مەلىكە دىلسۇز
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بۇرۇنىكەن، سوقا تۇرنىكەن، سېغىزخان جەدىكەن، قۇيرۇقى يەردىكەن، پاقا راۋاپچىكەن، سالما غىجەكچىكەن، بۈرگە ئۇسۇلچى، پاشا غەزەلچىكەن. شۇ زاماندا بىرپادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنپقىزى بار ئىكەن، بۇ قىز ناھايىتى ساھىبجامال بولۇپ ئۇىڭ ئالدىدا ئاي ۋە كۈنمۇ خىجىل بولىدىكەن. قىز چوڭ بولۇپ تۇرمۇش يېشىغا يېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ شەھىرىدە بىر ئاشىق بار ئىكەن، بۇ ئاشىق چىلىمنىڭ سەيخانىسىغا تاماكىنى پوتەيدەك قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېزرەك چوغىنى قويۇپ چېكىدىكەن. بىر كۈنى پادىشاھ تاھارەت ئېلىپ ئۆز ھۇجرىسىدىن چىقىۋاتسا ئاشىق پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھەق شەيدىللا» دەپ توۋلاپتۇ. پادىشاھ: «ئەجەپمۇ بۇ ئاشىق سەھەردە كېلىپ قالدى. دەرھال سادىقە بېرىشىم كېرەك» دەپ كەينىگە كىرىپ غەزىنىدىن بىر لىگەندە تىللا ئېلىپ چىقىپ ئاشىققا تەڭلەپتۇ. ئاشىق تىللانى ئالماپتۇ. پادىشاھ:
- ئەي ئاشىق، تىللانى ئالمىساڭ نېمە تىلەيسەن؟ - دەپتۇ.
- سىز بېرەي دەڭ، ئاندىن مەن تىلەيدىغان نەرسىنى دەيمەن دەپتۇ ئاشىق.
- نېمە تىلىسەڭ شۇنى بېرىمەن، تىلەيدىغان نەرسىنى دېگىن دەپتۇ پادىشاھ.
- ئىككىنچى قېتىم بېرەي دەڭ، - دەپتۇ ئاشىق.
- تېلىگىنىڭنى بېرىمەن، - دەپتۇ پادىشاھ. شۇنداق قىلىپ پادىشاھنىڭ ۋەدىسىنى ئالغاندىن كېيىن ئاشىق:
- سىزنىڭ قىزىڭىز مەلىكە دىلسۇزنى خۇدا يولىدا تىلەيمەن، - دەپتۇ.
پادىشاھ بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۇرۇپ قېلىپ:
- يامان يەردىن تۇتتۇڭ، دۇنيادا يالغۇزلا بىر قىز ئىدى. خەير، مەن جاۋابىمنى بەردىم. بىر پەرزەنت ئەر بىلەن ئايالنىڭ بولىدۇ، مەن ئايالىمدىن سوراپ چىقاي، - دەپ ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ.
پادىشاھ ئۆيگە كىرىپ ئايالىغا بولغان ۋەقەنى تولۇق بايان قىلىپتۇ، ئاخىرىدا:
- ۋەدە قىلغانلىقىم ئۈچۈن مەن ئۆزەمگە تېگىشلىك قىسمىنى بەردىم، سەن نېمە دەيسەن؟ - دەپتۇ.
پادىشاھنىڭ ئايالىمۇ سېخى ئايال ئىكەن، پادىشاھنى سىنىماق بولۇپ،
- دۇنيادا بىرلا پەرزەنتىمىز تۇرسا - بەردىڭىزمۇ؟ - دېگەن ئىكەن پادىشاھ:
- ئۇنداق بولسا سەن بەرمىسەڭ مېنىڭ تېگىشلىكىمنى بەردىم، - دەپ قولىغا قىلىچنى ئاپتۇ. مەلىكە دىلسۇز ئۇخلاۋاتقان ئىكەن، شۇڭا پادىشاھ:
- خوتۇن مەن لەۋزىمدىن يانالمايمەن. قىزىمنى قىلىچتا ئىككى پارچە قىلىمەن. بىرى ئۆزەڭگە قالىدۇ، بىرىنى ئاشىققا بېرىمەن، - دەپتۇ. پادىشاھنىڭ خوتۇنى:
- ھېلىغۇ بىر قىز ئىكەن، ئەگەر سىز خۇدا يولىدا بەرگەن بولسىڭىز مىڭ قىز بولسىمۇ بەردىم، - دەپتۇ. پادىشاھ خوتۇنىغا قىزىنى ئويغىنىپ چىقىشنى بۇيرۇپتۇ، پادىشاھنىڭ خۇتۇنى قىزىنى ئويغىتىپتۇ. قىز:
- ئانا، نېمە ئىش؟ - دەپتۇ. قىزنىڭ ئانىسى:
- قىزىم، دادىڭىز باياتىن تاھارەت ئالغىلى چىقىپ بىر ئاشىققا ئۇچراپتۇ، - دە دادىسى بىلەن ئاشىق ئوتتۇرىسىدا بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
- دادام مېنى ئاشىققا بەرگەن بولسا سىز نېمە دېدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ قىز.
- مەنمۇ دادىڭىزنىڭ پىكرىگە قوشۇلدۇم، - دەپتۇ ئانىسى.
- سىلەر مېنى خۇدا يولىدا ئاشىققا بەرگەن بولساڭلار مەنمۇ ئۆزەمنى خۇدا يولىدا ئاشىققا تەقدىم قىلدىم، - دەپتۇ قىز.
شۇنىڭ بىلەن قىز خالتىدا ئۇن، چاي قاينىتىدىغان بىر دانە چۆگۈن، بىر چۆچەك، بىر سىقىم تىللانى يانچۇقىغا سېلىپ چىقىپتۇ. پادىشاھ ۋەخوتۇنى قىزىنى ئاشىققا قوشۇپ يولغا ساپتۇ. ئاشىق مەلىكە دىلسۇزنى كەينىگە سېلىپ، يولغا راۋان بوپتۇ. ئاشىق مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ. مەلىكە:
- ئۆيىڭىز قەيەردە؟ - دەپ سورىغان ئىكەن، ئاشىق:
- توغراق مازار دېگەن يەردە بىر تېمى بار، ئۈچ تېمى يوق بىر ئۆيۈم بار، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. نەتىجىدە ئۇزۇن يول يۈرۈپ بىر توغراقلىق قەبرىستانلىققا بېرىپ، بىر پۇچۇق گۇمبەزگە كىرىپتۇ. قارىسا، دېگەندەك بىر تېمى بار، ئۈچ تېمى يوق ئىكەن. مەلىكە ئاشىققا قاراپ:
- ئەي ئاشىق، ئۆيىڭىزنىڭ ئۈچ تېمى يوق، ئۈستىمۇ ئوچۇق ئىكەن قار، يامغۇر، بوران بولىدۇ. بۇ مازارلىقتىكى دەرەخلەر بىزدەك ئاشىقلارنىڭ. سىز ئاشۇ كۆرۈنگەن يۇرتقا بېرىپ، بىر تامچى، بىر ياغاچچى چاقىرىپ كەلسىڭىز، تامچى ئۈچ تامنى ئېتىپ بەرسە، ياغاچچى ئۇستا يېپىپ بەرسە، ئاندىن خاتىرجەم ئولتۇرساق، - دەپتۇ، ئاشىق مەلىكىگە قاراپ.
- ياغاچچى بىلەن تامچىغا پۇل بەرمىسەك بۇ ئىشلارنى قىلىپ بەرمەيدۇ. مەندە ئۇلارغا بەرگۈدەك ھېچنەرسە يوق، - دەپتۇ. مەلىكە يانچۇقىدىن 2 تىللانى ئېلىپ:
- تىللانى ئاپىرىپ بىرىنى تامچىغا، بىرىنى ياغاچچىغا بېرىپ چاقىرىپ كېلىڭ، - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشىق يۇرتقا بېرىپ بىر تامچى بىلەن بىر ياغاچچىنى چاقىرىپ كېلىپ ئۆينى رېمونت قىلدۇرۇپتۇ، بارنى يېتىپ يەپتۇ. يەيدىغان نەرسىلەر تۈگەپتۇ، مەلىكە:
- ئەي ئاشىق، يەيدىغان نەرسىلەر تۈگىدى. ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ يىگۈلۈك تېپىپ كېلىڭ، - دەپتۇ. ئاشىق بولسا:
- مەلىكەم، سىز بولسىڭىز بولدى، - دەپ يېتىۋېرىپتۇ. مەلىكە يەنە:
- يەيدىغان نەرسە پۈتۈنلەي تۈگىدى، سىز دەرھال يەيدىغان نەرسە تېپىپ كېلىڭ، - دەپتۇ. ئاشىق:
- ئۇنداق بولسا ماۋۇ خالتىنى سىز كۆتۈرۈڭ، مەن ئارقىڭىزدىن ماڭاي، شۇنداق قىلىپ بىرەر يېگۈلۈك نەرسە تېپىپ كېلەيلى، - دەپتۇ. مەلىكە ئاشىقنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپتۇ ۋە:
- بۈگۈن بازار كۈنى. ماۋۇ ئون تىللانى ئېلىپ بازارغا بېرىپ سەككىز تىللاغا بىر پارچە رەخت ھەم ھەر خىل رەڭلىك يىپ ئالىسىز. قالغان ئىككى تىللاغا ئۇن، سەي - كۆكتات، ياغ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىڭ، - دەپ ئەۋەتىپتۇ.
ئاشىق پۇلغا دېگەن سودىلىقنى قىلىپ كەپتۇ. مەلىكە بازاردىن ئالغان ھەرخىل يىپ ۋە رەختتىن يەنە بىر بازارغىچە بىر دانە ياغلىق تىكىپتۇ. بۇ ياغلىق ناھايىتى كۆركەم ئىكەن. بازار كۈنى ئاشىقنى بۇ ياغلىقنى بازارغا ئاپىرىپ مىڭ تىللاغا سېتىپ، يەنە ھەرخىل يىپ ۋە رەخت سېتىۋېلىپ باشقا سودىلىقنىمۇ قىلىپ كېلىشنى، لېكىن ياغلىقنى مىڭ تىللاغا سېتىشنى، بىرى كەم مىڭ تىللا بولسا ساتماسلىقنى تاپىلاپتۇ ۋە:
- سىز ياغلىقنى بىر چېقىر كۆز، بوز ئاتلىق يىگىتكە ساتماڭ. ئەگەر سېتىپ قالسىڭىز مەندىن قۇرۇق قالىسىز، - دەپتۇ.
ئاشىق ياغلىقنى بازارغا ئاپىرىپتۇ. ياغلىقنى كۆرگەن خېرىدارلار 999 تىللا قىلىشىپتۇ. لېكىن مىڭ تىللاغا ئالىدىغان كىشى چىقماپتۇ. شۇ ئارىدا مەلىكە دېگەن ھېلىقى يىگىت كېلىپ ياغلىققا كۆزى چۈشۈپتۇ. ئاشىقنىڭ ئېسىدىن مەلىكىنىڭ بۇ يىگىتكە ساتماسلىق توغرىسىدىكى تاپىلىغان سۆزلىرى چىقىپ قاپتۇ.
- ياغلىقنى ساتامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت ئاشىقتىن.
- ھەئە - دەپتۇ ئاشىق.
- نەرقى قانچە؟
- مىڭ تىللا.
شۇنداق قىلىپ يىگىت مىڭ تىللانى بېرىپ ياغلىقنى سېتىپ ئاپتۇ. دەل شۇ چاغدا مەلىكىنىڭ سۆزى ئېسىگە چۈشۈپ قالغان ئاشىق:
- مەلىكەم ساتماڭ دېگەن، - دەپ يىەىتنىڭ قولىدىن ياغلىقنى تارتىۋېلىپ، پۇلىنى بېرىپتۇ. ئاشق ياغلىقنى ئېلىپ باشقا كوچىغا مېڭىپتۇ. يىگىت ئاشىقنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. بىر ئوتۇنچى ئىككى ئېشەككە ئارتىلغان ئوتۇننى ھەيدەپ ئۇچراپتۇ. يىگىت:
- ئوتۇنۇڭ نەچچە پۇل؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بىر تەڭگىدىن ئىككىسى - ئىككى تەڭگە، - دەپتۇ، ئوتۇنچى.
- ئۇنداق بولسا ئوتۇنۇڭ بىر تىللادىن ئىككى تىللا بولسۇن، سەن كىيمىڭنى ماڭا سېلىپ بېرىپ مېنىڭ كىيمىمنى كىيىپ ئېتىمنى تۇتۇپ تۇرغىن. ئازراق ئىشىم بار. ئىشىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئىككى تىللانى ئۆزەڭ ئال، ئوتۇنىڭنىمۇ ئۆزەڭ ئال، - دەپتۇ.
- ماقۇل، - دەپتۇ ئوتۇنچى، كىيمىنى سېلىپ بېرىپ، يىگىتنىڭ كىيمىنى كىيىپ، يىگىتنىڭ ئېتىنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. يىگىت ئوتۇنچىنىڭ كىيمىنى كىيىپ ئوتۇننى ھەيدەپ ئاشىقنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ ۋە ئاشىققا يېتىشىۋېلىپ:
- ئەي ئاشىق، ياغلىقنى ساتامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بۇ ياغلىق، سېنىڭ ئىككى ئېشەك ئوتۇنۇڭنىڭ پۇلىغا كەلمەيدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئاشىق.
- ياغلىقنىڭ نەرقى قانچە پۇل؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت.
- مىڭ تىللا، - دەپتۇ، - ئاشىق.
- ئال، مانا مىڭ تىللا، - دەپ پۇلنى بېرىپتۇ ئوتۇنچى سىياقىدىكى يىگىت.
ئاشىق «ياغلىقنى ئوتۇنچىغا ساتتىم» دەپ خاتىرجەم بولۇپ بازارغا ئۆز سودىلىقىنى قىلغىلى مېڭىپتۇ. يىگىت ياغلىقنى ئېلىپ ئەسلىدىكى ئوتۇنچىنىڭ قېشىغا بېرىپ، كىيىم - كېچەكلىرى بىلەن ئاتنى ئېلىپ ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ. ئەمدى سۆزنى يىگىتتىن ئاڭلايلى:
بۇ يىگىت ئەسلىدە باشقا بىر شەھەر پادىشاھىنىڭ ئوغلى بولۇپ مەلىكىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرمەستىن ئاشىق بىقارار بولغان ئىكەن. يىگىتنىڭ دادىسى مەلىكىگە ئەلچى ئەۋەتكەندە مەلىكىنىڭ ئاتىسى «قىزىم كىچىك» دەپ بەرمىگەن ئىكەن. مەلىكە بۇ يىگىتنىڭ ئۆزىگە ئاشىق بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھېلىقىدەك چىرايلىق ياغلىقتىن بىرنى تىكىپ: «مېھرىنى ئۈزسۈن» دەپ چىقارتىپ بەرگەن ئىكەن.
يىگىت قىزنىڭ ئوت - پىراقىدا يۈرۈپ شەھەرگە كىرىپ ئۆزىدىكى ياغلىققا ئوخشاش ياغلىقتىن بىرىنى ئاشىقنىڭ قولىدا كۆرۈپ: «مەلىكىنى ئاشىققا بېرىپتۇ، ئاشىق دېگەننىڭ ئۆيى مازارلارد بولىدۇ، مەن بۇنى چوقۇم تېپىشىم كېرەك» دەپ ياغلىقنى ئېلىپ مەلىكىنى ئىزلەپ مېڭىپتۇ. ئەتراپتىكى مازارلارنى ئىزلەپتۇ. لېكىن ھېچيەردىن مەلىكىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالالماپتۇ. كۈن كەچ بوپتۇ. ئىزلەپ كېتىپ بارسا يىراق بىر جايدا چىراق يورۇقى كۆرۈنۈپتۇ. يىگىت ئېتىنى ئۇدۇل چىراق يورۇقى چىققان تەرەپكە چاپتۇرۇپ بېرىپ قارىسا بىر مازارلىقتىكى گۈمبەز ئالدىغا كېلىپ ئىچىگە قارىسا دېگەندەك مەلىكە ئولتۇرغان ئىكەن. يىگىت ئاتتىن چۈشمەي: «قوپ ئۆزلۈكىڭدىن، ئاتقا مىن، ئەگەر رازى بولمىساڭ ئۆلتۈرىمەن» دەپتۇ. مەلىكە بىر قاراپلا ئاشىقنىڭ ياغلىقنى ساتماڭ دېگەن كىشىگە ساتقانلىقىنى بىلىپتۇ. يىگىتكە قارشىلىق قىلسا ئۆزىگە خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى سېزىپ ئورنىدىن تۇرۇپ بىر كۆپىسىنى ئاتنىڭ كەينىگە ساپتۇ. بىر خالتىدا ئۇن، ياغاچ چۆچەك، تۇنىكە چۆگۈننى ئېلىپ ئاتنڭ كەينىگە مىنىپتۇ. يىگىت مەلىكىنى ئېلىپ مېڭىپتۇ.
بۇلار يول مېڭىۋەرسۇن. ئەمدى گەپنى ئاشىقتىن ئاڭلايمىز: ئاشىق بازاردىن ئالىدىغان نەرسە - كېرەكلىرىنى ئېلىپ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلسە چىراق ئۆچكەن، مەلىكىنى توۋلاپتۇ. ئاۋاز چىقماپتۇ. ئۆي ئىچىگە كىرسە ئادەم يوق. دەرھال سىرتقا چىقىپ قارىسا گۈمبەز ئالدىدا ئاتنىڭ ئىزى تۇرغان. بۇنى كۆرگەن ئاشىق ياغلىق ئالغۇچىنىڭ ئوتۇنچى قىياپتىدىكى يىگىت ئىكەنلىكىنى سېزىپ ئاتنىڭ ئىزىغا ئۆزىنى تاشلاپ ھۇشىدىن كېتىپتۇ. بىر ۋاقىتتىن كېيىن ھۇشىغا كېلىپ كېچىدە، ئاتنىڭ ئىزىنى ئىزلەپ مەلىكىنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ.
ئەمدى سۆزنى مەلىكىدىن ئاڭلايلى:
يىگىت مەلىكىنى ئاتقا مىندۈرۈپ بىر كېچە يول يۈرۈپ تاڭ ئاتقاندا ئىككى ئاچال يولغا كەپتۇ. مەلىكە دەرھال يىگىتتىن سوراپتۇ:
- سىزنىڭ شەھىرىڭىزگە قايسى يول بىلەن ماڭىمىز؟
- جەنۇب تەرەپ بىلەن، - دەپتۇ يىگىت.
- ئاتنى توختاتسىڭىز، - دەپتۇ قىز، - سىزمۇ ھاردىڭىز، مەنمۇ ھاردىم. بىردەم ئارام ئېلىپ تۇرسىڭىز، بىر پىيالە چاي تەييارلاي، ئىككىمىز ئىچىپ ئاندىن يۈرۈپ كەتسەك.
- ماقۇل، - دەپتۇ يىگىت ۋە ئاتتىن چۈشۈپ ئولتۇرۇپتۇ. مەلىكە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يىگىتنىڭ شەھىرىگە بارىدىغان يول تەرەپتە چاي قاينىتىپتۇ. خېمىر يۇغۇرۇپ ئوتقا كۆمەچ قىلىپ كۆمۈپ، ئىچىگە قولىدىكى ئۈزۈكنى سېلىپ قويۇپ يىگىتنى ئويغىتىپ چاي ئىچىشىپ يولغا چىقىشىپتۇ.
ئاشىق كېچىچە ئاتنىڭ ئىزىنى بويلاپ كېلىپ قارىسا يول ئىككىگە بۆلۈنگەن. مەلىكىنىڭ قايسى يولغا كەتكەنلىكىنى بىلمەي تۇتۇپ خۇمارى تۇتۇپتۇ. قارىسا جەنۇب تەرەپتىكى يولدا تۈتۈن چىقىۋاتقان، ئاشىق شۇ يەرگە بېرىپ چىلىمنى ئېلىپ تاماكا سېلىپ چېكىپ، ئاندىن بىر يولغا ماڭماڭچى بولۇپ چىلىمغا چوغدىن بىر تال ئالاي دەپ ئوتنى كوچىلىسا بىر دانە كۆمەچ چىقىپتۇ. اشىق: «خۇدا ئەتىگەندە ماڭا بىر رىسقى بەردى، يەپ ئاندىن چىلىمنى چېكەي» دەپ، كۆمەچنى ئىككى پارچە قىلىش بىلەن كۆمەچنىڭ ئىچىدىن مەلىكە دىلسۇزنىڭ ئۈزۈكى چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈزۈكنى تونۇپ مەلىكىنىڭ مۇشۇ يولغا كەتكەنلىكىنى جەزم قىلىپ يولغا راۋان بوپتۇ.»
يىگىت مەلىكىنى ئۆز شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپتۇ.
ئاشىق بىر ئايدەك يول يۈرۈپتۇ. چاچ - ساقاللىرى ئۆسۈپتۇ. تويغىدەك رىيازەت چېكىپتۇ. ئاخىرى بىر شەھەرگە يېقىنلاشقاندا ھاردۇق ئالماقچى بولۇپ، ئىشىكى ئالدىدا يىپ ئىگىرىپ ئولتۇرغان موماينىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ.
- ئاشىق، قەيەردىن كەلدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ موماي. ئاشىق ئايالغا ئۆزىنىڭ كەلگەن يېرىنى ۋە كېلىشتكى مەقسىتىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئايال مۇنداق دەپتۇ:
- ئوغلۇم، سېنىڭ مەلىكەڭنى ئېلىپ كەلگەن پادىشاھنىڭ شەھىرى مۇشۇ. سېنى مەلىكەڭ تاپمىسا سەن مەلىكەڭنى تاپالمايسەن. ساڭا مەسلىھەت بېرەي، ئون تىللا پۇل دەسمى قىلىپ، ئۇپا، ئەڭلىك، تاغاق، سۈزگۈچ، گۈڭگۈرت، تاماكا ئېلىپ شەھەرگە كىرىپ پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئالدىدا توۋلايسەن. كۈندۈزى مال ساتىسەن، ئەھۋال ئۇقۇسەن. كەچقۇرۇن مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ قونىسەن، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئاندىن مەلىكەڭنى تاپىسەن، - دەپتۇ. ئاشىق بۇ ئايالنىڭ گېپىگە ماقۇل بولۇپ، دېگەن نەرسىنى ئاپتۇ. كۈندۈزى شەھەرگە كىرىپ پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئالدىغا بېرىپ: «ئۇپا - ئەڭلىك، تاغاق - سۈزگۈچ» دەپ توۋلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ 5 كۈن ئۆتۈپتۇ، دەسلەپكى كۈنى بىر دانە چالا نانغا سودا قىپتۇ. 2 -، 3 -، 4 -، 5 - كۈنىگىچە بىر تىيىنغىمۇ سودا قىلالماپتۇ. 5 - كۈنى كەچتە ئاشىق ئايالغا مۇنداق دەپتۇ:
- ئەي ئانا! مېنىڭ مەلىكەم بۇ شەھەردە يوقكەن. بەش كۈندىن بېرى ئۇچۇرى بولمىدى. ئون تىللا پۇل سەرپ قىلىپ مال ئېلىپ بىر تىيىنگە ساتماي، ئاران بىر چالا نانغا سودا قىلدىم. ئەمدى باشقا شەھەرنى ئىزلەپ باقاي - دەپتۇ. موماي:
- ئوغلۇم، ئەتە بىر كۈن تۇرغىن، ئەگەر يەنە ئۇچۇرى بولمىسا ئاندىن قايسى تەرەپكە ماڭساڭ يولغا سېلىپ قوياي، - دەپتۇ. ئاشىق ماقۇل بولۇپ ئەتىسى يەنە شەھەرگە كىرىپتۇ. بۇ كۈنمۇ يەنە بىر چالا نانغا سودا قىپتۇ، قايتىپ كېلىپ باشقا جايغا ماڭماقچى بوپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ھېلىقى موماي:
- ئالتە كۈن شەھەرگە كىرىپ سودا قىلغان ئالتە نېنىڭنى پارچىلاپ تۇرغىن، مەن ئوتۇن تەييارلاي، شۇنىڭدا سۇ قايناق ئېتىپ بېرەي، ئىچىپ ئاندىن يولۇڭغا ماڭغىن، - دەپ ئوتۇنغا چىقىپ كېتىپتۇ، ئاشىق بىر ناننى پارچىلىسا بىر زىخچا ئالتۇن چىقىپتۇ،2 - 3 - 4 - 5 - نان ئىچىدىن 5 زىخچا ئالتۇن چىقىپتۇ، ئاخىرقى ناننى بىر پارچىلىسا بىر پارچە خەت چىقىپتۇ. ئاشىق خەت ئوقۇشنى بىلمەيدىكەن. ئۆي ئىگىسى ئايال مەھەللىدىن بىرىنى چاقىرىپ كېلىپ پۇل بېرىپ خەتنى ئوقۇتۇپتۇ:
سۈيۈملۈك ئاشىقىم!
