UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقمايمۇنلار ۋە ئېيىقلار

مايمۇنلار ۋە ئېيىقلار

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا ناھايىتىمۇ كەڭ، بىر بۈك جاڭگاللىق بار ئىكەن. بۇ جاڭگالدا بىر توپ مايمۇنلار ياشايدىكەن. جاڭگالدا ياۋايى مىۋىلەر كۆپ ئىكەن، مايمۇنلار يىمەك - ئىچمەكتىن زادىلا غەم قىلمايدىكەن، بۇ جاينىڭ ھاۋاسى ياخشى، سۈيى ئەلۋەك ئىكەن. مايمۇنلار ئۆم - ئىناق ۋە خۇشۇل - خوراملىق بىلەن ئۆمۈر سۈرىدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈن، مايمۇنلار بەزمە قۇرۇپ كۆڭۈل ئېچىپتۇ. داستىخانلارغا ھەرخىل ھۆل - قۇرۇق يىمىشلەر، نازۇ - نېمەتلەر تىزىلىپ، خۇرۇملاردا مەي - شاراپلار كەلتۈرۈلۈپتۇ. ئۇسۇلچىلار، نەغمىچىلەر نەغمە - ناۋا، ئۇسۇلنى قىزىتىۋېتىپتۇ. ئۇلار ئاشۇنداق زوق - شوق بىلەن كۆڭۈل ئېچىۋاتقاندا تاغ تەرەپتىن بىر ئېيىق كەپتۇ ۋە مامۇنلارنىڭ يۇرتىنى، ئۇلارنىڭ غەمسىز - باياشات تۇرمۇشىنى كۆرۈپ، بىردىنلا ئىچى تارلىغى تۇتۇپتۇ، كۆڭلىدە ھەسەت ئوتلىرى باش كۆتىرىپتۇ. ئېيىق: «بۇ قانداق دېگەن نامۇۋاپىق تەقسىمات، ئېيىقلاردەك ئالى نەسىل، ھايۋاناتلارنىڭ ئەڭ مۆتىۋىرى بولمىش بىر تائىپە ئەرزىمگەن بىر چۆل - دەشتكە ئورۇنلىشىپ، ئۆمرىنى جاپا - مۇشەققەت، غەم بىلەن ئۆكۈزسۇنۇ، نەدىكى بىر ئەرزىمەيدىغان، ھايۋاناتلار ئىچىدىكى ئەڭ پەس سانىلىدىغان مايمۇنلار شۇنچە گۈزەل، باياشات ۋە ئىسل ماكاننى ئىپلاس ئاياقلىرىدا چەيلەپ، بىزەپ قىلىپ بۇلغىسا، ئۆزىگە ماكان قىلىۋالسا بولامدۇ؟ ياق، بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك، بۇنداق جاي پەقەت بىز ئېيىقلاردەك ئالى مەرتىۋىلىكلەرگە مۇناسىپ، مايمۇنلارنى بۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىش لازىم. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن توغرا بولغان بولىدۇ» دەپ ئويلاپتۇ. ئۆزى يالغۇزلا ھۇجۇم باشلاپ، مايمۇنلارنىڭ خۇشال - خوراملىقىنى بۇزماقچى، ئۇلارنى بۇ يەردىن ھەيدىمەكچى بوپتۇ. شۇ ئارىدا بىر مايمۇن بىر چىقىرىغان ئىكەن، ھايت - ھۇيت دېگۈچىلا مىڭدىن ئارتۇق مايمۇن پەيدا بولۇپ ئېيىقنى ئارىغا ئېلىپ كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىپتۇ. باش - كۆزى قانغان بويالغان ئېيىق مايمۇنلاردىن ئاران قۇتۇلۇپ تاققا قېچىپتۇ. ئۇ ئۆز توپىغا كېلىپ، كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى، مايمۇنلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئەدەپسىزلىكىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئېيىقلار ئارىسىدا غۇلغۇلا كۆتىرىلىپتۇ. - بۇ بىز ئېيىقلار ئۈچۈن نومۇس ئىش. ئاشۇ ئەرزىمەس مايمۇنلار بىزنى شۇنچە ھاقارەتلەشكە جۈرئەت قىلسا قانداق چىداپ تۇرالايمىز؟ ئەگەر ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇپ، ئەدەپ جازاسىنى بەرمەيدىغان بولساق، شەنىمىزگە ئېغىر داغ چۈشۈپ، ئەۋلاتلىرىمىز باش كۆتىرىپ يۈرەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارغا بىر كىچىكىدىلا ھۇجۇم قىلىپ، ئاشۇ گۈزەل ماكاننى ئىگەللەيلى، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ ئېيىقلادىن بىرى. ئېيىقلار مايمۇنلارغا ھۇجۇم قىپتۇ، شۇ كەملەردە مايمۇنلارنىڭ پادىشاھى ۋەزىر - ئەمرا ۋە ئاساسلىق لەشكەرلىرىنى ئېلىپ باشقا بىر مايمۇنلار ئېلىگە مېماندارچىلىققا كەتكەن ئىكەن. جاڭگالدىكى پۇقرا مايمۇنلار ھېچنەرسىدىن بىخەۋەر بولۇپ، غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئىكەن. ئېيىقلار شىدەت بىلەن بېسىپ كىرىپ، كۆپلىگەن مايمۇنلارنى ئۆلتۈرۈپتۇ. گۈزەل ماكان مايمۇنلارنىڭ قېنى بىلەن بويىلىپتۇ. ناھايىتى ئاز ساندىكى مايمۇنلار جېنىنى ئېلىپ، بۇ ئاۋات - گۈزەل ماكاننى تاشلاپ قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ. بۇ ماكان ئېيىقلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپتۇ. ئېيىقلار بۇ ماكاندا ئېغىناقلاپ راھەت - پاراغەت سۈرۈپتۇ. مايمۇنلارنىڭ پادىشاھى مېھماندارچىلىقنى تاماملاپ ئۆز ئېلىگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا، ئېيىقلاردىن قېچىپ كېلىۋاتقان بىر قانچە مايمۇن ئۇچراپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا تاشلاپ يىغا - زارە بىلەن بولغان ھادىسىنى بىر - بىرلەپ بايان قىپتۇ. مايمۇنلارنىڭ پادىشاھى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ غەمگە چۆمۈپتۇ. نازۇ - نېمەتكە تولغا، شۇنداق خۇش ھاۋالىق گۈزەل ۋەتەننىڭ ئېيىقلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا ۋەيران بولغانلىقى، قان - قېرىنداشلىرىنىڭ قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىغا تولىمۇ ئىچى سېرىلىپتۇ. لېكىن ئۇ ۋەتەننى ئېيىقلار قولىدىن قايتۇرۇپ ئېلىش، مايمۇنلار ئۈچۈن كۈچ جەھەتتە ناھايىتىمۇ مۈشكۈل بىر ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدىكەن. شاھ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي غەمگە چۆمۈپ تۇرغاندا، بىر مايمۇن شاھقا تەزىم قىپتۇ ۋە: - پادىشاھى ئالەم، بۇ ئىشقا مۇنچىلا غەمگە چۆكۈپ كېتىش ھاجەتسىز. بۇ ئىشتا ئالدىراڭغۇلۇق ئەمەس، سەۋرى كېرەك. بىز مايمۇنلار كۈچ بىلەن ئېيىقلارنى مەغلۇپ قىلالمايمىز. ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى پەم بىلەن جايلاش مۇۋاپىق، - دەپتۇ - دە، پادىشاھنى چەتكە تارتىپ، ئۆزىنىڭ تەدبىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن بۇنى سىر قىلىپ ساقلاشنى تەلەپ قىپتۇ. پادىشاھ بۇ مامۇننىڭ مەردانە ۋە باتۇرانە تەدبىرىگە ھەيران بوپتۇ ۋە تەسىرلىنىپ ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. مايمۇن شاھ باشلىق بارلىق قېرىنداشلىرى بىلەن خوشلىشىپتۇ. شاھ مايمۇن كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا، بىر قانچە ساقچى مايمۇنلارغا، ھېلىقى مايمۇننى بولۇشىچە دۇمبالاشنى، يۈز - كۆزلىرىنى قان - جاراھەت قىلىپ ئاندىن ئۇنى ئېيىقلار ئىگىلىۋالغان ماكانغا خۇپىيانە ئاپىرىپ تاشلاپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. ساقچى مايمۇن بۇيرۇقنى بىجا كەلتۈرۈپتۇ. مايمۇنلار شاھىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ھەيران قېلىشىپتۇ. ئەتىسى سەھەردە ئېيىقلار ئويغىنىپ كۈندىلىك بەزمىلىرىنى باشلاشقا تەييارلىنىپتۇ. ئېيىقلاردىن بىر قانچىسى جاراھەتلەندۈرۈلگەن زار - زار يىغلاپ نالە قىلىۋاتقان مايمۇننى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ئېيىقلار پادىشاھىغا مەلۇم قىپتۇ. ئېيىق پادىشاھى ۋەزىر ۋۇزۇرالىرى بىلەن يېتىپ كېلىپ، قانغا بويىلىپ زارلىنىپ ياتقان مايمۇندىن سوراپتۇ: - ھەي مەجرۇھ، نىمىشقا بۇ يەردە قان ئىچىدە نالە - پىغان چېكىپ ياتىسەن؟ نىمىشقا توپىڭدىن ئايرىلدىڭ؟ سېنى بۇ ھالغا سالغۇچىلار كىم؟ مايمۇن ھالسىرىغان ھالدا بېشىنى كۆتىرىپ، ئۆز ئەتراپىدا تۇرغان ئېيىقلارنى كۆرۈپتۇ ۋە تەدبىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باشلاپتۇ: - ئەي شاھى ئالەم، بۇ كەلگۈلۈك ماڭ قېرىنداشلىرىم بولغان مايمۇنلارنىڭ شاھىدىن كەلدى . مەن ئەسلىدە مايمۇن پادىشاھىنى ئەڭ يىقىن - ئىشەنچىلىك ۋەزىرى ئىدىم. بىر كۈنى پادىشاھىم مېنىڭدىن: «ئېيىقلارنى ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ئامالىنى تاپ!» دەپ مەسلىھەت سورىدى. مەن «شاھىم، ئېيىقلار بىزدىن كۈچلۈك، سەلتەنەت، شانۇ - شەۋكەت جەھەتتىمۇ بىزدىن ئۇلۇغ. ئۇلارغا ھېچقاچان تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار بىلەن جەڭ قىلمىغىنىمىز تۈزۈك» دەپ مەسلىھەت بەردىم. شاھ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى - دە، ياساۋۇللىرىغا بويرۇق بەردى. ئۇلار مېنى قاتتىق ئۇردى. مۇشۇ ھالغا كەلتۈردى، مەن ھۇشۇمدىن كەتتىم. كۆزۈمنى ئېچىپ ئۆزلىرىنى كۆرۈۋاتىمەن. ئەمدى دەرگاھلىرىغا سېغىنىپ پانالىق تىلەيمەن. شاھ ئېيىق بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئويغا چۆكۈپتۇ ۋە مايمۇننىڭ سۆزىگە ئىشىنىپتۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلانماقچى بولۇپتۇ. ئۇنىڭغا رەھىم - شەپقەت كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنى داۋالاپ دەم ئالدۇرۇپتۇ، ئوبدان قاراپتۇ. بىر نەچچە كۈنلەدىن كېيىن، مايمۇن ساقايغاندا، ئېيىق شاھ ئۇنى ئالدىغا چاقىرىپ: - سەن بىزنى ئاشۇ زالىم مۇيمۇنلار تۇرۇۋاتقان ماكانغا باشلاپ بار. بىز ئۇلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىمىز، - دەپتۇ. مايمۇنلارنىڭ مەۋجۇت تۇرۇشى، ئېيىقلار ئۈچۈن خاتىرجەمسىزلىك كەلتۈرۈپ تۇرىدىكەن «ئۇلار ھامان ئۆز يۇرتىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ» دەپ قارايدىكەن. شۇڭا ئېيىقلار مۇشۇ بانا بىلەن مايمۇنلارنى يەر يۈزىدىن پاك - پاكىز تازلىۋەتمەكچى بولغان ئىكەن. مايمۇن ئېيىق شاھنىڭ ئاغزىدىن ئەنە شۇ تەكلىپنىلا كۈتۈپ تۇغان ئىكەن. مايمۇن ئۇلارنى مايمۇنلار ئۈستىگە باشلاپ بېرىشقا خۇشاللىق بىلەن رازى بوپتۇ. ئېيىقلار يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە قوزغىلىپ قوراللىنىپ ھېلىقى مايمۇننىڭ يول باشلامچىلىقى بىلەن، مايمۇنلارنى يوقۇتىشقا ئاتلىنىپتۇ. مايمۇن مايمۇنلارنىڭ بىر چوڭ باياۋانغا توپلىشىپ ئېيىقلارغا قارشى جەڭگە تەييارلىق قىلىشقانلىقىنى كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ ئېيىقلارنىڭ غەزىۋىنى ئاشۇرۇپتۇ. مىغىلداپ كەتكەن ئېيىق لەشكەرلىرى ھېلىقى مايمۇننىڭ باشلامچىلىقى بىلەن بىر قانچە كۈن يول يۈرۈپتۇ. مايمۇن ئۇلارنى زادى كۆرۇپ ھەم مېڭىپ باقمىغان يوللار بىلەن باشلاپ بىر دەشت - باياۋانغا ئېلىپ كىرىپتۇ. ئېيىق شاھ ھەيران بولغان ھالدا: - ھەي مايمۇنجان، بۇ بىر غەلىتە باياۋانغۇ؟ تىرىكلىك يوقتەك قىلىدۇ. ئادىشىپ قالغان بولمىغىن يەنە! - دەپتۇ. - يوقسۇ، - دەپتۇ مايمۇن، - ھەرگىز ئادىشىپ قالمىدىن. بۇ باياۋاننىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا بىر بوستانلىق بار، مايمۇنلار ئەنە شۇ يەرگە توپلاشقان، خاتىرجەم بولسىلا. سەپەر داۋام قىپتۇ. يەنە بىر كۈن يول يۈرۈپ دەشتنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرسىگە كىرىپ كېتىپتۇ. بۇ دەشت چۆيۈندەك قېتىپ كەتكەن ئاپپاق شورلۇق ئىكەن. ئوت - چۆپ، تىرىكلىكتىن ئەسەرمۇ يوق. دەل - دەرەخ، سۇدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدىكەن. كۈن چۈش بولاي دىگەندە دەشت قۇياش نۇرىدا قىزىپ يالقۇنجاپ، ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇرغا ئايلىنىپتۇ ئېيىقلار ئۇزۈن يول ئازابى، ھارغان - ئاچقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەشتنىڭ ئىسىسىقلىقى سەۋەبىدىن نەپەس ئالالماي، تىللىرى بىر غېرىچ ساڭگىلاپتۇ. ئاخىرى ئىسىققا بەرداشلىق بېرەلمەي بىر - بىرلەپ يىقىلىشقا، جان تالىشىقا باشلاپتۇ. ئېيىق شاھى ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر ھىلە - تۇزاق ئىكەنلىكىنى ھىس قىپتۇ - دە، بىردىنلا دەھشەتلىك چىقىرىۋېتىپتۇ: - سەن ئەبلەق بىزنى ئالداپسەن! - راست ئېيىتسەن ! - دەپتۇ مايمۇن مەردانە ھالدا، - سەن ئالداندىڭ سەن ئاجىزلارغا زۇلۇم قىلدىڭ، ئۇلارنى ئۆز يۇرتىدىن مەھرۇم قىلدىڭ بىلگىنكى، زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى ھامان مۇشۇداق بولىدۇ! ئېيىق مايمۇننىڭ سۆزىدىن دەھشەتكە چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ - يۇ، بىراق يەنە سەۋرى قىپتۇ. چۈنكى ئۇ قايتىش يولىنى تاپالماس ئىكەن. شۇڭا بۇ دەشتتىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ. - مايمۇن، - دەپتۇ ئېيىق شاھ ھىلگەرلىك بىلەن، - بولىدىغان ئىش بولدى. ھەقىقەتەن بىزادىنمۇ ئۆتتى . بىز ئەمدى تۆۋە قىلىمىز. بۇ يەردىن سالامەت چىققاندىن كېيىن، يۇرتۇڭلارنى قولۇڭلارغا بېرىپ، بىز قايتىپ تىنچ ئۆمۈر كەچۈرىمىز بىز سېنىڭ بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە پالاكەتتىن قۇتۇلدۇردۇق. تۇز بەردۇق، ھېچ بولمىسا شۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىزنى بۇ سەھرادىن سالامەت ئېلىپ چىقىپ قويغىن، يول باشلىغىن. - مۇمكىن ئەمەس! - دەپتۇ مايمۇن ۋە قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ، - دىگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى ساختا. قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن مېنى ئۆلتۈرمەكچىسەن ۋە ئۇرۇق - ئايماقلىرىمنىڭ نەسلىنى قۇرۇتماقچىسەن. سەن ئەمدى بۇ دەشتتىن قۇتۇلۇشنى خىيال قىلما. ھەممىڭ مۇشۇ يەردە ھالاك بولىسەن. مەن مۇشۇ چارە بىلەن سەنلەرنى ھالاك قىلىشنى، قوۋم - قېرىنداشلىرىم ۋە شاھىم ئالدىدا ۋەدە قىلغانمەن. - ھاياتىڭدىن ئايرىلىسەن! - قېلىچنى سۇغۇرۇپ تەڭلىشىپتۇ ئېيىق. - ئۇنىڭغا ئاللىقاچان تەييارلىنىپ قويغانمەن، مەن ئۆلسەم سەنلەرمۇ ئۆلسەن. خەلقىم، ۋەتىنىم سەنلەردىن قۇتۇلىدۇ خەلقىم مېنى ھىچقاچاندا ئۇنتۇمايدۇ! ئېيىق مايمۇننىڭ نەشتەردەك سۆزلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇنى قېلىچ بىلەن پارچىلاپ تاشلاپتۇ ۋە ئاخىرىدا ئۆزىمۇ بارلىق ئېيىقلارمۇ دەشتىنىڭ ئىسسىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلۈپ تۈگەپتۇ. شۇنداق قىلىپ مايمۇنلار ئېيىقلارنىڭ زۇلىمىدىن تامام قۇتۇلۇپ يەنە ئەسلىدىكى ۋەتىنىگە قايتىپ كەپتۇ. ھېلىقى مايمۇننى ياد ئېتىپ زار - زار يىغلىشىپتۇ ۋە ھەر يىلى ئۇنى خاتىرىلەش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان بوپتۇ. («قەشقەر ئەدەبىياتى» نىڭ 1983 - يىل 4 - سانىدىن ئېلىندى) رەتلىگۈچى: سۇزۇك
← بارلىق تېمىلار چوچاق