەي، - دەپتۇ ۋەلى باپكار.
بوۋاي ماقۇل بوپتۇ. ۋەلى باپكار ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ شۇنداق بىر تارتقان ئىكەن، ئېشەڭنىڭ قۇيرۇقى يولۇنۇپ قولغا چىقىپتۇ. ۋەلى باپكار ئۇنى ئەسقېتىپ قالار، دەپ قوينىغا سېلىپ، قولتۇقىغا قىستۇرۇۋاپتۇ. ئېشەك بىرلا ئوخچوپ ئورنىدىن قوپقان پېتى مېڭىپ كېتىپتۇ. ۋەلى باپكا بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ، دەريا بويىغا كېتىۋاتسا، بىر دۆۋە ئۆردەك تۇخۇمى ئۇچراپتىكەن، ئۇ تۇخۇملاردىن بىرنى ئاپتۇ - دە، سول قوينىغا ساپتۇ. ۋەلى باپكار ماڭا - ماڭا دىۋە قەسىرىگە يېتىپ كەپتۇ.
_ كىم سەن؟ - دەپ سوراپتۇ بويى ئاسمانغا تاقاشقۇدەك ئېگىز، بېشى گۈمبەزدەك، كۆزى داشقازاندەك يوغان، ئۈستى كالپۇگى بۇلۇتقا، تېگى كالپۇكى يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان ، يۈزى مورىدەك قاپ - قارا بىر دىۋە. ۋەلى باپكار قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ، مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇپتۇ:
_ مەندۇرمەن، مەندۇرمەن، ئىككى بالاڭنى چېقىپ ئۆلتۈرگەن چاريىلاننى يوقاتقان ۋەلى باتۇرمەن.
_ دەلىل - ئىسپاتىڭ بارمۇ؟ - ياندۇرۇپ سوراپتۇ دىۋە.
_ بولمامدىغان، - ۋەلى باپكار يۈدۈۋالغان ئۆلۈك يىلاننى دىۋىنىڭ ئالدىغا پالاققىدە تاشلاپتۇ. دىۋە قورققىنىدىن تىترەپ كېتىپتۇ. يىلان مىدىرلىمىغاندىن كېيىن پۇراپ بېقىپتۇ. يىلاننىڭ تىلىدىن تامغان زەھەردىن دىۋە بالىسىنىڭ پۇرىقى كەپتۇ، دىۋە كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، ۋەلى باپكار ئالدىدا تىزلىنىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلاي دەپ ئېگىلىپ بولۇپ، توختاپ قاپتۇ.
_ ھەي مەخلۇق، - دەپتۇ ئۇ توساتتىنلا تەرىنى تۈرۈپ، - باتۇرلۇقۇڭغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، سېھىر قىلىدىڭمۇ ياكى ئالدامچىلىق، بىلىپ بولمايدۇ. چىن باتۇر بولساڭ ئىما - ئىشارەتلىرىمگە جاۋاب بەر!
دىۋە دۇنداق دەپلا قولتۇغىدىن قامچىدەك بىر تال تۈكنى يۇلۇپ كۆرسەتكەن ئىكەن، ۋەلى باپكار ئوڭ قوينىغا قولىنى سېلىپ، ھېلىقى ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىنى ئېلىپ پۇلاڭلىتىپتۇ؛ دىۋە تامبىلىنىڭ لىپىزىدىن چىلاندەك بىر پىتنى ئېلىپ تاسسىدە مىجىپتۇ. ۋەلى باپكار سول قوينىدىن ئۆردەكنىڭ تۇخۇمىنى ئېلىپ ۋاچچىدە مىجىغان ئىكەن، بارماقلىرىنىڭ ئارىلىقىدىن تۇخۇم چىپىلداپ ئېقىپتۇ.
_ ياپىر! - دەۋېتىپتۇ دىۋە پېشانىسىنى تۇتۇپ، - راستلا باتۇر ئىكەنسەن. كەل ئىككى باتۇر دوست بولايلى.
ئۇ ۋەلى باپكارنى ئوردىسىغا باشلاپ، نازۇ - نېممەتلەر بىلەن كۈتۈۋاپتۇ، بىر پەتنۇس يامبۇ ئىنئام قىپتۇ، قەسىر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدۇرۇپتۇ. كەچتە ئايرىم ھۇجرا تەييارلاپ قوندۇرۇپ قاپتۇ.
ۋەلى باپكار قاتمۇ - قات كۆرپە - ياستۇق ئۈستىدە بەھۇزۇر يېتىپ، ئۇخلىغان بولۇۋېلىپ، راسا خورەك تارتىپتۇ. قورسىقىدا بولسا، دېۋىنى جەھەننەمگە ئۇزىتىشنىڭ چوتىنى سوقۇپتۇ. دىۋىمۇ ئۇخلاپ ياتماپتۇ. تۈن تەڭدىن ئاشقاندا، ياردەمچىلىرىنى چاقىرىپ مەسلىھەت سوراپتۇ.
