بايىزەك
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بەش تام شەھىرى دىگەن جايدا بۈۋى سەيشەنبە دەپ بىر خوتۇن ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بايىزەك دىگەن بىر ئوغلى بار ئىكەن. بايىزەك كىچىك چېغىدىلا >ھەرەمگە بارىمەن< دەپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ھەرەمگە بېرىپ كۆپ قېتىم ھەج قىلىپتۇ. ئايلار، يىللار كېتىپتۇ. ئۇ ئاپىسى ۋەيۇرتىنى سېغىنىپ قايتىپتۇ. كۈن كەچ بولغاندا ئۆز شەھىرىگە كەپتۇ - دە، يوللارنى تونۇيالماي، قايان مېڭىشىنى بىلەلمەي بىر ئادەمدىن ئۆيىنى سوراپتۇ.
- سەن نىمە ئادەم؟ - دەپ ياندۇرۇپ سوراپتۇ بايىزەك يول سورىغان ئادەم.
- مەن بۈۋى سەيشەنبە خېنىمنىڭ ئوغلى بولىمەن، - دەپتۇ بايىزەك.
نەگە بېرىپ نەدىن كېلىۋاتىسەن؟
بايىزەك ئۆزىنىڭ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
- سەن خۇدالىققا يەتتىڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ھېلىقى كىشى.
- بىلمەيمەن، خۇداغا ئىبادەت قىلدىم، كۆپ قېتىم ھەج قىلدىم، - دەپتۇ بايىزەك.
- سەن نەچچە يىلدىن بېرى ئاناڭنى تاشلىۋەتتىڭ. ھازىر ئاناڭنىڭ قانداق ھالەتتە قالغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئاناڭ >ھۇ< دىسە ئاسماندا ئوت چاقنايدىغان ئايال ئىدى. سېنىڭ دەردىڭدە تولا يىغلاپ كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئاناڭنىڭ زىمىنلىرىمۇ بۇزۇلۇپ تۈگىدى. ئاشۇ دوقمۇشقا بارساڭ تېمىغا توپا يۆلەپ، ئىشلىگىنى يىپ بىلەن چىگىپ قويغان بىر ئۆي بار. مانا شۇ ئۆي ئاناڭنىڭ ئۆيى، - دەپ كايىپتۇ ھىلىقى كىشى. بايىزەك دوقمۇشقا بېرىپ ئانىسىنى چاقىرىپتۇ. ئانىسى ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپلا:
- سەن كىم بولىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەن بايىزەك.
- نەگە بېرىپ نىمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟
- مەن سېنىڭدەك ئانامنى تاشلىۋېتىپ، مېنى ياراتقان خۇدانىڭ غەزىۋىدىن قورقۇپ، خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى باردىم.
- خۇدالىققا يەتتىڭمۇ؟
- بىلمىدىم ئانا، خۇداغا ئىبادەت قىلدىم. كۆپ قېتىم ھەج قىلدىم ئەمما بىرخىللا تۇرىمەن ئانا، - دەپتۇ بايىزەك.
- چاپىنىڭنىڭ پېشىنى ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن تىق، دەپتۇ ئانا. ئانا ئوغلىنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى كۆزىگە سۈرتكەندىن كېيىن كۆزى ئېچىلىپتۇ. ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپ، بالىسى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. >سەن بارغان ھەرەمگە مەنمۇ بارىمەن< دەپ زارلاپتۇ ئانا. بايىزەك سېۋەت توقۇپ، ئانىسىنى سېۋەتكە ئولتۇرغۇزۇپ سېۋەتنى بېشىغا ئېلىپ ھەرەمگە بېرىپتۇ. يەتتە قېتىم بەيتۇللاغا باش قويۇپ، زىيارەت قىلدۇرۇپتۇ. ئاندىن يەنە ئانىسىنى كۆتىرىپ ئۆز شەھىرىگە قايتىپ كەپتۇ. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن:
- ھەي ئانا، مەندىن رازى بولدۇڭمۇ؟ نەچچە يىلدىن بېرى مەن سېنى تاشلىۋېتىپ، ھالىڭدىن خەۋەر ئالالمىدىم، - دەپتۇ بايىزەك.
- ھەي بالام، خۇدا رازى بولسا، مەن رازى بولىمەن، - دەپتۇ ئانا شۇئان كۆكتىن >ئاناڭ رازى بولسا، مەنمۇ رازى بولىمەن< دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ئانا خۇداغا، خۇدا ئانىسىغا ئىتتىرىپ بايىزەكنى تەمتىرىتىپ قويۇپتۇ. بايىزەكنىڭ ئاچچىقى كەپتۇ. ئۇ >ئاناممۇ رازى بولمىسا، خۇدامۇ رازى بولمىسا، مەن يەتمىش يىل قىلغان ئىبادىتىمنى ساتىمەن< دەپ توۋلاپ كوچىغا چىقىپتۇ. شۇ شەھەردە بىر قىمارۋاز بار بولۇپ، ئۇ قىرىق ياشقا كىرگىچە بىر قېتىم ناماز ئوقۇمىغان ئىكەن. قىمارۋاز كىشىلەردىن ئىبادەتنى سېتىۋالسا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپتۇ. كىشىلەر قىمارۋازغا ئەھۋالنى ئوقتۇرغاندىن كېيىن، قىمارۋاز بايىزەكنى چاقىرتىپتۇ.
- سىز باياتىن نىمىنى ساتىمەن دىدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ ئۇ.
- يەتمىش يىللىق ئىبادىتىمنى ساتىمەن، - دەپتۇ بايىزەك. - نىمە ئۈچۈن ساتىمەن دەيسىز؟ - دەپتۇ يەنە قىمارۋاز.
- نەچچە يىلدىن بېرى تويمىغان نەپسىمنى تويغۇزاي، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بايىزەك.
- مېنىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى شەھەرلەردە قىلمىغان ئەسكىلىگىم قالمىدى. ھازىر يانچۇقۇمدا ئازراق پۇل بار. ئىبادىتىڭىزدىن شۇ پۇلغا چۇشلۇق بېرەمسەن؟ - دەپ سوراپتۇ قىمارۋاز.
- نەچچە پۇل بولس مەيلى. شۇنچە پۇلغا بەردىم، - دەپتۇ بايىزەك. قىمارۋاز يانچۇقىدىكى پۇلنى يەرگە تۆكۈپتۇ. بۇ پۇل ئىككى تەڭگە چىقىپتۇ. بايىزەك شۇ پۇلغا ئىبادىتىنى سېتىپتۇ. پۇلنى ئېلىپ ئاشپۇزۇلغا بېرىپتۇ. مانتا كېلىدۇ، - دەپ سوراپتۇ.
- بەش قاسقان مانتا كېلىدۇ، - دەپتۇ ئاشپەز.
بايىزەك بەش قاسقان مانتىنى بىراقلا ئاپتۇ. ئۇ مانتىنى كۆتىرىپ بىر مازارغا كەپتۇ. بايىزەك >ئالە نەپسىم، ئالە، يەتمىش يىلدىن بىرى مېنى تويغازمىدىڭ دەيسەن، قېنى تويغۇچە يە. سەن مانتىنى بۈگۈن يەيسەن، ئەتە ساڭا ئىككى تەڭگە بارمۇ؟ < دەپ ئۆزىنىڭ نەپسى بىلەن جەڭ قىلىۋاتسا. غىڭشىغان بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بايىزەك مانتىنى قويۇپ ئەتراپنى ئىزلەپتۇ. قارىسا بىر ئوچۇق گۆردە بىر قانجۇق ئالتە گۆردىن تارتىپ چىقىرىپ مانتا بېرىپتۇ. ئىت مانتىنى يەپ ئاسمانغا قاراپ، >ئەي خۇدا، مۇشۇ بەندەڭنى ھاجىتىدىن چىقارغايسەن< دەپ تىلەپتۇ. بايىزەك لىگەننى كۆتىرىپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. بىر چاغدا ئاسماندىن:
- ئەي بايىزەك، سەن ئۆز نەپسىڭدىن كەچمىگەن بولساڭ ئاشۇ قانجۇق ئالتە بالىسى بىلەن ئۆلگەن بولاتتى، مەن سەندىن رازى، - دېگەن سادا كەپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ئالا قاغا گۇڭشېى بازار دادۈيدىن ئابلا ھاجى.