قان بەدىلىگە كەلگەن ئالتۇن
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ھېكىم دىگەن بىر كەمبەغەل كىشى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ تۆت بالىسى بولۇپ، كۈنى پېقىرلىقتا ئۆتىدىكەن. ئۇ كۈنىگە جاڭگالدىن ئوتۇن ئەكىلىپ سېتىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن، شۇڭا ئۇنى كىشىلەر «ھېكىم ئوتۇنچى» دەپ ئاتىشىدىكەن.
بىر كۈنى ھېكىم ئوتۇنچى ئادىتى بويىچە جاڭگالغا بېرىپ قارىسا، شۇنچە كەڭ جاڭگالدا چوكا چاغلىق بىرنەرسە كۆرۈنمەپتۇ. ئۇزۇن يول يۈرۈپ ماغدۇرىدىن كەتكەن ئوتۇنچىغا بۇ ئىش بىر سىر بولۇپ قاپتۇ ۋە بىر چۈچۈك بۇيىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، خىيال سۈرۈپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇ شۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتۇكى، چۈشىدە بىر كۆك كەپتەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھەي ئىنسان، تۇر ئورنىڭدىن، كۈن چىقىش تەرەپكە ماڭ!» دەپ كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ.
ئوتنىچى چۆچۈپ ئويغانسا چۈشى. ئۇ بىردەم تۇرۇۋېلىپ ئېسىنى يىغىپتۇ - دە، چۈشىدىكى بىشارەت بويىچە كۈن چىقىش تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ماڭا - ماڭا، ئاخىر بىر تۈپ جىنازىنىڭ قېشىغا يېرىپ كەپتۇ. ھېكىم ئوتۇنچى ئۇنىڭ سايىسىدا دېمىنى ئېلىۋالماقچى بولۇپ يېتىپ تۇرۇشىغا بىر لاچىن بىر كۆك كەپتەنى قوغلاپ كېلىۋاتىقۇدەك، لاچىن بىر ئۆرلەپلا كەپتەرنى سوقۇۋېتىپتۇ. كەپتەر ھېكىم ئوتۇنچىنىڭ ئالدىغا چۈشۈپتۇ ۋە كۆزىنى بىر ئېچىپ زۇۋانغا كەپتۇ:
- ئاھ! سۇ، سۇ! تەشنالىق مېنى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئېلىپ كەلدى. مەنغۇ مەيلى، لېكىن ئۇۋىدا قالغان ئىككى بالامنىڭ ھالى نچۈك؟ - دەپتۇ - دە، كۆزىنى يۇمۇپتۇ. ھېكىم ئوتۇنچى ھېچ ئىككىلەنمەستىن بىلىدىك پالتىسىنى ئېلىپ سول بىلىكىنى كېسىپ، قېنىنى كەپتەرنىڭ ئاغزىغا ئېقىتىپتۇ. كەپتەر ھۇشىغا كېپ چىنار ئۈستىگە قاراپتۇ. چىنار ئۈستىدە بىر ئۇۋا تۇرغان. بىرى ئۆلگەن، يەنە بىرى جان تالىشىۋاتقان ئىكەن. ھېكىم ئوتۇنچى تېخىچە توختىمىغان بېلىكىدىكى قاننى باچكىنىڭ ئاغزىغا تېمىتقان ئىكەن. ئۇ تىرىلىپ قاپتۇ.
ھېكىم ئوتۇنچىنىڭ قىلغان بۇ ياخشىلىغىدىن چەكسىز خۇشاللانغان كەپتەر:
- كەل پۇتۇمغا ئېسىل، كۆزىڭنى يۇم، - دەپتۇ - دە، ئۇنى ئېلىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئۇچۇپتۇ، ئۇچۇپتۇ، بىر چاغدا كەپتەر:
- كۆزىڭنى ئاچ بۇنىڭدىن كۆتۈرگىنىڭچە ئال، - دەپتۇ. ئوتۇنچى كۆزىنى ئېچىپ قارىسا ئۆزىنى ئالتۇن ئۈستىدە كۆرۈپتۇ. ئوتۇن يۈدۈگەندە دۈمبىسىگە سالىدىغان قاپقا لىق ئالتۇن قاچىلاپ يەنە كۆزىنى يۇمۇپ كەپتەرنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ ئۇچۇپتۇ.
ھېكىم ئوتۇنچى كۆزىنى ئېچىپ ئۆزىنى ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كۆرۈپتۇ. ئۇ قاپنى يۈدۈپ ئۆيگە كىرىپ كېتىۋاتسا، باينىڭ ئۇنى ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان غاچىسى قاپنى كۆرۈپ:
- ھەي ئوتۇنچى يۈدۈۋالغىنىڭ نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ. غالچىنىڭ يامان نىيىتىنى بىلگەن ھېكىم ئوتۇنچى سىرنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئېھتىياتسىزلىقتىن:
جاڭگالدا ئوتۇن تۈگەپ كېتىپتىكەن. شۇڭا تاغىرىمغا تېزەك تېرىپ كەلدىم، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان غالچا:
- غەلىتە گەپ، جاڭگالدا ئوتۇن تۈگەپ كەتكىنى نىمىسى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىككىنە تىزەك شۇنچىۋالا ئېغىر بولامدۇ؟ - دەپتۇ - دە، تاغاردىكى «تىزەك» تىن گۇمانلىنىپتۇ. ئاخىرى ھېكىم ئوتۇنچىغا:
- ماڭ تاغىرىڭنى ئەكىرىپ قويۇپ، ئالۋاڭ ئۈچۈن بەش سەر ئالتۇن ئېلىپ چىق، - دەپتۇ ۋە ھېكىم ئوتۇنچى كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىشىكنىڭ يۇچۇغىدىن ماراپتۇ. ھېكىم ئوتۇنچىنىڭ ئالتۇنلىرىنى ئېنىق كۆرگەن غالچا بېرىپ بايغا خەۋەر قىپتۇ. كۆزى قىزاغان باي شۇئانلا ھېكىم ئوتۇنچىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ئات ساپتۇ ۋە ھېكىم ئوتۇنچىنى چاقىرىپ:
- سەن مېنىڭ كىشى بىلمەيدىغان خەزىنەمنى ئوغۇرلاپسەن! - دەپ قاتتىق ئۇرۇپتۇ. ھېكىم ئوتۇنچىنى قانچە يالۋۇرسىمۇ ئۇنىماي ئۇرۇپ ھۇشىدىن كەتكۈزۈپ. ئالتۇنلارنى بۇلاپ كېتىپتۇ.
ھېكىم ئوتۇنچى ھۇشىغا كېلىپ قارىسا قاتتىق بوران چىقىۋاتقۇدەك، ئەتراپن قاپقاراڭغۇلۇق قاپلاپ كېتىپتۇ. ھېكىم ئوتۇنچى:
ئايلارنى قوغلىشىپ، ئايلار ئۆتۈپ، ئاخىرى ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپتۇ. ھېكىم ئوتۇنچىمۇ قېرىپ مۈكچىيىپ قاپتۇ. ئۇ بىر كۈنى ئادىتى بويىچە جاڭگالدا كېتىۋاتسا، ئالدىغا بىر قۇشنىڭ كۆلەڭگىسى پەيدا بولۇپتۇ. بېشىنى كۆتىرىپ قارىسا، بىر كۆك كەپتەر بېشىدا ئۇچۇپ تۇرۇپتۇ. ھېكىم ئوتۇنچى ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىشىغا، كەپتەر:
- بوۋاي، سەن يەنە ئوتۇن تېرىپ نېمە قىلىسەن؟ - دەپتۇ.
- جان بېقىشنىڭ كويى، - دەپتۇ ئوتۇنچى.
- ئون يىل بۇرۇنقى ئالتۇن قېنى؟ - دەپتۇ كەپتەر ئۇنىڭغا.
ھېكىم ئوتونچى بۇ كەپتەرنىڭ ئۆزىنى ئالتۇن تاققا باشلاپ چىققان كەپتەر ئىكەنلىكىنى تونۇپتۇ ۋە:
- ئۇنى باي تارتىۋالدى، - دەپتۇ ئوتۇنچى ۋە ئەھۋالنى بايان قىپتۇ. بوۋاينىڭ ھالىغا ئىچ ئاغرىتىقان كەپتەر ئۇنىڭغا:
- ئارقاڭغا قارا! - دەپتۇ. ئوتۇنچى ئارقىسىغا قارىسا ھېچنەرسە كۆرۈنمەپتۇ. ئالدىغا قارىسا كەپتەر يوق. لېكىن ئاغزىدا بىر نوكچا ئالتۇن چىشلەپ ياتقان ھېلىق باينىڭ ئۆلۈگى بىلەن ئۆزىنىڭ قېپىدا لىق ئالتۇن تۇرغۇدەك.
ئىككىنىچ قېتىم خۇشاللانغان ھېكىم ئوتۇنچى، باينىڭ ئۆلۈكىگە قاراپ:
- بۇ مېنىڭ ئالتۇنلىرىم بولغاچىقا، سەن چايناپ يۇتالماپسەن، - دەپتۇ - دە، ئالتۇننى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ باياشات، خۇشال - خورام تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.