گومۇش شاھزادە
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر چوڭ پادىشاھ بولغانىكەن. ئۇنىڭ دۇنيادا بىرلا بالسى بارىكەن. ئونىغا يۇنىغاندەك، بۇ بالا گومۇش بولۇپ چوڭ بوپتۇ. پادىشاھ ئوغلىنى ئۆيلىمەكچى بوپتۇ، بىراق بالىسىنىڭ گومۇشلۇقىدىن ئەنسىرەپ بىر كۈنى ئۆزىنىڭ زەرەك ۋەزىرىنى قېشىغا چاقىرىپ:
_ بالامىنى ئۆيلىمەكچى بولۇۋاتىمەن. ساڭا مەلۇم، بۇ گومۇشراق بولۇپ قالدى، ئۆيلىگەندىن كېيىن گومۇشلۇق قىلىپ چاندۇرۇپ يۈرمىسۇن. ھازىرچە قۇدىلار بالامنىڭ گومۇشلۇقىنى بىلمەيدۇ، ئۆيلەنگەندىن كېيىن سەن ئۇنىڭ بىلەن قېيىن ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بىللە بېرىپ - كېلىپ يۈرسەڭ ياخشى بولاتتى، - دەپتۇ. ۋەزىر ماقۇل بوپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ بالىسىنى ئۆيلەپتۇ. ۋەزىر گومۇش شاھزادىنى قېيناتىنىڭ ئۆيىگە جۈمەلىتىپ ئاپىرىپتۇ. پادىشاھنىڭ قۇدىلىرى كۈيئوغلى بىلەن ۋەزىرنىڭ كەلگەنلىكىگە خۇشال بولۇپ قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قاپتۇ.
كۈيئوغلى بىلەن ۋەزىر سېرىق سىرلاقلىق دۈگىلەك جوزىنىڭ ئەتراپىدا قېلىن سېلىنغان كۆرپىلەردە ئولتۇرۇپتۇ.
جوزىنىڭ ئۆرۈك ياغىچىدا ياسالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ۋەزىر ئۇنىڭ ئۆرۈك ياغىچىدا ياسالغانلىقىنى بىلىپ شاھزادىگە:
_ ۋاي شاھزادەم، قېيىن ئانىلىرى كىرگەندە جوزىنىڭ كىرۋىكىگە مۇشىتلىرى بىلەن ئۇرۇپ - ئۇرۇپ قويۇپ: «ماۋۇ جوزا ئۈرۈك ياغىچىدىن ياسالغانىكەن » دەپ قويسىلا، - دەپتۇ
قېيىن ئانىسى چاي كۆتۈرۈپ كىرگەندە، ۋەزىر شاھزادىنىڭ بېقىنىغا نۇقۇپ قويۇپتۇ. شاھزادە جوزىنىڭ گىرۋىكىگە مۇشتى بىلەن ئۇرۇپ - ئۇرۇپ قويۇپ:
_ مۇنۇ جوزا ئۆرۈكتىن ياسالغانىكەن، - دەپتۇ.
قېيىن ئانىسى خۇشال بولۇپ كېتىپ«ۋاي مېنىڭ شاھزادەم، كۈيئوغلۇم ئەقىللىق، زېرەك ئىكەن، بۇنىڭ ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى» دەپ ئاشخانىغا چىقىپ خۇشاللىقىدا ۋارقىراپ كېتىپتۇ.
ئىككىنىچى قېتىم جۈمەلەشكە شاھزادە ئۆزى يالغۇز جۈمەلەپ كەپتۇ. قېيىن ئانىسى خۇشال بولۇپ، جوزا راسلاپ، داستىخان سالىغىلى ئېڭىشىپتۇ. شاھزادە: «ماۋۇ ئۆرۈكتىن ياسىلىپتۇ دېسەم قېيىن ئانام خۇشال بولىدىكەن» دەپ قېيىن ئانىسى ئېڭىشكەن چاغدا ئۇنىڭ كاسىسىغا پاق - پاق ئۇرۇپ:
_ مۇنۇ ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىپتۇ، - دەپتۇ.
قېيىن ئانىسى نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولۇپ:
ۋېييەي ئۆلدۈم. . . مۇنۇ ئۆلگۈرنى زېرەككەن دېسەم، قىپقىزىل ساراڭكەنغۇ، - دەپ ۋارقىراپ كوچىغا چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ ئىشنى ئۇققان خەلقلەر بۇ خوتۇنغا:
_ بۈركۈتتىن سامۇ تۇغۇلىدۇ. سەن پادىشاھنىڭ بالىسى زېرەك بولىدۇ دەپ قىزىڭنى بەرگەندىن كېيىن خوي ئوبدان بوپتۇ، - دەپتۇ.