بۆرىنىڭ ھەسرىتى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن، يوق ئىكەن، زامانى ئەۋۋەلدە ئىككى جاڭگال بولۇپ، بىرىدە قوي - ئۆچكە، بۇغا - مارال، ئات - خېچىرلار، يەنە بىرىدە بىر ياۋۇز بۆرە ياشايدىكەن.
كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپ، بۆرىنىڭ يىمىكى تۈگەپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئوزۇقلۇق ئىزلەپ كېتىۋاتسا، ئالدىغا بىر قېرى تۈلكە ئۇچراپتۇ، بۆرە ئۇنى >كاپ< قىلىپ تۇتۇۋېلىپ:
- تۈلكە ئاداش، قورسىقىم ئېچىپ، ماجالىم قالمىغان ئىدى، خويمۇ ۋاقتىدا كەلدىڭ، ئەمدى مەن سېنى يەيمەن، نېمە دەيسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
تۈلكىنىڭ جان - پېنى چىقىپ كېتەي دەپ قاپتۇ، ئەمما ئۇ دەررۇ ئېسىنى يىغىپ، قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ ھېجىيىپتۇ.
- مەن ئۇكا، ئۆزلىرى ئاكا، - دەپتۇ تۈلكە، - ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى رازى قىلاي دېسىلە، مېنى يولۇمغا ماڭغىلى قويسىلا.
- ئەمسە قانداق قىلىمەن؟
- ھايۋانلارنىڭ ياۋىشى، سېمىزلەرنىڭ سېمىزى ئالدىلىرىدىكى جاڭگالدا ئوتلايدۇ، شۇ يەرگە بارسىلا ئوزۇقلىرى تۈگىمەيدۇ.
- ئۇنداق بولسا، ئۆزۈڭ باشلاپ بارىسەن، گېپىڭ راست چىقمىغىچە قويۇپ بەرمەيمەن.
تۈلكە >ماقۇل< غا كەپتۇ. بۆرىنى ئەگەشتۈرۈپ، جاڭگال ياقىسىغىچە ئېلىپ بېرىپتۇ. بۆرە بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ، راسا جايلىشىپ مۆكۈپ، قۇلىقىنى دىڭگايتىپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ سەپسالسا، ئۇششاقى - چوڭ، پىششىقى - توڭ جىمى ھايۋان بىر يەردە ئوتلاۋاتقىدەك، تپتىن بىرەرسىنى ئايرىپ چىقىشقا كۆزى يەتمىگەن بۆرە:
- ئۇنى قانداق يەيمەن؟ تۇرسا بارالماي توپلىشىپ، بارسام تۇتۇۋالمامدۇ بىرلىشىپ؟ - دەپتۇ.
- بۆرە ئاكا، مەن سىلىدىن پاكا، بېرىپ ئۇلار ئارىسىغا قىچى چاچاي، جىدەللەشسۇن، بىر - بىرىنى چاقاي، - دەپتۇ تۈلكە ئەقىل كۆرسىتىپ.
- تۈلكىنىڭ مەسلىھەتى بۆرىگە بىر ئوبدان بېقىپتۇ. ۋەدە ئېلىپ يولغا ساپتۇ. تۈلكە چوڭ يولنى تاشلاپ، سۆڭگىچىنى قاشلاپ ئېرىق بىلەن مېڭىپتۇ. قاشتا بىر پادا قوي ئوتلاۋاتقان ئىكەن. يېقىن بېرىپ:
- قوي ئاداش، ئېلىپ كەلدىم خەۋەر، بولمىساڭلار چىۋەر، تۈگەيسىلەر قوزا - ئوغلاقلىرىڭلارغا قەدەر، - دەپتۇ.
قويلار ھەيران بولۇپ:
- ھەي بۇرادەر، دېگىنىڭ نېمە ئۇ، ئوچۇقراق ئېيتقىنچۇ؟ - دەپ سوراپتىكەن، تۈلكە:
- بۈگۈن توخۇ - ئۆردەك ماراپ كېتىۋاتسام، چوڭ ھايۋانلار >قوي - ئۆچكە بىلەنمۇ بىر جاڭگالدا ياشامىدىغان كىشى، ئۇ تويماسلار قۇرۇتتەك غولداپ، ئوت - چۆپىمىزنى يەپ بولغىلى تۇردى، ئەدىپىنى بەرمىسەك بولمىدى< دېيىشىۋاتىدىكەن، >ئۇنداق قىلماڭلار< دېيىشىمنى بىلەرمەن، خېچىر >ماڭ ئىشىڭنى قىل، بوزاڭنى توقۇ< دەپ بىرنى تەپتى، جاندىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالدىم، ئەمدى مەن قانداق قىلاي، نەگە بېرىپ، نەدە تۇراي! - دەپ دىڭگوسلاپ يىغلاپتۇ.
قويلار غەزەپكە كېىپ، چوڭ ھايۋانلارغا قارشى جەڭگە ئۆتۈشكە تەييارلىنىش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە كېتىپتۇ. تۈلكە >غىپ< پىدا يانتاقلىققا سەكرەپ، قەدىمىنى چوڭ - چوڭ يۆتكەپ، بىر خېچىرنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە:
- ھەي بۇرادىرىم، قۇلاق سال گېپىمگە، دەردىڭنى يۇتۇۋەرمەي ئىچىڭگە - دەپتۇ.
خېچىر تۈلكىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاچچىقلاپتۇ:
- نېمە دەيسەن تۈلكە ھەييار، گەپنى ئوچۇق دېمىسەڭ پەشۋارىم تەييار.
تۈلكە قورقۇپ تىتىرەپ كېتىپتۇ، خېچىرنىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىپ يېتىپتۇ:
- سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا، ئوزۇننى قويۇپ قىسقىسىنى ئېيتسام بولار: ئۆز ماكانىمغا قاراپ، توخۇ - ئۆردەك ماراپ كېتىۋاتسام، لەڭمىڭ - لەكمىڭ قوي: >چوڭ ھايۋانلارنىڭ قارنى يامان، ئوت - چۆپلىرىمىزنى قويمىدى ئامان، قوغلىۋەتمىسەك بولمايدۇ ھامان< دېيىشىپ، قورال - جابدۇقلىرىنى ئېلىشىپ، سىلەرگە قارشى جەڭگە تەييارلىنىۋېتىپتىكەن، توسسام ئۇنىماي قېلىشتى. بولمىساڭ چاققان قالىسەن بالاغا، بىلمەي يۈردۈڭمۇ تېخىچە، ئات خوجاكاڭ كىرىپ بولغان كاماغا.
خېچىر تۈلكىنىڭ گېپىگە بىر ئىشىنىپ - بىر ئىشەنمەي تۇرسا، ئالدى تەرەپتىن چاڭ - توزان كۆتۈرۈلۈپ، قوي - ئۆچكىلەرنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرى ئاڭلىنىپتۇ. خېچىرنىڭ ئەرۋايى ئۈركۈپ ئەتراپتىكىلەرنى چاقىرتىپتۇ. ئاتتىن باشقىسى يىغىلىپتۇ. ئات بىراق يايلاۋغا كەتكەنلىكتىن خەۋەر تاپالماپتۇ. خېچىر >تۈلكىنىڭ گېپى راست ئىكەن، ئات بىر خۇيى يات، دېگەن مانا شۇ< ئىكەن دەپ ئاتتىن يامانلاپ پېشىنى قېقىپتۇ. تاياق - توقماق راستلاپ، ھەمراھلىرىنى باشلاپ، قوينىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپتۇ. بۇغا - مارال ھاڭ - تاڭ قېلىپ سەپتىن ئايرىلىپ قاپتۇ.
تۈلكىنىڭ خۇشلۇقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ. >كەلدى بەختىم ئوڭدىن، قۇتۇلدۇم ئەمدى بۆرىۋايدىن< دەپ ئويلاپ، ئېرىقنى بويلاپ يۈگۈرە - يۈگۈرە بۆرىنىڭ قېشىغا كەپتۇ. بۆرە بولغان ۋەقەنى كۆرۈپ تۇرغان ئىكەن. تۈلكىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئۆزى چىشلىرىنى بىلەپ، رەقىپلىرىنى كۆزلەپ يولغا چىقىپتۇ.