شۇنى جىددىي مەلۇم قىلىمەنكى، سىز مەن «ياغلىقنى ساتماڭ» دېگەن يىگىتكە ياغلىقنى ساتقالىقىڭىز ئۈچۈن، شۇ يىگىت مېنى قايتۇرۇپ كەلدى. ھازىر 39 كۈن بولدى. كەلگەن ۋاقىتتا تەلەپ قويدى. مەن: «ھەر كىم مېنى ئۆز ئەمرىگە ئالماقچى بولسا قىرىق كۈن توي قىلىشى شەرت. ئەگەر شۇ شەرتكە ئۇنىمىسا ياكى شۇ كىشىنى ئۆلتۈرىمەن ياكى ئۆزەم ئۆلىمەن» دەپ شەرت قويغان.
ئۇ بۇ شەرتنى قوبۇل قىلدى. بۈگۈن 39 كۈن بولدى. توي بولۇۋاتىدۇ. مەن ئەركەك چىۋىنگىمۇ كۆرۈنمەي 40 دانە مەلىكە بىلەن راۋاقتا تۇرىمەن، ئەتە 40 كۈن بولىدۇ. نىكاھ ئوقۇلغاندىن كېيىن سىزنى مەن، مېنى سىز تاپالمايسىز. ۋاقىت جىددىي. 5 زىخچا ئالتۇن چىقارتتىم. ئۇچىدىغان ئاتتىن ئىككىنى ئېلىپ تەييارلاپ، بىر دانە خۇرجۇن ئېلىپ، بىر كېچىنى 3 ھەسسە قىلىپ، 2 ھەسسە ئۆتۈپ بىر ھەسسە قالغاندا راۋاقنىڭ قېشىغا كېلىپ تۇرىسىز. بوخچانى تاشلايمەن، خۇرجۇنغا سالىسىز، سەكرەپ چۈشىمەن، بىر ئاتقا سىز مىنىسىز، يەنە بىر ئاتقا مەن مىنىمەن، ئىككىمىز بىرلىكتە قاچىمىز.
مەلىكىڭىز: دىلسۇز
ئاشىق خەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شەھەرگە كىرىپ دەرھال ئىككى ئات تەييارلاپ، ئاخشامدىلا راۋاقنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. بىر چاغدا بىر جىسەكچى راۋاقنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ قاپتۇ. قارىسا ئات تۇرغان، بىر ئادەم ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالغان. جىسەكچى «بۇ يەردە بىر گەپ بار» دەپ يوشۇرۇنۇپ تۇرسا، راۋاقتىن بىر نەرسە چۈشۈپتۇ. قارىسا بوخچا ئىكەن جىسەكچى بوخچىنى ئېلىپ خۇرجۇنغا ساپتۇ. كەينىدىن بىر كىشى سەكرەپ چۈشۈپتۇ ۋە ھۇم دەپلا بىر ئاتقا مىنىپ مېڭىپتۇ، جىسەكچى يەنە بىر ئاتقا مىنىپ مەلىكىنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ. تاڭ ئېتىپتۇ. مەلىكە كەينىگە قارىماي «ئاشىق كەينىمدە بار» دەپ مېڭىۋېرىپتۇ، بىر سايلىققا چىقىپ كەينىگە قارىسا ئاشىق يوق. بىر ناتۇش ئادەم ئات بىلەن كەينىدىن كېلىۋاتقان.
مەلىكە دەرھال ئاتنى توختىتىپ:
- سەن نېمە ئادەم؟ - دەپ سوراپتۇ. جىسەكچى:
- كېچىسى جىسەكچىلىك قىلىدىغان ئادەممەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
- يا ھەزرەت، - دەپتۇ مەلىكە، - سېنىڭ ئىشقىڭدا ئالتە ئاي بولدى دەرت تارتقىلى، ھەر كېچىسى «تاڭ - تاڭ» قىلساڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ ئىشقى پىراقىڭدا قىينالدىم. بۈگۈن خۇدا مۇرادىمنى بېرىپتۇ.
بۇ سۆزدىن جىسەكچى خۇشال بوپتۇ.
- مەلىكە، - دەپتۇ جىسەكچى، - مۇشۇ يەردە بىردەم ئارام ئېلىپ ماڭايلى.
جىسەكچىنىڭ غەرىزىنى چۈشەنگەن مەلىكە:
- بولىدۇ. ئاتتىن چۈشۈڭ، مەنمۇ سىزنى دەپ كۆرمىگەن ئازاپلارنىڭ تارتتىم. لېكىن مېنىڭ بىر شەرتىم بار. ئۇ بولسىمۇ مەن: «ئەر كىشىگە ئۆزەمنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى مېنى قوبۇل قىلىدىغان كىشىنىڭ قولىنى كەينىگە قىلىپ باغلىسام ئۇ كىشى ئالدىمدىن بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت دەپ بىر مەرتىۋە ئۆتسە ئاندىن ئۆزەمنى ئۇ كىشىگە قوبۇل قىلىمەن» دەپ شەرت قىلغان. شۇڭا مۇشۇ شەرتىمنى ئادا قىلسىڭىز، ئاندىن مۇرات - مەقسىتىمىزگە يەتسەك دەپتۇ. جىسەكچى ماقۇل بوپتۇ ۋە «قېنى باغلىسىلا» دەپتۇ. مەلىكە بىر ئارغامچىدا ئىككى ئاتنى باغلاپ قويۇپ، بىر ئارغامچىدا جىسەكچىنى باغلاپ: «قېنى مېڭىڭ» دەپتۇ. جىسەكچى «بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت» دېگۈچىلىك مەلىكە قولىغا يوغان تاشتىن بىرنى ئېلىپ جىسەكچىنىڭ قۇلاق تۈۋىگە ئۇرغان ئىكەن، جىسەكچى دەرھال ئۆلۈپتۇ. مەلىكە جىسەكچى ئۆلگەندىن كېيىن قولىدىكى ئارغامچىنى يېشىپ، بىر ئاتقا مىنىپ بىرنى يېتىلەپ كېتىپ بارغان يولغا قاراپ مېڭپتۇ.
ئەمدى سۆزنى ئاشىقتىن ئاڭلايمىز:
ئاشىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ قوپسا كۈن چۈش بولۇپ قالغان، ئات يوق. بېشىغا بىرنى ئۇرۇپ، «ئوغرىدىن قۇتۇلۇپ قاراقچىغا ئۇچرىدىم دېگەن ئىش بولدى. مەلىكەمنى يەنە بىرى ئېلىپ قېچىپتۇ» دەپ ئاتنىڭ ئىزىنى بويلاپ مېڭىپتۇ. كەچتە ھېلىقى جىسەكچى ئۆلگەن جايغا يېتىپ بېرىپتۇ. قارىسا بىر كىشىنىڭ ئۆلۈكى تۇرغان. «ھە! مەلىكىنى ئېلىپ قاچقان ئوغرى سەن ئىكەنسەن. سەنمۇ ئەدىبىڭنى يەپسەن» دەپ، يەنە ئاتنىڭ ئىزى بىلەن مېڭىپتۇ.
مەلىكىگە كەلسەك، ئۇ مېڭىپ بىر جايغا بارسا، كارۋان ماڭىدىغان چوڭ بىر يول ئۇچراپتۇ. مەلىكە شۇ يول بىلەن مېڭىپتۇ. يولدا كارۋانلارنىڭ ئۆلۈكلىرىدىن بىر قانچىسى ئۇچراپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئون ياش ئەتراپىدا بىر ئوغۇل بالا سوغۇقتا تىترەپ ياتقۇدەك. مەلىكە: «قاراقچىلار بۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى بۇلاپ بالىنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ كەتكەن ئىكەن» دەپ ئويلاپتۇ.
مەلىكە دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ، ئوت قالاپ، ھېلىقى بالىنى ئىسسىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ. ئۆزى بىر ئاتقا، بالىنى بىر ئاتقا مىندۈرۈپ يولغا راۋان بوپتۇ.
ئاشىق يولدىكى ۋەقەلەرنى كۆرۈپ، ئاتنىڭ ئىزىنى بويلاپ مېڭىۋېرىپتۇ. مەلىكە بىلەن ھېلىقى بالا يول يۈرۈپ، كەچتە بىر دەريانىڭ قېشىغا كەپتۇ. دەريا چوڭ بولغاچقا، ئۇنىڭدىن كېمە بىلەن ئۆتمىسە ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. مەلىكە ئاتتىن چۈشۈپ قاشقا چىقىپ قارىسا دەريانىڭ بىر يېرىدە بىر كېمە تۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ قېشىدا كېمىچىنىڭ ئۆيى كۆرۈنۈپتۇ. مەلىكە بالىغا:
- سەن ئاۋۇ كۆرۈنگەن ئۆيگە بېرىپ كېمىچىگە، «ئاچام بىزنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن» دەيدۇ، دېمەي، «ئاكام بىزنى كېمىدە دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويسۇن» دەيدۇ، دەپ چاقىرىپ كەلگىن، - دەپتۇ. بالا كېمىچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ:
- ئاچام «بىزنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويسۇن» دەيدۇ، - دەپتۇ. تۆت كېمىچى چىقىپ قارىسا چىرايلىق بىر مەلىكە تۇرغان. بۇنى كۆرگەن كېمىچىلەر «خۇدا بىزگە بىر پەرتىزاتنى بېرىپتۇ» دېيىشىپ مەلىكىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا:
- ھازىر كەچ بولۇپ قالدى ھەم شامال چىقىۋاتىدۇ. بۈگۈن ماڭغىلى بولمايدۇ. بۈگۈن كېچە بىزدە مېھمان بولسىلا، تاڭ ئاتقاندا ئۆتكۈزۈپ قويايلى، - دەپتۇ ۋە مەلىكىنى قونۇپ قېلىشقا دەۋەت قىپتۇ. مەلىكە بۇلارنىڭ غەرىزىنىمۇ چۈشىنىپتۇ.
- ناھايىتى ياخشى، - دەپتۇ مەلىكە، - مەن سىلەرنى دەپ ئالتە ئايدىن بېرى چۆللەرنى كېزىپ، ئوت يەپ، يامغۇر سۈيى ئىچىپ، بۈگۈن سىلەرنى تاپتىم. ئەمىسە ئۆيۈڭلارغا باشلاڭلار، - دەپتۇ. كېمىچىلەر خۇشال بولۇشۇپ، ئۆيگە باشلاپ مېڭىشىپتۇ. مەلىكە ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن كېمىچىلەرگە:
- سىلەرنى كۆرۈپ ھاردۇق چىقتى. مەن ئەسلىدە گۈرۈچ تامىقىغا ئامراق ئىدىم. بۈگۈن تويىمىز بولىدۇ، مۇرادىمىزغا يېتىمىز. سىلەر تۆت كىشى ئىكەنسىلەر، بىرىڭلار تۆت جىڭ گۈرۈچ تېپىڭلار؛ بىرىڭلار تۆت جىڭ سەۋزە تېپىڭلار؛ بىرىڭلار ئىككى جىڭ ياغ تېپىڭلار؛ بىرىڭلار بىر باغلام ئوتۇن تەييارلاپ كېلىڭلار. مەن ئۆز قوۇم بىلەن بىر ئاش ئېتەي، بىللە يەيلى، ئاندىن باشقا ئىشلىرىمىزنى قىلايلى، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ.
كېمىچىلەر خۇشال بولۇپ، ھەرقايسىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن چىقىپ كېتىپتۇ. مەلىكە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئات بىلەن بالىنى شۇ جايغا تاشلاپ، بوخچىسىنى ئېلىپ، باغلاقلىق كېمىنى يېشىپ دەريانىڭ ئاياق تەرىپىگە قاراپ مېڭىپتۇ. تۆت كېمىچى لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ قايتىپ كەلسە بالا ئات تۇرغان، لېكىن مەلىكە يوق. ئەتراپنى ئىزلەپتۇ. كېمىشىنىمۇ ئىزلەپ تاپالماپتۇ. كېمىچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىشىپ، ئۆزلىرىنى كاچاتلىشىپتۇ. «مەلىكە بىزنى گوللاپتۇ، بۈگۈن قوغلايلى دېسەك كەچ بولۇپ قالدى، كېمە بىر يەرگە بېرىپ لايغا پېتىپ قالىدۇ. تاڭ ئاتقاندا ئاندىن قوغلايلى» دېيىشىپ قېلىشىپتۇ. ئەتىسى كېمىنى ئىزلەيلى دەپ تۇرغاندا ئاشىق كېلىپ قاپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئىككى ئېتىنى كۆرۈپ كېمىچىدىن سوراپتۇ:
- سىلەر قەيەرگە بارىسىلەر؟
- بىر مەلىكە بىزنىڭ كېمىمىزنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى، بىز شۇ كېمىمىزنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بارىمىز. سەن قەيەرگە بارىسەن؟ - دەپتۇ كېمىچىلەر.
- بىر مەلىكە مېنىڭ بوخچامنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن، ئۇنداق بولسا مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە بېرىپ مەلىكىنى تېپىپ بوخچامنى قايتۇرۇپ كېلەي، - دەپ ئۇلارغا قوشۇلۇپتۇ ئاسىق.
ئۇلار بىر باغدىن قومۇشقا مىنىپ دەرياغا چۈشۈپتۇ.
ئەمدى كېمە بىلەن دەريانىڭ ئېقىشىغا قاراپ كېچە يول يۈرۈپتۇ. ئەتىسى چۈش ۋاقتى بولغاندا دەريانىڭ ئاياق تەرىپىدە نۇرغۇن ئەسكەرلەرنىڭ دەريا قېشىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. كېمە ئەسكەرلەرگە يېقىنلىشىپتۇ. ئەسكەرلەر كېمىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرياغا سالغۇ تاشلاپ كېمىنى تۇتۇشقا تەييارلىنىپتۇ. بۇنى كۆرگەن مەلىكە ھامان تۇتۇلۇپ قالىدىغانلقىنى بىلىپ ئىچىدە «سىلەرنىمۇ ئوبدان ئەپلەي» دەپ ئويلاپ كېمىنى ئۇدۇل ئەسكەرلەر توپلاشقان قاشنىڭ تۈۋىگە ئەكىلىپ:
- ئەي ئەسكەرلەر، كېىنى باغلاڭلار، - دەپتۇ. ئەسكەرلەر كېمىنى باغلىشىپتۇ. ئەسلىدە بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى قاراخان 40 مىڭ ئەسكىرى بىلەن دەريا بويىغا شىكارغا چىققان ئىكەن. مەلىكە ئۇلاردىن:
- سىلەر نېمە ئادەملەر؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ:
- مېنىڭ ئىسمىم قاراخان، مۇشۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى بولىمەن، - دەپ ئۆزىنى ناھايىتى ماختاپتۇ. ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلگەن مەلىكە:
- مەن بۇندىن ئالتە ئاي بۇرۇن چۈشۈمدە سىزنى كۆرۈپ غايىبانە ئاشىق بولغان ئىدىم. سىزنى ئىزلەپ نۇرغۇن چۆللەرنى كېزىپ، ئوت يىلتىزىنى ئوزۇق، يامغۇر سۈيىنى ئۇسسۇلۇق قىلىپ، بۈگۈن سىزنىڭ دىدارىڭىزنى كۆرۈشكە نېسىپ بوپتۇ، - دەپتۇ.
- قېنى مەلىكەم، - دەپتۇ پادىشاھ خۇشال بولۇپ، - شەھىرىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلسىلا، - دەپتۇ پادىشاھ. مەلىكە:
- سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئەر كىشى ئىكەن، بۇلار بىلەن بىللە ماڭسام نامەرەم بولىدۇ. شۇڭا سىزنىڭ مەلىكىلىرىڭىزنى يېنىمغا چىقارتىڭ، ئۇلار چىقىپ ئىززەت - ئىكرام بىلەن مېنى ئېلىپ كىرىپ كەتسۇن، - دەپتۇ. پادىشاھ ماقۇل بولۇپ پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى شەھەرگە بېرىپ مەلىكىلىرنى چاقىرىتىپ:
- ئەي مەلىكىلەر، بۈگۈن خۇدايىم ماڭا بىر مەلىكە ئاتا قىلدى، سىلەر دەريا بويىغا چىقىپ ئۇنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن شەھەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، - دەپ بۇيرۇپتۇ. بۇ مەلىكىلەر ئەڭ ئېسىل كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئۇپا - ئەڭلىكلىرىنى سۈرتۈشۈپ دەريا بويىغا چىقسا راست دېگەندەك ناھايىتى ساھىبجامال بىر مەلىكە تۇرغان، بۇلار مەلىكە بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەھۋال سورىشىپ، مەلىكىنى شەھەرگە تەكلىپ قىپتۇ. مەلىكىمۇ ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
- سىلەر بۇرۇن كېمىگە چىقىپ باققانمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ مەلىكە ئۇلاردىن.
- چىقمىغان - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇلار.
- ئۇنداق بولسا، خوتۇن خەقنىڭ كېمىگە چىقىشى بى - بى پاتىمەنىڭ سۈننىتى، كېمىگە چىقىشسىلا، دەريانىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ ساياھەت قىلىپ ئاندىن شەھەرگە كىرەيلى، - دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ مەلىكە.
- ماقۇل، - دېيىشىپتۇ ئۇلار ۋە كېمىگە چىقىشىپتۇ.
مەلىكە كېمىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ قويۇپبېرىپتۇ. قالغانلار بۇنى كۆرۈپ غەۋغا قىلىشقان ئىكەن، مەلىكە:
- پاراڭ سالماڭلار، ئەگەر يەنە پاراڭ سېلىپ غەۋغا قىلىشىدىكەنسىلەر، ھەممىڭلارنىڭ كاللىسىنى ئالىمەن، - دەپ قورقۇتۇپتۇ. مەلىكىلەر قورقۇپ جىم بولۇشۇپتۇ.
ئەمدى قاراخان پادىشاھىدىن ئىككى كەلىمە سۆز ئىشلىتەيلى:
پادىشاھنىڭ شەھىرى بىلەن دەريانىڭ ئارىلىقى 25 چاقىرىملىق يول ئىكەن. پادىشاھ مەلىكىنى ئۇزۇن كۈتۈپتۇ. بىر يەردە ساياھەت قىلىۋاتقان بولسا كېلەر دەپ ئويلاپتۇ. كەچتە بىر ۋەزىرنى بۇيرۇپتۇ. ۋەزىر دەريا بويىغا بارسا ھېچكىم يوق، ئۇ ئەھۋالنى پادىشاھقا مەلۇم قىپتۇ. پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، ئېتىغا مىنىپ دەريا بويىغا بېرىپ قارىسا مەلىكە ۋە كېمە يوق. پادىشاھ پىشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپ، «بىر مەلىكىنى دەپ نەچچە مەلىكىدىن قۇرۇق قاپتىمەن» دەپ پۇشايمان قىلىپ دەرياغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. قارىسا دەريانىڭ باش تەرىپىدىن ئالتە ئادەمنىڭ بىر باغدىن قومۇشقا مىنىپ لەيلەپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپتۇ ۋە «بەلكى مەلىكىنىڭ ئادەملىرى بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر شۇنداق بولىدىكەن، ئاۋۋال بۇلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئاندىن مەلىكىنى ئىزلەپ تاپىمەن» دەپ تۇرۇشىغا ئاشىق، تۆت كېمىچى ۋە مەلىكە يولدا تېپىۋالغان بالا كەپتۇ.
- سىلەر نېمە ئادەم؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ ئۇلاردىن.
- بىر مەلىكە كېمىمىزنى قايتۇرۇپ كەلگەن ئىكەن. شۇ كېمىمىزنى ئىزلەپ كېتىپ بارىمىز، - دەپتۇ تۆت كېمىچى.
- مېنىڭ بوخچامنى بىر مەلىكە ئېلىپ كەتكەن ئىدى، شۇنى ئىزلەپ كەلگەن ئىدىم، يولدا بۇلارغا ئۇچراپ قوشۇلۇپ كەلدىم، ئۆزىڭىزچۇ؟ - دەپتۇ ئاشىق پادىشاھقا قاراپ.
- مەن، - دەپتۇ پادىشاھ، - بىر شەھەرنىڭ پادىشاھى ئىدىم ........ - دەپ ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ، - مەنمۇ سىلەرگە قوشۇلۇپ مەلىكىنى ئىزلەيمەن، - دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ يەتتە كىشى يولغا چىقىپتۇ.
ئەمدى مەلىكىدىن گەپ ئاڭلايمىز:
مەلىكە قاراخان پادىشاھنىڭ مەلىكىلىرىنى كېمىگە سېلىپ، بىر كېچە يول يۈرۈپ، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئارالغا كەپتۇ. قارىسا ئارالدا 40 نەپەر ئادەم تۇرغان ئىكەن. مەلىكە بۇلارنىڭ قاراقچى ئىكەنلىكىنى پەملەپتۇ.
- مەلىكىلەر، - دەپتۇ مەلىكە دىلسۇز، - بىز قاراقچىلارغا ئۇچراپ قالدۇق. بۇلاردىن ئاسان قۇتۇلۇپ كېتەلمەيمىز. شۇڭا سىلەر مەن نېمە دېسەم شۇ بويىچە ئىش قىلىسىلەر، - دەپتۇ. مەلىكىلەر ماقۇل بولۇشۇپتۇ. قاراقچىلار كېمىنى كۆرۈپ دەرياغا سال تاشلاپتۇ. مەلىكە كېمىنى قاراقچىلار بار جايغا ھەيدەپ بېرىپ:
- كېمىنى باغلاڭلار، - دەپ بۇيرۇپتۇ،. قاراقچىلار كېمىنى باغلىشىپتۇ. مەلىكە كېمىدىن چۈشمەي تۇرۇپ:
- نېمە ئادەم سىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بىر قاراقچى. بۇلاڭچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرىمىز، - دەپتۇ.
- بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئەمدى ھەل بوپتۇ، - دەپتۇ مەلىكە دىلسۇز ئۇلارغا، - بىز - بۇ قىرق مەلىكىمۇ قاراقچىلىق قىلاتتۇق. بۇندىن ئالتە ئاي ئىلگىرى بىر كېچە سىلەرنى چۈشىمىزدە كۆرۈپ، سىلەرگە غايىبانە ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدۇق.سىلەرنى ئىزلەپ بارمىغان تاغ، دەريا، چۆللەر قالمىدى. ئوت - پىراقىمىز كۈندىن - كۈنگە ئۇلغايدى. بۈگۈن ئاخىرى سىلەرنى تاپتۇق. مەقسىتىمىزگە ئەمدى يېتىدىغان بولدۇق. سىلەرنىڭ باشلىقىڭلار كىم؟
- مانا مەن، - دەپتۇ بىر قاراقچى خۇشال بولۇپ، - ئىسمىم ئابدۇراخمان.
- ئۇنداق بولسا مەن سىزگە ئۆزەمنى قوبۇل قىلدىم. قالغىنىڭلار مۇنۇ 39 مەلىكىنى تاللاپ ئېلىڭلار، - دەپتۇ مەلىكە دىلسۇز.
قاراقچىلارنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپتۇ. ئۇلار قاراقچىلارنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپتۇ.
- بۈگۈن بىز كىشى مۇرادىمىزغا يېتىمىز، - دەپتۇ مەلىكە دىلسۇز، - توي قىلىمىز. توي دېگەننىڭ نەغمە - ناۋاسى بولىدۇ. ھاراق - شاراب بولىدۇ. ئەنە شۇلارغا تەييارلىق قىلىڭلار.
- بولىدۇ، - دېيىشىپتۇ قاراقچىلار ۋە دەرھال ئىككى تۇڭ ھاراق كەلتۈرۈپتۇ. كەچتە ھاراق ئىچىش ۋە نەغمە - ناۋا باشلىنىپتۇ.
- سىلەر، - دەپتۇ مەلىكە قالغان مەلىكىلەرگە، - قاراقچىلارغا ھاراقنى تولدۇرۇپ تۇتۇڭلار ۋە ئۇلار تۈگىتىپ بولمىغىچە تازىمدىن يانماڭلار. سىلەرگە تۇتسا چاندۇرماستىن يېنىڭلارغا تۆكۈڭلار.
شۇ بويىچە پۈتۈن ھاراقنى قاراقچىلارغا ئىچكۈزۈپ، ئۇلارنى مەس قىلىۋېتىپ، كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ يالىڭاچ قىلىپ، بىرىنىڭ ئارقىسىغا يەنە بىرىنىڭ ئارقىسىنى قىلىپ ياتقۇزۇپ قويۇپ، كىيىملەرنى قىرىق مەلىكە كىيىشىپ بارلىق نەرسىلەرنى كېمىگە سېلىپ مېڭىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى چۈش بىلەن قاراقچىلار مەسلىكىدىن ئوڭلىنىپ بىر - بىرىگە تاپا - تەنە قىلىشىپ غەزەپلىنىپ ئولتۇرسا كېمىچىلەر باشلىق يەتتە كىشى يېتىپ كەپتۇ. بۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋالنى ئۇقۇشۇپتۇ، ئۇلار 47 كىشى بولۇپ مەلىكىنى قوغلاپ مېڭىپتۇ.
ئەمدى گەپنى مەلىكىدىن ئاڭلايمىز:
مەلىكە 39 ئايال بىلەن ئەرەنچى ياسىنىپ كېمىنى ھەيدەپ دەريانىڭ سۇ ئايرىلغان جايىغا كەلگەندە يېقىن ئەتراپتا بىر شەھەر كۆرۈنۈپتۇ. ئۇلار كېمىنى شۇ جايغا باغلاپ قويۇپ، شەھەرگە كىرىپتۇ. شەھەردە چوڭ ئادەملەر يوق، ئۇششاق بالىلار ئويناپ يۈرگەن ئىكەن. بۇ شەھەردە چوڭ ئادەملەرنىڭ يوقلۇقىدىن ھەيران بولغان مەلىكە:
- بۇ شەھەرنىڭ چوڭ ئادەملىرى قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ بالىلاردىن.
- شەھىرىمىزنىڭ پادىشاھى ئۆلگەن، - دەپتۇ بالىلار، - پادىشاھنىڭ ۋارىسى يوق، بىر دانە دۆلەت قۇشى بار ئىدى. شۇ قۇشنى بۈگۈن ئۇچۇرىدۇ. قۇش كىمنىڭ بېشىغا قونسا شۇ كىشى پادىشاھ بولىدۇ. شۇڭا چوڭلارنىڭ ھەممىسى قولىغا بىر پارچىدىن گۆش ئېلىپ، قۇشنىڭ ئۆز بېشىغا قۇنۇشىنى كۈتۈپ سايغا چىقىپ كېتىشتى. لېكىن قۇش ھېچ كىشىنىڭ بېشىغا قونماي ئۇچۇپ يۈرىدۇ.
مەلىكە باشلىق ئايالللارمۇ: «بىزمۇ شۇ يەرگە بېرىپ تاماشا قىلىپ كېلەيلى» دەپ سايغا بېرىپتۇ. دەل شۇ چاغدا قۇش ئەگىپ كېلىپ، مەلىكە دىلسۇزنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. مەلىكە قۇشنى ئۇچۇرۇۋېتىپتۇ. قۇش يەنە قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا قونۇپتۇ. جامائەت مەلىكىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي، قىرىق ئايالنى گېلەمگە ئولتۇرغۇزۇپ، شەھەرگە ئېلىپ كىرىپتۇ. مەلىكە دىلسۇز پادىشاھلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، تاجىنى تاقاپ تەختتە ئولتۇرۇپتۇ. مەلىكە ۋەزىرگە بىر نەپەر رەسىمچى چاقىرىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. رەسىمچى قىرىق ئايالنىڭ رەسىمىنى تارتىپتۇ. مەلىكە بۇ رەسىملەرنى شەھەرنىڭ تۆت دەرۋازىسىغا ئاسقۇزۇپ، رەسىمگە قاراشقا مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپتۇ. «كىمكى رەسىمگە قاراپ بىر نەرسە دېسە، دەرھال ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ تاپىلاپتۇ.
ئەمدى ئاشىق، كېمىچى، پادىشاەھ، 40 قاراقچىغا كېلەيلى:
بۇلار مەلىكىنى ئىزلەپ كېلىپ دەريا ئاچىلىدا تۇرغان قۇرۇق كېمىنى كۆرۈپتۇ. «بەلكىم شەھەرگە كىرىپ كەتكەن بولۇشى كېرەك، بىزمۇ شەھەرگە كىرىپ باقايلى» دېيىشىپتۇ. ئۇلار دەريادىن چىقىپ شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا كەلگەندە، ھېلىقى 40 ئايالنىڭ سۈرىتى ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن قاراقچىلار «بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى ئېلىپ قاچقان يامان ئاياللارنىڭ سۈرىتى ئىكەن» دەپ چۇقان كۆتۈرۈشكەن ئىكەن، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادەملەر دەرھال بۇلارنى يالاپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. ئۇلار پادىشاھدىن قورقۇپ يەرنى سۈيۈپ تازىم قىلىشىپتۇ. مەلىكە ھەممە ئىشنى بىلگەچكە غەزەپ بىلەن: «جاللات!» - دەپ ۋارقىراپتۇ. پادىشاھنىڭ ئالدىغا دەرھال جاللاتلار ھازىر بوپتۇ.
- ماۋۇ 40 قاراقچىنىڭ كاللىسى ئېلىنسۇن! - دەپ بۇيرۇپتۇ پادىشاھ.
جاللاتلار «خوپ» دېيىشىپ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئاشىق، پادىشاھ ۋە كېمىچىنىڭ قورققىنىدىن چىرايلىرى سارغىيىپ، تىترىشىپ كېتىشىپتۇ. چۈنكى بۇلار قاراقچىلارنىڭ قانداق يامان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىدىن: «بىزمۇ ئۆلۈمگە بۇيرۇلىدىغان بولدۇق» دەپ قورقۇشۇپتۇ. مەلىكە پادىشاھ قاراقچىلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن سوئال سوراشقا باشلاپتۇ:
- سەن نېمە ئادەم؟ قەيەردىن كەلدىڭ؟ نېمە سەۋەبتىن بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭ؟
- مەن بىر شەھەرنىڭ پادىشاھى ئىدىم، - دەپتۇ ئۇ ئادەم، - بىر مەلىكە مېنىڭ 39 مەلىكەمنى ئېلىپ قاچقان ئىدى، شۇنى ئىزلەپ كېلىپ قالدىم.
- سەن بىر پادىشاھ بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۆز شەھىرىڭنى تاشلاپ خوتۇن ئىزلەپ كەلدىڭمۇئ سەن ئەخمەق پادىشاھ ئىكەنسەن، قايتىپ كېتىپ شەھىرىڭنى ياخشى باشقۇرۇپ، خەلقىڭگە زۇلۇم سالمىغىن. باشقىلارغا خوتۇن ئىزلەپ ياقا يۇرتقا باردىم، دېمە، ئۆزەڭگە ئاھانەت بولىدۇ. سەن بىزنىڭ شەھىرىمىزگە كېلىپ قاپسەن. ئەگەر باشقا سەۋەب بىلەن كەلگەن بولساڭ كاللاڭنى ئالاتتىم. مېھمانلىق ھۆرمىتىڭ ئۈچۈن ساڭا 39 ئەسكەر قوشۇپ بېرىمەن. ئۇلار سېنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويىدۇ، - دەپتۇ.
مەلىكە پادىشاھ 39 مەلىكىنى ھەربىيچە ياساپ، 40 خېچىرغا يېمەكلىك ئارتىپ، 40 ئاتنى مىنىشكە تەييارلاپتۇ. خۇتۇنلارغا: «ئۆز شەھىرىڭلارغا بارغاندا تۇنۇشۇۋېلىڭلار» دەپ يولغا ساپتۇ.
ئاندىن كېمىچىنى چاقىرىپ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سورىغان ئىكەن، ئۇلارمۇ بىر مەلىكىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كېمىسىنى ئېلىپ قاچقانلىقىنى ۋە شۇ كېمىسنى ئىزلەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
- سىلەر ئۆز كېمەڭلارنى ئىزلەپ كەلگەن بولساڭلار غەزىنىچى تىللا بەرسۇن، قايتىپ بېرىپ كېمەڭلارنى ياسىتىۋېلىڭلار، - دەپتۇ ۋە غەزىنىچىدىن ئون تىللا ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇلارمۇ پادىشاھنىڭ غەزىپىگە قالماي ئامان - ئېسەن قايتقانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولۇشۇپتۇ.
ئەمما مەلىكە ئاشىقنى دەرھال قاماپ قويۇشنى بۇيرۇپتۇ. كەچتە پادىشاھ ۋەزىرگە سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپتۇ ۋە پۇت - قوللىرىنى تۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاشىق تېپىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. ۋەزىر كوچىغا چىقىپ ئۇيان - بۇيان ئىزلەپ بىرمۇ ئاشىق تاپالماپتۇ - دە، پادىشاھقا:
- پادىشاھ ئالىيلىرى، بۈگۈن كەچ بولۇپ قالغاچقا ئاشىق تاپالمىدىم. ئەتە تاڭ تېپىپ كىرىشىمگە ئىجازەت بەرسىلە - دەپتۇ.
ياق پۇتلىرىم كۆيۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ، - دەپتۇ پادىشاھ، - قاماقخانىدىكى ئاشىقنى بولسىمۇ چاقىرىپ كىرگىن. شۇ بۈگۈنچە پۇتۇمنى تۇتۇپ قويسۇن.
ۋەزىر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئاشىقنى كەلتۈرۈپتۇ. ئاشىق پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ: «بۈگۈن ئەجىلىم پۈتكەن ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ ۋە قورقۇپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ۋەھىرنى قايتىشقا بۇيرۇپ، ئاشىق بىلەن ئۆز خانىسىدا يالغۇز قاپتۇ. ۋەزىر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەلىكە پادىشاھ ئاشىقنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ.
- پادىشاھ ئالىيلىرى، - دەپتۇ ئاشىق، سىلىنىڭ شەھەرلىرىگە رىسقىم چۈشۈپ كېلىپ قالدىم.
- سېنىڭ شەھىرىڭدە كىشىلەر ئاشىققا نان بەرمەمدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.
- بېرىدۇ. لېكىن رىسقىم چۈشكەنلىكى ئۈچۈنلا كەلدىم، - دەپلا تۇرۇۋاپتۇ ئاشىق. پادىشاھ قايتا - قايتا سورىسىمۇ شۇ گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ ئاشىقنى ئۆز ئورنىغا سولاپ قويۇشنى بۇيرۇپتۇ.
تاڭ ئېتىش بىلەن ۋەزىر پادىشاھدىن ئەھۋال سوراشقا كىرىپتۇ.
- ياخشى بولۇپ قالدىم، ھېلىقى ئاشىقنىڭ قولى يەڭگىل ئىكەن. ئەمما كىيىم - كېچەكلىرى سېسىق پۇرايدىكەن. بۈگۈن ئاشىقنى يۇيۇندۇرۇپ، باشلىرىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇڭلار، - دەپتۇ.
كەچتە پادىشاھ يەنە ئاشىقنى چاقىرىپتۇ. مەلىكە يېتىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ پۇت - قوللىرىنى تۇتۇشقا بۇيرۇپتۇ. يەنە بۇرۇنقىدەك ئەھۋال سوراپتۇ. اشىق يەنە بۇرۇنقىدەكلا جاۋاب بېرىپتۇ ۋە پادىشاھنىڭ پۇت - قوللىرىنى يۇمشاق تۇتۇپتۇ. مەلىكە ئاشىقنىڭ قولىنى ئاستا ئۆزىنىڭ كۆكسىگە ئاپىرىپتۇ. اشىق ئەندىكىپ كېتىپتۇ. چۈنكى پادىشاھنىڭ كۆكسىنى تۇتۇپ تاشلاپتۇ - دە، دەرھال قولىنى تارتىۋاپتۇ. مەلىكە پادىشاھنىڭ ئۆزىنىڭ سىرتقى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئايالچە كىيىملىرىنى كىيىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ. ئاشىق ئۆز كۆزىگە ئىشلەنمەي قاپتۇ. ئۆز مەلىكىسىنىڭ پادىشاھ بولغاندىمۇ ئۆزىنى ئۇنتۇماي ئىزلەپ تاپقانلىقىدىن چەكسىز خۇشال بوپتۇ.
- مەلىكە ئاشىق بىلەن بولغاندىن كېيىن يەنە ئۆزىنى ئاشكارىلىماپتۇ. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە قىرىق كۈن زىياپەت بېرىپ ئاخىرىدا مۇنداق جاكارلاپتۇ:
- خالايىقلار! مەن ئەسلىدە ئايال، مېنىڭ ئېرىم بىر پادىشاھنىڭ شاھزادىسى ئىدى. ئۈچ يىل بولدى، تۆت يۈز خېچىر بىلەن سودىگەرلىككە كەتكەن ئىدى، مانا بۈگۈن قايتىپ كەلدى. ئەگەر ئىختىيار قىلساڭلار، بىزگە رۇخسەت قىلساڭلار، بىز قايتىپ كەتسەك. ئەگەر ئىختىيار قىلمىساڭلار مېنىڭ ئورنۇمغا مۇشۇ شاھزادە پادىشاھ بولسۇن، - دەپتۇ. خالايىق: «ئۆزلىرىمۇ پادىشاھىمىز، ئەرلىرىمۇ پادىشاھىمىز بولسۇن» دېيىشىپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئامان - ئېسەن يۈز كۆرۈشكەنلكىنى تەبرىكلاپتۇ. بۇ ئىككىيلەن پادىشاھ بولۇپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يۇرتنى ئادىللىق بىلەن سوراپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.