UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئەقىللىق دىۋانە

ئەقىللىق دىۋانە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. بۇ پادىشاھنىڭ شەھىرىدە بىر دىۋانە بولۇپ، ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەن. ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقىنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھقا ئاڭلىنىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ بۇ دىۋانە بىلەن ئۇچرىشىش نىيىتىدە يۈرۈپتۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەقىللىق دىۋانە >ھەق شەيدۇللا< دەپ پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىپ قاپتۇ. پادىشاھ بۇ دىۋانىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولۇپتۇ. ئۇنىڭ دانىشمەنلىكىنى سىناپ كۆرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا قاراپ يۈزىنى تۇتۇپتۇ. دىۋانە گېلىنى كۆرسىتىپتۇ. پادىشاھ ئىككىنچى قېتىم بېشىنى كۆرسەتكەن ئىكەن، دىۋانە ئۇنىڭغا ئېغىزىنى كۆرسىتىپتۇ. بۇ ئىشارىلەرگە قايىل بولغان پادىشاھ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ خىزمەتچىلەرگە بىر پەتنۇس ئالتۇن ئەكەلگۈزۈپ ئۆز قولى بىلەن دىۋانىغا بېرىپتۇ. ئەتراپتا تۇرغان ۋەزىرلەر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ غودۇڭشىپ: - ھەر كۈنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرگىنىمىزدە سالىمىمىزنى ئىلىك ئالمايدۇ، ئورنىدىن تۇرۇپمۇ قويمايدۇ. بىز دىگەن ۋەزىر ئەمەسمۇ، ئەجىبا، بۈگۈن نەدىكى بىر دىۋانىغا ئىككى ئېغىز گەپ سوراپ باقماستىن، بىكاردىن - بىكار بىر پەتنۇس ئالتۇن بېرىۋەتتى. بىز شۇنچىۋالا ئىشلىدۇق. ئالتۇن تۈگۈل ياخشىراق گەپكىمۇ ئېرىشەلمىگەن ئىدۇق، - دىيىشىپتۇ. بۇ شىكايەتلەر پادىشاھنىڭ قولىقىغا يېتىپ قاپتۇ - دە، ئاچچىقىدا شۇنداق دەپتۇ: - ھەر قايسىڭ مېنىڭ ۋەزىرلىرىم. ئالدىڭغا ئوتتۇز يىل، كەيىڭگە توققۇز يىل بولدى. بىراق ھەر قايسىڭدىن ئاشۇ دىۋانىچىلىك بىرەر پەزىلەت كۆرمىدۈم. بىلىشەمسەن، مەن ئۇنىڭغا >يۈز نىمىدىن كېتىدۇ؟< دەپ ئىشارە قىلسام، ئۇمۇ ئىشارە بىلەن >گالدىن< دەپ جاۋاب بەردى. >باش نەدىن كېتىدۇ؟< دەپ ئىشارە قىلسام >ئېغىزدىن كېتىدۇ< دەپ كىشى ھەيران قالغۇدەك توغرا جاۋاب بەردى. ئەگەر سىلەردىمۇ شۇ دىۋانىدا بولغانچىلىك ئەقىل - پاراسەت بولغان بولسا، مەن سىلەرگە ئالتۇن ئەمەس، شەھەرنىڭ يېرىمىنى بەرگەن بولاتتىم. ۋەزىرلەر پادىشاھنىڭ ئارقىسىدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە جىجىل بولۇشۇپ قاپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: نىياز ئابدۇللا.
← بارلىق تېمىلار چوچاق