ئادەم يامانمۇ شەيتانمۇ
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
زامانى ئەۋۋەلدە بارى ۋە جارى دەيدىغان بىر جۈپ ئاغىنىلەر ئۆتكەن ئىكەن. ئىككى دوست تۇرمۇش كويى تۈپەيلىدىن ئۇزۇن ۋاقىتلار ئايرىلىپ كېتىپ، جاھانپەزلىك بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپتۇ، تالاي گەپلەرنى ئاڭلاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككىسى يەنە ئۆز يۇرتىدا كۆرۈشۈپ قاپتۇ. كۆزى كۆرگەن، قۇلىقى ئاڭلىغان تۈرلۈك ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلىشىپتۇ. دوستلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا «ئادەم يامانمۇ شەيتانمۇ؟» دېگەن مەسىلىگە دۇچ كەپتۇ. جارى گەپ ئېلىپ «ئادەم شەيتاندىن يامان» دەپتۇ.
_ نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەيسەن؟ _ دەپ سوراپتۇ بارى.
جارى ئاغىنىسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە دۇچ كەلگەن مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ:
مەن جاھان كېزىپ باشقا ئەللەردە يۈرگەندە، ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان بىر توكۇر ئادەم بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. بۇ ئادەم گاداي بولۇشىغا قارىماي يىراق يەرلەرگە سەپەر قىلىپ، كۆپلىگەن شەھەرلەرنى كۆرۈشنى ئارمان قىلىدىكەن. ئۇ تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرۈپ، ئىككى كۆزىدىن ئايرىلغان بىر ئەما ئادەم بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. بۇ ئادەمنىڭ كۆزى كۆرمىگەن بىلەن دىلى كۆرىدىكەن. باشقا ئەزاسى ساغلام ئىكەن. بۇ ئىككى دوست بىرلىشىپ، يىراق جايلارغا سەپەر قىپتۇ. توكۇر ئاغىنەمنىڭ ئېتى جاپپار ئىدى. ئەما ئادەمنىڭ ئېتى ساتتار ئىكەن. جاپپار ھېرىپ قالسا ساتتار يۈدۈپ مېڭىپتۇ. ساتتار كۆرەلمىگەچكە جاپپار باشلاپ مېڭىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككى بىر بىرسىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تولۇقلاپ كۆپلىگەن شەھەر، يېزىلارنى ئارىلاپتۇ. بۇلارنىڭ تاپاۋىتى خېلى ياخشىلىنىپ، تۇرمۇشىمۇ ئوڭشىلىپ قاپتۇ. دارامەت كۈندىن - كۈنگە ئېشىشقا باشلاپتۇ. ئۇلار بىر بىرىگە شۇنچىلىك سادىق ئىكەنكى، تاپقان نەرسىسىنى تەڭ بۆلۈشىدىكەن. بۇ مۇساپىرلارنىڭ بېيىپ كېتىۋاتقانلىقىغا بىر شەيتاننىڭ ئىچ تارلىقى كەپتۇ. «بۇ قەلەندەرلەر بىزنىڭ يۇرتقا كېلىپ شۇنچىلا روناق تېپىپ كېتەمدىكەن» دەپ ھەسەتخورلۇق قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىناق ئۆتۈۋاتقان بىر جۈپ دوستنىڭ ئوتتۇرىسىغا پىتنە - پاسات تېرىپ، ئايرىۋەتمەكچى بوپتۇ. بۇ يولدا ەيتان قولىدىن كېلىدىغان چارە - تەدبىر، ھىيلە - مىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ساپتۇ. ھېچ ئايرىيالماپتۇ. ئۆزىنىڭ كۈچى يەتمىگەندىن كېيىن ئادەملەردىن پايدىلانماقچى بوپتۇ. ئۆزىگە ئوخشاش كۆزى كىچىك، ئىچى تار، بىراۋنىڭ روناق تاپقىنىنى كۆرسە ئىچىدە ئوغا قاينايدىغان بىر چېقىر كۆز ئادەمنى تېپىپتۇ. شەيتان بۇ ئادەمگە:
_ ئەگەرچەندە بۇ ئىككى دوستنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتەلىسەڭ، ئەجرىڭگە بەش تىللا بېرىمەن، _ دەپتۇ. چېقىر كۆز ئادەم:
_ ئايرىۋېتەلەيمەن. ھېلىغۇ ئىككى مېيىپكەن، نى - نى ساق ئادەملەرنىڭ دوستلۇقىنى بۇزۇپ، ئۆزلىرىنى ۋەبرى - ۋەيران قىلىۋېتەلەيمەن، _ دەپ كارامىتىنى كۆرسەتمەك بوپتۇ.
ساتتار بىلەن جاپپار يۇرت ئارىلاپ يۈرۈپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئاۋات بىر بازارغا كەپتۇ. رەستە بويلاپ كېتىۋاتسا، ئۇدۇلىدىن قاتاڭغۇر كەلگەن، چېقىر كۆز بىر ئادەم يانچۇقىنى كوچىلاپ چىقىپ كەپتۇ. جاپپار «بۇ ئادەم بىزگە خېلى بىر نېمە سەدىقە قىلىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ _ دە، بۇ ئويىنى ساتتارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن: «بىر سېخى نېرىدىنلا يانچۇقىنى كوچىلاپ كېلىۋاتىدۇ» دەپتۇ. ھېلىقى ئادەم ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇدۇل كەپتۇ. جاپپار چوڭ تاما بىلەن قولىنى تەڭلەپتۇ. ھېلىقى ئادەم قولىنى پىنجىكىنىڭ يانچۇقىدىن چىقىرىپلا «مە» دەپ تەڭلەپتۇ _ دە، ھېچنىمىنى بەرمەي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. جاپپارنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەپتۇ، نېمە دېيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قاپتۇ. ساتتارنىڭمۇ غەزىپىنى قوزغىماي دەپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، بۇ ئادەمنىڭ قىلىقىنى دېمەپتۇ. بىراق ساتتار بۇ ئىسنى جاپپار ئويلىغاندەك چۈشەنمەي، ئەكسىچە «ھېلىقى ئادەم خېلى كۆپ بىر نېمە بەرگەن ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن ماڭا تېگىشلىكىنى بەرمەي ھەممىنىلا جاپپار ئۆزى ئېلىۋالدى» دەپ چۈشىنپ قاپتۇ. كېيىن جاپپار ھېلىقى چېقىر كۆز ئادەمنىڭ قىلغان قىلىقىنى ئېيتىپ بەرسىمۇ ئىشەنمەپتۇ. جاپپار قانچە سۆزلەپمۇ قايىل قىلالماپتۇ. گۇمان ئىماننى قاچۇرۇپتۇ. بۇ گۇمان ئۇلغىيىپ، ئاخىر ئىككىيلەننىڭ دوستلۇقى بۇزۇلۇپتۇ، ئۇلار ئايرىلىپ كېتىپتۇ. ساتتارمۇ ئۆز ئالدىغا ئوقەت قىپتۇ، جاپپارمۇ ئۆز ئالدىغا يۈرۈۋېرىپتۇ. بىر كۈنى جاپپار ساتتارنىڭ كۆلگە چۈشۈپ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ.....
جارى ئۆز ئاغىنىسى بارىغا سوئال تاشلاپتۇ:
_ ئەمدى سەن دەپ باققىنا، ھىيلە - نەيرەڭدە ئادەم يامانمىكەن شەيتانمۇ؟
بارى قايىل بولغان ھالدا بېشىنى لىڭشىتىپ:
_ راست، ئادەم يامان ئىكەن، - دەپتۇ.
_ شۇنى بىلىش كېرەككى، _ دەپتۇ جارى گېپىنى ئىزاھلاپ، - بەزى ھاللاردا شەيتاننىڭ قولىدىن كەلمىگەن يامانلىقنى ئادەم قىلالايدۇ. شۇڭلاشقا ئىناق دوسلۇق - قاتتىق ئىشەنچ، يۈكسەك ھۇشيارلىققا مۇھتاجدۇر.