UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقدانىشمەن ئانا

دانىشمەن ئانا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئاتنىڭ ساغرىسىدا تورغاي ئۇۋىلايدىغان زاماندا، بىر ياش زەرگەر ئۆتكەن ئىكەن، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساشتا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ھۈنەرۋەن يوق ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئۇزاقتىن بېرى تاللاپ، ساندۇقىدا ساقلاپ كەلگەن لەئىل - ياقۇتلاردىن كۆز قويۇپ، بىر جۈپ گۇلاپكا ئىشلەپ، دۇكىنىنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويۇپ ئولتۇرغاندا، بىر مۇنچە مەپە كېلىپ، دۇكاننىڭ ئۇدۇلىدا توختاپتۇ. ئوتتۇرىدىكى مەپىدە پادىشاھنىڭ قىزى - مەلىكە گۈل جەمىلە بار ئىكەن. مەلىكە يوپۇقنى قايرىپ، بېشىنى مەپىدىن چىقىرىپ، گۇلاپكىغا قارىغاندا، كۆزى زەگەر يىگىتكە چۈشۈپ قاپتۇ. يىگىت - يىگىتلەرنىڭ كۆزى، ئىزلەپ يۈرگەننىڭ دەل ئۆزى چىقىپتۇ. مەلىكە ئاتىسىدىن بىسوراق ئەركەك چىۋىن بىلەنمۇ ئۇچرىشالمايدىكەن. ئىلاجىسىز يىگىتكە قاراپ، لىپپىدە بىر كۆز تاشلاپ، مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپتۇ - دە، مەپىسىنى چاپتۇرۇپ كېتىپ قاپتۇ. مەلىكىمۇ ئاي دېسە ئايدىن ئارتۇق، كۈن دېسەن كۈندىنمۇ نۇرلۇق، بىر يۇتۇم سۇ بىلەن يۇتۇۋەتكۈدەك ئازادە قىز ئىكەن. ئۇنىڭ قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۇچقان بىر پارچە ئوت يىگىتنىڭ يۈرىكىدە ئىشىق ئوتى ياندۇرۇپتۇ. يىگىت بولالماي دۇكاننى تاقاپ قايتىپتۇ. ئانا ئۆيگە كىرىپ قارىسا، ئوغلى مەيدىسىنى نەم يەرگە يېقىپ، گۇلاپكىسىغا بېقىپ، ئىلاندەك تولغىنىپ ياتقىدەك. ئانا ئەنسىرەپ: - جېنىم بالام، بىر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ياق... مەپە... قىز... - دەپ ئىڭراپتۇ يىگىت. - ۋاي، تۈزۈكرەك سۆزلىگىنە بالام، نېمە دەۋاتىسەن زادى؟ - دەپتۇ ئانا يېقىنراق كېلىپ. ئوغۇل بېشىنى كۆتۈرۈپ، بولغان ۋەقەنى بايان قىلىپ بېرىپتۇ. ئانا پېشانىسىنى تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ بىر ھازا ئويلىنىپتۇ - دە، ئاندىن: - بالام، گېپىڭگە سەڭگەسەم، شاھىمىزنىڭ قىزى مەلىكەگۈلجەمىلىگە كۆپۈي قاپسەن. بۇ - ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلىغاندەك، بىر ئىش بولۇپتۇ. مەيدەڭگە مۇز، دۈمبەڭگە تۇز يېقىپ يۈرۈۋەرمەي، نىيىتىڭدىن يانغىن، - دەپتۇ. يىگىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ھوشىدىن كېتىپ، ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا يىقىلىپتۇ. ئانا