قوي بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، قېشىدا ئاچلىقتىن قورساقلىرى ئۆتۈشۈپ كەتكەن بىر چۆرە چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ تۇرغىدەك. قوي: >يالۋۇرۇپ بولماس يىرتقۇچقا، تەڭ كېلەلمەسمەن ھەم يالغۇز بولغاچقا، ئىشلىتىپ پەم، قاچاي بولماي ئۇنىڭغا يەم< دەپ ئويلاپ:
- بۆرە ئاداش، مەنمۇ سېنى كۈتۈپ ياتقىلى ئۈچ كۈن بولدى، قورسىقىڭ راستىن ئېچىپتۇ، يىسەڭ يىگىن. لېكىن بىر ئىلتىماسىم بار، - دەپتۇ.
- ئېيتقىن ئەمىسە، ئاڭلاپ باقاي، دەپتۇ بۆرەك.
قوي تەمتىرىمەي سۆزلەپتۇ:
- كىچىك ۋاقتىمدا ئانا ماڭا بىر ھۈنەر ئۆگىتىپ قويغان ئىدى، ساڭا كۆرسىتىپ قوياي، سېنىڭدىن باشقىلار ئۆگىنىۋالسا، سېنىڭمۇ - مېنىڭمۇ دۇنيادا نام - ئاتىقىمىز قالىدۇ.
بۆرە تاقىلداپ كەتكەن نەپسىنى بېسىپ:
- بوپتۇ، قېنى كۆرسەت ھۈنىرىڭنى، - دەپتىكەن، قوي:
سەن ماۋۇ دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ داپ چېلىپ بېرىسەن، مەن پەستە تۇرۇپ ئۇسسۇل ئوينايمەن، ھۈنىرىمنى شۇ چاغدا بىلىسەن، - دەپتۇ.
بۆرە >خوپ< دەپ، قولىغا داپنى ئېلىپ دۆڭگە يامىشىپتۇ. ئۇ مىڭ بىر جاپادا دۆڭگە چىقىپ پەسكە قاراپتىكەن، قوي قېچىپ كېتىۋاتقۇدەك، قوغلاي دېسە چامى يەتمىگىدەك. بۆرە قوينىڭ مەرىدىن كېچىپ، ئىككىنچى ئالدانماسلىققا ئانت ئىچىپ، كېتىۋاتسا، بىر بوغاز بۇغا ئۇچراپ قاپتۇ. بۆرە خۇش بولۇپ:
- ھەي بۇغا، تۈلكە ئىنىم كۆرسىتىپ قويدى سېنى، بىر قېتىم ئالداندىم، ئەمدى ئالدىيالمايسەن مېنى، قىمىرلىما، يەيمەن سېنى، - دەپتۇ.
بۇغا ھەقەم - سايلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئېچىنىپ تۇرغان ئىكەن. بۆرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ھەممە شۇملۇق تۈلكىدىن كەلگەنلىكىنى پەملەپ قورسىقىدا غەزەپلىنىپتۇ. ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ، بۆرىگە دەپتۇ:
- سېنىڭ كېلىشىڭنى بىلەتتىم. يىسەڭ ئاغرىنمايمەن، ئەمما مەن سەندىن نەچچە ھەسسە چوڭ، قورسىقىمدا بالىلىرىم بار تېخى. يەپ تۈگىتەلمەسلىكىڭدىن غەم قىلىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ماۋۇ تاغقا چىقىپ، پىياز، زىرە ئېلىپ چۈشۈپ گۆشۈم بىلەن مەلھەم قىلساڭ تامام يەپ بولالايسەن. ئۈچ كۈنگىچە قورسىقىڭ ئاچمايدۇ.
بۆرە بىر ئاز ئويلىنىپ:
- راست ئېيتتىڭ دوستۇم، يەنە ئوۋ قىلىمەن دەپ يۈرەيمۇ؟ تۇرۇپ تۇرغىن، ھازىرلا ئېلىپ چۈشەي، - دەپ تاغقا قاراپ مېڭىپتۇ.
