دېھقان
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۆتكەن زاماندا بىر كەمبەغەل دېھقان ئۆتكەن ئىكەن. ئۆيىدە ئۇنى قالمىغان دېھقان بىر كۈنى بىر تاغار بۇغداينى ئىشىگىگە ئارتىپ تۈگمەنگە ئۇن تارتقىلى بېرىپتۇ. ئۇننى تارتىپ بولۇپ ئۆيگە قاراپ يول ئاپتۇ. تۈگمەن بىلەن ئۆيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئۇزۇن ساي بار ئىكەن. دېھقان بەك كەچ قالغاچقا ئۆيىگە قايتىپ كېتىشكە كۆزى يەتمەي يول ئۈستىدىكى بىر دەرۋازىنى قېقىپتۇ. ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يىگىرمە بەش ياشلار چامىسىدىكى بىر چوكان چىقىپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ. دېھقان ئەھۋالنى تەپسىلىي سۆزلەپ:
- ۋاي خېنىم، بۈگۈن بىر كىچىلىك قونالغۇ بەرگەن بولسىلا؟ - دەپ ئۆتۈنۈپتۇ.
- بۈگۈن بولمايدۇ، چۈنكى ئۆيدە ئېرىم يوق، - دەپتۇ چوكان. دېھقان يەنە يېلىنغان ھالدا:
- مەندە باشقا غەرەز يوق. ئەگەر سىلە ئۆيدە ياتسىلا مەن ھويلىدا ياتساممۇ بولىدۇ. بۈگۈن بەك كەچ قالدىم، رەھىم قىلسىلا خېنىم، - دەپتۇ.
چوكان ئاخىرى ماقۇل بولۇپتۇ. دېھقان ھويلىغا كىرىپ ئۇننى چۈشۈرۈپ قويۇپ ئېشىكىنى ئۈژمىگە باغلاپ قويۇپتۇ - دە، ئۆزى كېلىپ كىگىزدە ئولتۇرۇپتۇ. بىردەمدىن كېيىن چوكاننىڭ مېڭىشى تولىراپ قاپتۇ. دېھقان >بۇ چوكاننىڭ بىرەر ئوينىشى بار ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئشىغا دەخلى قىلىپ قويماي< دىگەن ئويغا كېلىپ چوكانغا:
- ھويلا بەك تىنجىق ئىكەن. ماڭا ئۆگزىگە ئورۇن سېلىپ بەرسىلە بوپتىكەن، - دەپتۇ. بۇ گەپ چوكانغا ناھايىتى يېقىپتۇ. چوكان دەرھاللا ئۆگزىگە ئورۇن سېلىپ بېرىپتۇ. دېھقاننىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەن بولغاچقا ئۇيقۇسى زادى كەلمەپتۇ. شۇ ئەسنادا ھويلىنىڭ دەرۋازىسى قېقىلىپتۇ. چوكان ھاپىلا - شاپىلا بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ. بىر ياش يىگىت كىرىپتۇ، دېھقان بايىقى ئويىنى جەزملەشتۈرۈپتۇ. ئۇلار ئۆيگە كىرىپ كېتىشىگە دېھقان ئۇلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاستا ئۆمۈلەپ توڭلۈككە كەپتۇ. قارىسا يىگىت بىلەن چوكان بىر - بىرىگە چاپلىشىپ ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىۋاتقۇدەك. بىردەمدىن كېيىن يىگىت:
- يەيدىغان بىرەر نەرسەڭ يوقمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ چوكاندىن.
- قاتتىق ناندىن باشقا نەرسە يوق، - دەپتۇ چوكان.
- باشقا نەرسەڭ يوقمۇ؟ - دەپ قايتا سوراپتۇ يىگىت. چوكان دەرھال بىرنىمىنى ئېسىگە ئالغاندەك:
- ھە راست. ئېغىلدا بىر سېمىز ئوغلىغىم بار. ئۇنى يەيلىمۇ؟ - دەپتۇ.
- سويۇپ يەيلى، - دەپتۇ يىگىت خوشال بولغان ھالدا، - دەل جايىدا گەپ قىلدىڭ. مېنىڭمۇ نەچچە كۈندىن بېرى گۆش يىگۈم كېلىپ تۇراتتى.
ئىككىيلەن ئوغلاقنى سويۇپتۇ. يىگىت زاسۈيىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
- ئالدى بىلەن مۇشۇنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەيلى، - دەپتۇ. چوكان ماقۇل دەپ ئۆپكە، ھېسىپ، باش - پاقالچاقلارنى قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپتۇ. ئىككىسى يەپ بولالماي ئېشىپ قالغان بىر تەخسە ھىسىپنى، ئوغلاقنىڭ كاللىسىنى ئويۇققا ئېلىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يىگىت:
- ھەي...، بۇنىغۇ يىدۇق، بىراق كۆڭلۈم يەنىلا غىزا تارتىپ تۇرىدۇ، - دەپتۇ.
- ئەمىسە چۆچۈرە ئېتىپ يەيلى، - دەپتۇ چوكان ۋە بىردەمنىڭ ئىچىدە چۆچۈرىنى تەييارلاپتۇ. ئاچ قورساق دېھقان تۈكۈرۈگىنى يۇتۇپ، تۈڭلۈك تۈۋىدە ماراپ يېتىۋېرىتپۇ. يىگىت بىلەن چوكان چۆچۈرە يەپتۇ. ئېشىپ قالغان چۆچۈرىنى بىر تەخسىگە سېلىپ ئويۇققا ئېلىپ قويۇپتۇ. بۇلار قورساقلىرىنى تويغۇزۇشۇپ تۇرۇشىغا ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلۇپتۇ. چوكان دەككە - دۈككىگە چۈشۈپ:
- ئاپلا، ئىش چاتاق بولدى. ئېرىم كېلىپ قالدى، - دەپتۇ. يىگىت بولسا قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قاپتۇ. چوكان دەرھاللا:
- بولدى، بۇنى ئۆزەم جۆندەيمەن، - دەپتۇ - دە، يىگىتنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، بىر بۇلۇڭدا تۇرغان كۆمۈر تاغىرىنى بىكارلاپ، يىگىتنى تاغارغا سولاپتۇ ۋە ئاغزىنى بوغۇپ ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا يۆلەپ قويۇپتۇ. ئايال چاققانلىق بىلەن يىگىتنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ بىر يەرگە تىقىپ قويۇپ يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ دەرۋازىنى ئېلىپ بىر يەرگە تىقىپ قويۇپ يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپتۇ. ئېرى ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ:
- خوتۇن، يەيدىغان بىر نەرسە بېرىڭلار. قورساق ئېچىپ كەتتى، - دەپتۇ. چوكان:
- قاتتىق نان بار، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
- مەيلى ئەكىلىڭلار، يەيلى، - دەپتۇ ئەر. چوكان ناننى ئەكىلىپ بېرىپتۇ. ئەر چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ:
- ھويلىدىكى ئېشەك كىمنىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. چوكان دەرھاللا:
- بىر دېھقان تۈگمەنگە ئۇن تارتقىلى كەلگەن ئىكەن، كەچ قاپتۇ. بىر كېچە قونۇپ قالاي دىگەن ئىدى، ماقۇل دىگەن ئىدىم، - دەپتۇ.
- قېنى ئۇ كىشى؟
- ئۆگزىدە ئۇخلاۋاتىدۇ.
- ماڭ چاقىرىپ چۈش، بىللە ئولتۇرۇپ چاي ئىچەيلى، - دەپ خوتۇنىنى بۇيرۇپتۇ ئەر. تۈڭلۈككە مارىلاپ ياتقان دېھقان بۇنى ئاڭلاپ دەرھال ئورنىغا كېلىپ، ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋاپتۇ. چوكان ئۆگزىگە چىقىپ، ئاستا كېلىپ دېھقاننى مىدىرلىتىپ چاقىرىپتۇ. دېھقان ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. چوكان دېھقانغا:
- ئۆيگە كىرىپ چاي ئىچسىلە، ئېرىم كەلدى، سىلىنى چاقىرىۋاتىدۇ، - دەپتۇ. بۇ گەپ دېھقانغا ياغدەك يېقىپتۇ. ئۇ ئۆيگە كىرىپ چوكاننىڭ ئېرى بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن بىللە ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشىپتۇ. قاتتىق ناننى يىگۈسى كەلمەي بىر ئاز ئىچىپلا بولدى قىلىشىپتۇ. بىردەم جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن ئەر دېھقانغا:
- ھېكايە ئېيتىپ بەرسىلە، - دەپتۇ. دېھقان ماقۇل بولۇپ:
- كۆرگەنلىرىم بولسىمۇ بولامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئەلۋەتتە بولىدۇ، - دەپتۇ ئەر. شۇنىڭ بىلەن دېھقان ساقىلىنى بىر سىلاپ قويۇپ سۆزىنى باشلاپتۇ:
- بۈگۈن تۈگمەندىن كېلىۋاتسام ئاۋۇ ئويۇقتىكى ھىپىستەك بىر يىلان چىقتى. قورققىنىمدىن شۇ ئويۇقتىكى ئوغلاق كاللىسىدەك بىر تاش بىلەن بىرنى قويسام ئاشۇ ئويۇقتىكى چۆچۈرىدەك چېچىلىپ كەتتى.
بۇنى ئاڭلىغان ئەر ھەيران بولۇپ:
- ۋاي نىمە دەۋاتىلا؟ - دەپتۇ.
- ۋاي بېگىم، ئىشەنمىسىلە ئاۋۇ بۇلۇڭدا ئولتۇرغان تاغارچى ئاكامدىن سوراپ باقسىلا، - دەپتۇ دېھقان. ئەر دەرھال بېرىپ بۇلۇڭدا يۆلەكلىك تۇرغان تاغارنى يېشىپ بىر تارتقان ئىكەن. ئىچىدىن ھېلىقى قىپ - يالىڭاچ يىگىت چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ ئىچىدە قىيا - چىيا باشلىنىپتۇ. دېھقان شۇ مالىماتاڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاستاغىنە چىقىپ ئېشىكىگە ئۇننى ئارتىپ يولىغا راۋان بوپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ياقا گۇڭشېدىن: ئابدۇغېنى.