سەۋەبىنى تېپىپتۇ
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
زامانلارنىڭ زامانىسىدا بىر مەھەللىدە ئەمەت بىلەن سەمەت دېگەن ئاكا - ئۇكا ياشاپتىكەن. قارىماققا سەمەت ئاكىسى ئەمەتتىن قېرى كۆرىنىدىكەن. بۇ ئىككىسى ساقلىغا ئاق كىرىپ كەتكەن سەمەتنى چوڭ دەپ تالىشىپ قالىدىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى دەرەخ تۈۋىدە سايىداپ ئولتۇرغان بىرقانچە قېرىلار بىلەن ياشلار ئارىسدا«نېمىشقا ئاكىسىدىن ئىنىسى قېرى كۆرۈنىدۇ؟» دەپ تالاش بولۇپ قاپتۇ، بىرى، ئۇنى دەپتۇ، بىرى بۇنى دەپتۇ، لېكىن ھېچكىم تاپالماپتۇ. ئاخىر ئۇلاردىن بەش - ئالتە كىشى ئاكا - ئۇكىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. مېھمانلارنى كۆرۈپ سەمەتنىڭ خۇشاللىقى ئىچى - ئىچىگە پاتماي قاپتۇ، ئۇلارنىڭ ئاستىغا كۆرپە ساپتۇ، لېكىن سەمەتنىڭ خوتۇنى چىرايىنىمۇ ئاچماي بۇ بۇلۇڭدا ئولتۇرۇۋېلىپتۇ. سەمەت خوتۇنىغا :
_ خوتۇن، ياخشى مېھمانلار كەلدى، بىرەر نەرسە قىلساڭچۇ؟ - دەپتۇ.
_ ئۆيدە گۆش يوق، - دەپتۇ خوتۇنى قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە دومسىيىپ.
_ گۆشسىز بولسىمۇ بىر ئامال قىلساڭچۇ، - دەپتۇ مېھمانلار ئالدىدا خىجالەت بولغان سەمەت.
_ ئۇنمۇ يوق، - دەپتۇ خوتۇنى جاھىللىق بىلەن.
_ ھېچبولمىغاندا نان - پان، چاي - پېيىڭ باردۇ؟ - دەپتۇ سەمەت.
_ نانمۇ يوق، سۇمۇ يوق، - دەپتۇ خوتۇنى توڭلۇق بىلەن.
ئەسلىدە سەمەتلەرنىڭ ھال - ئوقىتى خېلى ياخشى بولۇپ، خوتۇنى يوق دېگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن.
ياق - ياق، بىزگە ھېچنەرسە كېرەك ئەمەس، ئۆزىمىز مۇنداقلا كىرىپ چىقايلى دېۋىدۇق، ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر، - دېيىشىپ، مېھمانلار ئورنىدىن تۇرۇشۇپتۇ.
ئاندىن كېيىن ئۇلار ئەمەتنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. مېھمانلار ھويلىغا كىرىشى بىلەنلا ئەمەت بىلەن خوتۇنى چىقىپ ئوچۇق چىراي قارشى ئاپتۇ. ئۇلار ئۆيگە كىرگۈچە ئەمەتنىڭ خوتۇنى ئاۋۋال ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئەسكى كۆرپىسى بار ئىكەن، شۇنى قېقىشتۇرۇپ مېھمانلارنىڭ ئاسىتىغا ساپتۇ. ئەمەت مېھمانلار بىلەن تىنچلىق - ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن:
_ خوتۇن، مېھمانلارغا قويغۇدەك بىر نېمەڭ بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ ۋاي، بار - بار، مېھمانلار ئۇسساپ قالغاندۇ، ئاۋۋال تاۋۇز تىلايلى، - دەپتۇ خوتۇنى.
_ قېنى ئەمىسە، ياخشىراقىدىن بىرنى ئىلغاپ چىققىنا، - دەپتۇ ئېرى. خوتۇنى«ماقۇل» دەپ خوشال چىقىپ كېتىپ بىر تاۋۇزنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ.
_ ياخشىراقى يوقمۇ؟ - دەپتۇ مايماق تاۋۇزنى كۆرۈپ ئەمەت.
ئەسلىدە ئەمەتنىڭ تۇرمۇشى سەمەتنىڭكىگە قارىغاندا ناچار ئىكەن. شۇ كۈنى ئۇلار ئۆيىدە ئاشۇ مايماق تاۋۇزدىن باشقا ھېچنەرسىسى يوق ئىكەن، لېكىن ئەمەتنىڭ ئايالى:
_ ماقۇل، مەن قاراپ باقاي، - دەپ چاندۇرماستىن چىقىپ كېتىپ، يەنە ھېلىقى تاۋۇزنى كۆتۈرۈپ كىرىپ تۇمشۇق تەرىپىنى كۆرسىتىپتۇ.
_ بۇ تاۋۇزۇڭ ياخشى چىقارمىكىن، قېنى، ئەكەلگىنە تىلىپ باقايلى، - دەپ تىلىپتىكەن، تاۋۇز ھەم قىزىل ھەم تەملىك چىقىپتۇ.
مېھمانلار تاۋۇزغا ئېغىز تېگىشىپ قىزىق پاراڭلارنى سېلىشىپ، بۇ مېھمانادوست ساھىبخانلاردىن رازى بولۇشۇپ قايتىپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ ئارىدىن بىر قېرى بوۋاي؛
_ بىزنىڭ تالىشىشىمىز ئەمدى يېشىلدى. سەمەتنى قېرىتىۋەتكەن بارنى يوق دەپ، دومسىيىپ ئولتۇرغان خوتۇنى، ئەمەتنى ياشارتىۋەتكەن ھېلىقى يوقنى بىلىندۈرمەي گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرغان خوتۇنى. دېمەك «ئەرنى ئەر قىلىدىغان خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغان خوتۇن» دەپ بىكار ئېيتمىغانىكەن كونىلار، - دەپتۇ.