UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقتادان بىلەن گول

تادان بىلەن گول

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى زامانى ئاۋۋالىدا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، شىكارنى ياخشى كۆرىدىكەن. شاھزادە بىر كۈنى 40 قاۋۇل مۇلازىم ۋە كېنىزەكنىڭ ھەمرالىقىدا شىكارغا چىقىپتۇ. ئۇلار قەيەردە قارىغايلىق تاغ، مېۋىلىك باغ يۇلۇقسا، شۇ يەرگە چۈشۈپ، سەيلە قىپتۇ، ئوۋ ئوۋلاپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھزادە ئوۋ مىلتىقىنى ئېلىپ، باش مۇلازىمنى ئارقىسىغا سېلىپ، بىر قارىغايزارلىقنى ئارىلىپ كېتىۋاتسا يىراقتىن بىر توشقان كۆرۈنۈپتۇ. شاھزادە مىلتىقىنى بەتلەپ، توشقاننى چەنلەپ ئېتىپتىكەن، ئوق توشقاننىڭ سۆڭگىچىنى سىپاپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. كۆڭلى يېرىم بولغان شاھزادە بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ شۇ تەرەپكە بېرىپ قارىسا، ئاتىقى توشقان ئەمەس، زىلچىدەك رەڭدار بىر پۇچقاق مۈشۈك ئىكەن. مۈشۈك دىڭگوسلاپ شاھزادىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتپتۇ، پۇتىغا ئۆزىنى سۈركەپ مىياڭلاپتۇ. شاھزادە پۇشايمان قىلىپ، مۈشۈكنىڭ يانپىشىنى سىلاپتۇ، ئوق ئىزى ئەسلىگە كەلمەپتۇ. _ ئەي مۇلازىم، - دەپتۇ شاھزادە، - يېقىن ئەتراپتا ئۆي باردەك قىلىدۇ، مۈشۈككە ئۇۋال، مۈشۈك باققۇچىنى تېپىپ، بۇسۇغىسىدا يېتىپ ، ئەپۇ سورايلى. _ خوپ تەقسىر! دەپتۇ باش مۇلازىم، توققۇز تازىم قىلىپ، ئىككەيلەن قونالغۇغا قايتىپ، يەنە بىر مۇلازىمنى ئېلىپ، ئۈچەيلەن دېھقانچە ياسىنىپ، ئۈچ كۈنلۈك - ئۇزۇق تۈلۈك ئېلىپ، مۈشۈككە ئەگىشىپ دەشتىگە قاراپ قەدەم بېسىپتۇ. قۇم - بارخانلىرىدىن ئېشىپتۇ. مۈشۈك تاملىرى تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان، ۋەيرانە بىرئۆينىڭ ئالدىدا توختاپتۇ. شاھزادە سەپسېلىپ قارىسىغىدەك بولسا، ئۆينىڭ ئىشىكى ھەم باردەك، ھەم يوقتەك، شاھزادە ھەيران بولۇپ، مۇلازىملىرىغا: _ چۈشەك سېلىڭلار، كۈتۈپ تۇرساق ئۆي ئىگىسى چىقىپ قالار، - دەۋاتسا، مۈشۈك بىر شوخلىق چىتنىڭ ئارىسىدىن ھويلىغا كىرىپ كېتىپتۇ. ھويلىنى بىر ئايلىنىپ مىياڭلاپتۇ. شاھزادە «ئىشىك مۇشۇ بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپ، چىتنى قايرىپ ھويلىغا كىرسە، ئۆي ئىچىدە ئىككى خوتۇن كىشى سۆز تالىشىۋاتقۇدەك.ئۇلار پاتىمە - زۆھرە ئىسىملىك قوشكېزەك ئاچا - سىڭىل ئىكەن. _ ئەگەر ئەرگە تەگسەم، - دەپتۇ پاتىمە جاۋۇلداپ، - ناۋايغا تېگىمەن. شۇ چاغدا سېنىمۇ ئېلىپ كىتىپ، كوزۇڭنى نانغا تويغۇزۇپ قويمىسام ھېساب ئەمەس. _ بەرىكەت تاپقىن ماڭىمۇ خۇدايىم بېرەر، - زۆھرە ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ. _ مەن تېخى ناۋايغا تەگدىم - يۇ، سەن پىتلىق ئارقامدىن بارمىدىڭ! خەپ توختا، باي ناۋايدىن بىرنى تېپىپ، پەشخوننى كەڭرى ئېچىپ، كۆزۈڭدىن ئوت چىقىرىۋەتمىسەم، - دەپتۇ پاتىمە كايىپ. _ سەنمۇ قاراپ تۇر، - دەپتۇ زۆھرە ئاچچىقىغا پايلىماي، - مەنمۇ پادىشاھنىڭ شاھزادىسىگە تېگىپ، كۆز - كۆز قىلمىسام. پاتىمە زاڭلىق قىلىپ، تىزىغا كاچاتلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ ۋە: _ ھەي نەپسى بالا يىتمەك، تۇرقۇڭ خۇددى يىلىم چۆچەك، گەر سالساڭ بازارغا ئۆزەڭنى، بېرەرمۇ بىراۋ ھەققىڭ ئۈچۈن نىمشەك كېپەك؟ ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت جۇمۇ ؟! - دەپتۇ. زۆھرەئەلەمدىن بوغۇلۇپ كۆز يېشى تۆكۈپتۇ. پاتىمە ئەزىۋەيلىگىلى تۇرۇپ. شۇ ئەسنادا شاھزادە مۇلازىملىرىنى باشلاپ ئۆيگە كىرىپ كەپتۇ. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم - دەپ تازىم قىپتۇ شاھزادە بېشىنى ئېگىپ ۋە ئەھۋالنى بايان قىلىپ ئەپۇ سوراپتۇ. پاتىمە مۈشۈكنى كۆرۈپ ئاللا - چوقان كۆتىرىپتۇ. زۆھرە شاھزادىلەرنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىۋېتىپ: _ ئاچا، ئاتا - ئانىمىزدىن ئايرىلىپ، قانات - قويرۇقىمىز قايرىلىپ، ئۆيىمىزگە كەلگەن مېھمان ئاران مۇشۇ. بۇلارمۇ مۇساپىردەك قىلىدۇ. بىر مۈشۈك ئۈچۈن مۇنچە كايىپ، نامىمىزنى بولغىمايلى، - دەپتۇ. پاتىمە جىمىپتۇ. مۈشۈك ئۇنىڭ قولىنى تاتىلاپ بوشىنىپ، زۆھرەنىڭ ئاياغلىرىغا ئۆزىنى سۈركەپتۇ. ئاندىن شاھزادىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتپتۇ. شاھزادە زۆھرە بىلەن مۈشۈككە ئىچى ئاغرىپتۇ، پاتىمەگە شەپقەت قىلغۇسى كەپتۇ - دە: _ ھالىڭلار خاراپ، باغرىڭلار كاۋاپ ئىكەن، ئىككىڭلارنىڭ ھەۋىسى ھەم بۆلەكچە ئىكەن. بىز بىلەن بىرگە كەتسەڭلار قانداق؟- دەپتۇ. پاتىمە بوينىنى تولغاپ ۋە : _ بىللە كېتىمىشمىز تېخى! مال تۈرى بىلەن، ئادەم خىلى بىلەن. سىلەر بىزنىڭ، بىز سىلەرنىڭ خىلىڭلار ئەمەس. مەرھەممەت يول بولسۇن، كېتىشىۋالاملا كايىماي؟! - دەپتۇ. _ ئاكا، بىز نامرات سەھرا بالىلىرى، سىلەرگە ئارتۇق يۈك بولۇپ قېلىشنى راۋا كۆرمەيمىز، رەھمەت، بىزگىمۇ خۇدايىم بار. كېتىشىۋەرسلە، - دەپتۇ زۆھرە ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ. شاھزادە زۆھرەگە ئېچىكىپ قالغاندەك بوپتۇ - دە، ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. مۇلازىملار سالا قىپتۇ. ئاچا - سىڭىل نائىلاج بىللە كېتىشكە كۆنۈوپتۇ ۋە ئۆيدىكى بارى - يوق بېساتى - مۈشۈكىنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، شاھزادىلەر چۈشكەن يېرىگە قايتىپ كەپتۇ ۋە كىيىمىنى يەڭگۈشلەپ ھەمراھلىرى ئارىسىغا بېرىپتۇ. _ ھەزرەت ئالىيلىرى، - دەپتۇ كىنىزەكلەر بىلەن مۇلازىملار گۈل - تاجىلىرىنى قولىغا ئېلىپ، باشلىرىنى ئىگىپ، - ئېلىپ كەپلا ئىككى گۈل - غۇنچە، مۇبارەك بولسۇم دەيلىمۇ ياكى غەملىرىنى يەيلىمۇ؟ - جاۋاب بەرسىلە شاھزادە، بولسۇن كۆڭلىمىز ئازادە. _ تۇنۇمايمىز دېمەڭلار، غېمىمنىمۇ يىمەڭلار. مىسكىن ئىكەن تۇرمۇشى، ساقايسۇن دېدىم بېشى، پاتىمە كىيسۇن دىدەكلىك كىيىمى زۆھرە تاقىسۇن كىنىزەكلىك گۈل - تاجى، - دەپتۇ شاھزادە. ئاچا - سىڭىل ئىككەيلەن بولۇۋاتقان ئىشلاردىن، ئىشتىۋاتقان گەپلەردىن ھەم ھەيران قېلىپ ھەم ئۆيىدە شاھزادىگە قىلغان، ئەتكەنلىرىدىن ئۇيىلىپ تۇرغىنىدا كىنىزەكلەر ئېلىپ مېڭىپتۇ. يۇيۇندۇرۇپ، چاچلىرىنى تاراپ، شاھزادىنىڭ ئەمىرى بويىچە كىيىندۈرۈپتۇ. زۆھرە كىنىزەكلەر قاتارىغا قىرىق بىرىنچى بولۇپ قېتىلىپتۇ. ئەتىسى تاڭ سەھەردە شاھزادە يەنە شىكارغا ماڭماقچى بولۇپ، كىنىزەكلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىكەن، زۆھرە پەرىزاتتەك كۆزگە تاشلىنىپتۇ. شاھزادىنىڭ كۆزىگە ئىشىق ئوتى تۇتىشىپ، ئۇنى ئەمرىگە ئېلىشنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ ۋە شىكار قىلىش نىيىتىدىن يېنىپ، چىدىر - بارگاھلىرىنى يىغىشتۇرۇپتۇ - دە، دەرھال ئوردىغا قايتىپتۇ. ئوغلىنىڭ مۇددىئاسىدىن خەۋەر تاپقان شاھ قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ، شاھزادىنى زۆھرەگە ئۆيلەپ قويۇپتۇ. پاتىمىنى ناۋايغا ياتلىق قىپتۇ. زۆھرە شاھزادە بىلەن ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، مەرتىۋىسى چەندان ئۆسۈپ، دۆلىتى زىيادە بوپتۇ. سىڭلىسىنىڭ مەئىشەتلىرنى كۆرگەن پاتىمە تۇرالماي قاپتۇ. «توۋا، - دەپتۇ ئۇ ياقىسىنى تۇتۇپ، - مەن ئاچا، ئۇ سىڭىل تۇرۇپ، مەن ناۋايغا، ئۇ شاھزادىگە تەگكەن نەدە بار؟ بالدۇرراق پادىشاھنىڭ ئوغلىغا تېگىمەن دەۋالسام بوپتىكەن. ھەي شۇم ئاغزىم ! ھېلىمۇ كېچىكمەسمەن. . . . » ئۇ ئەنە شۇنداق ئىچىنى ئۇۋاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، زۆھرە ھامىلدار بوپتۇ. شاھزادە خوش بولۇپ، يېمەي يىدۈرۈپ، كىيمەي كىيدۈرۈپ خوتۇنىنىڭ ھالدىن خەۋەر ئاپتۇ. زۆھرەنىڭ ئاي كۈنى يېقىنلاشقانسىرى ، پاتىمىنىڭ ئايىغى قۇيۇقلىشىپ، كۈندە دېگۈدەك سىڭلىسىنى يوقلاپ تۇرىدىغان بوپتۇ. شاھزادىنىڭ بۇرنىدىن كىرىپ، ئاغزىدىن چىقىپ، شەپقەتلىك قېينى - ئىگىچە بولۇۋاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ شاھزادىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ: _ مەلىكە كىيىك گۆشىگە سىزىك بوپتۇ. يەنە كېلىپ،شاھزادە ئۆز قولى بىلەن ئوۋلاپ، بەرمىسە يېمەيمەن، دەيدۇ. خوتۇن كىشى سىزىككە قانمىسا، بالا كەمتۈك تۇغۇلۇپ قالىدۇ ياكى ھايۋانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، - دەپتۇ. شاھزادە ۋەھىمىگە چۈشۈپ، شىكار تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ. يولغا چىقىدىغا چاغدا، مۈشۈك مىياڭشىپ ئوردىنى بېشىغا كىيىپتۇ. شاھزادىنىڭ ئاياغلىرىغا ئۆزىنى سۈركەپ، ئۆتۈگىنىڭ پوپۇگىنى چىشلەپ ئۆي تەرەپكە تارتىپتۇ. شاھزادە مۈشۈكنىڭ قىلىقىدىن ئەنسىزلىككە پېتىپ، چارىباغ تەرەپكە مېڭىپتۇ يۇ، پاتىمىنىڭ «شىكارغا چىقىدىغانلىرىنى ھېچكىم ئۇقمىسۇن، مەلىكىمۇ بىلمىسۇن، بولمىسا ئىش چاتاق» دېگىنىنى ئەسلەپ، زۆھرە تۇرۇشلۇق چارىباغدىن چەتنەپ مېڭىپ كېتىپتۇ. شاھزادە يولغا چىقىپ ئەتىسى كېچىدە، زۆھرە پاخلاندەك بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. پاتىمە بالىنى يۆگەككە يۆگەپ، سېۋەتكە سېلىپ، ئوردىنىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ - دە، ئالدىن يۇشۇرۇپ قويغان مايمۇن بالىسىنى ئەپلىك زاكىلاپ، سىڭلىسىنىڭ بېقىنىغا بىر چىرايلىق ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ، زۆھرە ھۇشىغا كېلىپ قارىسا، تۇغقىنى بىر تۈكلۈك مايمۇن بالىسى! ئۇ ئاھ - پەرياد ئۇرۇپتۇ، يېشى قار - يامغۇردەك تۈكۈلۈپتۇ. پاتىمە يالغاندىن تەسەللى بېرىپ: _ يىغلىما سىڭلىم، خۇدانىڭ بەرگىنى شۇ، ھېلىھەم جېنىڭ تېنىڭدە ئىسەن قالدى، شۈكرى قىل! ئېرىڭ تاشلىۋەتسە بارغۇ، مەن خەۋەر ئالىمەن. غەم يېمە، ئۇنى - بۇنى ئويلاپ يۈرمە، ئېرىڭدىن شىكارغا چىقىشنىڭ سەۋەبىنى سورايمەن دېمە، - دەپتۇ. _ ماقۇل، جېنىم ئاچا، نېمە دېسەڭ ماقۇل، - دەپتۇ زۆھرە ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، كۆز يېشى بىلەن سەۋرى قاچىسىنى تولدۇرۇپ. شاھزادىنى ئىشقى مۇھەببەتتىن قايدۇرۇپ، مەلىكە زۆھرەدىن چاندۇرۇپ، ئۆزىگە رام قىلىشنى قەستلەپ يۈرگەن پاتىمە: «ھېلىھەم جايىدىن چىقىتى، شاھزادە ئالقىنىمغا چۈشتى» دەپ ئويلاپتۇ. يۈزىگە ئۇپا - ئەڭلىك سۈرتۈپ، قېشىغا ئوسما قويۇپ، كىرپىكلىرىگە سۈرمە تارتىپ، سەكسەن ياڭزا كىيىنىپ، شاھزادىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپتۇ. پاتىمەنىڭ كۈتكەن چاغلىرى يېتىپ كەپتۇ. شاھزادە ئوۋ كىيىكلىرىنى ئېتىغا غانجۇغىلاپ، شىكاردىن قايتىپتۇ. پاتىمە ئوردا ئالدىغا چىقىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ. مەلىكە ئالىيلىرىنىڭ كۆزى يورىدى! مۇبارەك بولسۇن شاھزادەم! _ مۇبارەك بولسۇن! پەرزەنت قاشقىرمۇ، تۈلكىمۇ؟ _ سىلە سورىمىسلا، مەن ئېيتماي، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پاتىمە. شاھزادە گۇمانسىراپ ئوردىغا كىرىپتۇ. قارىسامەلىكە زۆھرەنىڭ چىرايى سۇنۇق، قاپاقلىرى يۇتۇق، چاچلىرى چۇۋۇق ئولتۇرغۇدەك. مۈشۈك مەلىكىنىڭ ئەتراپىنى پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرگۈدەك. شاھزادە تازىم قىلىپ، مەلىكىدىن ھال ئەھۋال سوراي دەۋاتسا، پاتىمە يوتقاننى شاپپىدە قايرىپ، تەتىللا - كىمخاپتا زاكىلاقلىق «بوۋاق»نى ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ، شاھزادە «بوۋاق» نىڭ يۈزىدىكى پەرەڭ ياغلىقنى قايرىپلا ۋاقىراپ تاشلاپتۇ. پاتىمە ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ: سۈيۈملۈكۈم شاھزادەم، سۈيۈملۈكۈم شاھزادەم، - دەپتۇ ئۇ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، قاپاقلىرىنى سۈزۈپ، - سىڭلىمنىڭ رەڭگى تازا، ئىچى قارا ئىكەن، مانا تۇغۇپ بىر مايمۇن كۈچۈكى كەلتۈردى ئالەمچەبالا - قازا. ئاچىسىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئىچى كۆيۈپ، يۈرەك - باغرى پارە - پارە بولۇۋاتقان مەلىكە شاھزادىگە تاشلىنىپ يالۋۇرۇپتۇ. _ ھېچ بىلمىدىم شاھزادەم. نەدىن پەيدا بولدى بۇ مايمۇن بالا، يۈرەك - باغىرىم بولدى يارا. ئەمدى مەن قانداق قىلاي، نەگە بېرى، نەدە تۇراي، رەھىم قىلىسىلا شاھزادەم! شاھزادىنىڭ دىلى يۇمشاپتۇ. «بۇمۇ ئۆزلىگىدىن ئەمەستۇ، خەير، بوپتۇ» دەپتۇ - دە، مەلىكىنى باغىرىغا ئاپتۇ. تەسەللى بېرىپ، كۆڭلىنى ياساپتۇ. پاتىمە بولسا، قولىنى چىشلەپ، يېڭى تاپان - توزاققا ئىشلەپ يۈرۈپتۇ. شاھزادە بىلەن سىڭلىسىنىڭ پوستىغاكىرىپ، ئامراق بىر تۇققان - قېرىنداشلاردىن بولۇۋاپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. ئۈچ ياز، ئۈچ قىش ئۇزاپ كېتىپتۇ. مەلىكە زۆھرەنىڭ بويىدا قاپتۇ. شاھزادە شىكارغا چىقماي بېقىپ يېتىپتۇ. پاتىمە بىر چارە تېپىپتۇ. _ كۆز نۇرۇم سىڭلىم، ۋاپادار سىڭلىم، شاھزادە ئالدىدا قالمىدى ئىككىلىك تىلىم، بۇ قېتىم، ئادەم بالىسى تۇغساڭكەن جېنىم ، - دەپتۇ گەپ تېشىپ پاتىمە. زۆھرەمۇ ئاي كۈنى يېقىنلاشقانسىرى بېشى قېتىپ، غەمگە پېتىپ يۈرگەن ئىكەن. ئاچىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سوراپتۇ: _ جېنىم ئاچا، قانداق قىلسام ئادەم بالىسى تۇغىمەن؟ _ بۇنىڭ چارىسى ئاسان، ئەۋلەن باشتا بۇيرۇغان دورامنى رەت قىلماي يېيىش ھەققىدە ۋەدە بېرىسەن، ئاندىن دورا بۇيرۇيمەن. بولمىسا، نېمە تۇغساڭ تۇغ، - دەپتۇ پاتىمە. زۆھرە تىزلىنىپ، يالۋۇرۇپ ۋەدە بېرىپتۇ. _ ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ پاتىمە مەلىكىنى قۇلىقىغا پىچىرلاپ، - كەلگۈلۈك، ئۆيدىكى پۇچقاق مۈشۈككە كەلگەندەك، مۈشۈك ئادەم مىسەللىك نەرسە، ئۇنىڭ گۆشىنى يېسەڭ، جەزمەن ئادەم بالسى تۇغىسەن. ئەمما، مۈشۈكنى ئېرىڭ ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈپ، سۇيۇپ بېرىشى شەرت، قالغىنىنى ئۆزەم توغىرىلايمەن. _ رەھمەت جان ئاچا! دېگىنىڭنى قىلاي. بىر قىز تۇغۇپ باغرىمغا باساي، شاھزادىنىڭ قالغان كۆڭلىنى ئالاي، - دەپتۇ مەلىكە زۆھرە ۋە شاھزادىگە مۈشۈكنى ئۆلتۈرۈپ بېرىشنى ئىلتىجا قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. شاھزادە نائىلاج ماقۇلغا كەپتۇ. پاتىمە مۈشۈكىنى ئۆيدىن تەزدۈرۈۋەتكەن، مۈشۈك ئۆزىنى ياقىغا ئالغان ئىكەن. شاھزادە مۈشۈكنى تاپالماي جىلە بوپتۇ. باشقىلارغا ئېيتىشتىن ئۇيۇلۇپتۇ. ئاخىرى پاتىمەنىڭ مەھلىھىتىنى ئاپتۇ. _ مۈشۈكنىڭ جېنى تۇيغان ئوخشايدۇ، بىلسەم - بىلمىسەم قەدىم جايىمىزغا بېرىۋالدى. كاتنىڭ ئاستىدا مۈكۈۋالدى. تۇتۇپ كەلمىسىلە، مەلىكىنىڭ ئىشى چاتاق، خەلقى ئالەم ئالدىدا تۈگەيدۇ - نامۇ - ئاتاق، - ددەپتۇ ئەقىل كۆرسىتىپتۇ پاتىمە. شاھزادە پاتىمەگە رەھمەت ئېيتىپ، مەلىكىسى بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ يولغا چىققان كېچىسى مەلىكە زۆھرەمۇ كۆزى يورۇپ، تۇلۇن ئايدەك بىر قىز تۇغۇپتۇ. بۇ بالىنىمۇ جاڭگالغا تاشلىۋېتىپتۇ - دە، ئالدىن تەييارلاپ قويغان ياۋا توڭگۇز بالىسىنى چىرايلىق زاكىلاپ، سىڭلىسىنىڭ بېقىنىدا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. زۆھرە ھۇشىغا كېلىپ قارىسا، نەدىكىنى، ئىچىدە ياتقىنى سالپاڭ قۇلاق توڭگۇز كۈچۈكى! زۆھرە ئاھ ئۇرۇپ، نالە قىلىپ، ھوشىدىن كېتىپتۇ. پاتىمە ئەل - ئىچىگە سۆز - چۆچەك تارقىتىپ، ھەر قەدەمدە قىچى ئۇرۇقى چېچىپتۇ. بويىنى كالا سۈتىدە يۇيۇپ، ئىشىك يوچىقىدىن ماراپ، كۈندە يۈز ۋاخ ئەينەككە قاراپ، يۈز - كۆزلىرىنى تاراشقا باشلاپتۇ. مىڭ ياڭزا ياسىنىپ، شاھزادىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپتۇ. شاھزادە قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ. كىنىزەكلەر، مۇلازىملار ئوردا ئالدىدا ئۇنى كۈتۈۋاپتۇ، پاتىمە ئوردا ئىشىكىدىن نايناقلاپ چىقىپ، شاھزادىنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ. _ شاھزادەم، - دەپتۇ ئۇ قولىدىكى زاكىلاقلىق «بوۋاق» نى تەڭلەپ، - پەرزەنتلىرنى كۆرۈۋالسىلا، ئارزۇلۇق مەلىكەمنىڭ كارامىتىنى بىلىۋالسىلا. شاھزادە بوۋاقنى كۆرۈپلا نۇمۇستىن ئېسىنى يوقىتىپتۇ. كىنىزەكلەر يەردە غىڭشىپ تىپىرلاۋاتقان توڭگۇز كۈچۈكىگە قاراپ، كۈلۈپ زاڭلىقى قىلىشىپتۇ. مۇلازىملار ياقىلىرىنى چىشلەپ، توۋا - ئىستىغپار ئېيتىپشىپتۇ. ياساۋۇللار شاھقا مەلىكە ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ بېرىپتۇ. پاتىمە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپتۇ. شاھ توپان بالاسى كەلسە ھۇشۇغا ئالمايدىغان، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە تىگىدە مانتا يەيدىغان ئادەم ئىكەن. پاتىمە: «بۇ ئاھانەت ئۈچۈن زۆھرەنى دارغا ئاسماي قالمايدۇ، ئەمدىغۇ شاھزادە مېنىڭ بولار» دەپ ئاغزىنى تاتلىق، كۆڭلىنى خوش قىلىپ يۈرگىنىدە، شاھ شەھەردىكى ئۆلىما، ھۆكىما، دانىشمەن، قۇرئاندازلارنى مەسلىھەتكە چاقىرىپتۇ. تالاش - تارتىش قىزىپ كېتىپتۇ. _ مەلىكە زۆھرەنى دارغا ئاسقۇلۇق، - دەپتۇ بەزىلەر. _ ھايۋان تۇغقان مەزلۇمنى ئاتنىڭ قويرۇقىغا سۆرىتىپ ئۆلتۈرگۈلۈك، - دەپتۇ يەنە بەزىلەر. _ دەشتۇ - باياۋان، چۆل - جەزىرلەرگە پالاپ، نەسلىنى تۈگەتكۈلۈك،- دەپتۇ بەزىلەر. _ يالىڭاچلاپ، كوچىدا سازايى قىلىپ، خالايىقنى ئىبرەت ئالدۇرغۇلۇق، - دەپتۇ بەزى بىراۋلار. ئۇ دېمەڭ، بۇ دېمەڭ، كۆپچىلىك بىر كۈن تالىشىپتۇ، ئىككى كۈن تالىشىپتۇ، بىر توختامغا كېلەلمەپتۇ. شۇ ئەسنادا سورۇنغا يېڭىلا كىرىپ كەلگەن دانىشمەن: _ ئۇلۇغ شاھى ئالەم، مەلىكە زۆھرەنىڭ ئۇدا ھايۋان تۇغۇشى شاھزادىدىنمۇ ياكى ئۆزىدىنمۇ ۋە ياكى باشقا بىرسىنىڭ شەيتانلىقىمۇ بىلىپ بولمايدۇ. مەلىكىنى زىندانغا تاشلاپ بىلىپ باقساق بولارمىكىن، - دەپتىكەن، ئۇنىڭ مەسلىھىتى ھەممىگە يېقىپتۇ. شاھ مەلىكە زۆھرەنى زىندانغا تاشلاشقا بۇيرۇپتۇ. زىندان ئىشىكىگە پايلاقچى قويۇپتۇ. ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپتۇ. مەلىكە ئۆلمەپتۇ. پاتىمىمۇ شاھزادىگە تېگەلمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھزادە چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئىككى ھايۋان بالىسى تۇرۇپلا بىر جۈپ ئوغۇل - قىزغا ئايلىنىپ، ئەركىلەپ مەلىكە زۆھرەنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ قولىنى سوزۇپ بالىلارنى قېشىغا چاقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئويغانسا يۈرىكىگە بىر پارچە ئوت تۇتاشقاندەك بولۇپ، زىندانغا يېتىپ بېرىپتۇ ۋە شام يېقىپ قارىسا، يەتتە قات يەر ئاسىتىغا كولانغان زىنداندا بىلىنىڭ تۈۋىنى قان - زەردابقا چىلىنىپ تۇرغان زۆھرە ۋە ئۇنىڭ قېشىدىكى تەكچىدە دۆۋلىنىپ كەتكەن سۈڭەك ۋە نازۇ - نېمەتلەردىن ئۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەپتۇ. مەلىكە بولسا كۈنىگە يېرىم ھېجىر ئوماچ بېرىلگىنىگە قارىماي ئايدەك جامالدىن قالماپتۇ. شاھزادە ھەيران بولۇپ سوراپتۇ: _ ئەي مەلىكە، ئېيتە، ساڭا گۆش بىلەن ناننى كىم بەردى؟ مەلىكە زۆھرە يۈزىنى ئوراپ جىم تۇرۇۋاپتۇ. شاھزادە گۇندىپايغا كايىپتۇ. _ ھاڭۋاقتى نېمىنى باقتىڭ سەن؟ نېمىگە قارىدىڭ سەن؟ مەلىكىنى شىرىكىنى تۇتۇپ كۆزۈمگە كۆرسەتمەيدىكەنسەن، كاللاڭنى قولتۇغۇڭغا قىسىپ قويىمەن! _ خوپ تەقسىر! - دەپ تىك تۇرۇپتۇ گۇندىپاي ۋە كېچىسى بىر بۇلۇڭغا پۇختا جايلىشىپ، كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە، بىر پۇچقاق مۈشۈك غىمىسسىدا كېلىپ، مەلىكە زۆھرە ياتقان زىندان ئىشىكى زەگۇندىسىنىڭ تېگىدىكى كامارغا بېشىنى تىقىپتۇ. مۈشۈكنىڭ ئاغزىدا بىر بولاق چىشلەكلىك ئىكەن. گۇندىپاي مۈشۈكنى كاپ قىلىپ تۇتۇپتۇ - دە، بولاقتىكى گۆش، نازۇ - نېمەتلەر بىلەن قوشۇپ، شاھزادىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. شاھزادە بىر قاراپ مۈشۈكنىڭ بەش يىل ئىلگىرى يۇقاپ كەتكەن ئۆز مۈشۈكى ئىكەنلىكىنى تۇنۇپتۇ - دە: _ سەن ھارامزادىگە يۇلۇقمىغان بولسام، بېشىمغا مۇنچە دىشۋارچىلىق كەلمەس ئىدى. ھەممە بالانى ئۆزەڭ تېرىپ، يەنە مەلىكىگە ئوغرىلىقچە تاماق تۇشۇپ بەرگىنىڭ نېمىسى؟! سېنىڭ بېرىڭدىن يوقالغىنىڭ خوپ، - دەپلا مۈشۈكنى گۇندىپاينىڭ قولىدىن ئېلىپ يەرگە ئۇرۇپتۇ. مۈشۈك ماقىراپ - ۋاقىراپ كۆز يېشى تۈكۈپتۇ. گۈلدۈر - كالاپنى ئىشتكەن پادىشاھ يېتىپ كېلىپ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىپتۇ. _ بۇ مۈشۈكتە بىر خىسلەت باردەك قىلىدۇ، قويۇپ بېرىڭلار ، - دەپتۇ شاھ شاھزادە بىلەن دېگەنلىرىنى ئاڭلىغاندەك بولۇپ. مۈشۈك ئۈچ يۇمۇلىنىپ، يان پىشىنى سۆرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، شاھزادىنىڭ ئاياغلىرىغا ئۆزىنى سۈركەپتۇ. شاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، زوڭ ئولتۇرۇپ بېشىنى ئۈچ قېتىم ئېگىپتۇ. شاھ ھەيران بولۇپ: _ ئەي مۈشۈك، قوسىغىڭدا باردەك قىلىدۇ لەكمىڭ سۆزۈڭ، تىلىڭ بولسىمۇ ئېيتار ئىدىڭ، - دەپتۇ. مۈشۈك بىر يۇلغۇنۇپلا تىك تۇرۇپ زۇۋانغا كەپتۇ: ئەي ئۇلۇغ شاھىن - شاھىم، ئېيتاي مەن ھالۇ - ئەرزىم. ساقىت بولسۇن بوينۇمدىن، يۈكلىۋالغان ئۇ قەرزىم. دەپ ئادەمگە ئوخشاش نەزمە ئۇقۇپتۇ ۋە شاھزادە بىلەن پاتىمە - زۆھرەلەر تېپىشقاندىن بۇيانقى ئۆي ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلەرنى بىر - بىرلەپ بايان قىلىپ كېلىپ: _ مەلىكەم تۇغقان ئوغۇل دەريانىڭ ئايىغىدىكى بېلىقچى بوۋاينىڭكىدە، قىز جاڭگالدا ئولتۇرۇشلۇق موماينىڭكىدە، ئوغۇل سەككىز، قىز بەش ياشقا توشتى، - دەپتۇ ۋە گېپىنى مۇنۇ نەزمە بىلەن ئاياغلاشتۇرۇپتۇ: بولمىغاچقا ئۇچاغ زۇۋان، ئەيلەلمىدىم ئەرزىم بايان. پەرق ئەتكەي دەپ كۈتتۈم يەنە، كىم ياخشىدۇر ۋە كىم يامان. شاھزادە مۈشۈكنىڭ باش - كۆزىنى سىلاپ ئەپتۇ سوراپتۇ. شاھ تۆت ياساۋۇلنى بېلىقىچى بوۋاي بىلەن ئوتۇنچى موماينى چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ياساۋۇللار بوۋايغا ئوغۇلنى، مومايغا قىزنى يېتىلىتىپ، پۇتىنى يەرگە تەككۈزمەي، زەررە ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي شاھنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ كەپتۇ. _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پادىشاھ ئالىيلىرى ، - دەپتۇ بوۋاي بىلەم موماي شاھ ئالدىدا تىزلىنىپ، بېشىنى ئېگىپ، - گۇناھىمىزنى بىلمىدۇق، چاقىرتىپتىكەنلا خوپ دېدۇق. نېمە پەرمانلىرى باركىن، ئاڭلاپ كەتسەك ئىدۇق. شاھ ئۇلارنى كۆرپىدە بەھۇزۇر ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قېلىۋېتىپ ئوغۇل بىلەن قىزغا سىنچىلاپ قاراپتىكەن، ئوغۇل شاھزادىگە، قىز مەلىكە زۆھرەگە قۇيۇپ قويغاندەك، ئوپمۇ - ئوخشاش چىقىپتۇ. شاھ ئىچىدە خۇش بۇلۇپ، تېشىدا دەر گۇمانغا تۇلۇپ سوراپتۇ: _ بالىلار ئۆزەڭلەرنىڭمۇ؟ بوۋاي بىلەن موماي: _ يوقسۇ، ھەزرەتلىرى بالىلارنى تېپىۋالغان بىز، - دەپ جاۋاب بېرىشىپتۇ. _ قېنى، قانداق تېپىۋالغان، سۆزلەڭلار! - دەپ ئىجازەت بېرىپ. بوۋاي سۆز ئاپتۇ: _ پىقىر،- دەپتۇ ئۇ ئوغلىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، - ئەتىگەنلىكىم چۈشكە، چۈشلۈكۈم كەچكە يەتمەيدىغان، دەرياغا تور سېلىپ جان باقىدىغان بويتاق ئادەم ئىدىم. مۇندىن سەككىز يىل بۇرۇن، تازا مۇشۇ كۈنلەردە بېلىق تۇتقىلى دەريا بويىغا بارسام، سۇدا بىرنېمە بىر چۈكۈپ، بىر لەيلەپ ئېقىپ كېلىۋاتىدۇ. سۇزۇپ قارىسام، سېۋەتكە قاچىلانغان ئوغۇل بالا ئىكەن. ئوغۇل بولغاندىمۇ تولۇق ئايدەك چىرايلىق، پاخلاندەك سېمىز، تىمەن بوۋاق ئىكەن. بالىنى سۇغا تاشلىۋەتكەن تاش يۈرەك ئانىغا يۈزمىڭ لەنەت ئوقۇپ، بالىنى قوينۇمغا سولاپ ئۆيۈمگە قايتۇرۇپ كەلدىم. ئۆيۈمدە تۆت بۇلۇڭ، بىر كۇلۇڭدىن باشقا ھېچقانداق بىسات يوق ئىدى. ئوقىتىم ئاققان كۈنلىرى شۈكرى قانائەت قىلىپ، ئۇنى مۇشۇنچىلىك چوڭ قىلىدىم. قازارا، جان ئۈزۈپ كەتسەم، بىچارە بالا نەلەردە تىنەپ، كىملەرنىڭ ئىشىكىدە دۇقۇرۇپ يۈرەر دەيتتىم. ھەزرەتلىرىنى خۇدا يەتكۈزدى. خوش بولاي، بالىنىڭ ئىگىسىنى تاپتۇرۇپ بەرسىلە.، جېنىم - تىنىمدا ئامانەت چىغىدائاتا - ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇۋېتەي. بوۋاي دەيدىغىنىنى دەپ بولۇپ، نۆۋەت مومايغا كەپتۇ. _ پىقىر، - دەپتۇ موماي قىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، - جاڭگالدىن چاۋا تېرىپ سېتىپ جان باقىدىغان تۇل خوتۇن ئىدىم. مۇندىن بەش يىل بۇرۇن، تازا مۇشۇ كۈنلەردە چاۋار تەرگىلى جاڭگالغا بارسام، ئالەمگە يېڭىلا كۆز ئاچقان مۇشۇ بالا داق يەردە يىغلاپ ياتىدۇ. بالا بولغاندىمۇ تۇلۇنئايدەك چىرايلىق، پاخلاندەك سېمىز، تىمەن بوۋاق ئىكەن. بالىنى جاڭگالغا تاشلىۋەتكەن ئانىغا يۈز مىڭ لەنەت ئوقۇپ، بالىنى ئىتىگىمگە يۆگەپ، ئۆيۈمگە قايتۇرۇپ كەلدىم. ئۆيۈمدە تۆت بۇلۇڭ، بىر كۇلۇڭدىن باشقا ھېچقانداق بىسات يوق ئىدى. ئوقىتىم ئاققان كۈنلىرى بىرەر توغرام نان تاپسام بالا بىلەن بىرگە روزانە قىلىپ، تاپالمىغان كۈنلىرى شۈكرى قانائەت قىلىپ، مۇشۇنچىلىك چوڭ قىلىدىم. قازارا، جان ئۈزۈپ كەتسەم، بىچارە بالا نەلەردە بىچارە بالا نەلەردە تىنەپ، كىملەرنىڭ ئىشىكىدە دۇقۇرۇپ يۈرەر دەيتتىم. ھەزرەتلىرىنى خۇدا يەتكۈزدى. خوش بولاي، بالىنىڭ ئىگىسىنى تاپتۇرۇپ بەرسىلە.، جېنىم - تىنىمدا ئامانەت چىغىدائاتا - ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇۋېتەي. موماينىڭ دىگۈلۈكى تۈگەپتۇ. شۇ ئارىدا مەلىكە زۆھرە زىنداندىن ئازات قىلىنىپ، ھاممامدا يۇيۇندۇرۇلۇپ، مەلىكە كىيىمى كىيدۈرۈلۈپ ياساندۇرۇپ قويۇلغانىكەن. شاھ ئۇنى چاقىرىپ كىرىپ بوۋاي بىلەن مومايغا: _ بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى شاھزادە بىلەن مەلىكە زۆھرە،- دەپتۇ. بوۋاي بىلەن موماي ھاڭ - تاڭ قېلىپ، شاھقا رەھمەت ئېيتىۋاتقاندا، شاھزادە بىلەن مەلىكە زۆھرە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆزلىرىنى ئېتىپ يۈز مىڭ رەھمەت ئېيتىپتۇ. بالىلىرىنى باغرىغا بېسىپ، كۆز - ياشلىرىنى تۆكۈپتۇ. مۈشۈك بارىكاللا ئەيلەپ، چاۋاك چېلىپ، ئالىشىلاپتۇ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پاتىمىگە ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق كەپتۇ. سىر ئېچىلغاندىن كېيىن، شاھ شەھەر خەلقىنى يىغىپ، ئۈچ كېچە - كۈندۈز مەلىكىنىڭ تۇغۇت تويىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. بوۋاي بىلەن موماي چارىباغدىكى مەخسۇس قورۇغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلار قازا تاپقىچە ھالىدىن خەۋەر ئالماق بوپتۇ. موللا - ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋاسىغا ئاساسەن، پاتىمىنى دارغا ئېسىپ، كاللىسىنى شەھەر دەرۋازىسىغا مىقلاش يارلىقى چۈشۈرۈلۈپتۇ. ئىككى جاللات ئۇنى دارقىرىتىپ سۆرىگىنىچە دار ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. پاتىمە تىزلىنىپ، بىر ئاغزىدا مىڭ قېتىم توۋا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، پادىشاھتىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەپتۇ. _ بوپتۇ، ئاچام قىلغاننى مەن قىلماي، ئۇنى قويۇۋەتسىلە، ئادەم بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، - دەپتۇ مەلىكە شاھقا مۇراجەت قىلىپ. _ خەير، بوپتۇ. ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، لېكىن پاتىمە ھۇزۇرۇمدىن كەتسۇن، باشقا شەھەرگە بېرىپ كۈن ئەتسۇن! - دەپتۇ شاھ. شاھزادە بىلەن مەلىكە زۆھرە پاتىمەگە ئون خېچىر دۇنيا - دەپنە، مال - مۈلۈك، ئوزۇق - تۈلۈك جابدۇپ، ناۋاي ئېرىنى قوشۇپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ
← بارلىق تېمىلار چوچاق