UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپاشا نېمە ئۈچۈن غىڭشىيدۇ؟

پاشا نېمە ئۈچۈن غىڭشىيدۇ؟

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر يىلان بار ئىكەن. ئۇ بىر كۈنى چۆپلۈكنىڭ ئىچىدە تۈگۈلۈپ ياتسا، بېشىدىن بىر پاشا ئۇچۇپ ئۆتۈپتۇ، يىلان پاشىنى توختىتىۋېلىپ سوراپتۇ: _ مەن ساڭا بىر ۋەزىپە تاپشۇرسام ئورۇندامسەن؟ - پاشا رازىلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. يىلان: _ ئانداق بولسا نېمىنىڭ قېنى تاتلىق بولىدىغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بەر! - دەپتۇ. پاشا ماقۇل بوپتۇ. پاشا يىلاننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ھەممىنىڭ قېنىنى شوراپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئادەمنىڭ قېنىنى شوراپتىكەن، ناھايىتى تاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. بۇنى يىلانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىراپ كېتىۋاتقاندا، يولدا قارلىغاچ ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇ پاشىدىن : _ ھەي، پاشىۋاي، نەگە ئالدىراپ ماڭدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. پاشا: _ يىلان، فاھاندا نېمىنىڭ قېنىنىڭ تاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ماڭا خەۋەر قىلىغىن دېگەنىدى، شۇنى بىلىپ كېلىۋاتىمەن، - دەپتۇ. قارلىغاچ: _ نېمىنىڭ قېنى تاتلىق ئىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ. پاشا: _ ئادەمنىڭ قېنى تاتلىق ئىكەن ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قارلىغاچ: _ تىلىڭنى چىقىرىپ باققىنا، قېنى مەنمۇ تېتىپ باقاي، - دەپتۇ. پاشا تىلىنى چىقىرىپتىكەن،قارلىغاچ پاشىنىڭ تىلىنى چىشلىۋاپتۇ. پاشا يىلاننىڭ قېشىغا بېرىپتۇ، يىلان «نېمنىڭ قېنى تاتلىق ئىكەن؟ » دەپ سورىسا پاشا غىڭشىپلا تۇرغۇدەك، قارلىغاچ تامدا تۇرۇپ: _ پاشا پاقىنىڭ،كۈمۈتىنىڭ قېنى تارلىقكەن دەيدۇ، - دەپتۇ. ئىيتىشلارغا قارىغاندا، يىلان شۇندىن بېرى پاقا بىلەن كۈمۈتىنى يەيدىغان بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق