UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقنېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن

نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، تولىمۇ زالىم ۋە تەلۋە ئىكەن. ئۇنىڭ مېڭىسى ئاغرىيدىكەن، ھەر قېتىم ئاغرىق تۇتقاندا ئۇ ئۈچ - تۆت كۈن بىئارام بولىدىكەن. پادىشاھنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، ئاتىسىغا زادى ئوخشىمايدىكەن، رەھىمدىل ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرسى پادىشاھقا بىر تىرىك ئالتۇن بېلىق سوۋغا قىپتۇ. بېلىق تولىمۇ چىرايلىق ئىكەن، يالتىرىشى كۆزنى چاقنىتىدىكەن. پادىشاھ بۇ سوۋغىدىن بەك مەمنۇن بوپتۇ. ۋەزىرلىرىدىن بىرى پادىشاھقا مەسلىھەت بېرىپ: - بۇ بېلىقنى سۇ تولدۇرۇلغا ئەينەك قاچىغا سېلىپ قويايلى، كۈندە ئۈچ قېتىم بىلىققا قاراپ بەرسىلە، كېسەللىرىگە دەۋا بولىدۇ، - دەپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرنىڭ دېگىنى بويىچە قىپتۇ ۋە بىر كۈندە ئۈچ قېتىم بىلىققا قاراشن تەرك قىلماپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ئوغلى مەدرىستىن قايتىپ كەلسە، دادىسى شىكارغا چىقىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ ئالتۇن بېلىقنى كۆرۈپ بېقىش ئارزۇسىنىڭ ئەمدى ئىشقا ئاشىدىغانلىقىدىن خوشال بولۇپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ ئالتۇن بېلىققا نەزەر تاشلاپتۇ. قارىسا، بېلىق تەرىپلەنگەندەك چىرايلىق ئىكەن، ئەممازە ھازىر غەمگە پېتىپ، سۇ تېگىدە قىمىر قىلماي تۇرغىدەك، بالا تازا سىنچىلاپ قارىسا، بېلىقنىڭ كۆزىدىن بۇدۇلدۇقلاپ قان ئېقىۋاتقان ئىكەن. ئۇ، ھەيران بولۇپ بۇنى ئانىسىغا دەپتۇ. ئانىسى ئوغلىدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن، ئۇ بېلىقنىڭ كەڭ دەريادىن ئېلىپ كېلىپ، كىچىك قۇتىغا سولاپ قويۇلغانلىقتىن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئانسىغا چۈشەندۈرۈپتۇ. ئانا - بالىنىڭ بېلىققا ئىچى ئاغرىپ ئۇنى دەرياغا قويۇپ بەرمەكچى بولۇشۇپتۇ. بالا بېلىقنى شىشە قۇتىدىن ئېلىشىغا پىلتىڭلاپ بىردەم ئويناپ بېرىپ بىر تازىم قىپتۇ - دە، ئوقتەك ئۇچۇپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىپتۇ. ئانا - بالا بۇ ئىشقا تېخىمۇ ھەيران بولۇپ ئاسمانغا قاراپ قاپتۇ. پادىشاھ ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ قارىسا بېلىق يوق، سۈرۈشتۈرە - سۈرۈشتۈرە بالىسىنىڭ قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلىپ ئاچچىقىنى باسالماي جاللاتلىرىغا ئوغلىنىڭ كاللىسىنى ئېلىشنى بۇيرۇپتۇ. لېكىن، بىر ئاقكۆڭۈل ۋەزىر پادىشاھغا بالىنى ئۆلتۈرمەي چۆلگە پالاش تەكلىپىنى بېرىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئوغلىنى ئادەم ئاياق باسمىغان بىر دەشتى - باياۋانغا پالاپتۇ. ئوغۇل ئاتىسىنىڭ ۋە پەلەكنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن يىغلاپ تەمتىرەپ يۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ قۇرسىقى ئېچىپ، >تەۋەككۈل< دەپ قىبلىگە قاراپ مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ. ئاخىرى ئۇسسۇزلۇقتىن ھالسىراپ يەرگە يىقىلىپتۇ. شۇ ئەسنادا: - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاقكۆڭۈل يىگىت، - دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتىرىپ قارىسا، ئالدىدا كېلىشكەن بىر يىگىت، ئۇنىڭدىن 50 چامدام نېرىدا ئىگەرلەنگەن نوچى ئىكى ئات تۇرغىدەك. يىگىت>ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ< دەپ كۆزىگە ئىشەنمەي قاپتۇ. ئۇنى قورقۇنچ بېسىپتۇ. - قورقماڭ، - دەپتۇ ئالدىدا تۇرغان يىگىت ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، - مەن سىز قويۇپ بەرگەن بېلىق بولىمەن. ئەسلىدە دېڭىز پادىشاھنىڭ ئوغلى ئىدىم. دېڭىزدا ئويناپ يۈرۈپ بېلىقچىنىڭ تورىغا ئېلىنىپ قالدىم. ئەگەر سىز رەھىم قىلىپ مېنى قويۇپ بەرمىگەن بولسىڭىز، دادىڭىزنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتىم. كېلىڭ، دوستۇم، ئاتقا مېنىڭ. مەن سىزنى بۇ چۆلدىن چىقىرىپ قوياي. پادىشاھنىڭ ئوغلى بېلىقنىڭ بۇنداق ياخشىلىقدىن تەسىرلىنىپ كېتىپتۇ، ئاتقا مېنىپتۇ. ئىككىيلەن كېچىچە مېڭىپ تاڭ سۈزۈلگەندە قارىسا بۇلارنىڭ ئالدىدا ئورمانلىق تۇرغىدەك. ئۇلار يېقىن بارسا بۇ بىر