ئوغلىنىڭ بېشىنى يۆلەپ، ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپتۇ. ئاغزىغا ئابى كەۋسەر تېمىتىپ ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ. - ئوبدان بالام، كۆزۈڭنى ئاچقىن، ئىلاجىسىنى مەن قىلاي، مۇرادىڭغا يەتكىن، - دەپتۇ ئانا، - مەلىكە ھەر ھەپتىنىڭ جۈپ كۈنلىرى ئويناپ - كۈلگىلى چار بېغىغا كىرىدۇ. كېچىسى باغنى ئارىلايدۇ. شۇ چاغدا، سەنمۇ بېرىپ ماراپ تۇرغىن. مەلىكىنىڭ ساڭا راستىنلا مەيلى بولسا، سېنى كۆرگەندىن كېيىن بەلگە بېرىدۇ. ئېسىڭدە ساقلاپ ماڭا كېلىپ دېگىن. زەگەر يىگىت جۈپ كۈننى كۈتۈپ، چارىباغنىڭ ئارقىسىدا يېتىپتۇ. بىر پەيشەنبە كۈنلىكى ئىكەن، مەلىكە باغقا كىرىپ، كىنىزەكلىرى بىلەن سۇ چېچىشىپ ئويناپتۇ. كۆلچەك بويىدىكى شىپاڭغا چىقىپ ئالدىنى زەرگەر يىگىتنىڭ دۇكىنى تەرەپكە قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن يىگىت شۇ ياقتىن تامغا يامىشىپ، بېشىنى كۆرسىتىپتۇ. مەلىكە ئۇنى كۆرۈپ ئورنىدىن قوپۇپتۇ، يانچۇقىدىن ئەينەكنى ئېلىپ، ئاۋال ئەينەكنىڭ ئالدىنى، كېيىن ئارقىسىنى كۆرسىتىپتۇ؛ بېشىدىكى تارغاقنىڭ چىشلىرىنى سۇندۇرۇپ كۆلچەككە تاشلاپتۇ - دە، شىپاڭدىن چۈشۈپ گۈللۈك ئارىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. يىگىت مەلىكىنىڭ بىرەر ئېغىز لەۋزىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ ئىنتىزار ئىكەن. تامغا مىنىپ، باغقا تەلمۈرۈپ كۈننى كەچ قىلىپتۇ. مەلىكە قايتا كۆرۈنمەپتۇ. يىگىت سەرسان كۆڭلىنى باغدا قويۇپ، ئۆزى قايتىپتۇ. ئانا مەلىكىنىڭ بىشارىتىنى ئوغلىدىن ئاڭلاپ خۇش بولۇپتۇ. - جان بالام، گېپىمگە قۇلاق سال! - دەپتۇ ئانا، - ئىشىڭ ئوڭغا تارتىپتۇ: مەلىكىنىڭ ئەينەكنىڭ ئالدى - ئارقىسىنى كۆرسەتكەنلىكى - كۈندۈزدە كەلمەي، كېچىدە كەل دېگىنى؛ تارغىقىنىڭ چىشلىرىنى سۇندۇرۇپ كۆلچەككە تاشلىغىنى - باغنىڭ كۆلچەككە شۇ كىرىدىغان سۈنگۈچىنىڭ ۋادەكلىرىنى سۇندۇرۇپ، شۇ يەر بىلەن كىر دېگىنى؛ گۈللۈككە كىرىپ كەتكىنى - ئاشۇ گۈللۈكتە ئۇچرىشىمىز دېگىنى. ئوبدان بالام، بۈگۈن كېچە، ئەتە كۈندۈزى قانغىچە ئۇخلىۋېلىپ، كەچتە بارغىن. يىگىت شىرىن خىياللارغا چۆمۈپ، سول كۆكسىنى مۇجۇقلاپ، پىغان ئىچىدە چولپان يۇلتۇزغا قاراپ ئۆگزىدە يېتىپتۇ. تاڭنى كۈتۈپتۇ. تاڭمۇ ئېتىپتۇ، كەچمۇ بولۇپتۇ. يىگىت پىچقىنى ئۆتۈكىنىڭ قونجىغا تىقىپ، ئاي قاراڭغۇسىدا يولغا چىقىپ، كۆزلىگەن يېرىگە يېتىپ بېرىپتۇ. سۈنگۈچنىڭ ۋادەكلىرىنى كېسىپ تاشلاپ باغقا كىرىپتۇ. گۈللۈكتە مەلىكە يوق ئىكەن. يىگىت بىر دوقمۇشنى تاللاپ، مەلىكىنى ماراپ ئولتۇرۇپتۇ. ئولتۇرا - ئولتۇرا گۈل پۇرىقىدا مەس بولۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. مەلىكىنى سۆيگەن يىگىت زېرىكمەي - تېرىكمەي كۈتۈشى، كىرپىك قاقماي تۈننى تاڭغا ئۇلىشى شەرت ئىكەن. شۇنداق قىلالىغانلار سىناقتىن ئۆتكەن بولىدىكەن. ئىلگىرى كۈر مىڭ يىگىتلەر شەرتنى بىجا كەلتۈرەلمەي داغدا قاپتىكەن. مەلىكە زەرگە يىگىتنىڭ ئۇخلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ، تىبودا بىزار بولۇپتۇ، كېيىن ئۇنىڭ ھۆسنى - جامالىغا قاراپ، ئۆز يۈرىكىنى سىيلاپ بېقىپتۇ. >مەرتەم، مەرتەم ئۈچ مەرتەم دەپتىكەن، خەير، بوپتۇ، يەنە بىر مەرتىۋە سىناپ باقاي< دېگەن يەرگە كېلىپ، يىگىتنىڭ قېشىدا بىردەم تۇرۇپتۇ - دە، كېتىپ قاپتۇ. خوراز چىللاپتۇ، تاڭ يورۇپ قالسا، يىگىتكە خۇۋلۇق بولمايدىكەن، مەلىكىگىمۇ باغقا كىرىش بەسى مۈشكۈل ئىكەن. يىگىت لىۋىنى چىشلەپ، ئېڭىكىنى ئۇۋىلاپ، چارىباغدىن ئايرىلىپتۇ. زار قاقشاپتۇ. ئانا ئوغلىنىڭ پەرىشان ھالىغا ئېچىنىپ سوراپتۇ: - بالام، بىرەر شەپە بولمىدىمۇ؟ - ياق، ئانا. - يانچۇقۇڭ دومباق تۇرىدۇ بالام، قاراپ باققىنا... يىگىت يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ بىر تال چالا كۆيگەن كۆمۈر ئاپتۇ ۋە ھەيران بولۇپ: - ئانا، بۇ نېمە ئىش؟ - دەپ سوراپتۇ. ئانا كۈلۈپ كېتىپ دەپتۇ: - بىلسەڭ ئوغلۇم، ئۇخلاپ يېتىپ، مەلىكىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالماپسەن. ئۇنىڭ كۆمۈرنى يانچۇقىڭغا سېلىپ قويغانلىقى - سەن ماڭا چالا - پۇلا كۆيگەنمىدىڭ، ئوتۇڭ ھېلىتىن ئۆچۈپتۇ، دېگەنلىكى. خەيرىيەت بەختىڭ بار ئىكەن. يول قويۇپتۇ. ئەتە كېچە لايغەزەللىك قىلماي، كۆزلرىڭنى يۇمماي ئولتۇرغىن. قوپ، ئوبدان ئۇخلىۋال بالام. يىگىت >ماقۇل< دەپ بېشىنى چۈمكەپ يېتىپتۇ. ياتقاندىمۇ كۆزىنى تېڭىپ، كۆمۈرنى قوينىغا سېلىپ، كۆڭلى باغدا، تېنى كاڭدا يېتىپتۇ. كۈن پېتىپ، خەلقى ئالەم جىمىپتۇ. يىگىت يولغا چىقىپتۇ. ئانا ئاق يول تىلەپ دۇئا قىلىپتۇ. >ئۇخلاپ قالمىغىن< دەپ جېكىلەپتۇ. يىگىت يول بويى >ئۇخلىمايمەن، ئۇخلىمايمەن! ئۇخلاپ قالىدىغان بولسام...< دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. گۈل تۈۋىدە ئولتۇرۇپ مەلىكىنى كۈتۈپتۇ. بىردەم كۈتۈپ، گۈل پۇرىقىدا مەست بولۇپ ئۇخلاپ يېتىپتۇ. مەلىكە قاش - كىرپىكلىرىنى ياساپ، ياش كۆڭلىنى زەرگەر يىگىتكە ئاتاپ، گۈل تۈۋىگە كېلىپ قارىسا، يىگىت خورەك تارتىپ ياتقىدەك. مەلىكە ئاچچىقىغا پايلىماي، ئالدى - ئارقىسىغا قارىماي، يىگىتنىڭ ئالقىنىغا بىر دانە ياڭاق تاشلاپ قويۇپ، كەلگەن يولىغا قايتىپتۇ. خوراز چىللاپتۇ. يىگىت كۆزىنى ئېچىپ، يورۇقتىن قېچىپ، يىغلىغان پېتى ئۇتتۇر ئۆيىگە كەپتۇ. ئانا ياڭاقنى قولىغا ئېلىپ خاپا بولۇپتۇ: - ئۇيقۇ سۈيىدىغۇ يۇغۇرماپتىم بالام، يەنە ئۇخلاپ قاپسەن، مەلىكە: پادا باقادا دوست بوپتۇق، ياڭاق چاقادا ئايرىلدۇق، دەپتۇ. پىشانەڭدىن كۆر، ئەمدى بولدى قىل. يىگىت پۇشايماننى ئالغىلى قاچا، ئۆزىنى يۆلىگىلى ئاچا تاپالماي، يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئانا ئوغلىنىڭ نالىسىغا چىدىماي دەپتۇ: - بوپتۇ، يەنە بىر قېتىم بارغىن. بۇدا مۇنداق قىلارسەن؛ ئۇيقۇڭ قىستىغاندا، بىر بارمىقىڭنى كېسىۋا، بولالمىغاندا كېسىلگەن قولۇڭنى تۇزغا چىلا، ئۇيقۇڭ قاچىدۇ. ئېيتقانلىرىمنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت، بولمىسا ئامالىم يوق. يىگىت ئانىسىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرۈپتۇ. مەلىكە ئاشىقىنى ئويغاق ھالدا ئۇچرىتىپ، باغرىغا ئاپتۇ. ئىككى ياش يۈرەك مۇڭلىرىنى تۆكۈپ، كۆڭلىگە شىرىن خىياللارنى پۈكۈپ، مۇڭدىشا - مۇڭدىشا ئۇخلاپ قېلىشىپتۇ. خوراز چىللاپتۇ. گۈللۈككە قارايدىغان گۈلچى قېرى ئۇلارنىڭ گىرە سېلىشىپ يېتىشقانلىقىنى كۆرۈپ پادىشاھقا مەلۇم قىلىپتۇ. - دات پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ ئۇ تىزلىنىپ، - مەلىكەم نامەھرەمگە قاراپتۇ، يىگىتنىڭ مەڭزىگە مەڭزىنى يېقىپ تىنىقىنى پۇراپتۇ. - جاللات! - دەپ ۋارقىراپتۇ پادىشاھ غەزەپكە كېلىپ. - خوش تەقسىر، - دەپ تىك تۇرۇپتۇ ئىككى جاللات. - گۈللۈكتە يېتىپتۇ ئىككى نائەھلى، بىرى ئەر، بىرى جەمىلە. تاشلاڭلار بەد بەخلەرنى زىندانغا، قانسۇن بىرىلگۈچە ئارزۇ - ئارمانغا، - دەپتۇ پادىشاھ. جاللاتلار مەلىكە بىلەن يىگىتنى دارقىرتىپ سۆرىگەن پېتى زىندانغا ئەكىرىپ، ئايرىم - ئايرىم خانىغا سولاپتۇ. كۈنلەردىن ئايلار، ئايلاردىن يىللار توشۇپتۇ. مەلىكە بىلەن يىگىت ئوتتۇرىدىكى تامنى تېشىپ بىر تۆشۈك ئېچىپ، بىر - بىرىنىڭ دىدارىنى كۆرۈشۈپ تۇرۇپتۇ. بىر كۈنى مەلىكە ئارا تامدىكى تۆشۈككە بېشىنى تىقىپ، يىگىتتىن ئۆزىنىڭ ئىشارەت - بىشارەتلىرىنىڭ مەنىسىگە قانداق يەتكەنلىكىنى سورىغان ئىكەن، يىگىت ئانىسى ئارقىلىق يەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. مەلىكە خۇش بولۇپ: - ئانىڭىز دانىشمەن ئىكەن. ئۇ بىزنى زىنداندىن قۇتقۇزۇپ چىقالايدۇ، - دەپتۇ ۋە ئىككى دانە ئاق قاش تېشىنى ئىككى پارچە قارا لاتىغا ئوراپ، گۇندىپاي ئارقىلىق يىگىتنىڭ ئانىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىپتۇ. دانىشمەن ئانا تاش بىلەن قارا لاتىنى كۆرۈپ ئەھۋالنى چۈشىنىپتۇ ئىككى لىگەن پولۇ ئېتىپ، بىرى بىلەن گۇندىپاينىڭ ئاغزىنى ياغلاپتۇ، بىرىنى زىندانغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى ياشقا زورلاپ يىگۈزۈپتۇ. ئاندىن مەسلىھەت بېرىپ: - ئوغلۇم، ئايالچە ياسىنىپ چىقىپ كەتكىن، مەلىكىنىڭ ئىشىنى ئۆزۈم توغرىلايمەن - دەپتۇ. - يىگىت خۇش بولۇپ ئانىنىڭ قولىغا سۆيۈپتۇ ۋە ئانىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، داستىخاننى قولتۇقىغا قىسىپ، خېنىملاردەك يورغىلاپ، گۇندىپاي ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاردىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ. دانىشمەن ئانا مەلىكىگە گۈلچى قېرى ئۈستىدىن ئەرز قىلدۇرۇپتۇ. ئەرزنى كۆرۈپ ھەيران قالغان شاھ زىندانغا كىشى ئەۋەتىپ تەكشۈرتۈپتىكەن، مەلىكىنىڭ يارىمۇ ئايال چىقىپتۇ. پادىشاھ ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپتۇ ۋە جاللاتلارغا گۈلچى قېرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، شەھەر دەرۋازىسىغا مىخلاشنى، مەلىكە بىلەن يىگىتنىڭ ئانىسىنى ئازاد قىلىشنى بۇيرۇپتۇ. پادىشاھ ئەمرى ھايالسىز بەجا كەلتۈرۈلۈپتۇ. پادىشاھ بۇ ئىشتىن ھەيران ئىكەن، سىر ئۇقالماي سەرسان ئىكەن. ئاخىرى بىر كۈنى مەلىكىدىن سوراپتۇ: - قىزىم، سەن بىلەن ياتقان ئايال كىشى كىم بولىدۇ؟ مەلىكە كۈلۈپ تۇرۇپ: - ئۆزىدىن سوراڭ، جېنىم دادا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ قىزى ئارقىلىق يىگىتنىڭ ئانىسىنى قەسىرىگە چاقىرتىپتۇ. دانىشمەن ئانا: - پەقىرنى سورىسىلا پادىشاھى ئالەم خۇدانىڭ ئەلچىسى بولىمەن. بالاغەتكە يەتكەن قىز - يىگىتنىڭ ھالىغا يېتىمەن. ئۆز قىزى، ئۆز ئوغلىنىڭ بەختىگە ئولتۇرغان ھەزرەتلىرىدەك ئاتا - ئانىلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ، ئەزرائىلغا ساتىمەن، - دەپتىكەن، پادىشاھ قورقۇپ تىترەپ كېتىپتۇ. ئايالنىڭ ئالدىغا تاشلىنىپ يالۋۇرۇپتۇ: - ھەي خۇدانىڭ ئەلچىسى، بېشىمنى ئۆزۈڭ ئوڭشىغايسەن. - بۇنىڭ چارىسى ئاسان، شەھىرىڭىزدە مەلىكەگۈل جەمىلە بىلەن كىچىكىدىن ئاشىق - مەشۇق بولۇشقان قاۋۇل بىر زەرگەر يىگىت بار. ئىككىسىنىڭ بېشىنى قېتىپ قويسىلا جانابلىرى ئامان قالىدۇ. شاھ دانىشمەن ئانىغا رەھمەت ئېيتىپ توققۇز تازىم قىلىپتۇ. غەزنىسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتۇرۇپ، ئالدىدا بىر لىگەن تىللا قويۇپتۇ. زەرگەر يىگىتنى چاقىرتىپ كېلىپ، قىرىق كېچە - كۈندۈز ئويۇن - تاماشا ئۆتكۈزۈپ، مەلىكىنى نىكاھلاپ بېرىپتۇ. زەرگەر يىگىت بىلەن مەلىكەگۈل جەمىلە مۇرات - مەقسىگە يېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق