UyghurWiki
UyghurWikiچوچاققىممەتلىك سوغا

قىممەتلىك سوغا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا ئاق كۆڭۈل بىر سودىگەر ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ئۆز ئېلىدىن قىممەتلىك يىپەك ماللارنى ئېلىپ بېرىپ باشقا مەملىكەتلەردە ساتىدىكەن. قايتاشىدا ئۆز ئېلىدە پۇل بولىدىغان ماللارنى ئېلىپ قايتىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ سودىگەر بىر قانچە ياش سودىگەرلەر بىلەن يىراق بىر ئەلگە سودىگەرچىلىككە بېرىپتۇ. چوڭ بىر شەھەردە سودا - سېتىق قىلىۋېتىپ ئۆز يۇتلۇق بىر مۇساپىر يىگىت بىلەن كۆرۈشۈپ قاپتۇ. مۇساپىر يىگىتىنىڭ بىر قېرى، تۇل ئانىسىنى ياد ئېتىپ كۆز يېشى قىپتۇ. ئۇنىڭدا بارى - يوقى كىچىككىنە بىر ئورۇق ئاسلان بار ئىكەن. سودىگەرلەر قايتىدىغان چاغدا ئۇ سوغا سۈپىتىدە ھېلىقى ئاسلاننى ئانىسىغا ئالغاچ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. سودىگەر ماقۇل بوپتۇ. ئورۇق ئاسلان يول ئۈستىدە تولا مياڭلاپ خاپا قىپتۇ ياش سودىگەرلەر بۇنىڭدىن زېرىكىپ، ئاسلاننى تاشلاپ كەتمەكچى بوپتۇ. لېكىن ھېلىقى ئاق كۆڭۈل سودىگەر: «كىشىنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس، نىمىلا بولمىسۇن ئامانەتنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرمىساق بولمايدۇ. بۇ قىممەتلىك سوغا» دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ سودىگەرلەر سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. كەچ كىرگەندە بىر شەھەرگە چۈشۈپتۇ. بۇ شەھەر مەلۇم بىر مەملكەتنىڭ پايتەختى ئىكەن. بۇ مەملىكەتتە چاشقان ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاشلىقلارنى ۋە مال - مۈلۈكلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ خەلققە ئارام بەرمەيدىكەن. خەلق چاشقانلارنىڭ دەستىدىن دائىم ۋەسۋەسە ئىچىدە ياشايدىكەن. ئەمما چېچكىم چاشقانلارنىڭ يوقىتىشنىڭ چارىسىنى تاپالمىغان ئىكەن. سودىگەرلەر بۇ شەھەرگە چۈشكەن كېچىسى چاشقانلا جىمىقىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى بۇ ئىش پادىشاھنىڭ قولىقىغا يېتىپتۇ. پادىشاھ دەرھال پەرمان چۈشۈرۈپ، بۇ ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. سۈرۈشتۈرۈشتىن كېيىن، بۇ شەھەرگە چۈشكەن سودىگەرلەرنىڭ كىچىككىنە. تۈكلۈك، شاپ بۇرۇت، پال كۆز مەخلۇقىنىڭ كېچىدە چاشقانلارنىڭ ئەدىۋىنى راسا بەرگەنلىكى مەلۇم بولۇپتۇ. پادىشاھ ناھايىتى خۇشال بولۇپ: - بۇ خاسىيەتلىك مەخلۇقنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتسىڭىز، بىز سىزگە خالىغىنىڭىزنى بەرسەك، - دەپ سودىگەردىن تەلەپ قىپتۇ. سودىگەر ماقۇل بولۇپ ئاتىغاننى ئالىدىغىنىنى بىلدۈرۈپتۇ. پادىشاھ ئاسلاننىڭ بەدىلىگە قىرىق خېچىرلىق ئالتۇن، مال - دۇنيا بېرىپ، سودىگەرلەرنى چىرايلىق يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. سودىگەر بۇ قىرىق خېچىر مال - دۇنيانى تۇل مۇماينىڭ قولىغا يەتكۈزۈپتۇ. موماي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باياشات ياشاپتۇ. ياش سودىگەرلەر «قىممەتلىك سوغا» نىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، ئەقىلىق سودىگەرگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: چاۋار يۈسۈپ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
قىممەتلىك سوغا | UyghurWiki | UyghurWiki