ھەشەمەتلىك باغ ئىكەن. ئىككىيلەن ياققا كىرىپ تويغىدەك مېۋە يەپتۇ. بىر ئاز ئۇخلاپ ماڭماقچى بولۇپ بۇلاق بويىدىكى چىمەنلىكتە سوزۇلۇشۇپتۇ. پادىشاھنىڭ ئوغلى يېتىپلا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئالتۇن بېلىق يىگىت يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇپ بىردەم يېتىپ يىگىت ئۇيقۇغا كەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى كۈزەت قىلىپ ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ. ئۇ بىر ئازدىن كېيىن ۋىشىلدىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ. قارىسا بىر يوغان يىلان بۇلاقتىن چىقىپ، بۇلاق تۈۋىدىكى چىنارغا يامىشىۋاتقۇدەك. چىنار ئۇچىدا بۈركۈتنىڭ ئۇۋىسى بار ئىكەن، بېلىق يىگىت بۈركۈت بالىلىرىغا ئىچى ئاغرىپ يەردىن بىر تال يوپۇرماقنى ئاتقان ئىكەن. يوپۇرماق يىگىت قولىدىن چىقىپلا ئوقياغا ئايلىنىپ، يىلاننىڭ بېشىغا تېگىپتۇ - دە، يىلان يەرگە چۈشۈپ ئۆلۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بۈركۈت بالىلىرى ئامان قاپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ئاسماندا بىر توشقاننى كۆتۈرگەن ئانا بۈركۈت پەيدا بولۇپتۇ. بالىلىرىغا غىزا ئېلىپ كەلگەن ئانا بۈركۈت ئۇۋىسىغا قارىسا بالىلىرى ساق. پەستە يۇغان بىر يىلاننىڭ ئۆلۈكى تۇرغان، نېرىدىكى چىمەنلىكتە ئىككى يىگىت ئۇخلاپ ياتقان. بۈركۈت ھەم خوشال بولغان، ھەم ھەيران بولغان ھالدا بالىلىرىدىن سوراپتۇ. بۈركۈت بالىلىرى ئۇۋىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ يىگىتلەربى كۆرسىتىپ بىر نېمىلەرنى دېيىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىن ئويغانغان يىگىتلەر ئانا بۈركۈتنىڭ مىننەتدارلىقىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ. يىگىتلەر يول يۈرۈپ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ، كەچ كىرگەندە بىر چوڭ شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار قارىغۇدەك بولسا پۈتۈن شەھەر خەلقىنىڭ قولىدا بىر پارچىدىن گۆش، ئاسمانغا قارىشىپ >كە، كە< دەپ ۋاقىراشقىدەك. يىگىتلەر ھەيران بولۇپ ئاخىرى بىلىپتۇكى، ئاسماندا چوڭ بىر قۇش بىر پەسلەپ، بىر ئىگىزلەپ يۈرگىدەك. ئۇلار نېمە بولغانلىقىنى بىر ئادەمدىن سورىغان ئىكەن، ئۇ: - شەھىرىمىزنىڭ پادىشاھى قازا قىلغىلى بەش كۈن بولدى. ئوغلى يوق ئىدى، شۇڭا بۇ قۇشنى ئۇچۇرۇشتى. ئۇ كىمنىڭ بېشىغا قونسا، شۇ پادىشاھ بولماقچى، - دەپتۇ. يىگىتلەر بۇ ئىشقا قىزىقىپ بىر چەتتە قاراپ تۇرسا قۇش ئايلىنىپ كېلىپ بېلىق يىگىتنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. بۇ قۇش ئەسلىدە يىگىت يىلاندىن بالىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ھېلىقى بۈركۈتنىڭ نەسلى ئىكەن. يىگىتلەر ماڭغاندا، ئۇلارنى قوغداپ ماڭغان ئاتا بۈركۈت بۇ يىگىتنىڭ ياخشىلىقىنى ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن بۇ بۈركۈتكە دەپ قويغان ئىكەن. خالايىق يىگىتكە شاھلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ ئوردىغا ئەكىلىپ قويۇپتۇ. ئۇ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئادەم چىقىرىپ دوستى ھېلىقى يىگىتنى تاپتۇرۇپ كەپتۇ. شاھ ئۇنىڭغا تەختىدىن ئورۇن بېرىپتۇ. ئەتىسى ئەمىرلەرگە نامە يازدۇرۇپ پۈتۈن شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى يىغىپ، ئۆزى تەختكە چىقىپ ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ۋە دوستىنىڭ كىملىكىنى تونۇشتۇرۇپتۇ. ئاندىن بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بىرمۇ - بىر سۆزلەپ كېلىپ ئاخىرىدا: - مەن دېڭىزغا كېتىمەن. شاھلىق تەختىدە بۇ يىگىت ئولتۇرىدۇ. ئۇنى مېنى كۆرگەن كۆزۈڭلاردا كۆرۈپ، نېمە دېسە شۇنى بېجا كەلتۈرۈڭلار، - دەپتۇ. خالايىق بۇ ئىككىيلەننىڭ سەرگۈزەشتىسىدىن خەۋەردار بولۇپ، شاھ بولغۇسى ۋاپادار يىگىتكە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. بۇنداق ئادەمنىڭ ئۆزلىرىگە پادىشاھ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپتۇ. بېلىق يىگىت دوستى ۋە شەھەر خەلقى بىلەن خوشلىشىپ ماكانىغا يۈرۈپ كېتىپتۇ. ۋاپادار يىگىت يۇرتىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، نام چىقىرىپ خەلقنى رازى قىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق