UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپادىشاھنىڭ ئۈچ ئوغلى

پادىشاھنىڭ ئۈچ ئوغلى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ كىچىك خوتۇنىدىن بولغان ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى شاكىر، ئوتتۇرانچىسىنىڭ شاپىل، كىچىكىنىڭ ئىسمى شامىل ئىكەن. پادىشاھ بۇ ئوغۇللىرىغا ناھايىتى ئامراق ئىكەن. بولۇپمۇ ئەڭ كىچىك ئوغلى شامىلنى جېنىدىنمۇ ئېزىز كۆرىدىكەن. پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنى بۇ بالىلارنى يوقىتىشنىڭ كويىدا ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ كىچىك خوتۇنى بىلەن شىكارغا چىقىپ كېتىپتۇ. بالىلار پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنىغا قاپتۇ. ئايال ئوغۇللارنى دەسلەپ ناھايىتى ئوبدان كۈتۈپتۇ. ئارىدىن بەش - ئالتە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنى خارلاشقا باشلاپتۇ. ئوغۇللار بۇ ئازاپقا چىداپ، ئايال نىمە دىسە ماقۇل دەپ يۈرۈپتۇ. ئايال بالىلاردىن قۇسۇر تېپىش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاستىلەرنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەقسىدىگە يېتەلمەپتۇ. بىر كۈنى ئايال شامىلغا: - بېشىمغا سۇ قويۇپ بەر، - دەپتۇ ۋە چۆگۈننى شامىلغا تۇتقۇزۇپتۇ. شامىل سۇ قۇيۇۋاتقاندا بېشىنى قەستەن تېزلا كۆتەرگەن ئىكەن، چۆگۈننىڭ جوغىسى پىشانىسىگە تېگىپ كېتىپتۇ ئايال: - ھەي ھارىمى، سەن ماڭا قول ياندۇرغۇدەك بولدۇڭمۇ؟ ھازىر مۇشتەك تۇرۇپ شۇنداق قىلساڭ چوڭ بولغاندا نىمە قىلىسەن؟ - دەم شامىلنى ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. بۇ ئىشنى كۆرگەن شاكىر بىلەن شاپىل چىداپ تۇرالماي ئىنىسىنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ. ئەتسى پادىشاھ شىكاردىن قايتىپ كەلسە چوڭ ئايالى يىغلاپ ئولتۇرغۇدەك. پادىشاھ نىمە ۋەقە بولغانلىقىنى سورىسا ئايال گەپ قىلماي ئولتۇرۇۋاپتۇ. پادىشاھ قايتا سورىغاندىن كېيىن چوڭ ئايال ئۈچ ئوغۇلنى تازا چىقىپتۇ. پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ ۋەزىرىگە: - بۇ ئۈچ بالىنى ئۆلتۈرۈپ، يۈرىگىنى ئەكىلىپ كاۋاپ قىلىپ بەر، - دەپ بۇيرۇپتۇ. بۇ پادىشاھنىڭ ناھايىتى رەھىمدىل بىر ۋەزىرى بار ئىكەن. شۇ ۋەزىر ئۈچ ئوغۇلنى بىر چۆلگە ئېلىپ كەپتۇ. بالىلار ۋەزىردىن ئۆزىنى بۇ يەرگە نىمىشقا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. ۋەزىر بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى بالىلارغا دەپ بەرگە ئىكەن، بالىلار زار - زار يىغلاپتۇ ۋە: - ئاتىمىز شۇنداق دىگەن بولسا، بىز جېنىمىزنى بېرىشكە رازى، - دەپتۇ. ئوغۇللارنىڭ چوڭى شاكىر: - ئەي شاپائەتلىك ۋەزىر، ئالدى بىلەن مېنىڭ بېشىمغا قىلىچ ئۇرۇڭ. ئىنىلىرىمنىڭ قېنى تۆكۈلگىچە مەن ئۆلۈۋالاي، - دەپتۇ. قالغان ئىككى ئوغۇلمۇ >ئاۋال مېنى ئۆلتۈرۈڭ< دەپ تۇرۇۋاپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئۇلارغا رەھىمى كەپتۇ - دە: - سىلەر بۇ يۇرتتىن باشقا بىر يۇرتقا كېتىڭلار، دەپ بالىلارنى يولغا سېلىپ قويۇپ ئۆزى ئۈچ كىيىك ئوۋلاپ ئۇلارنىڭ يۈرىگىنى ئېلىپ پادىشاھنڭ ئالدىغا كەپتۇ. ئەمدى گەپنى ئوتتۇرانچى ئوغۇل شاپىلدىن ئاڭلايلى: شاپىل ناھايىتى قورسىقى ئېچىپ، ئۇسساپ، ھېرىپ ماڭغۇدەك ماغدۇرۇ قالماي بىر دۆڭگە چىقىپ ئەتراپقا قاراپتۇ. دۆڭنىڭ ئارقىسىدا بىر ئەسكى ئۆي تۇرغۇدەك. ئۇ ئاستا بېرىپ: - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! - دەپ ئۆيگە كىرىپتۇ. ئۆيدە بىر توپ قاراقچى بار ئىكەن، ئۇلار شاپىلنى پادىشاھ ئەۋەتكەن پايلاقچى ئوخشايدۇ دەپ تۇتۇۋاپتۇ ۋە ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ. شۇ ئەسنادا، قاراقچىلار ئارىسىدىكى ئوتتۇرا ياش بىر قاراقچى: - ھەي ئەخمەقلەر، پادىشاھنىڭ غەزىنىسىگە كىرمەكچى بولغىنىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشتىڭمۇ؟ نەچچە كۈندىن بىرى غەزىنىگە بۇنى بىزگە خۇدايىم ئەسەتتى. بىز پادىشاھنىڭ غەزىنىسىگە مۇشۇنى كىرگۈزەيلى، - دەپتۇ. بۇ گەپ قاراقچىلارغا تازا يېقىپتۇ. شۇڭا شاپىلنى ئۆلتۈرۈش نىيتىدىن يېنىپ، ئۇنى ئۈچ كۈن ئوبدان مېھمان قىلىپتۇ. تۆتىنچى كۈنى شاپىلنى بېلىدىن باغلاپ تۈڭلۈكتىن پادىشاھنىڭ غەزىنىسىگە كىرگۈزۈپتۇ. قاراقچىلار مەقسىدىگە يەتكەندىن كېيىن شاپىلنى تاشلاپ كېتىپتۇ. غەزىنىچى شاپىلنى تۇتۇۋاپتۇ ۋە پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپتۇ. بۇ ئەسلى ئۇنىڭ ئاكىسى شاھ بولغان شەھەر ئىكەن، ئەمما شاكىر پادىشاھ شاپىلنى كۆرۈپلا دەرھال زىندانغا تاشلاشقا بۇيرۇپتۇ. ئەمدى گەپنى شامىلدىن ئاڭلايمىز: شامىلمۇ ئۇزۇن يول يۈرۈپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلاپ، ئاخىر بىر گۈزەل شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. لېكىن، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى قايغۇلۇق كۆرۈنۈپتۇ. شامىل ھەيران بولۇپ كوچىدا كېتىۋېتىپ بىر دوقمۇشتا ئولتۇرغان مومايغا ئۇچراپتۇ. شامىل مومايدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ. موماي: - شەھىرىمىزدە بىر كۆل بار ئىدى، بۇ كۆلدە بىر ئەجدىھار بولۇپ، ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا يىگىرمە ياشلىق قىز ۋە ئىككى قوشقار يەيدۇ. ئەگەر ئۇنى تەل قىلىپ تۇرمىساق پۈتۈن شەھىرىمىزنى ۋەيران قىلىدۇ، بۇ يىل پۈتۈن شەھىرىمىزگە يىگىرمە ياشلىق قىز قالمىغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەت پادىشاھنىڭ قىزىغا كېلىپ قالدى. بۇ مەلىكە جاھاندا تەڭدىشى يوق گۈزەل ئىدى. پادىشاھ كىمدە - كىم بۇ ئەجدىھانى يوقىتالىسا پادىشاھلىقىنى ۋەقىزنى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەجدىھارنى قېتىشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمىدى. شۇڭا پۈتۈن شەھەر خەلقى ئەنە شۇ مەلىكە ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتىدۇ، - دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شامىل ئۆتكۈر خەنجىرىنى ئېلىپ بويىغا بېرىپ كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئەجدىھا چىقىش ئالدىدا پۈتۈن جاھان قاراڭغۇلىشىپ قارا يامغۇر يېغىپتۇ. شامىل پەملەپ تۇرۇپ ئەجدىھا چىقىشىغا خەنجىرىنى شۇنداق ئۇرغان ئىكەن. ئەجدىھا ئىككى پارە بولۇپ ئۆلۈپتۇ. يوشۇرۇنۇۋالغان بارلىق كىشىلەر خوشال بولۇپ پۇت - قولىنى يەرگە تەككۈزمەي پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپتۇ. پادىشاھ خوشاللىقىدا قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ شامىلغا قىزىنى ۋە پادىشاھلىقىنى بېرىپتۇ. شامىل باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەت ئورنىتىپتۇ. شاكىر پادىشاھ بىلەنمۇ ئوبدان دوست بولۇپ قاپتۇ. لېكىن ئۇ شاكىر شاھنىڭ ئۆز ئاكىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاكىر شاھ بىلەن شامىل شاھ بىر يەرگە جەم بولۇپ بىر نەچچە كۈن سەيلە قىلىپتۇ. شۇ جەرياندا ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ ھىكىمەتلىرىگە ھەيران بولۇشۇپتۇ. ئوتتۇرانچى ئوغۇل شاپىلنى ئەسلەپ قاتتىق قايغۇرۇشۇپتۇ. شاكىر شاھ ئۆز شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، زىنداندىكى قاراقچى يادىغا كېلىپ ئۇنى ئالدىغا چاقىرىتتۇرۇپتۇ. شاكىر بۇ قاراقچىنى كۆرۈپ كۆڭلىگە گۇمان چۈشۈپتۇ - دە، ئۇنىڭ ئىسمىنى سورپتۇ. شاپىل >دىسەممۇ - دىمىسەممۇ بەرىبىر ئۆلىمەن، شۇڭا ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىمنى بايان ئەيلەي< دەپ، بولغان ۋەقەنى باشتىن - ئاخىر سۆزلەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شاكىر شاھ ئۆزىنى ئىنىسىغا تونۇشتۇرۇپتۇ. شۇ ھامان ئۇنى ياساندۇرۇپتۇ. شاكىر شاھ ئىنىسى شامىلنىمۇ چاقىرتىپ كەپتۇ. ئۈچ ئاكا - ئۇكا جەم بولۇپ قىرىق كېچە - كۈندۈز خوشاللىق بەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ. كېيىن بۇلار ئۆز يۇرتىنى ۋە ئاتا - ئانىسىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. ئوغۇللار ئۆز يۇرتىغا يېتىپ كەپتۇ. دادىسى ۋە ئانىسى ئۇلارنى تونۇماپتۇ. ئوغۇللار ھىلىقى رەھىمدىل ۋەزىرنى چاقىرتىپ ئەھۋالنى دادىسى ۋە ئانىلىرىغا ئېيتماي تۇرۇشنى تاپىلاپتۇ. پادىشاھ بىر كۈنى بۇ مېھمانلارغا كاتتا زىياپەت بېرىپتۇ. ھەممەيلەن جەم بولغاندا ۋەزىر مېھمانلارنى پادىشاھقا تونۇشتۇرۇپتۇ. پادىشاھ ئۆز قىلمىشىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ ئوغۇللىرىنى باغرىغا بېسىپتۇ ھەم شۇ زامان چوڭ خوتۇننى ئاتقا سۆرۈتۈپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ. پادىشا كىچىك ئوغلى شامىلنى ئۆز ئورنىغا پادىشاھ قىلىپتۇ. شامىلنىڭ ئورنىغا ئوتتۇرانچى ئوغۇل پادىشاھ بولۇپتۇ. شاكىرمۇ ئۆز دۆلىتىگە قايتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۈچ ئاكا - ئۇكا يۇرتنى ئادىل سوراپ ئۆز ئارا ئىناق ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
پادىشاھنىڭ ئۈچ ئوغلى | UyghurWiki | UyghurWiki