گۈلى رەنا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا، بىر جاڭگالدا بىر جۈپ ئەر ئايال ياشاپدىكەن. ئەرنىڭ ئىسمى دەنا، ئايالنىڭ ئىسمى رەنا ئىكەن.
دەنا ئوتۇنچىلىق قىلىدىكەن، رەنا ئۆي ئىشلىرىغا قارايدىكەن.
بىر كۈنى چۈش ۋاقتىدا، بىر باي دەنا بىلەن رەنانىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. باينىڭ نەپسى يامان ئىكەن، بۈدۈنە گۆشىنى ياخشى كۆرىدىكەن. يېنىدىن بۈدۈنە ئايرىلمايدىكەن. ئۇ خىزمەتكارلىرىدىن بىرىگە:
- سەن مۇشۇ ئۆيدە بۈدۈنە پىشۇرۇپ چىق، - دەپتۇ.
خىزمەتكار ئۆيگە كىرىپ گۈزەل گۈلى رەنانى كۆرۈپتۇ - يۇ خۇدىنى يوقۇتۇپ قويۇپتۇ. ئۇ ئاغزىنى ئاچقىنىچە ئولتۇرۇۋېرىپتۇ. بۈدۈنە گۆشى پىشىپ كۆيۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بايدىن قورقۇپ يىغلاپتۇ.
- نېمىشقا يىغلايسىز؟ - دەپتۇ گۈلى رەنا.
- ئەمدى بۈدۈنىنى نەدىن تاپىمەن؟ - دەپتۇ خىزمەتكار. گۈلى رەنانىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ:
- غەم قىلماڭ، - دەپتۇ. - دە، كىچىككىنە خېمىر يۇغۇرۇپ ئىككى بۈدۈن ياساپ «سۈپ» دىگەن ئىكەن. بۈدۈنىگە جان كىرىپتۇ. گۈلى رەنا خىزمەتكارغا بۈدۈنىنى ئوخشىتىپ پىشۇرۇپ بېرىپتۇ.
خىزمەتكار باينىڭ ئالىدىغا كېلىپ ھېلىقى بۈدۈنە گۆشىنى قويۇپتۇ. باي بۇنى قانداق پىشۇرغانلىقىنى سوراپتۇ. خىزمەتكار ئېيتىپتۇ. باي سوراۋەرگەندىن كېيىن ئەھۋالنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باينىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ - دە، خىزمەتكارنى ئەۋەتىپ رەنانىڭ ئېرى دەنانى چاقىرىپ كېلىپ:
سېنىڭمۇ بۈدۈنەڭ بار ئىكەن، مېنىڭمۇ بۈدۈنەم بار. ئىككىمىز سوقۇشتۇرايلى، سەن ئۇتساڭ بۈدۈنەمنى ساڭا بېرىمەن، ئۈستىگە ئالتۇن - كۈمۈش بېرىمەن. ئەگەر مەن ئۇتسام بۈدۈنەڭ ئۈستىگە خوتۇنۇڭنى بېرىسەن، بولامدۇ؟ - دەپتۇ.
باينىڭ سۆزىنى رەت قىلىش مۈمكىن بولماپتۇ. دەنا ئۆيىگە كېلىپ گۈل رەنا بىلەن مەسلىھەتلىشىپتۇ.
- سىز زەرەپشان بويىغا بېرىڭ، بىزنىڭ ئۆيدە ئۈچ بۈدۈنە بار ئۇنىڭ ئىككىسى سېمىز ۋە چىرايلىق، سىز ئۇنى ئالماڭ. يەنە بىرى ئورۇق ۋە سەت، شۇنى ئېلىپ كېلىڭ، - دەپتۇ گۈل رەنا.
دەنا زەرەپشان بويىغا بېرىپ رەنانىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ.
- ئەي ئوغلۇم، سىزگە نىمە كېرەك؟ - دەپ سوراپتۇ. گۈلى رەنانىڭ دادىسى.
- مەن بۈدۈنىگە كەلدىم، - دەپتۇ دەنا.
- بۈدۈنىلەر ئەنە! خالىغىنىڭىزنى ئېلىڭ، - دەپتۇ گۈلى رەنانىڭ دادىسى. دەنا گۈلى رەنانىڭ دىگىنى بويىچە ئەڭ ئورۇق، ئەڭ سەت، بىر پۇتلۇق، بىر كۆزلۈك بۈدۈنىنى كۆرىسىتىپ:
- ئەنە، شۇنى ئالىمەن، - دەپتۇ ۋە ھىلىقى بەت - بەشىرە بۈدۈنىنى تۇتۇپتۇ.
ئۇ ئۆيگە قايتىپ، ئىشىكتىن كىرىپلا:
- سېنىڭ بايغا مەيلىڭ بارلىقىنى بىلدىم، شۇنچە ئوبدان بۈدۈنىلەر تۇرسا، بۇ قوتۇر بۈدۈنىنى ئەكەلدۈرۈشتە مەقسىتىڭ بار، - دەپ گۈلى رەناغا كايىپتۇ.
- خاتىجەم بولۇڭ، قېنى ئېلىپ بېرىڭ! - دەپتۇ گۈلى رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ.
دەنا بۈدۈنىنى كۆتىرىپ، باينىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. باي بۇنى كۆرۈپ:
- بۇ قوتۇر بۈدۈنەڭ مېنىڭ بۈدۈنەمنى يېڭەلەمدۇ؟ - دەپ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ - دە، ئۆزىنىڭ يوغان، سېمىز بۈدۈنىسىنى ئېلىپ چىقىپتۇ.
ھېلىقى ئوۇق ۋە كىچىك بۈدۈنە باينىڭ سېمىز بۈدۈنىسىنى بىر پۇتىدا سەكرەپ تۇرۇپ ئىككى - ئۈچ چوقۇپلا ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. غەزەپتىن باينىڭ چىشلىرى كىرىشپتۇ ۋە ھاڭ - تاڭ بولۇپتۇ.
- باي ئاكا، بېرىدىغان ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى بەرملا؟ - دەپتۇ دەنا. باي كۆزىنى چەكچەيتىپ:
- سەن كېتىۋەر، كەينىڭدىن ئەۋەتىپ بېرىمەن، - دەپتۇ.
دەنا ھېچنىمە دىيەلمەي يېنىپ كەپتۇ ۋە يەنە ئاۋالقىدەك ئوتۇنچىلىقنى قىلىۋېرىپتۇ. باي بولسا بۇزۇق نىيىتىدىن يانماپتۇ. ئۇ يالاقچىلىرىنى باشلاپ گۈلى رەنانى بۇلاپ كېتىشكە كەپتۇ.
تاغدىن ئوتۇن كېسىۋاتقان دەنا باينى كۆرۈپ، ئۆيگە يۈگۈرۈپ كەپتۇ ۋە گۈلى رەناغا:
- يامان بولدى باي سېنى بۇلاپ كېتىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ. - دەپتۇ. گۈلى رەنا ھۇدۇقماي:
- ھېچۋەقەسى يوق، بىز ئۆگزىگە چىقىپ كېتەيلى، - دەپتۇ - دە، خاسىيەتلىك ساندۇقنى ئېلىپ ئۆگزىگە چىقىپتۇ.
باي يالاقچىلىرىنى باشلاپ، ھارىۋىلىرىنى تاراقشىتىپ، ھەھۇ بىلەن يېتىپ كەپتۇ. باي گۈل رەنانىڭ گۈزەل جامالىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئالدىراپتۇ ۋە يالاقچىلىرىغا چاپسان شوتا قويۇپ گۈلى رەنانى ئېلىپ چۈشۈشنى بۇيرۇپتۇ.
بۇ چاغدا گۈلى رەنا ھېلىقى ساندۇقىنىڭ بىرىنچى تارتمسىنى تارتىپتۇ. شۇ زامان شەرقى - شىمال تەرەپتۇن گۈكىرەپ قاتتىق بوران چىقىپتۇ. خۇددى زىمىستان قىشتىكىدەك ئاچچىق سوغ بولۇپتۇ. ئىككىنچى تارتمسىنى تارتقان ئىكەن، سۇلار مۇزلاشقا باشلاپتۇ. باي يالاقچىلىرى بىلەن مۇزلاپ قاپتۇ. مۇزدىن ئۇلارنىڭ بېشىلا چىقىپ قاپتۇ.
گۈلى رەنا سۇندۇقنىڭ ئۈچىنچى تارتمىسىنى تارتىپتۇ. شۇ ھامان بىر مۇنچە كىشىلەر پەيدا بولۇپتۇ، ئۇلارنىڭ قولىدا ئايپالتا بار ئىكەن ئۇلار ئايپالتا بىلەن باي ۋە يالاقچىلارنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ. ئىككى ئەر - خوتۇن خۇشال - خورام ياشاپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.