بۇغا بۆرىنى ئۇزىتىپ قويۇپ، ھەمشىرىلىرىنىڭ يېنىغا قېچىپتۇ. قېچىپ كېتىۋېتىپ خېچىرغا خەۋەر قىلىپ قويۇپتۇ. خېچىر ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ. بۆرە بۇغىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، ئاچچىقىغا پايلىماي، ئالدى - ئارقىسىغا قارىماي پىياز بىلەن زىرىنى چۆرۈۋېتىپ تاغدىن ئېشىپتۇ. تاغ باغرىدا بىر ئات يولغا قاراپ تۇرغان ئىكەن. بۆرە ئالدىغا بېرىپ:
- تۈلكە ئىنىم >قاچتى< دېگەنتى سېنى، مۆكۈۋاپسەن ئوتلاققا، ئوخشاپ قاپسەن بوتىلاققا، يىمەكچىمەن سىنى، ئېيت، نېمە دەيسەن قېنى؟ - دەپتۇ.
ئات بۆرىنىڭ ئوزۇق ئىزلەپ يۈرگەنلىكىنى قويدىن ئاڭلاپ، ئۇچرىشىش پەيتىنى تىڭ - تىڭلاپ ئالدىغا چىققان ئىكەن. بۆرىنى كۆرۈپ:
- ۋاي قەدىناس ئاداشىم، تاپالماي سېنى قاتقانتى باشىم. ئوبدان كەپسەن، مۇرادىمغا يەتكۈزسەڭ مېنى، گۆشۈم بىلەن تويغۇزىمەن سېنى، - دەپتىكەن، بۆرە شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ:
- نېمە تىلىكىڭ بار؟ - دەپ سوراپتۇ.
- تۇغۇلغان كۈنۈم ئانام ماڭا: >بالام، پۇتۇڭدا خەت بار ئىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر موللا بۆرە سېنى يىگىلى كېلىدۇ، شۇنىڭغا ئوقۇتۇۋالغىن، باشقىسى ئوقۇيالمايدۇ< دېگەن ئىدى. نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى بىلەلمەي يۈرەتتىم، ئاڭلىۋېلىپ ئۆلسەم مۇرادىمغا يېتەتتىم، - دەپتۇ ئات
- ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ بۆرە، - مەرت ئىكەنسەن، سەنمۇ مۇرات - مەقسىدىڭگە يەت، مەنمۇ ئارمىنىمغا قاناي، خەت قايسى پۇتۇڭغا يېزىلغان كۆرسەت!
- مانا مۇشۇنىڭغا، - دەپ ئات ئارقا پۇتىنى كۆرسىتىپتۇ.
بۆرە يىراقتىن تۇرۇپ، ئۇيان قاراپ، بۇيان قاراپ خەتنى كۆرەلمەي بېشىنى كۆتۈرۈۋاتقاندا، ئات چۈشەندۈرۈپتۇ:
- مەن سېنى ئۇزاقتىن - ئۇزاققا ئىزلەپ كەزمىگەن چۆل - جەزىرە، چىقمىغان تاغ - داۋان، كىرمىگەن سازلىق قالمىدى. ماڭغان يولۇم ئاز ئەمەس، خەت ئۈستىگە لاي چاپلىشىۋالغاندۇ، يېقىنراق كەلسەڭ كۆرەلەيسەن.
بۆرە >ماقۇل< دەپ يېقىنلاپ ئىڭىشكەن ئىكەن، ئات تازا كېلىشتۈرۈپ >ۋاق< قىدا بىرنى تېپىپتۇ. بۆرىنىڭ چىشلىرى تۆكۈلۈپ، باشلىرى يېرىلىپ ئوڭدا چۈشۈپتۇ - دە، جان ئۈزۈپتۇ.
ئات خۇشلۇقتا ئوتلاقمۇ - ئوتلاپ بېرىپ، بۆرىنىڭ ھەسرىتى، تۈلكىنىڭ شۇملۇقىنى قوشنىلىرىغا يەتكۈزۈپتۇ. قوي - ئۆچكە، بۇغا - مارال، ئات - خېچىر يېڭىباشتىن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئاداۋەتلىرىنى يۇيۇپ، بىر تۇغقان - قېرىنداشتەك ئۆملىشىۋاپتۇ. تۈلكىنى قورشاپ تۇتۇپ، كۈلىنى كۆككە سورۇپتۇ.