ئەقىللىق بوۋاي
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، مۇشۇ باغنىڭ ئورنىدا ئاپپاق ساقال بىر بوۋاي ياشىغان ئىكەن. ئۇنىڭغا قېرىلىق يەتكەندە، ئارزۇ - ئارمانلىرى ئۇنى خېجىل ئەتكەندە، ئۆلۈش ئالدىدا بىر ياخشى ئىش قىلماقچى بولۇپتۇ.
بوۋاي بىر كۈنى بىر قولىغا كەتمەن، بىر قولىغا بىر تۈپ ياڭاق كۆچىتىنى ئېلىپ يول بويىغا كەپتۇ - دە، ئورەك كولاشقا باشلاپتۇ. شۇ چاغدا مۇشۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى بىر نەچچە ياساۋۇللىرى بىلەن بۇ يولدىن ئۆتۈپتۇ. لېكىن بوۋاي ئۇنىڭغا نەزەر - گۈزەرىنى سالماي، ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇۋېرىتپۇ. پادىشاھ ساقىلى ئۇچتەك ئاقارغان بىر چالنىڭ بېشىنىمۇ كۆتەرمەي ئورەك كولاۋاتقانلىقىغا ھەيران بوپتۇ - دە، يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن:
- ئى بوۋا، نەچچە ياشقا كىردىڭ؟ ھالىڭغا باقماي نېمە قىلىۋاتىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- توقسان توققۇز ياشقا كىردىم، كۆچەت تىكمەكچىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بوۋاي.
پادىشاھ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:
- ياڭاق تۆت - بەش يىلدا مىۋىگە كىرىدۇ. ئاڭغىچە ئۆزەڭ تۈگۈل سۆڭەلىرىڭمۇ توزۇپ كېتىدۇ. ئەخمەقلىق قىلىپ كۆچەت قويىمەن، دەپ ئاۋارە بولغىچە، ياتىدىغان گۆرۈڭنى كولىغىنىڭ ياخشىمىكىن؟ - دەپتۇ.
- مەن ئاتا - بوۋام تىككەن كۆچەتنىڭ مېۋىسىنى يىدىم، مېنىڭ بالا - نەۋرىلىرىم مەن تىككەن كۆچەتنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ غېمىنى قىلىپ كۆچەت قويۇۋاتىمەن، - دەپتۇ بوۋاي.
پادىشاھ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تەسىرلىنىپ بوۋايغا بىر تىللا بېرىپتۇ. بوۋاي تىللانى قولىغا ئېلىپ، ھۆكۈرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ھەيران بولۇپ:
- مەن ساڭا تىللا بەرسەم خوشال بولماي، نېمىشقا يىغلايسەن؟ - دەپتۇ.
- ئى پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ بوۋاي كۆز يېشىنى يېڭى بىلەن سۈرتۈپ، - بۇرۇنقىلارنىڭ ياڭاق كۆچىتىنىڭ مېۋىسىگە تۆت - بەش يىلدا ئېغىزى تەككەن بولسا، مېنىڭ بىر سائەتتە تەگدى. شۇڭا خوشاللىقىمدىن يىغلاۋاتىمەن.
پادىشاھ ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىنمۇ تەسىرلىنىپ، بوۋايغا يەنە بىر تىللا تاشلاپ بېرىپ، خىيال سۈرگىنىچە يولىغا راۋان بوپتۇ.
)بۇ چۆچەكنىڭ >باغۋەن بوۋاي< دېگەن بىر ۋارىيانتىمۇ بار.(