UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقتاۋۇس ئەللەيىن

تاۋۇس ئەللەيىن

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، ئۆتكەن زاماندا بىر جاڭگالدا تۈرۈك ھايۋانلار، رەڭمۇ رەڭ، خىلمۇ خىل خىل قۇشلار ئىناق، خۇشال - خۇرام ياشىشىدىكەن. ئۇلارغا يولۋاس شاھلىق قىلىدىكەن. كۈنلەردىن كۈن ئۆتۈپتۇ، بىر ئېيىق جاڭگالدىكى جامائەتتىن ئۆزگىچە بولۇپ قاپتۇ. ئۇ توپتىن بۆلۈنۈپ، ئۆزى يالغۇز ئوۋ ئوۋلاپ، سەيلە - تاماشا قىلىدىكەن. كۆپ ئۆتمەي ئېيىق شۇ ئەتراپتىكى كىچىكرەك بىر مەھەللىگە ئۆگىنىپ قاپتۇ، كېچىلىرى بېرىپ كىشىلەرنىڭ قوتانلىرىدىن قوي - قوزا، غاز، ئۆردەكلەرنى ئوغرىلايدىكەن، تاپالمىسا كوچىلاردىكى ئاشقان - تاشقان سۆڭەكلەرنى تېپىپ غاجىلايدىكەن، ئېيىقۋاي بۇ ئىشنى تاپقىنىغا ناھايىتى خۇشال بولۇپ، كۆرەڭلەپ، ئۆزىنى ئەقىللىق، باشقىلارنى دۆت چاغلاپتۇ. بىر كۈنى كېچىدە ئېيىقۋاي ئۆگەنگەن ئادىتى بويىچە مەھەللىگە كەپتۇ ۋە ئايلىنىپ يۈرۈپ يېگۈدەك بىرەر نەرسە تاپالماپتۇ. ئاخىر مەھەللىنىڭ چېتىدىكى بىر كونا ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ، ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىكەن. ئۆي ئىگىلىرى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالغانمۇ ياكى باشقا سەۋەبمۇ، ئەيتاۋۇر ئېيقۋاينىڭ بۇنىڭ بىلەن ئىشى بولماپتۇ >نېمىدېگەن ياخشى، - دەپ ئويلاپتۇ ئېيىقۋاي، - ئەمدى قورساقنى تازا ئوبدان تويغۇزىدىغان بولدۇم<. ئۇ مانا شۇنداق خىيال بىلەن بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئوچۇق ئىشىكتىن ئۆي ئىچىگە كىرىپتۇ. قارىسا، ئۆي ئىچىدە يوغان - يوغان ياغاچ تۇڭلار تۇرغۇدەك. ئېيىقۋاي تېخىمۇ خۇشال بولۇپ، تۇڭغا ئېڭىشىپ ئىچىدىكى نەرسىنى تېتىپ كۆرمەكچى بولغاندا، تۇيۇقسىز پۇتى بىر نەرسىگە تېگىپ كېتىپ، جاراڭلىغان سادا چىقىپتۇ، بۇنىڭدىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ كەتكەن ئېيىقۋاي مەڭدەپ كېتىپ تۇڭغا موللاق ئېتىپ چۈشۈپتۇ، قارىسا تۇڭ ئىچىدە لىقمۇلىق سۇ تۇرغۇدەك. ئۇ تۇڭدىن ئاران چىقىپ، سەكرەپ قاچاي دەپ تۇرۇشىغا، تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، يېنىدىكى ئىككىچنى تۇڭغا يېقىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئېيىقۋاي قاتار تىزىلغان تۇڭلاردىن 15 - 20 دەك تۇڭغا بىر قېتىمدىن چۈشۈپ چىقىپتۇ. ئاخىر مىڭ بالادا تۇڭلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىپتۇ - دە، بەدەنلىرى چۆپ - چۆپ بولۇپ، غال - غال تىترىگەن ھالدا مەھەللىنىڭ چېتىدىكى چاتقالنىڭ تۈۋىدە ئاچ پېتى ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەتسى ئويغىنىپ قارىسا، كۈن ئېچىلىپ چۈش بولاي دەپ قالغانىكەن. ئېيىقۋاي بەدەنلىرىگە قاراپ ھەيران قاپتۇ، چۈنكى تۈكلىرى كۈن نۇرىدا يەتمىش خىل پارقىراپ، تېرىسى غەلىتە بىر تۈسكە كىرىپ قالغانىكەن، ئۇ قانچە باش قاتۇرسىمۇ بۇنىڭ سەۋەبىگە يېتەلمەپتۇ. ئەسلىدە ھېلىقى ئۆي بىر بوياقچىنىڭ بولۇپ، ئۆزى يىقىلغان تۇڭلار بوياق چىلانغان تۇڭلار ئىكەنلىكى خىيالىغىمۇ كەلمەپتۇ. ئېيىق ئويلاپ - ئويلاپ ئۆزىدىكى بۇنداق ئۆزگىرىشتىن ناھايىتى خوشال بوپتۇ ۋە كاللىسىغا بىر ھىيلە كەپتۇ >ئەمدى مېنىڭ ئەسلىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. جاڭگالغا قايتىپ بارسام، ھەممە ھايۋانلار چوقۇم مەندىن قورقىدۇ. جاڭگالدىكىلەر ئەزەلدىن مېنى كۆزىگە ئىلشمايتتى، يولۋاس، شىر، يىلپىز، دېگەنلىرى مېنى دەپسەندە قىلغانىدى. ئەمدى ئۇلارنى راسا قورقىتىپ، ئەخمەق قىلىپ، جاڭگالنى سوراپ يېمەيمەنمۇ<. ئۇنىڭ خىيالى ئۆزىگە قالتىس يېقىپ كېتىپ، ئۆزىگە >تاۋۇس ئەللەين< دېگەن نامنى قويۇپ، كۆرەڭلىگەن ھالدا جاڭگالغا جۆنەپتۇ. يولۋاس پادىشاھ، شىر ۋەزىر ۋە باشقا جاڭگال ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ ئىناق يۇرتلىرىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى مۇھاپىزەەت قىلىش ئۈچۈن ئەتراپلارغا ساقچىلار قويۇشقانىكەن، بۇ ساقچىلار ئېيقۋاينى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ ۋە قورقۇپ كېتىپتۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنداق يەتمىش خىل رەڭدە پارقىرايدىغان ھەيۋەتلىك مەخلۇقنى زادى كۆرمىگەنىكەن. ئۇلار دەرھال بۇ ئىشتىن يولۋاس، شىر باشلىق جاڭگال ئەھلىنى خەۋەردار قىلىپتۇ. جاڭگال ئەھلىنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى بۇزۇلۇپتۇ، كۆگۈللىرىەە پاراكەندىچىلىك ھەم ۋەھىمە چۈشۈپتۇ >بىز بىلمەيدىغان بۇ مەخلۇق يامان نەرسە بولسا كېرەك، ئېھتىيات قىلغان تۈزۈك، ئۇنى ئىززەت بىلەن كۈتۈۋالايلى< دېيىشىپتۇ. ئاندىن يولۋاس پادىشاھ ھېلىقى مەخلۇقنى جاڭگالغا مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلىشقا باقاۋۇللارنى بۇيرۇپتۇ. باقاۋۇللار دەرھال ئېيىققا بۇ تەكلىپنى يەتكۈزۈپتۇ. ئېيىقۋاي كۆرەڭلەپ، ئالچاڭلاپ، گويا خۇشياقمىغان قىياپەتتە جاڭگالغا يول ساپتۇ. ئىككى تەرەپتە تىزىلىپ قارشى ئېلىۋاتقان جاڭگال ئەھلىگە ئۇ كۆز قىرىنىمۇ سالماي، غادايغان پېتى ئۇدۇل مېڭىپ، يولۋاس پادىشاھ ئولتۇرىدىغان تەختە ئولتۇرۇۋاپتۇ. بۇ ئىشقا شىر، يىلپىز باشلىق مۆتىۋەرلەر ھەيران بولۇشۇپ، بىر - بىرىگە قارىشىپ قويۇشۇپتۇ، لېكىن بىر نەرسە دېيەلمەپتۇ. يولۋاسمۇ خاپىلىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ گەپ قىلماپتۇ. جاڭگال ئەھلى >مېھمان< نىڭ ئاجايىپ رەڭگارەڭ تاۋلىنىپ تۇرغان ھەيۋەتلىك تۇرقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ زادى قايسى جىنىسقا مەنسۇپ ھايۋان ئىكەنلىكىنى بىلمەپتۇ. ئەتىسى ئاران ئۇنىڭ نامىنى سوراشقا پېتىنىپتۇ. - نامىم >تاۋۇس ئەللەيىن< بولىدۇ. ئەللەيىنلەر جىنسى ھايۋانلار دۇنياسىدا كەم ئۇچرايدىغان ئەڭ ئالىي جىنىستۇر! - دەپتۇ ئېيىق كۆرەڭلەپ. شۇندىن باشلاپ >تاۋۇس ئەللەيىن< جاڭگالغا خوجايىن بولۇۋاپتۇ، نەتىجىد جاڭگالنىڭ بۇرۇنقى خاتىرجەملىكى تۈگەپ، پىتنە - پاسات، جېدەل - غوۋغا ئاۋۇپتۇ، چۈنكى >تاۋۇس ئەللەيىن< جاڭگالدىكىلەرنى دائىم گىژ - گىژگە سالىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ خۇلقى شىر، يىلپىز باشلىق مۆتىۋەرلەرگە ياقماپتۇ ۋە دىللىرىدا ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك كۈچىيىپتۇ. جاڭگالدىكى باشقا كۆپلىگەن ھايۋاناتلارمۇ >تاۋۇس ئەللەيىن< كەلگەندىن باشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىناقلىقى يوقالغانلىقى، پىتنە - پاسات كۆپىيىپ، جېدەل - ماجىرانىڭ ئاۋۇغانلىقىنى سېزىشكە باشلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، >تاۋۇس ئەللەيىن< ھەممىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى >تاۋۇس ئەللەيىن< ھەددىدىن ئېشىۋېرىپتۇ. ئۇنىڭ خورلۇقلىرىغا چىدىمىغان مويسىپىتلەردىن بىر قانچىسى شىر، يىلپىزلارنى ۋەكىل قىلىپ، يولۋاس پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرگۈزۈپتۇ. - پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ ئۇلار، - ئەسلىدە بىز ناھايىتى ئىناق، تىنچ ياشاپ كەلگەنىدۇق، بۇ >تاۋۇس ئەللەيىن< دېگەن نەرسە كېلىپلا ئىشلار باشقىچە بولۇپ كەتتى، تىنچلىق بۇزۇلۇپ، جېدەل - غوۋغا كۆپەيدى، ئۇ ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماي ھەممىنى دەپسەندە قىلدى. ھەممە >تاۋۇس ئەللەيىن< دېگەن زادى قانداق نەرسە؟ قايسى نەسىلدىن؟ نېمە مۇددىئاسى بار؟ قانداق بېڭسىسى بار؟ بىز تەكشۈرۈپ كۆرمەيلا يەتمىش خىل پارقىرايدىغان رەڭگىدىن قورقۇپ، ئۇنى بېشىمىزغا كۆتۈرۈۋالدۇق، بۇنىڭغا بىرەر چارە قىلمىساق بولمايدۇ، - دەپتۇ. >تاۋۇس ئەللەيىن< نى جاڭگالغا تەكلىپ قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، قاندا چارە قىلىشنى ئويلىنىپ يۈرگەن يولۋاس پادىشاھقا بۇ مەسلىھەت ناھايىتى ماقۇل كەپتۇ. ئاخىر ئۇلارنىڭ مەسلىھەتى، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پۈتۈن جاڭگال ئەھلى يىغىلىپ، چوڭ مەرىكە ئۇيۇشتۇرىدىغان، بۇ مەرىكىدە بارلىق ھايۋانلار ئۆز خىلى بويىچە ئايرىلىپ، ئۆزىگە خاس ھۈنەر، ئويۇن كۆرسىتىدىغان، قايسىسى ياخشى ھۈنەر، ئويۇن كۆرسەتسە مۇكاپات ئالىدىغان چارە توختام بوپتۇ. بۇيرۇق چىقىرىلىپ، پۈتۈن جاڭگال ئەھلى يىغىلىپ، مەرىكە باشلىنىپتۇ. مەرىكە شۇنداق قىزىپ كېتىپتۇكى، بارلىق ھايۋانلار ۋە قۇشلار ئۆز خىللىرى قاتارىدا ئۆزىگە خاس ئويۇنلىرىنى ئويناپ، جاڭگانى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپتۇ. شىر، يىلپىز، ھەتتا يولۋاس پادىشاھمۇ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئۆز توپلىرىغا قوشۇلۇپ ئويناپ كېتىپتۇ. >تاۋۇس ئەللەيىن< چوڭچىلىق قىلىپ، چاندۇرماي ئۆزىنى بېسىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئېيىقلار توپى ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغاندا >تاۋۇس ئەللەيىن< ئۆزىنى تۇتالماي، دەرھال ئېيىقلار توپىغا قوشۇلۇپ، ھەۋەس بىلەن ئېيىقلارچە ئويناپ كېتىپتۇ. كۆپچىلىك >تاۋۇس ئەللەيىن< دېگەن ئەسلى بىر ئېيىق ئىكەنغۇ! دەپ، ئۇنىڭ ئالدامچىلىقىدىن قاتتىق غەزەبلىنىپ، چۇقان سۈرەنلەر بىلەن ئۇنىڭغا تاشلىنىپتۇ. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي >تاۋۇس ئەللەيىن< نىڭ رەڭگارەڭ تۈكلىرى تامام يۇلۇنۇپ، بەدەنلىرى تىتما - تىتما بولۇپ، ئاخىرەتكە سەپەر قىلىپتۇ. جاڭگالدىكى بارلىق ھايۋانلار بۇ ئاپەتنى يوقاتقىنىغا ئىنتايىن خۇشال بولۇپتۇ. ئۇلار يېڭىباشتىن تىنچ ۋە ئىناق ياشاشقا باشلاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق