شاھزادە بىلەن مەلىكە
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەھمۇت دىگەن بىرلا بىرلا ئوغلى بار ئىكەن. مەھمۇت بالاغەتكە يەتكەندە پادىشاھ ئۇنىڭغا باشقا بىر پادىشاھنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ مەلىكە دۇنيادا بولىدىغان بارلىق ئىشلارنى ئەپسۇن ئوقۇش بىلەن بىلەلەيدىكەن. پادىشاھ ناھايىتى مەرت ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ ھويلىدا تۇرسا، بىر قەلەندەر >ھەق شەيدۇللا!< دەپ كىرىپ كەپتۇ. پادىشاھ غەزىنىچىسىنى بىر لىگەن ئالتۇن ئەپچىقىپ بېرىشكە بۇيرۇپتۇ. قەلەندەر >ئامىن< دەپ دۇئا قىلىپ قايتىپتۇ. بىر ھەپتە ئۆتۈپتۇ. يەنە پەيشەنبە كۈنلۈكىدە ھېلىقى قەلەندەر كەپتۇ. پادىشاھ سەدىقە ئۈچۈن يەنە ئالتۇن بېرىپتۇ. يەنە ھەپتە ئۆتۈپ سەھەردىلا ھېلىقى قەلەندەر كەلگەن ئىكەن، پادىشاھ يەنە ئالتۇن تەڭلەپتۇ. بىراق قەلەندەر ئارقىسىنى قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. پادىشاھ ھەيران بولۇپ:
- ھەي قەلەندەر، نەچچە كۈندىن بېرى ئالتۇن بەرسەم ئالىسەن، بۈگۈن نىمىشقا ئالمايسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. قەلەندەر:
- سەۋەبىنى دەي دىسەم بېشىمدىن قورقىمەن، - دەپتۇ. پادىشاھ:
- گۇناھىڭدىن ئۆتتۈم! - دەپتۇ. قەلەندەر:
- ئى پادىشاھى ئالەم، ئۆزلىرىنى تومىمۇ سېخى كىشى دەيدۇ، شۇڭا پادىشاھلىقلىرىنى يەتتە كۈن بېرىپ تۇرغان بولسىلا، - دەپتۇ. پادىشاھ بىردەم ئويلىنىپ مەرتلىك بىلەن:
- بۇلىدۇ، - دەپتۇ. قەلەندەر ھېلىقى پادىشاھنىڭ پادىشاھلىق تاجىنى كىيىپ، تەختكە چىقىپ غەزىنىدىكى ئالتۇنلارنى خەلققە تارقىتىپ بېرىپتۇ. ئالتە كۈن بولغاندا، غەزىنىدىكى دۇنيانىڭ ھەممىسى تۈگەپتۇ. قەلەندەر پۈتۈن خەلقنى بىر يەرگە يىغىپ:
- مەن يەتتە كۈنلۈك پادىشاھ بولغان. ئەتە پادىشاھلىقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن. سىلەر قانداق قارايسىلەر! - دەپ مەسلىھەت ساپتۇ. كىشىلەر بىردەك:
- بىز ئادىل پادىشاھقا ئەمدى ئېرىشتۇق، سىز بىزگە مەڭگۈ پادىشاھ بولۇڭ! - دەپتۇ. قەلەندەر:
- ئۇنداقتا كونا پادىشاھنى قانداق قىلىمىز؟ - دىگەن ئىكەن، پۈتۈن خەلق:
- دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمىز! - دەپتۇ. پادىشاھنىڭ بىر ۋەزىرى پادىشاھنىڭ قېشىغا كىرىپ:
- ھەي ئەخمەق پادىشاھىم، بىر قەلەندەرگە پادىشاھلىقىڭىزنى بەرىڭىز. ئۇ غەزىنىدىكى مال - دۇنيانى چېچىپ تۈگەتتى. ئەتە سىزنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرمەكچى، - دەپتۇ. پادىشاھ قاتتىق قايغۇ - ھەسرەتكە چۆكۈپ، نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغاندا، ھېلىقى ۋەزىرى:
- ئەمدى سىلىگە بۇ شەھەردە تۇرۇشقا ئىمكان يوق، قېچىپ كەتمىسىلە بولمايدۇ، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ قېچىپتۇ. تاڭ ئاتقىچە بىر نەچچە كۈنلۈك مۇساپىنى بېسىپ بولۇپتۇ. كەچ كىرگەندە بىر يەرگە چۈشۈپتۇ. شۇ يەردە كېچىنى ئۆتكۈزۈپ ئەتىسى ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا، ئاتلىرىنىڭ تېرىسى بىلەن ئۇستىخانلىرىلا تۇرغۇدەك. پادىشاھ >بىزگە كەلگەن ئىرادە مۇشۇ ئوخشايدۇ< دەپ ئويلاپ، نەرسە - كېرەكلەرنى يۈدۈپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. ئايلاپ يول يۈرۈپ، مەلۇم بىر دەريانىڭ قىرغىقىغا كېلىپ قاپتۇ. دەريا ناھايىتى كەڭ بولۇپ، سۈيى ئۇلۇق ئىكەن. ئۇلار ئامالسىز دەرياغا كىرىپتۇ. دەريانىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا بارغاندا سۇ ئۇلغىيىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ بىلەن خانىش ئېقىپ كېتىپتۇ. مەھمۇت ۋە مەلىكە ئامان قاپتۇ. ئۇلار بىردەم چۆكۈپ، بىردەم لەيلەپ، مىڭ تەستە دەريادىن ئۆتۈپتۇ. ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلغان مەھمۇت بىلەن مەلىكە قىرغاقتا تۇرۇپ دەرياغا قاراپ زار - زار يىغلىشىپتۇ. ئاخىرى ئۇلار دەريانىڭ يۇقىرىسىغا قاراپ مېڭىپتۇ.
ئەمدى پادىشاھ بىلەن خانىشقا كەلسەك، خانىش ئېقىپ بېرىپ بىر بېلىق تورىغا چۈشۈپ قاپتۇ. بېلىقچى بۇ خانىشنى ھۇشىغا كەلتۈرۈپ ئەھۋاللىشىپتۇ. ئەھۋالنى ئۇقۇپ:
- سىزگە پادىشاھنى تېپىپ بېرەي، - دەپ خانىشنى بىر ساندۇققا سېلىپ شەھەرمۇ - شەھەر مېڭىپتۇ.
پادىشاھ دەريانىڭ بىر يېقىدىن چىقىپ، ھۇشىغا كېلىپ زار - زار يىغلاپتۇ. ئاندىن بالا - چاقىلىرىنى ئىزلەپ، دەريانىڭ ئېقىنىنى بويلاپ راۋان بولۇپتۇ.
مەھمۇت بىلەن مەلىكە ئۇزۇن يول يۈرۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەلۇم بىر شەھەرگە كېلىپ سارايغا چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ يەيدىغىنى يوق بولغاچقا، مەھمۇت خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن مەلىكە:
- نىمە بولدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ. مەھمۇت:
- يىگىلى نان، خەجلىگىلى پۇل يوق. شۇڭا غەم قىلىپ خىياللىنىپ ئولتۇردۇم، - دەپتۇ. مەلىكە يانچۇقىنى ئاختۇرغان ئىكەن، بىر تىللا چىقىپتۇ. ئۇ پۇلنى مەھمۇتقا بېرىپ:
- ئەتە بۇ پۇلغا سىز بازاردىن بىر گەز ئاق شايى، قىرىق بىر خىل يىپ، ئاشقان پۇلغا يەيدىغان بىر نەرسە ئېلىپ كېلىڭ! - دەپتۇ.
ئەتىسى مەھمۇت مەلىكىنىڭ دىگىنىدەك قىلىپتۇ. مەلىكە كىچىك چېغىدا چۈشىدە پەرىزات كۆرگەن، ئۇنىڭدىن ياغلىق توقۇشنى ئۆگىنىۋالغان ئىكەن. ئۇ ياغلىق توقۇشنى باشلاپتۇ. ئەتىسى مەھمۇت ئويغىنىپ قارىسا، يېنىدا ئاجايىپ چىرايلىق بىر ياغلىق تۇرغۇدەك، مەلىكە ئۇنىڭغا:
- سىز بۇنى بازارغا ئېلىپ بېرىڭ. ياغلىقنى مىڭ تىللاغا سېتىڭ. پۇلغا بىر گەز شايى بىلەن قىرىق بىر خىل يىپ، يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كېلىڭ! - دەپتۇ. مەھمۇت بازارغا بېرىپ ياغلىقنى بىر سودىگەرگە سېتىپتۇ. كىشىلەر بۇ ياغلىقنى كۆرۈپ >قانداق ئادەم توقۇغاندۇ؟< دەپ ھەيران بولۇشۇپتۇ. بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە پادىشاھنىڭ قولىقىغا يېتىپتۇ. پادىشاھ بېرىپ قارىسا، شۇنداق چىرايلىق ياغلىق.
- ھەي بۇ ياغلىقنى كىمدىڭ ئالدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.
- ھازىرلا بىر يىگىتتىن ئالدىم! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى سودىگەر. پادىشاھ ئۇنىڭغا:
- ئۇ يىگىت قايتا كەلسە، مېنىڭ يېنىمغا باشلاپ بار، - دەپ كېتىپ قاپتۇ.
مەلىكە يەنە بىر ياغلىق توقۇپتۇ. ئەتىسى مەھمۇت ياغلىقنى ھېلىقى سودىگەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارغاندا، بۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان پادىشاھ ۋەزىرلىرى ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ياغلىقنىڭ باھاسىنى سوراپتۇ.
- مىڭ تىللا! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مەھمۇت.
- بۇ ياغلىقنى كىم توقۇغان؟
- ئايالىم. بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ.:
- خىزمەت بېرەي قىلامسەن؟ - دەپ سورىغان ئىكەن، مەھمۇت دەرھال:
- ئايالىمدىن سوراپ كېلەي، - دەپ قايتىپتۇ.
مەلىكە ئۆيگە ھالى پەرىشان كىرىپ كەلگەن مەھمۇتتىن ئەھۋال سورىغان ئىكەن. ئۇ بولغان گەپلەرنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. مەلىكە:
- ئۇنداق بولسا، سىز بېرىپ خىزمەت قىلىڭ! - دەپتۇ. پادىشاھ ئۇنى ھويلا سۈپۈرۈپ تازىلايدىغان، ئوتۇن يېرىپ، سۇ توشۇيدىغان ئىشقا قويۇپتۇ. يىگىت شۇ ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، كۆپ يىللار ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ئۇنى غەزىنىچىلىككە تەيىنلەپتۇ ۋە:
- ئەي يىگىت ئۆيىڭىزنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ئوردىدا ئولتۇرۇڭ! - دەپتۇ. مەھمۇت مەلىكە بىلەن مەسلىھەتلىىشپ، ئوردىغا كۆچۈپ كەپتۇ. پادىشاھ مەلىكىنى كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ، نەپسى تاقىلداپ كېتىپتۇ. لېكىن ئېغىز ئېچىشقا پېتىنالماپتۇ.
بىر كۈنى ئىشىك ئالدىغا بىر قەلەندەر كەپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مەھمۇت سەدىقە ئۈچۈن ئالتۇن بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قەلەندەر پات - پات كېلىدىغان بولۇۋاپتۇ. مەھمۇتمۇ ئۇنى ئالتۇن بېرىپ يولغا ساپتۇ. بىر كۈنى بۇ قەلەندەر يەنە قەلەندەرنى چىۋىق بىلەن بىر سالغان ئىكەن، قەلەندەر شۇئان بىر ئالمىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. يىگىت ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئالمىنى ئېلىپ، مەلىكىنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ. مەلىكە ئالمىنى ئىككى پارچە قىلىپ قارىسا، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر ئايالچە كۆينەك چىقىپتۇ. بۇ كۆينەك شۇنداق چىرايلىق ئىكەنكى، ئۇنى كىيگەن كىشى كارامەت گۈزەل بولۇپ كېتىدىكەن.
بىر كۈنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر >سەيلە قىلساق< دەپ ئوردىغا كىرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ماقۇل بولۇپتۇ ۋە ۋەزىرلىرىگە:
- ھەممىڭلار خوتۇن - باللىرىڭلارنى ئېلىپ بېرىڭلار! - دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. ئۆزىمۇ قىرىق خوتۇىنى ئېلىپ سەيلىگە چىقىپتۇ. مەھمۇت مەلىكىنى بىرگە ئېلىپ بارمىغان ئىكەن. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ:
- ئەي يىگىت، سەنمۇ خوتۇنۇڭنى ئېلىپ كەل! - دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ. مەھمۇت مەلىكە قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. ماڭار چاغدا مەھمۇت مەلىكىگە:
- ئالمىدىن چىققان ھېلىقى كۆينەكنى كىيىۋېلىڭ! - دەپ تۇرۇۋاپتۇ ۋە مەلىكىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي، كۆينەكنى ئۆز قولى بىلەن كىيدۈرۈپ ئېلىپ بېرىپتۇ. پادىشاھنىڭ قىرىق خوتۇنى مەلىكىنىڭ كۆينىكىنى كۆرۈپ كۆزلىرىنى ئۈزەلمەي قاپتۇ. >بۇ چىرايلىق كۆينەكنى پادىشاھ ئېلىپ بەرگەن بولسا كېرەك. بۇ ئايال بىلەن پادىشاھنىڭ چوقۇم بىرەر ئىشى بار. بولمىسا، بۇنداق چىرايلىق كۆينەكنى نەدىن تاپالايدۇ؟< دەپ ئويلاپتۇ. كەچتە ئوردىغا قايتقاندا، خوتۇنلار پادىشاھنى ئارىغا ئېلىپ >بىزگىمۇ ئاشۇنداق كۆينەكتىن ئېلىپ بېرىسەن!< دەپ تۇرۇۋاپتۇ. پادىشاھ مەھمۇتنى چاقىرىپ:
- ئەي يىگىت، ئايالىڭ كىيگەن كۆينەكتىن ماڭا قىرىقنى كەلتۈر! بولمىسا بېشىڭنى ئالىمەن! - دەپتۇ. مەھمۇت غەم - قايغۇغا پاتقان ھالدا ئۆيگە كېلىپ ئەھۋالنى مەلىكىگە ئېيتىپتۇ.
- مەن باشتىلا كىيمەي دىسەم، سىز ئۇنىمىدىڭىز، ئەمدى سىز پادىشاھقا قىرىق كۆينەك تېپىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ، بۇنىڭغا بىر ئامال قىلىپ كۆرەي... - دەپتۇ ۋە قىرىق كۆينەكنى ئېلىپ كەلگىچە بولىدىغان ئىشلارنى ئەپسۇن ئوقۇپ تۇرۇپ دەپ بېرىپتۇ:
- ئەي سۆيۈملۈگۈم، بۇ يەردىن ئون تۆت يىل ماڭسىڭىز، بىر چۆلگە بارىسىز. ئۇ يەردە بىر جادىگەر بار. ئۇ >ھەي يولۇچى مەيەرگە كەل، نان يە، قېتىق ئىچ< دەيدۇ، سىز >قېتىق ئىچمەيمەن، سۇ ئىچەي< دىسىڭىز، ئۇ ئۆيگە ماڭىدۇ. سىزمۇ ئارقىسىدىن مېڭىڭ. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ ئالدىڭىزغا داستىخان سالىدۇ. سىز نان يەپ، سۇ ئىچىپ يەرگە قاراپ ئولتۇرۇڭ. جادىگەر ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ بىر يەرنى باسىدۇ. شۇ ھامان يەتمىش ئىككى ياڭزا نەغمە ئاڭلىنىدۇ. جادىگەر پەرىزات تۈسىگە كىرىپ ئۇسۇل ئوينايدۇ. سىز يەرگە قاراپ ئولتۇرۇۋېرىڭ. بېشىڭىزنى ھەرگىز كۆتۈرمەڭ. بېشىڭىزنى كۆتىرىپ قاراپ قالىدىغان بولسىڭىز، جادىگەرگە تۇتۇلغىنىڭىز شۇ. بۇ ئىش بىر نەچچە رەت داۋاملىشىدۇ. سىز يەرگە قاراپ ئولتۇرۇۋېرىڭ. ئاخىرى جادىگەر >ھەي ئادەم، سەن مېنىڭ سىرىمنى قانداق بىلىپ قالدىڭ؟ < دەپ سورايدۇ. سىز بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەرسىڭىز، قالغىنىنى جادىگەر ئۆزى بىلىدۇ.
مەھمۇت يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئوردىغا كىرىپ پادىشاھقا ئۆزىنىڭ كۆينەكنى يىگىرمە سەككىز يىلدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئوزۇق - تۈلۈك راسلاپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. پادىشاھ راسخوتلارنى ھەل قىلىپ بېرىپ مەھمۇتنى يولغا ساپتۇ.
پادىشاھ مەھمۇتنى يولغا سالغاندىن كېيىن ھەر كېچىسى مەلىكىنىڭ ئۆيىگە بارىدىكەن. مەلىكە پادىشاھنىڭ قاتتىق - يۇمشاق ۋاستىلىرىغا پەرۋا قىلماپتۇ. ئىشىكنى زادىلا ئاچماپتۇ.
مەھمۇت تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، نۇرغۇن جەۋرى - جاپالارنى تارتىپ، ئونتۆت يىل يول يۈرۈپ، بىر دەريانىڭ بويىغا كەپتۇ. بۇ يەردە بىر جادىگەر بار ئىكەن. ئۇ يىگىتنى كۆرۈپ، بىر قاچا قېتىققا بىر ناننى ئېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ:
- ئەي يولۇچى، مەيەرگە كېلىپ بىر ئاز تاماق يەۋېلىڭ! - دەپتۇ. مەھمۇت:
- مەن قېتىق ئىچمەيمەن، - سۇ ئىچەي، - دەپتۇ. جادىگەر سۇ ئالغىلى ئۆيگە ماڭغان ئىكەن، مەھمۇتمۇ ئارقىسىدىن مېڭىپتۇ. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، يىگىت سۇ بىلەن ناننى يەپ يەرگە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. جادىگەر بىر يەرنى باسقان ئىكەن، يەتمىش ئىككى خىل مۇزىكا ئاڭلىنىپتۇ ۋە جادىگەر پەرىزاتقا ئايلىنىپ ئۇسۇل ئويناشقا باشلاپتۇ. مەھمۇت يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئولتۇرۇۋېرىپتۇ. پەرىزات سۈرىتىگە كىرگەن جادىگەر ھەر خىل ياسىنىپ، ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ. مەھمۇت بېشىنى كۆتەرمەستىن ئولتۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن جادىگەر:
- ئەي ئادەم، سەن دانىشمەن ئىكەنسەن. مېنىڭ سىرىمنى قانداق بىلىۋالدىڭ؟ كىم ئېيتىپ بەردى؟ - دەپ سوراپتۇ. مەھمۇت:
- مەلىكەم دەپ بەرگەن، - دەپ بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان جادىگەر:
- ئۇنداق بولسا مەن ساڭا ياردەم قىلاي، مەن ساڭا گىلەمدىن بىرنى بېرىمەن. ئۇ كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقىچە نەچچە يىللىق يولنى باسالايدۇ. سەن ئالدى بىلەن سەنۇۋەرخان پادىشاھنىڭ شەھىرىگە بارىسەن. ئۇ يەردىكى بىر تاختايغا: >كىم سەنۇۋەرخان ھەققىدىكى ھىكايىنى ئاڭلايمەن دىسە، ئېيتىپ بولۇپ كاللىسىنى ئالىمەن!< دىگەن خەت يېزىلغان. سەن ئوردا ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ ياساۋۇللارغا >مەن بۇ ھىكايىنى ئاڭلاشقا تەشنا بولۇپ كەلدىم< دەيسەن. ياساۋۇل سېنىڭ پىكرىڭنى پادىشاھقا يەتكۈزسە، ئۇ >كىرسۇن< دەيدۇ. سەن كىرگەندىن كېيىن راۋاقنىڭ ئۈستىگە ھاۋارەڭ گىلەمنى سېلىپ ئولتۇرىسەن. پادىشاھ ھىكايىنى ئېيتىپ بولۇپ، >جاللات!< دەپ ۋاقىرايدۇ. شۇ چاغدا سەن >ئۇچۇڭ گىلەم!< دىسەڭ، گىلەم سېنى بىردەمنىڭ ئارىلىقىدا سەنۇۋەرخان پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ شەھىرىگە ئاپىرىپ، قىزنىڭ ھوجرىسىنىڭ ئالدىغا چۈشۈرىدۇ. ئىشىكتە >كىم سەنۇۋەرخان ھەققىدىكى ھىكايىنى ئاڭلىغان بولسا، مەن قوبۇل قىلىمەن< دىگەن خەت يېزىلغان. سەن >ھىكايىنى مەن ئېيتىپ بېرىمەن< دىسەڭ، قىز سېنى قوبۇل قىلىدۇ، كىرىپ قىزنى ئەمرىڭگە ئالىسەن. ئۇ سېنى بەزى ناتوغرا يوللارغا باشلايدۇ. شۇ چاغدا سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قارا مۈشۈكنىڭ بوينىدىكى قىرىق ئاچقۇچنى ئېلىپ قىرىق ئۆينى ئاچ. ھەر ئۆيدە بىردىن ئالما بار. شۇ ئالمىلارنى ئېلىپ مېنىڭ قېشىمغا كەل! - دەپتۇ.
مەھمۇت جادىگەرنىڭ دىگىنى بويىچە يولغا راۋان بولۇپتۇ ۋە سەنۇۋەرخان پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاپتۇ:
- مانا بۇ قەپەزدىكى مېنىڭ خوتۇنۇم، - دەپ ھىكايىسىنى باشلاپتۇ پادىشاھ، - بۇرۇن مېنىڭ ئىككى ئېتىم بار ئىدى. بىر كۈنى قارىسام بىرسى يوق. ئات باقاردىن سورىسام >ئايالىڭىز مىنىپ كەتتى، ئۇ ھەر كۈنى كېچىسى مىنىپ سىرتقا چىقىدۇ. نەگە بېرىشىنى بىلەلمىدىم< دەپ جاۋاب بەردى. بىر كېچىسى ئايالىم بىلەن بىرگە ياتتىم. بىردەمدىن كېيىن قارىسام ئۇ يوق، تالاغا چىقتم. ئۇ ئاتقا مىنىپ كېتىپ بارىدۇ. مەن ئات بىلەن ئارقىسىدىن قوغلىدىم. ئۇ بىر ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتتى. مەن مارىسام، ئۆڭكۈردە قىرق قاراقچى بار ئىكەن. ئايالىم ئۆڭكۈرگە كىرىشى بىلەن تەڭ قاراقچىلار ئۇنى >ھەي جالاپ، نىمىشقا بۇرۇنراق كەلمەيسەن؟< دەپ تىللاپ كەتتى. ئايالىم >ئېرىمنى ئۇخلىتىپ قويۇپ كەلدىم< دەپ قاراقچىلارنىڭ قۇلاقلىرىدىن تۇتۇپ ھەممىسىنى بىر قېتىمدىن سۆيۈپ چىقتى. شۇ يوسۇندا تۇرسام بىر قاراقچى ئۆڭكۈردىن چىقتى. ئۇنىڭ بېشىنى ئالدىم. ئۆڭكۈردىن بىر - بىرلەپ چىققان قاراقچىلارنىڭ بېشىنى بىر - بىرلەپ ئېلىپ، ئوتتۇز توققۇزنى ئۆلتۈردۈم. ئاخىرقى بىر قاراقچى مېنى تويۇپ قالدى. ئىككىمىز قاتتىق ئېلىشتۇق. شۇ چاغدا ئايالىم مېنىڭ ئايىقىمغا تېرىق چېچىۋەتتى. مەن يىقىلدىم. مەن بىلەن بىللە ئەگىشىپ ئۆڭكۈرگە كىرگەن ئېتىم ھېلىقى قاراقچىنى چىشلەپ يىقىتتى. ئۇنىڭمۇ بېشىنى ئالدىم. بۇنى كۆرۈپ ئايالىم قاچتى. قوغلاپ بېرىپ تۇتتۇم. ئۆلتۈرەي دىسەم ئىچىم ئاغرىپ قايتۇرۇپ كەلدىم. شۇندىن بېرى ئۇنىڭغا ئىتتىن ئاشقان تاماقلارنى بېرىپ، مۇشۇ قەپەزگە سولاپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ ھېكايەم شۇ.
پادىشاھ ھېكايىنى تۈگىتىپلا جاللاتنى چاقىرىپتۇ. مەھمۇت >ئۇچۇڭ گىلىمىم!< دەپ ئۇچۇپ، ھەش - پەش دىگۈچە، پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ شەھىرىگە بېرىپتۇ. مەھمۇت پادىشاھنىڭ ھىكايىسىنى ئېيتىپ بېرىپ، قىزىنى ئەمرىگە ئاپتۇ. قىز ئۇنى ناتوغرا ئىشقا باشلىغان ئىكەن. ئۇنىڭ جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ، قارا مۈشۈكنىڭ بوينىدىكى ئاچقۇچلارنى ئاپتۇ. ئۆيلەرنى ئېچىپ، ئالمىلارنى ئېلىپ، جادىگەرنىڭ قېشىغا يېتىپ كەپتۇ. جادىگەر ھېلىقى ئۇچار گىلەمنى مەھمۇتقا مەڭگۈلۈككە سوۋغا قىلىپتۇ. مەھمۇت ئۇچار گىلەم بىلەن ئۆز شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. قىرىق ئالمىنى يارغان ئىكەن، ئىچىدىن مەلىكىنىڭكىگە ئوخشاش قىرىق كۆينەك چىقىپتۇ. بۇنى پادىشاھنىڭ قىرىق ئايالى كىيىپ خوشال بولۇپ كېتىشىپتۇ. مەھمۇت بىلەن مەلىكە كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ تۇرۇپ كۆرۈشۈپتۇ. مەلىكە:
سىز كەتكەندىن كېيىن پادىشاھ ھەر كۈنى كەچتە ئىشىك ئالدىغا كېلىۋېلىپ مېنى ئۇخلاتمىدى. مەنمۇ ئۇخلىمىدىم، - دەپ يىغلاپتۇ. مەھمۇت ئۇنىڭغا:
- بىز ئەتە سەنۇۋەرخان پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ شەھىرىگە كېتەيلى! - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. مەلىكە ماقۇل بولۇپتۇ. ئەتىسى ئۇلار پادىشاھنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ:
- ئەي زالىم پادىشاھ، سەن مەن كەتكەندىن كېيىن نىمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟ تۇر تېرەڭنى تەتۈر سويىمەن! - دەپ پادىشاھقا ئېتىلىپتۇ مەھمۇت. بىراق پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرى كۆپ بولغاچقا پادىشاھنى ئۆلتۈرەلمەي قاپتۇ. ئاخىرى ئۇچار گىلەم بىلەن ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. مەھمۇت ھېلىقى شەھەرگە بېرىپ پادىشاھ بولۇپتۇ ۋە جادىگەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىشىپ تۇرۇپتۇ. مەھمۇت پادىشاھ بولۇپ، ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپتۇ. ۋەزىرلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئەسكەر توپلاپ مەلىكىگە يامان نىيەتتە بولغان ھېلىقى پادىشاھنىڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپتۇ ۋە پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ، خەلقىلەرنى ئازات قىلىپتۇ. بىر كۈنى مەھمۇت بازاردا كېتىپ بارسا، بېلى مۈكچەيگەن بىر ئادەم كېلىۋاتقۇدەك. ئۇ ئادەم ئاتىسىغا بەكمۇ ئوخشاپ كېتىپتۇ. گەپ سوراپ باقسا، بۇ كىشى ئۇنىڭ ئاتىسى بولۇپ چىقىپتۇ. ئۇلار يىغا - زارە قىلىشىپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى ئوردىغا بىر ئادەم بىر ساندۇقنى كۆتىرىپ كىرىپتۇ. ئۇ كىشى:
- پادىشاھى ئالەم، مەندە شۇنداق بىر ئامانەت بار ئىدى. ئۇزۇن يىل بولدى. ساقلاپ كەلدىم. بۇنى ئەمدى سىلىگە ئۆتكۈزۈپ بېرەي، - دەپ ساندۇقنى بېرىپتۇ. پادىشاھ ساندۇقنى ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا قويۇپ قويۇپتۇ. كېچىسى ئاتا - بالا ئىككىسى باشلىرىدىن ئۆتكەنلىرىنى سۆزلىشىپ ئولتۇرسا ساندۇقتىن >بالام، مەن بۇ يەردە< دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ساندۇقنى ئېچىپ قارىسا، ئانىسى تۇرغۇدەك. ئۇلار يىغلاپ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. كۆزلىرىدىن خوشاللىق ياشلىرى ئېقىپتۇ. ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلىشىپتۇ.
ئاندىن ئۇلار ئەسكەر توپلاپ قەلەندەر پادىشاھ بولۇۋالغان شەھەرگە باستۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇلار ھەر قايسىسى ئۆز شەھىرىنى ئادىل سوراپ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ياقا گۇڭشې ياقا دادۈيدىن: قۇربان ئابلا.