_ ئەي قولداشلىرىم، - دەپتۇ دىۋە پەرىشان ھالدا، - مەن ئۆزەمنى دۇنيادا بىرلا چاغلايتتىم، مەندىنمۇ ئېلىپ كەتكەن باتۇرنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم، ئۇنى ۋاقتىدا جايلىۋەتمىسەك بېشىمىزغا بالا، قەسىرىمىزگە قازا يەتكۈدەك، كىم ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىپ قۇتىغا سالالىسا، قەسىرنىڭ بىساتىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈپ بېرىمەن.
سۆز تۈگىشى بىلەن دىۋىنىڭ بىر سەردارى قىلىچىنى يالىڭاچلاپ ۋەلى باتۇر ياتقان ھۇجرىغا ئېتىلىپتۇ. يەنە بىر سەردارى ئۇنىڭ ئالدىنى تۇسىۋاپتۇ.
_ باشلىقىمىزنىڭ ئېيتقىنى ھەق، - دەپتۇ ئۇ ئەقىل كۆرسىتىپ، - ئەمما، مۇنداق كۈچلۈك باتۇرغا قىلىچ بىلەن تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ، ئۇنى شاراپمۇ يېقىتالمايدۇ، پەم بىلەن تۈگمەن تېشىدا بېسىپ ئۆلتۈرگىنىمىز تۈزۈك.
_ ياق، دەپ چالۋاقاپتۇ ئالدىنقى سەردار پەيلىدىن يانماي، - تۈگمەن تېشى تەننى بېسىپ جاننى قاچۇرۋېتىدۇ. ئۇ چاغدا قۇرۇق قۇتىنى سىقىمداپ قالىمىز، تەختى - بەختىمىزمۇ تۈگەيدۇ.
_ ئىشىك، تۈڭلۈكنى ئوبدان دۈملىسەك، جان دېگەن نەگە قاچالايدۇ، دەيسەن؟ - دەپتۇ كېيىنكى سەردار ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ.
دىۋە كېينىكى سەردارنىڭ ئەقلىگە بارىكاللا ئېيتىپ، ياردەمچىلىرنى تۈگمەن تېشى تەييارلاشقا بۇيرۇپتۇ، تاش ئېلىپ كېلىنىپتۇ. ئىككى سەردار تۈگمەن تېشىنى ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، تۈڭلۈك بېشىغا ئېلىپ كەپتۇ.
ئەسلىدە ۋەلى باپكار ھەممە گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان ئىكەن، ئۇ، ئۆگىزىگە شەپىنى سېزىپ، يوتقاندىن غىپپىدە سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ. سەردارلار ئىككى تانى زەنجىر بىلەن چېتىپ تاشلاپتۇ. تۈڭلۈكنى تاختا تۈمۈر بىلەن يېپىپ بېكىتىپتۇ. جان سالغۇچ قۇتىنىڭ بىر بېشىنى بىر سەردار، بىر بېشىنى يەنە بىر سەردار مەھكەم تۇتۇپ، تاختا تۆمۈرنىڭ تۈشۈكىگە ئاغزىنى توغرىلاپ كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. تاڭ ئاتاي دەپ قاپتۇ. ئۇلار ئۆگزىدىن چۈشمەپتۇ. دىۋىنىڭ تاقىتى تاق بولۇپ ئۆزى ھۇجرىنى كۆزدىن كەچۈرمەك بولۇپ بوپتۇ.
_ رەھمەت، دىۋە ھەزرەتلىرى! - دەپتۇ ۋەلى باپكار، - توڭۇپ قالمىسۇن دەپ ئۈستۈمگە مىڭ پاتمان تۈگمەن تېشى يېپىپ قويۇپسىلەر، ئېغىر ئۇخلاپ ھاردۇقۇم چىقىپ قاپتۇ، ئەمدى مەن كېتەي.
ئەسلىدە تۈڭلۈكتىن تاشلانغان تۈگمەن تېشى ئورۇن - چۈشەكنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئىكەن. بۇ ھالنى كۆرگەن دېۋىنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ، كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپتۇ. ۋەلى باپكار ئۆزىدىن كۈچلۈك ۋە ناھايىتى يوغان كۆرۈنۈپتۇ. ئەمما ئۇ چاندۇرماي، تىزلىنىپ يەتتە تازىم قىلىپ تۇرۇپ:
_ ھەي، ئۆمۈرلۈك جان - جىگەر دوستۇم، ھۇزۇرۇمدا تۇرۇپ قالساڭ بولاتتى. كەتمەكچى بولساڭ پىقىرنىڭ ئۇزىتىپ قويماقتىن باشقا ئامالى يوق. لېكىن، ئۆيۈڭ بىزگە نامەلۇم، باردى - كەلدىمىز ئۆزۈلۈپ قالمىسۇن ئۈچۈن سەردارلىرىمدىن بىرسى بىرگە بېرىپ، ئۆيۈڭنى كۆرۈۋالسۇن، - دەپتۇ. ئۇ پەيتتىنى تېپىپ ۋەلى باتۇرنى ئۆز ئۆيىدە جەددى - جەمەتى بىلەن بىللە جىمىقتۇرۇش غەرىزىدە بوپتۇ.
ۋەلى باپكار ئۆز سىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىر دەقىقە تېڭىرقاپ قاپتۇ. لېكىن، شۇ زامات ئۆزىنى ئوڭشاپ، بىر ئەقىل ئويلاپ مۇنداق دەپتۇ:
_ يول يىراق، يۈكۈم ئېغىر، ھۆرمىتىم ئۈچۈن بولسىمۇ، بىر سەردارىڭ بىلەن تۆت ياساۋۇل ھەمرا قىلمىساڭ، پىقىرنى ۋاپاسىزلىق قىلدى، دەپ قالما.
دىۋە رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ.
ۋەلى باپكار يۈك - تاقلىرىنى دىۋە سەردارىغا كۆتەرتكۈزۈپ، دىۋە ياساۋۇللىرىغا نۆۋەتلىشىپ مىنىپ، سازلىق، تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، ئىككى كۈنلۈك يولنى ئىككى ھەپتە بېسىپتۇ. ئۇھ، دېگۈچىلىكى قالمىغان دىۋىلەر ئۆيگە كىرىپلا بورىنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرىنى تاشلاپ، قورساقلىرىمىز ئېچىپ كەتتى دېيشىىپتۇ. ۋەلى باپكار خوتۇنىنى بىر چەتكە تارتىپ، قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى دەپ كۇسۇرلاپتۇ. خوتۇنى ئېرىنىڭ ئۈگىتىپ قويغانلىرى بويىچە ئىش قىپتۇ.
_ ۋاي خوتۇن، - دەپتۇ ۋەلى باپكار ئۆيىگە قايتى كىرىپ مېھمانلارنىڭ قورسىقى ئېچىپتۇ، ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك بولۇپ كەتتى. ئوخشىتىپ بىر تاماق ئەتمەمسىلەر؟
_ پولۇ ئىتەيمۇ، چۆچۈرىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ۋەلى باپكارنىڭ خوتۇنى ئۆيدە نە گۈرۈچ، نە بۇغداي ئۇنى يوقلۇقىغا قارىماي.
_ مېھمانلىرىمىز بەك ئەزىز، ئەتكىن پولۇ، يىسۇن تېز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋەلى باپكار. خوتۇنى بېشىنى تاتىلاپ، خىجىل بولغان قىياپەتتە مۇنداق دەپتۇ.
_ گۈرۈچ دېسە بار، ياغ دېسە بار، سەۋزە، قۇرۇق ئوتۇن دۆۋىسى بىلەن تۇرۇپتۇ. پەقەت گۆشلا يوق. بازارغا بېرىپ ئەكەلسەڭلار بولامىكىن.
_ گۆش بولمىسا، ئېغىلدىكى دىۋىدىن بىرنى سويۇڭلار، - دەپ كۆز قىسىپتۇ ۋەلى باپكار.
_ قارىسى بوغاز، ئالسى قېرى، ئېقى ئورۇق، تاغىلى كېسەل، سېرىقىنى سويساقمىكىن، - دەپتۇ خوتۇنى.
بۇ گەپلەرنى ئىشتكەن تۆت دىۋىنىڭ قورقىنىدىن چىرايىدا قان قالماپتۇ. كۆڭلىدە «بىزنىمۇ سويۇۋەتمىگىدى» دىيىشىپ كېتىشنىڭ قازىنىنى ئېسىپتۇ. ۋەلى باپكار سەۋرى قىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. خوتۇنىغا قاراپ:
_ بوپتۇ، شۇنى سويۇڭلار، قالغىنىنى باش دىۋە مېھمانغا كەلگەندە ئۆلتۈرەرمىز، - دەپتۇ.
خوتۇنى قىڭراقنى ئېلىپ سىرتقا مېڭىپتۇ. بورا ئۈستىدە لاغىلداپ تىترەپ ئولتۇرغان دىۋىلەر بىردىن - ئىككىدىن تالاغا چىقىپ، ئالدى - ئارقىسىغا قارىماي قېچىپتۇ. ئۇلار قېچىپ كېتىۋېتىپ ئىككى تۈلكىگە ئۇچراپتۇ.
_ ۋاي ھاماقەتلەر، - دەپتۇ تۈلكىلەر دىۋىلەرنىڭ قېچىشنىڭ سەۋەبىنى ئۇققاندىن كېيىن مەسخىرە قىلىپ، - مۇشۇ ئەپتىڭلار بىلەن بىر باپكاردىن قورقتىڭلارمۇ؟ ئۇنىڭ ئۆلتۈرگۈدەك دىۋىسى تۈگۈل، توخۇ چاغلىق بىرەر جانۋېرى بولسىكەن كاشكى! - تۈلكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەلى باپكارنى قانداق ئەخمەق ئەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئاخىرىدا، - بۇرادەرلەر، ئالدىنىپسىلەر، يۇرۇڭلار ئۇنىڭ سىرىنى ئېچىپ، دىۋە ئىنئام قىلغان يامبۇنى قايتۇرۇپ كېلەيلى، - دەپتۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان دىۋىلەرگە يىڭىدىن جان كىرىپتۇ. ئالدانغىنى ئۈچۈن بىر - بىرىنى قاتتىق كايىپ، يامبۇ ئىشقىدا ئوت بولۇپ يېنىپتۇ ۋەلى باپكارنىڭ ئۆيىنى كۆزلەپ ئۇچقاندەك مېڭىپتۇ.
بۇ چاغدا ۋەلى باپكار بىخارامان ئولتۇرۇپ، خوتۇن، بالا - چاقىلىرى بىلەن پاراڭغا چۈشكەن ئىكەن. بىر قاغا ئۇنىڭ ئۆگزىسىنى ئايلىنپتۇ. ئايلىنىپ - ئايلىنىپ بىرنەچچە قاقىلىداپ، كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. ۋەلى باپكار ئەنسىزلىنىپ، قاغا كەلگەن تەرەپكە قارىغۇدەك بولسا ھېلىقى دىۋىلەر يەرنى تالقان، ئاسماننى كۇمپەيكۇم قىلىۋەتكۈدەك ئەلپازدا كېلىۋاتقۇدەك. ئۇلارنى باشلاپ كېلىۋاتقىنى ئىككى تۈلكە ئىكەن. ۋەلى باپكا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ:
_ ھەي ھارامزادىلەر، قەرزگە ئۆتكەندە دىۋە تۇتۇپ بېرىمىز دېيىشكەن ئىدىڭ، بۈگۈن ئاران تۆتنى ئېلىپ كېلىشىپسەن، ھەركۈنى مۇشۇنداق تۆت بەشتىن ئۆتكۈزۈشسەڭ قەرىزنى قىيامەتكىچە ئۆتكۈزۈشەمسەن؟ بوپتۇ، قەرىز داردىن پۈتكىنىنى ئال دەپتىكەن. ئەپكېلىشكىنىڭنى ئېلىپ تۇراي، تېزرەك ئەپكېلىش! - دەپ توۋلاپتۇ. خوتۇنى بولسا چوڭ بالىسىنى:
_ ۋاي بالام، ئاۋۇ قوزۇقتىكى دىۋە باغلايدىغان زەنجىرنى چاققان ئېلىپ چىق، - دەپ ئالدىرىتىپتۇ.
دىۋىلەر ساراسىمگە چۈشۈپ قېچىپتۇ، تۈلكىلەرنىڭ قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ داقىرىتىپ سۆرىگەن پېتى قەسىرىگە ئېلىپ بېرىپ، باش دىۋىگە داتلىشپتۇ. باش دىۋە «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» دەپ تۈلكىلەرنى ئۆلتۈرۈپتۇ. گۆشىنى چەيلەپ، سۆڭىكىنى سەيلەپ، كۈلىنى كۆككە سورۇپتۇ. ئارقىدىن ئىش ئەپلەشتۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، سەردارلىرىنى دارغا ئېسىپتۇ. ئۇ ئاخىر خاتىرجەم بولالماي، ۋەلى باپكاردىن جېنىنى ياقىغا ئالماق بولۇپ، كېچىلەپ قەسىرىنى كۆچۈرۈپتۇ. مەشرىقتىن - مەغرىپكە كۆچۈپ بېرىپ، كۆيىقاپقا بىكىنىپتۇ. ئاپەت تۈگەپتۇ. ماكانلىرىدىن تىزىپ كەتكەنلەر قايتىپ كېلىپ ئۆز يۇرتلىرىنى يېڭىۋاشتىن گۈلگە ئوراپتۇ. ئۇلار ۋەلى باپكارغارتۇپرىن ئەيلەپ، ئۇنى يۇرت بېشى قىلىپ، تەخىتتە ئولتۇرغۇزۇپتۇ.