UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئەخمەق پادىشاھ

ئەخمەق پادىشاھ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا بىر ئەخمەق پادىشاھ بولغان ئىكەن، ئەخمەقلىقىدىن پۇقراسىغا ھەددى - ھېسابسىز زۇلۇم سالىدىكەن، كىشىلەر ئۇنىڭ زۇلمىدىن قورقۇپ، نېمە بۇيرىسا شۇنى قىلىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ پادىشاھ بىر ئادەمگە يولۇقۇپ: سەن نېمە قىلىدىغان ئادەم؟ - دەپ سوراپتۇ. ئۇ ئادەم قورقۇپ كېتىپ: - مەن تاغ كۆتۈرىدىغان ئادەم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. - ئۇنداق بولسا، ئوردىنىڭ ئالدىدىكى تاغنى يۆتكە، - دەپتۇ پادىشاھ. - ماقۇل، - دەپتۇ ئۇ ئادەم. - ساڭا نېمە لازىم؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ. - ماڭا ھېچنەرسە لازىم ئەمەس، - دەپتۇ ئۇ ئادەم، - پەقەت يىلىغا بىرلا قېتىم تاغ كۆتىرىمەن، شۇڭغىچە يەتكىدەك كىيىم - كېچەك، يىمەك - ئىچمەك يەتكۈزۈپ بەرسىلە بولىدۇ. - نېمە يېسەڭ نېمە كېيسەڭ ئىختىيار ئۆزەڭدە، ئوردىدىن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، - دەپتۇ پادىشاھ. ئۇ ئادەم شۇنداق قىلىپ، بىر يىل پادىشاھنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، تاماقلىرىنى يەپ يۈرۈپتۇ. يىل توشقاندىن كېيىن، پادىشاھ پۈتۈن يۇرتنى ئوردا ئالدىغا يىغىدۇرۇپ: - ھازىر تاغ كوتىرىدىغان باتۇرنىڭ كۈچىنى كۆرۈڭلار! - دەپتۇ. يۇرت ئەھلى كۆز تىكىپتۇ. پادىشاھ باتۇرغا: - قېنى، تاغنى كۆتەر! - دەپتىكەن، ھېلىقى ئادەم تاغنىڭ باغرىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، تاغقا دۇمبىسىنى يۈلەپ تۇرۇپتۇ. - كۆتەر !... - دەپتۇ پادىشاھ يەنە. ھېلىقى ئادەم: - سىلى باشلىق ھەممەيلەن كېلىپ، تاغنى دۈمبەمگە ئېلىپ قويۇڭلار، ئاندىن كېيىن كۆتىرەي، - دەپتۇ. - بىز قانداق يۈلەيمىز؟ - دەپتۇ پادىشاھ. - سىلەر توپلىشىپ يۆلەلمىگەن تاغنى مەن يالغۇز قانداق كۆتىرىمەن؟ - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم. يۇرت ئالدىدا پادىشاھ لەت بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
ئەخمەق پادىشاھ | UyghurWiki | UyghurWiki